ھاشىمكامنىڭ پاراڭلىرى
تۇرسۇنبەگ ياسىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 W& f( }# p$ B( E5 r9 K2 b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ]- d2 M# t$ F4 f2 P1 {$ m0 X ئۇدۇلدىكى قوشنىمىزنىڭ ئىسمى ھاشىم ، تونۇش-بىلىشلەر ،ھەم مۇشۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغانلار بۇ ئادەمنى ھاشىمھاجى دەپ چاقىرىشىدۇ. ئانچە-مۇنچە ئۆزى بىلەن تەڭ كىشىلەرنىڭ ئۇنى ھاشىم دەپ چاقارغىنىنىمۇ ئاڭلاپ قالىمەن. دادامدىن <بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ھاشىم ئىكەن ، بەزىلەر ھاشىمھاجى دەيدىكەن ، بەزىلەر ھاشىم دەيدىكەن ، زادى قايسى راس> دەپ سورىسام < ھاشىمھاجىكا دەپ چاقىرساڭ خوش بولىدۇ > دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى ، شۇڭا مەنمۇ ئۆزى بار يەردە <ھاشىمھاجىكا >دەپ چاقىرىپ ، بىرەرسى ئىسمىنى سوراپ قالسا<ھاشىماخۇن > دەپ بىرىپ يۈرىۋېرەتتىم . بىر كۈنى بىرەيلەن قورۇدا چىقىپ كىتىۋاتسام ئالدىمنى توسۇپ<ماۋۇ ئۈچىنجى قەۋەتتە تۇرىدىغان ئىگىز ئادەمنىڭ ئىسمى نىمە ئىدى ئۇكام ، بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كىلىۋىدىم> دەپ سوراپ قالدى ،‹ھە ، ھاشىماخۇن › دەپ تۇرىشىمغا ھاشىمھاجىكام قورۇنىڭ ئىشكىدىنلا ئۆزى چىقىپ قالدى ، چاندۇرمايلا< ئاكا تىچلىقمۇ ، باركەنسىز ھە > دىسەم ، يىراقتىلا چاقماقتەك كۈلۈپ تۇرۇپ < ھاجى بولغىنى كەتتىمىكىن دىگەنمىتىڭ ئۇكام ؟> دەپلا كىلىپ كۆرۈشتى . راس ھاجى بولغانمۇ يا نىمىسى نىمە بولغان ئۇنى مەنمۇ بىلمىدىم ، گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ھاشىمكام( ھاشىمھاجىكام ) قىززىق ئادەم ، ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا زادى نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، لىكىن نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىمىزنى ئۆزى بەش قولدەك بىلىپ تۇراتتى. مەن ئۆزەمچە ھاشىمكام مۇشۇ بىزنىڭ قورۇدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ، قانداق ئادەملىكىنى بەش قولدەك بىلىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرسەم يەنىلا دادام ماڭا ئۆزەمنىڭ سەل ئاددى ئويلىۋالغىنىمنى ھىس قىلدۇردى ، دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە ھاشىمكامنىڭ بۇ مەھەللىدىكىلا ئەمەس ، دۆلەت ئىچى ھەتتا خەلىقئارا ئىشلاردىنمۇ خەۋرى بارمىش. مەن < ئۇ ئادەم يا كىتاب ئوقىمىسا ، كۈندە چىقىۋاتقىنىنى ، كىرىۋاتقىنىنى كۆرىمەن. يا بۇ يەردىن باشقا يەرگىمۇ بارمايدۇ ، نەدە تۇرۇپ ئۇنداق جىق نەرسىنى بىلىدۇ ئۇ ئادەم> دىسەم ، دادام پىيالىدىكى چېيىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىچىۋىتىپ<ھەممە ئادەم كىتاب ئوقۇسا ، پالانى كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم دەپ ئۈندىدارغا چىقىرىپ قويمايدۇ ، ياكى ما ئاستى قەۋەتتىكى ھېلىقى بىلەرمەن ساقال تاغىقى ئاداشتەك كۈندە كىتابتىن بىرنى قولتۇقلىۋېلىپ قورۇنىڭ ئالدىدىكى ئادەم جىق يەرگە بېرىپ كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ ئاغزىغا چىكىتتەك قاراپ ئولتۇرمايدۇ قارا> دىۋىدى شۇنىڭدىن كىيىن ئۈندىدارغا ئوقىغان كىتاپ توغۇرلۇق ھېچنىمە چىقارمايدىغان بولدۇم .
ھاشىمكام چاقچاقچى ئادەم بولغىنى بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ ئۇنىڭ چاقچىقىنى كۆتۈرەلمەي قېيداپ قالغىنىنى بىلمەيمەن ، چاقچاقنى قىلالايدۇ ، ھەم قىلغان چاقچاقنىمۇ كۆتۈرەلەيدۇ . ئۇ گەپنى يامان ئەمەس ، تېتىملىق قىلاتتى . مەن بۇ ئادەمنى بىلىملىك دەي دىسەم يۈرۈشى مۇشۇ ئىدى ، بىلىمسىز دەي دىسەم خېلى-خېلى ئادەملەرمۇ بۇ كىشىدىن دەپ تارتاتتى ، بىر مەزگىل<زادى مۇشۇ ئادەم بىلىملىكمۇ -بىلىمسىزمۇ ؟> دىگەن بىرەسمى مەسلە ئۈستىدە ياندىن ئىزدىنىش قىلىپمۇ باققانتىم ئۆزەمچە ، ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە بۇ سوئالىم < ھاشىمكامنى قويۇپ تۇراي ، ھاشىمكامنى زادى ئۇنداقمۇ-بۇنداقمۇ دىگۈدەك مەندە دەسمىي بارمۇ ؟> دىگەن سوئالغا ئۆزگىرىپ كەتتى . بۇنداق ئويلىشىمغا يەنە شۇ دادام سەۋەپ بولغانمىكىن دەيمەن ، دادام ئۆزىنىڭ زىيالىيلىقىنى ئىتىراپ قىلغىنى ئۇنىمايدىغان بىر كىشى ، باشقىلار ئۆزىنى<زىيالىي > دەپ قالسا ئازراق قاپىغى تۈرۈلۈپ قالىدۇ ، <ھاشىم تەتقىقاتى> بىلەن يۈرگەن بىر كۈنۈم دادام بىلەن سىرىتقا چىقىپ كىتىۋاتسام ھاشىمكام ئىسېل كاستۇملارنى كىيىپ ، قېتىپ چىقىپ كىتىۋېتىپتۇ ، چىرايلىق كۆرۈشۈپ سالاملاشتۇق ، كىتىپ قالدى ، <ماۋۇ ئادەم ياشىرىپ شۇنداق روھلۇق بولۇپ كىتىپتىغۇ بۈگۈن>دىسەم دادام <ئۆزىگە دىگەن بولساڭ خوش بولاپ كىتىتى ھاشىمھاجىكاڭ> دىدى . < ھە > دەپ قويدۇم . يەنە بىر كۈنى يەنە دادام بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ كىتىۋاتساق يەنە شۇ ھاشىمكام ئۈستى-بېشى توپا ، قولىدا گۈرجەك ، يەنە باشقا نەرسىلەر پالاقشىپ چۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ ، سالاملاشتۇق ، چۈشۈپ كەتتى< ماۋۇ ئادەم نىمە توپا چىراي بۈگۈن> دىسەم ، دادام <ھىلىمۇ ياخشى ئۆزى بار يەردە دىمىدىڭ ، تىرىكىپ كىتەتتى ، ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بار > دەپ قويدى ، كىرىپ كەتتۇق .
ئالدىنقى كۈنى ماشنىنى قورۇغا توختۇتۇپ ئەمدى بېشىمنى چىقىرىشىمغا ھاشىمكام يەنە ئۇچراپ قالدى ، ئەمدى بىر پاراڭلىشىپ تۇرىۋىدۇق قورۇنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى ئىككى خوتۇن جىدەللىشىپ ،ۋارقىرىشىپ كەتتىبىرسى -بىرسىنى ساراڭ دىسە ساراڭ دىيشىپ ئىككىلىسى خۇددى ئىشىكلىرىدە ئالالمىغان دەردى باردەك جالاقشىتىپ يېپىشىپ كىرىپ كىتىشتى.
- توۋا ، نىمانداق قىلىدىغاندۇ ماۋۇ خوتۇنلار بىر-بىرلىرىنى چىشلىشىپ. دىدىم
دىسەم ھاشىمكام كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئوڭشلىپ كىتىدۇ ئۇكام ، خەقلەر كازافىي بىلەن سادامنى خەق ئۈچۈن چىشلىشىپ مانا ئۆزلىرى دات تولىشىپ يۈرۈشمەمدۇ. ئىككى توك-توك خوتۇن چىشلەشسە ھېچ گەپ ئەمەس ، ئەتە يەنە سۈيقاش سۇنۇشىدۇ بۇلار. دىدى .
-ئاكا قىززىق گەپ قىلىسىز جۇمۇ. دىسەم
-ما ئۇكامنىڭ گىپىنى ، ئىسىڭدە بولسۇن ، قوشناڭدىن رەنجىمە جۇمۇ ھەرگىز . ئىڭىكىڭنى تاڭسا ئەڭ ئاۋال شۇلار لازىم بولىدۇ يەنە ، سەن ۋاي دەپ كىتىدىغان باي تۇققانلىرىڭ ، يىراقتىكى يېقىنلىرىڭ ئەتىسى كىلىدۇ ‹ئەلھەكمۇللا ، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىنى بولمايدىكەن دەپ .› دىدى .
-ياق قوشنىلاردىنغۇ رەنجىمەيمەن .
-ئەمسە مەيلى .
-ھاشىمكا ئالدىراشمۇ يا ؟
- بىرەر دۆڭ بارمىتى تۈرتىۋىتىدىغان ؟
-ھاھا ، سىزگە دۆڭ تۈرتكۈزگىنى بولمايدۇ .
-ھە ئەمسە مەيلى ، ھاشار چاپقاندىن پاراڭ سوققان ياخشى، سەن بالىمىغۇ بەلەن گۇي .
-ھاشىمكا ، ئانچە-مۇنچە ھازىرقى ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرامسىز ؟
-قانداق ئىشلارغا ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. o5 d- L5 Y0 K& ^6 J+ z% p, ?: p/ P
- ئەمدى دەيمەنغۇ ، ھەرخىل پاراڭ ،مەسلىلەر دىگەندەك .
- كىلە ما يەردە ئولتۇرىمىز .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ p7 m# S) A" e' E3 Dيەنە بىر قوشنىمىز ئاپتاپ سۇنغىنى قويۇپ قويغان ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق .
-مۇنداق گەپ قارا ئۇكام ، ھە بالام دىسەممۇ بولىدىغۇ ھە سىنى ، سەنمۇ خېلى ئەقىللىق بالا بولدۇڭ ، خېلى ئىش چۈشىنىسەن.
-رەھمەت . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ^4 K3 r+ s. e) l1 Q
-مۇنداق گەپ قارا ، ئادەم بولغاندىكىن ئەتراپتىكى ئىشلارغىلا ئەمەس ، مۇشۇ دۇنيادا نىمە ئىش ، نىمە گەپ ، بۇنى بىلىپ تۇرۇش كىرەك .
-دۇرۇس ، دۇرۇس .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ~- U5 @0 u, |2 `7 z. d2 F5 P* c2 e- ئىككى مەلىم بەك دىيىشىپ كەتتىغۇ ئۆتكەندە ، نىمە تالىشىدىكەن ئۇلار ؟
-قايسى ئىككى مەلىمنى دەيسىز ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ @3 T# y" ]: Z1 G. E c
-ھېلىقى بىرسى ماۋۇ تىلىۋىزوردا چىقىدىغان، مۇنىرە غوپۇرنىڭ پىروگىراممىسىدىكى ئورۇق بالا ، يەنە بىرسى بىر ئايال دەيدۇ ،مەن كۆرمەپتىكەنمەن .
- ھە ھە ، بىلدىم ، شۇنداقراق بىر ئىش بولغان . سىزمۇ بىلىدىكەنسىز ھە ، مەن تېخى ...
- ھە مىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانمىتىڭ ،بەك بىلەرمەن چاغلىما ھە ئۆزەڭنى .
ھاشىمكام چاق –چاق ئارىلاش سۆزلەۋاتاتتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 T: y+ w# ^/ ?" W9 R-ياق ئاكا ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدابىلەرمەنمىلىك قىلىشقا ھەددىم ئەمەس .
- مىنىڭ ئالدىمدا ئەمەس ، ھېچكىمنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلساڭ بولمايدۇ ، گىپىم قاتتىق كەتمىدىغۇ ھە ؟
-ياق –ياق ، قاتتىق ئەمەس .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ l% o& ~* n8 q( n7 A-ئەمسە ياخشى ، سەن بىلەرمەنلىك قىلساڭ ،سەندىن بىلەرمەن بىرسى چىقىدۇ ، سەن نوچىلىق قىلساڭ سەندىن نوچى بىرسى چىقىدۇ .شۇنداقمۇ يا ؟
- توغرا دىدىڭىز . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. [7 g9 J1 a: Y- t k6 I; u
- نىمىشقا دىسەڭ ، مەن ئۆمرۈمدە جىق نوچىنى كۆرگەن ، جىق چېلىشقىمۇ چۈشكەن ، كۆردۈڭمۇ ماۋۇ تارتۇقنى ؟
ھاشىمكام يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتتى .
-ۋوي مەن بۇنى قورۇقمىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن جۇمۇ نەچچە ۋاقتىن ، ئەسلى تارتۇق دەڭا بۇ .
- ئەللىككە كىرىپ بولغۇچە قورۇپ باسمايدۇ ھەي ئۇكام بىزنى . شۇ نوچىلىقنىڭ تارتۇقى شۇ .
-ياشلىقىڭىزدا يەپ بېقىپتىكەنسىز دە قارام مۇشتىن بىر-ئىككىنى ، ھې ھې .
- مۇش ئەمەس . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 H( r6 s7 A2 a5 f2 G
-ھە ھە ؟ -ياش ۋاقتىمدا ماۋۇ ئايىمخاچاڭغا كۆيۈپ، ئالىمەن دەپ يۈرگەن چاقتىمدا مەندىن تالىشىپ يۈرىدىغان بىر توخۇنىڭ پوقى بار ئىدى ، بىر كۈنى بازاردىن يېنىپ ئادەم يوق يولدا كىتىۋاتسام تۆتى چىقىپ ئالدىمنى توسىۋالدى ، ھاي دىسەم ئۇنىماي كۆڭلەكنىڭ ياقىسىغىلائېسلىدۇ .مۇشۇ ئۆمرۈمدىچۇ ئۇكام ، ئىككى ئادەمنى كۆرسەم خۇيۇم تۇتىدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- }5 X; U2 u. z
-قايسى ئىككى ئادەمنى ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) |( {8 Q6 Q3 g
-بىرسى مۇشتۇمۇم يوغان دەپ ئۆزىگە ئىشىنىپ مەيدىسىنى كىرىپ يۈرگەن ئادەمنى كۆرسەم قولىنى چانىۋەتكۈم كىلىدۇ ، يەنە بىرسى مەن بەك بىلەرمەن دەپ ئۆزىنى داڭلايدىغانلارنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرۈپ قويغۇم كىلىدۇ .
-ھاھا .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 ^0 M! e B3 b6 W ھاشىمكامنىڭ گەپلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم . بۇئادەم ئىگىز –بەستىلىك بولغاچقا كۈلۈپ تۇرغاندا خۇش چاقچاقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن قاپىقىنى تۈرۈپ قالسا شۇنداق سۈرلۈك كۆرىنەتتى .
نىمىشقا دىسەڭ قارا، سىنىڭ مۇشتۇمۇڭ يوغان بولسا ، مۇشتى سەندىن يوغاندىن بىرسى چىقىدۇ ، نوچىلىق قىلساڭ يەيسەن شۇ .
-ئاندىن ماۋۇ تارتۇقتەك تارتۇقتىن بىرسى قالىدۇ ، ھە ؟
مەن قەستەن ھاشىمكامنى گەپكە سالدىم . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 u4 P& m& n! T }. i# k
-سەن ماۋۇ تارتۇققا چاق-چاق قىلما ،مابىتىم بار تارتۇق بۇ ، سەل تۇرۇپ دەپ بىرىمە .
-ماقۇل .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' k3 \4 }% `$ L2 ]0 M8 k1 x-ئاندىن ئاۋۇ بىلەرمەنلەرگە كەلسەڭ قارا ،قەدىمدىن سورىساڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، يېقىندىن سورىساڭ سادام ھۆسەيىندەك نوچىلارمۇ ئۆتكەن ، نىمە بولدى ؟ مەيلى قانداق بولسۇن ھەممىسى يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى .
-شۇ ، شۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; k5 @6 p3 h9 g- _* C. P- b- ھە ، نوچىلىق ، كىبىرچۇ قارا ، ياخشى نەرسە ئەمەس ، مەن بەك بىلىمەن دىگەنلەرگە خەق پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويىدۇ كاسىسىچە .
-مىڭ پارچە كىتاپ ئوقىغان ئادەمدەك گەپ قىلىسىز جۇمۇ ئاكا.
-مىڭ پارچىدىن جىق چىقارمىكى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ A5 _5 h( J3 y: a! ?9 M K$ c- شۇنداق جىق كىتاپ ئوقىغانمىتىڭىز ؟ ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمەن ، بىرىپ تۇرىڭە بەش -ئوننى .
-سىلەرچۇ ئۇكام ، قولىغا كىتابنى ئېلىپ خەقكە كۆرىدىغان يەردە تۇرۇپ كۆزەينىكى قاتۇرۇپ تاقىۋېلىپ يۈرۈيدىغانلارنى ، ياكى كىتابتىن بىرنى سىقىمداپ تۇرۇپ ئىكرانغا چىقىدىغانلارنى كىتاپ ئوقۇپتىكەن دەپ يۈرۈيسىلە .
-ئۇنداقمۇ ئەمەس . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 t) n, F7 v3 v, V/ k6 x
- ما تىلىۋىزوردا بىرىدىغان بىرپىروگىراممىدا چىقىدىغان ، دائىم كاستۇم كىيىۋالىدىغان بىر بالا بارغۇ ، ئىسمى نىمە ئارزۇمۇ ، نىمىتى ئىسمى ؟
-كىمنى دەيسىز ئاكا ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: p D/ i* W8 \8 \- ھە ، ھە ، كۆڭۈلدىكى سۆزنىڭ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ ~/ k3 y' L/ ?1 v-ھە ، ئۆمىد غېنى ئاكىنى دەمسىز ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ F/ W3 m2 Z4 d1 u% m1 U( c0 z- شۇ شۇ . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- J* f/ N- x/ S' @) D9 C2 r: y* o, _
- ياخشى ئاكىمىز ئۇ ، ئىدىيسى ئوچۇق ،ياخشى پىكىر قىلىدۇ .
- شۇنداقراق يىرىمۇ بار ، ئا بالا كىتابنى بەك جىق ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ ھە .
- مىنىڭ بىلىشىمچە شۇنداققۇ دەيمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! l& j$ v. E3 k& I, ~( Y3 f-لىكىنچۇ قارا ، ئا پىروگىراممىدا ئوبدان سۆزلەيتى ئا بالا ، ئالدىنقى كۈنى بىر نىمىنى چىقىرىپتىغۇ ، بىزنىڭ ئەكبەر ئۆيدە كۆرەپ ئولتۇرىتى ئىڭىكىنى يۆلەپ .
- ھە ، ئۆمىد پاراڭلىرى دەپ بىر تورپىروگىراممىسى قىلدى ئۇ ئاكىمىز ، ئەڭ يېڭى تىمىلاردا پاراڭ ، مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ .
-ئۇ قىلغىنى ئوبدان بوپتۇ ، بىزنى بەك قارا قوساققۇ چىقىرىۋىتىپتىمۇ نىمە ھە ؟
-ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ U# U9 ]7 Q* F2 [
- مەن ئۆزەمنى بەك بىلىملىك دەپمۇ كەتمەيمەن ، لىكىن بەك دۆت دەپمۇ قاراپ كەتمەيمەن ، سەن داشۆدە ئوقىغان ، مەنداشۆدە ئوقىمىغان بىلەن بەلكىم ساڭا دەرىس بىرەلەيدىغان يەرلىرىم بار ، شۇنداقمۇيا ؟
- چوقۇم ، چوقۇم ئاكا .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& l& E. q/ R) e3 V( m' G* l5 H-كىتابنى ئوقۇدۇم دەپ ئەتىدىن –كەچكىچە دۈم يېتىپ ئوقىغىنى بولمايدۇ ،مۇشۇجەمىيەتنىڭ ئۆزى بىر كىتاپ ، شۇنداقمۇ يا ؟
-ھەقىقەتەن شۇنداق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 t$ R4 N3 q1 Q2 Z6 a" Y7 I/ j5 j- سەن ئاۋۇ قەغەز كىتابنى مىڭ ئوقىيالىغىنىڭ بىلەن ماۋۇ جەمىيەت كىتابىنى ، ئادەم بولۇش كىتابىنى ئوقۇشنى بىلمىسەڭ ئوقۇغان قەغەزلىرىڭ نۆل مەن ساڭا دەپ قوياي .
-ھاشىمكام بارغانچە ئەستايىدىل سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى .
-كىتابنى ئوقىيالمىسىچۇ ، ھېلىقى رەھمەتلىك بالىنىڭ ئىسمى نىمىتى ؟
-قايسى بالىنى دەيسىز ئاكا ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 e! |# z0 E+ Y5 L, Z
- ئاسيانىڭ چىمپىيونى بولغانچۇ ؟ مۇشلاشچى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ }: A _& A4 C# _
- ھە ، ئابدۇراھمان ئابلىكىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 k: M7 T+ B1 B' m3 J, o-رەھمەتلىكنىڭ گىپى چىقىپ قالدى ، ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ، ئامىن .
-ئامىن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ I) F3 _7 e9 d) P; b2 ?0 N- كىتابىنى ئوقۇشنى بىلمىسە ، قانداق كىتابنى ئوقۇشنى بىلمىسە ، شۇ بالا تۈگەپ كەتسە كەينىدىن قەھرىمانمىزنى كىم ئۆلتۈردى ؟ دەپ تۇترۇقسىز بىرنەرسە يازغانلاردەك بولىدۇ قارا .
-ئۇلارمۇ شۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى يازغاندۇ .
-نىمىنى ئويلايدۇ ؟ كىتاب ئوقىغان ئادەم شۇنداق ئويلامدا ؟ قۇرۇپ كەتسۇن ئانداق نىمىلەرنىڭ ئوقىغان كىتابى .
ھاشىمكام تىزىغا شاپىلاقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئاللاھ ئۆلتۈردى ئاللاھ ! بىلىۋاتامسەن ما گىپىمنى ؟ كىتاپ ئوقۇيمەن مانچىلىك ، ۋاي مەن پالانى كىتابنى ئوقىغان دەيدىغان نىمىلەرنىڭ كاللىسى شۇنچىلىكمىكەن ؟ كىتابنى جىق ئوقىۋەتسە ياراتقۇچىنىڭ ھەرخىل سەۋەپ بىلەن ئۆزى بەرگەن جاننى ئۆزى ئالىدىغاننى بىلمەمدۇ شۇلا ؟ ئا مىنىڭ قاراقورساق خوتنۇم جېنىدا قارا ، ئۆلەپ كىتىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئاھ قىلىپ جەننەت تىلىدى خۇدادىن ، كىتاپ ئوقىغانلار بىر جاننى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەننىڭ ، قايسى جەمىيەتنىڭ ئۆلتۈرگىنىنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان كىمكەن ئۆزى ؟ئۇنداق كىتاپ ئوقىغان پاخ-پاخ زىيالىيلاردىن قارا ، يەنە مۇشۇ مىنىڭ ساۋاتسىزخوتنۇم ياخشى جۇمۇ . كىتاپ ئوقىمىغان بىلەن ئادەم بولۇشنى بىلىدۇ ، ئۈچ بالىنى داشۆدە ئوقۇتتى ئىشقىلىپ . قانداق ئادەم بولۇشنى بىلمىسەڭ مىڭ كىتابنى ئوقىۋەتسەڭمۇ بىكار ئۇ . ئىسىڭدە تۇرسۇن ، ما بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتنى بىز تۆرىلىشتىن بۇرۇن قانداق ئۇنى مەن بىلمىدىم ، مۇشۇ ھازىر ئۇيغۇردەك ئۆزىنىڭ ئېسىل ئادەملىرىنى ھۆرمەتلەيدىغاندەك يەنە بىرنى تاپلاميسەن مەن ساڭا دەپ قوياي ، چەتئەل -پتئەل ، كۇلى ئىچكىرلىرىڭنىمۇ كۆردۇق ، چولپان ، داڭدارلىرىنى رەسۋا قىلىپ تاس قالىدۇ شۇلار ، ما شىنجاڭدىن چىقىپ باقمىغان ، مەلىسىنىڭ نېرىسىدا كىم بار شۇنى بىلمەيدىغان نىمىلەرنىڭ ما خەلقنى چىشلەپ تاتقانلىرىنى ۋاي مەن قانداق قىلاي .
-ھەدىمىز راس ياخشى ئايال ، ئۆزىمۇ شۇنداق ئوڭلۇق .
- ھە دەيمەن ، شۇڭا شۇ ساۋاتسىز خوتۇننى ئالىمەن دەپ ھېلىقى تۆت نوچىنى دۇمبالاپ ، چىدىماس گۇيلا كەينىمدىن كىلىپ ئۇرىۋىتىپ قالغان تارتۇق ماۋۇ شۇ .
ھاشىمكام ھېلىقى تارتۇقىنى يەنە بىركۆرسىتىپ قويدى .
-سىزمۇ قاراپ تۇرمىغان بولغۇيتىڭىز ھەكالتەك بىلەن سالسا ؟
- ماڭ قارا ، ھازىر ما باللا تاياققائەمەس ، گەپكە چىدىماي بىر-بىرسىنى توردا تىللايدىغان بولىۋالدى دەيدۇ . ئوغالبالا دىگەن بارغۇ ۋىجدانىمىز ، غورۇرىمىزغا تاقىلىدىغان ئىش بولسا ھىلىغۇ كالتەككەن ، تىغقىمۇ تىك بارالىساق بولىدۇ . لىكىن ئا توردا تىللىشىش ۋىجدانى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ مەن ساڭا دەپ قوياي . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ دىگەنلەر بەلكىم مۇشۇ ھازىر ئۆزىنى بەك ئىلىملىك چاغلايدىغان ،< ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقىمايدۇ يەي ، مەن چەتنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇيمەن يەي ، مەن كىتابخانىغا كىرسەم ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقىمايدىكەنەي >دەپ نالە-پەريات قىلىۋاتقانلاردىن كىتابنى ئاز ئوقىغان بولىشى مۇمكىنغۇ ھە .
- شۇ جۇمۇ ، 20-30 يېشىدىلا كەتكەنلەرئەمەسمۇ .
- نەق شۇ ، ئاۋۇلار ئاران 20-30 يېشىغىچە كىتاپ ئوقىغان ،ئۇ چاغدا كىتاپ ئاز تېخى ، لىكىن مانا ھازىرغىچە نامى ئۆچمەۋاتىدىغۇ ؟ نىمىشقا ؟ ئا ۋىجدان بار باللار ئاۋۇ ، ما ھازىرقىلاردەك كۆپۈك ۋىجدان ئەمەس ، رەسمى ئەركەك ۋىجدان بار باللا جىما ئاۋۇ . شۇڭا قورقماي تىغنىڭ ئالدىغا بارالايدۇ . ئاۋۇلار مانا ھازىرقى مەمەدانلاردەك ئاتالمىش كىتابىنى جىق ئوقىمىسىمۇ نەپ بىرىدىغان ، پايدىلىق يىرىنى ئوقىغان ، ئاندىن كەمتەرلىك بىلەن شۇ بىلىمىنى خەلقىگە بەرگەن ، ئەڭ ئاخرىدا يامان يىرى كەلگەندەك جاننىمۇ بەرگەن .
- راس دەيسىز ، شۇ شىھىتلەرنىڭ روھى يۈتمىسۇن بىزدىن .
- روھى يۈتمىسۇن دەپ كەتكەنلىرىڭىنى ، ۋىجدان دىگەن بارغۇ قارا ، مەن دەپ بىرەيمۇ ،يىزىدىكى قارا قورساق ، يەر تېريىدىغان ، قولى قاداق ، كەتمەن ، ئارا تۇتىدىغان دىھقاندا بار جۇمۇ ھازىر ؟
مەن ھاشىمكامنىڭ گىپىنى تازا چۈشىنەلمەي ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم .
-نىمىشقا دىسەڭ ، قېنى بېرىپ ئېتىزىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەچ بىرەر دېھقاننىڭ قىزىغا قاش ئېتىپ باقە قېنى ، كۆرەپلا قالسا كەتمەن بىلەن ھوشۇقىڭنى چېقىۋىتىپ نىمە كۈن كۆرسە ئاندىن كۆرىدۇ ئاۋۇلار . گەپنى چوڭ قىلىدىغان ئاتالمىش بىلمدارلارچۇ ؟ يۇمشاپ ئاشۇمىجەزى بوشاپ ، خوتنىنى بىرەرسى تانسىغا تارتىپ قۇچاقلاپ يۈرسىمۇ ‹جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى›دەپ ئۆزىنىڭ بىلى بوشلۇقىغا جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى سەۋەب قىلىپ قويىدۇ ،جەمىيەت تەرەققى قىلدى دىگەن گەپ خوتۇنۇڭنىڭ بىلىنى كىم تۇتسا بولىدۇ دىگەن گەپ ئەمەستۇ ئۇ ؟ سەنغۇ توي قىلمىدىڭ ، قارا تېخى مانىڭ يالغان نۇمۇس قىلىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۋېلىپ كەتكىنىنى .
-ھاھا ، قىززىقچى ئادەم جۇمۇ سىز . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 R7 }5 W% P7 k& ^+ @5 w
- مەن مۇشۇ كىتابنى جىق ئوقىغانلار بىلەن جىق ئارلاشقان ، بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان ئەتىدىن كەچكىچە چەتنىڭ كىتابىنى ئىزدەپ تىلەپ ئوقۇيدىغان ، كەينىدىن تىتەم –پەتى بولاپ قالدى ئا بالا .
-قانداق تىتەم-پەتى بولاپ قالدى ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 N$ _1 @* R1 \% @ S; C
- مۇنداق گەپ قارا تۇرسۇنبەگ ئۇكام ، سەن چەتنىڭكىنى ئوقىساڭ بولىدۇ ، لىكىن كاللاڭدا ئېنىق سان بولۇپ ئاندىن ئوقۇ ،نىمىشقا؟كىتاپ دىگەن ئىدىيە ئاۋۇ ، كىتابنى يازغان ئادەمنىڭ ئىدىيسى بىلەن يېزىلىدىغان نەرسە ئۇ ، ئامرىكىلىق ئۆزىنىڭ ئامرىكا ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈپ يازىدۇ ،خىرىستىئانمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈپ يازىدۇ ، شۇڭا مەن مانچە چەتنىڭ كىتابىنى ئوقىغان دەپ پو ئاتقىنىڭ بىكا ئۇ ، شۇنى قانداق ئوقۇشنى ، قانداق يىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلمىسەڭ . بولمىسا سەنمۇ بوشاپ كىتىسەن بولاق مانتىنىڭ خېمىرىدەك .
-بۇ دىگىنىڭىزنىمۇ ئاساسى بار . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; X# a8 z8 f' p" D" U% g
-ئابدۇرېھىم ، ئابدۇشۈكۈر دەيدىغان تەڭ دىمەتلىكلىرىمىز بار ئىدى ، رەھمەتلىكلەرمۇ جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرۈپ بولالماي كەتتى ،ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن ، ئۇلارمۇ بەلەن يازىتى ، بىزنىڭ ئادەملەر يازمايدۇ ئەمەس ، يازاي دىسە تازا يازىدۇ . ساڭا يەنە شۇنى دەپ قوياي ، ھەرگىز خەلقىڭدىن رەنجىيدىغان ئىشنى قىلماجۇمۇ . ما خەلىق دىگەن بەك چوڭ ، بەك ئۇلۇغ نىمە ماۋۇ ، مانىڭغا چاق – چاق قىلىدىغان ، بۇنى ئانداق-مانداق دىسەڭ كۇپۇرلۇق ئۆتىدۇ ، خەلقىڭ ھېچقانداق ئەمەس ، بىر قانداق دىسەڭ شۇ سەن ئۆزۈڭ شۇ ، سەن شۇ خەلىقنىڭ ئىچىدىكى بىر بۇردا سەن شۇ ، سەن قانداق بولساڭ بۇ جاھان ،بۇ خەلقىڭ ساڭا شۇنداق كۆرنىدۇ .
- جىڭ گەپ قىلدىڭىز .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, B* c' ~% F8 U) ^) n6 a4 W
-ھە ئاندىن يادىمدا بار چاغدا دەپ قوياي يەنە ، ئۆمۈدلۈك ياشاڭلا ، ياش بولغاندىكىن ، ئاتمايدىغان تاڭ يوق ، ھەممە نىمىدىن قاقشىماڭلا ئۇكام ، نىمىدىن قاقشىساڭ شۇ بىر نىمە كۆزەڭگە ئاسماندىكى كۈندەك كۆرۈنۈپ كىتىدۇ . كىتابنى ئوقۇ ، ئوقۇغۇنىڭنى پەش قىلما ، ياخشى ئادەم بول ، لىكىنمەن ياخشى ئادەم دەپ جار سالما ، راس ياخشى بولساڭ ئۇنى خەق بىلىدۇ ئۆزى .
-ماقۇل ئاكا . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& H4 s( E/ ~( n) V8 t& U$ x
-ئاندىنچۇ ، سەن مۇشۇ خەلقنى ، مۇشۇ يەرنى سۆي ، ئەركىشى بىرسى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى سۆيمەك كىرەك ،ئائىلىسىنى سۆيمىگەن ئەركەك بىجىرىم ئەركەك ئەمەس ، يەنە بىرسى ئاتا-ئانىسىنى سۆيمەك كىرەك ، سىنىمۇ باللىرىڭ ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ . يەنە بىرسى مۇشۇ ياشاۋاتقان تۇپرىقىنى ، مۇشۇ يەردىكى خەلقىنى سۆيمەك كىرەك ، بۇنى قىلالمىساڭ سىنى رەسمى ئەركىشى دىگىنى بولمايدۇ ، كىملىك گۇۋاھناماڭغا ئەر كىشى دەپ يېزىۋالغىنىڭ بىكا ئۇ .
- سىز بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇرىلى ئاكا .
- قىلىدىغان ئىشىم يوق بىكارچى بولغاندىكىن ھە مەن ؟
-ھاھا .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" r7 r5 ]. V3 W8 y3 Uئەمدى تېخى يەنە بىر گەپكە ئاغزىمنى ئۈمچەللەپ تۇرسام ھاشىمكامنىڭ نەۋرىسى چىقىپ<مومام تاماق پىشتى دەيدۇ ، چوڭ دادا > دەپ قالدى ، ھاشىمكامنىڭ نەۋرىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ سۆيۈپ كەتتى.
-تاتلىقلىقىڭنى سەن جىننىڭ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: g( Z3 j( E* A5 l* g# kھاشىمكام ماڭا قارىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& `3 W4 e: J: b. d-قوپمامسەن ئۇكام ، ما سوغاقتا گەپكە سېلىپ سەنمۇ ئادەمنى ، چاپلاپئولتۇرىۋىرىپتۇ ، بىللە تاماق يەيمىز ئەمدى توڭغان يەرگە بارىدۇ .
-ھاھا ، نىمە تاماق ئەتكەندۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ W- E+ {4 N$ \' Q& W3 _( u) Jھاشىمكام نەۋرىسىدىن سورىدى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& a1 r. `+ Q+ N: X& R" v. N5 f
-نىمە تاماق ئىتىپتۇ چوڭ ئاناڭ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ W& I. t& y( P* ?( T- چۆچۈرە . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ B$ ^; J, H8 @( `" h
ھاشىمكام ماڭا قارىدى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 {1 S% J) A) i
-يەمسەن يا ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ i( q; N2 U( Z l7 Z7 G" W
- ئازراق ئىشىم بار ئىدى ، بوپتۇلا ، چۆچۈرىنى ئىچىپ بولۇپ ئاندىن قىلاي .
-ماڭە ئەمسە .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Z' @% a4 o. A/ h$ W# Wھاشىمكام بىلەن ئىشىكتىن ئالدى – كەينى كىرگەچ سورىدۇم .
-ئاكا ، ما باياتىن دىگەنلىرىڭىزنىڭ بەزىلىرىنى رەتلەپ يېزىپ چىقىرىپقويايمۇ ؟
-نىمىنى ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! \' }. v' Y- R- ئا بايىقى پاراڭلارنىچۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 G8 N; g! g0 P L7 |! O- يا ئاللا ئۇكام ، پاراڭنىمۇ يازىسىلە دىگىنە ئەمدى ، مەن مۇنداق بىر دىيشىدىغان پاراڭنىمۇ ئالدىغا ئاپارات قويىۋېلىپ قىلىدىغان بولاپ كىتىپتۇ ما خەق دەپ ئولتۇرسام ، بىزنىڭ قورۇدىن پاراڭنى رەتلەپ يازىدىغان سەن چىقىپسەندە ، ھاھا .
- ھاھا ، ياق ئاكا ، ئەمدى شۇ باياتىندىن ئىككىمىز پاراڭلاشتۇق ، شۇڭا باشقىلارمۇئاڭلاپ باقسا دەيمەنغۇ .
- سىلە ياش باللارنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭلار يوق ھە ، بىكارچىلىقتىنغۇ ھەممەئىش چىقىدۇ زادى .
- ھاھا ، ياق بىكارمۇ ئەمەس ئاكا . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 A7 h3 K1 l$ R( @) v# I% \# h
- نىمە قىلساڭ قىلە ، مىنى دىدى دىمە ئىشقىلىپ ، ئەمدى ئەتە قوپۇپ ئىككى توك–توك گەپنى سىلىمۇئەمدى تورغا چىقىپ دەيدىغان بولۇپ كەتتىڭلىمۇ ھاجىم دەيدۇ ما بۇرادەر باللا .
- ھاھا ، سىزنىڭ ئاغىنىلىرىڭىز دەيدۇ ئۇنى چوقۇم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ]; o& Z, ]5 H( ^9 u- دىسە ھەق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. @- |. u- S% j- V/ V" G: k-ئەمسە ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتەي . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 m. l" z' K1 U5 h
- ۋاي نىمە قىلساڭ قىلە ، ئايىغىڭنى سالماي كىرىۋەر بولدى ، بۇ بىر خاننىڭ ئوردىسى بولمىغاندىكىن .
ھاشىمكام ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرگەچ يەنە چاق-چاقتا سوققىلى تۇردى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. Y( f3 c" i# N3 j+ t2 S* T g9 ^-كىتابنى جىق ئوقىۋەتكەن ئادەم دىگەننىزە ، مانا مۇشۇنداق بوسۇغىنىڭ تېشىغا كەشىنى سېلىپ قويسىلا ئۆزىنى مەن پاكىز ، ئىلمىي دەيدىغان بولۇپ قالىدۇ .
-ھاھا ، بولدى مەن ئادەم بولاي ئاكا . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ n( P% y" T! c, K# V
- ئاۋال چۆچۈرىدە بىر مىھمان بولە . ھوي قېنى سىلە . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# P& [- ^, ^- _% [% d
شۇ پاراڭلار بىلەن چۆچۈرىنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلاپ كەتتۇق .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# V4 w* f' R, [7 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 C8 o+ C9 ^( w7 O0 a7 Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 J& d3 b0 b4 `) \ {( [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# c5 J/ ]4 |5 E( u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' @7 p* k0 w) J6 B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 E; M8 I# ^) Z# z* M% Dئەسكەرتىش :ئاپتۇر ھەم مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ سالۇن ۋە باشقا تورلاردا تارقىتىلسا بولىدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) t9 O3 _$ F, Q) k* L3 x