چاچ ھەققىدە
ئۇزۇن چاچ دەپ قويۇپتىمەن بىلسەم ئۇندا ۋاپا يوق ،
ۋاپا قىنى دەپ سورىسام ئۇندىن چىقار سادا يوق .
مودا قىلىپ بەزىلەر كىسىپ ،بوياپ چىچىنى ،
ئۇيغۇر ئاتلىق مىللەتنىڭ چىچىدىكى قارا يوق .
يۈرەر ئىكەن بەزىلەر شامال باغقا بارغاندەك ،
پاخماق باش ۋە كالتە چاچ ،چوڭ ئالدىدا ھايا يوق.
قورۇققانمىكىن بىلمىدىم كونىلارنىڭ نەقلىدىن ،
شۇ زاماندا دەركەنمىش ،ئۇزۇن چاچلىق دانا يوق .
چاچ ئىشقىدا كۆيگەچكە ،ئۇزۇن قىلىپ ئۆستۈردۈم.
بىلگەن بولسا كۆڭلۈمنى، ماڭا بۇنچە جاپا يوق .
40كۇكۇلا قىلاي دىسەم ،جۇغى كەلمەس بىر ئۆرۈم،
قاراپ باقسام ئەينەككە ،ئۇزۇن چاچلىق رەنا يوق .
كىرىپتىكەن ئىشتىياق ئۇزۇن چاچقا كىچىكىمدىن ،
بوستان چاچنى كۆرسەملا ماڭا شۇ كۈن راۋا يوق .
چىن يۈرەكتىن تۇتقان يار، ئەھلى ۋىجدان بولسىلا،
ئۇزۇن بولسىلا مەن رازى،بوستان چاچتىن تاما يوق.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
2015- يىلى 2- 1