بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# s( i) s5 R1 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% A9 t5 P8 u5 I* ~
ئاپىرىن سىلەرگە ئەلى، ئۈمىد، زىۋىدە...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 O+ w' I& `+ M0 s- X. z
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)
ناداننى ئۇتالمايسەن، داناغا ئۇتتۇرمايسەن. چۈنكى دانا ئۇتىۋېلىشنى ئەمەس، كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىكنى ئۈستۈن كۆرىدۇ، نادان بولسا كىشىنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قازىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۈستۈن كۆرىدۇ، شۇڭا شۇ مەقسەتكە يەمىگۈچە تالىشىشنى توختاتمايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& J* W V' ~) o7 H& C, q" i; @& n
ـــ «دانالار ھېكىمەتلىرىدىن»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 G$ r+ R% g4 \7 W* \6 U+ f
ئەلى مۇئەللىم يېقىندا تور ئېكرانىدا سۆزلەپ يېزىق ھوجۇمىغا ئۇچىرىغان. بۇ قېتىم ئۈمىد غەنى تور ئېكرانىدا سۆزلەپ يېزىق ھوجۇمىغا ئۇچىرىدى. باشقىلارمۇ بۇ ئىككەيلەندەك تور ئېكرانىدا سۆزلەپ قالسا، بىردەك يېزىق ھوجۇمىغا، ھەتتا تۈرلۈك ئېغىزاكى غەيۋەت ھوجۇمىغا ئۇچىرىشى مۇمكىن. بەلكىم، مەن ئۇشبۇ يازمىنى يازغانلىقىم ئۈچۈن مۇنبەرلەرنىڭ «ئىنكاس ھوجۇمى» غا ئۇچىرىشىم مۇمكىن، بىراق مەن شۇ خىل ھوجۇملارنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرەپ، پىكىرلىرىمنى دادىل بايان ئەيلىمەسلىكىم كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. چۈنكى يول ماڭغاندىن كېيىن ئېچىلىدۇ، پىكىردىن پىكىر تۇغۇلىدۇ، ھېچبىر پىكىر ئوتتۇرىغا تاشلانماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ توغرا – خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. رېئاللىقىمىزدىكى قورقۇشقا تېگىشلىك ئادەملەر ئىچىدىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۆڭ ئادەملەردۇر، ئۇلار خۇددى ھازىرلا ئۆسۈشكە تەييار بولغان بۇقىلاردەك ئارقىغا داجىيدۇ، بىراق ھەرىكەتكە ئۆتمەي، ئادەمنى ئەنسىرتىدۇ. دۇنيادا ھېچبىر بەندە مۇكەممەل ئەمەستۇر. پىكىرلىرى بايدىن ياكى سايرامدىن چىقسۇن، ئىشقىلىپ كۆڭلىدىكىنى دادىل جاكارلىيالايدىغان كىشىلەردىن ئىبرەت ئالغىلى ياكى ئۈلگە تاپقىلى بولىدۇ، كىشىلەرگە نېپى تېگىدىغانلار دەل مۇشۇنداق ئۇچۇق پىكىرلىك كىشىلەردۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 D6 x+ a* g2 ^& c- L: W ئەلى قۇرباننىڭ بېيجىڭدىكى لېكسىيەسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى چىقا - چىقمايلا، زىۋىدە كېرىم يېزىق رەدىيەسىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ئارقىدىنلا باشقا مۇنازىرىچىلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تور دۇنياسىنى مۇنازىرىگە چۆمكىدى. مەن بۇ مۇنازىرىلەرگە قاراپ، ئارىمىزدىن ئېكران مۇنازىرىسىگە ئېكران مۇنازىرىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرالايدىغانلار چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، دەپ ئويلىدىم. سەۋەبى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تور يازغۇچىسى «ئۇمۇن» ئېيتقاندەك «يېزىقنى تەھرىرلىۋالغىلى بولىدۇ، بىراق ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆزنى تەھرىرلىۋالغىلى بولمايدۇ»، يازماقتىن سۆزلىمەك تەس، زىيالى ئۈچۈن سۆزلىسىڭىز دېھقان خاپا بولىدۇ، دېھقان ئۈچۈن سۆزلىسىڭىز زىيالىغا يارىمايدۇ، ئوقۇغۇچى ئۈچۈن سۆزلىسىڭىز، جەمئىيەتتىكىلەر جېدەل قىلىدۇ، پۇقراغا ياخشى بولىمەن دېسىڭىز ھۆكۈمەتكە يامان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ھۆكۈمەتكە ياخشىچاق بولىمەن دېسىڭىز «قىزىل پاچاق» ئاتىلىپ، پۇقرادىن دەككىڭىزنى يېيىشىڭىز مۇمكىن. ھەممىگە ئومۇملۇق قىلغان ئاساستا سۆزلەيمەن دېسىڭىز تۈكنىڭ يېتىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا بېقىپ موس - موسلۇق قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، سىز بىر يېڭى پىكىرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەنسىز چوقۇم قارىشىلىققا ئۇچىرايسىز، قارىشىلىققا ئۇچىراش مەغلۇب بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى پىكىرىڭىزنىڭ مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كوچا – كويلاردا مەست، دىۋنى، نېرۋىسىدىن ئاداشقانلارنىڭ قالايمىقان جار سېلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى دائىم ئاڭلايمىز، كۆپىنچە كىشىلەر، ھەتتا ساقچىلارمۇ ئۇلارنىڭ جار سېلىشلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، بىراق جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىرى بار شەخسلەرنىڭ بىر ئېغىز سۆزى مانا مۇشۇنداق پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورتاق مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق دېگەنلىكىم ھەرگىزمۇ، ئىجتىمائىي تەسىرى بار كىشىلەر سەھنىلەردە سۆزلەپ قالسا، نېمە دېگۈسى كەلسە شۇنى دېسە بولىدۇ دېگەنلىكىم ئەمەس، چۈنكى سىزنىڭ نېمە دېيىشىڭىز مۇئەييەن جەھەتتىن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىناۋىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك دېگەن ئەنە شۇ. ئىلگىرىكى ئېسىل دۇردانىلىڭىز بەدىلىگە، سىزنى قانچىكى ئېگىزگە كۆتۈرەلىگەن خەلق، ئۇشبۇ تاپتىكى قالايمىقان جۆيۈلمىلىرىڭىز سەۋەبلىك شۇنچە پەسكە ئىرغىۋېتەلەيدۇ، شۇڭا «ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان» دەيدۇ ئەجداتلار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) _! c3 p4 k. x9 k# C مەن ئەلى مۇئەللىم، زىۋىدە ئابدۇكېرىم مۇئەللىم، يالقۇن روزى، ئابدۇسەمەت ئىمىن كۆكتېكىن ۋە ئۈمىد غەنىدەك بىزنى ئىلمىي مۇنازىرىگە يېتەكلىيەلىگەن كىشىلىرىمىزگە ئاشۇ دادىل پىكىرلىرى ئۈچۈن چۇڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، چۈنكى بۇلار بىزنى ئىلمىي مۇنازىرىگە يېتەكلىمەستە، كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ كاللىسى قەيەردە نېمە ئىش چىققانلىقى، قەيەردە قايسى خىل يېڭى «تېررورلۇق ۋەقەسى» بولغانلىقىدەك ۋەھىمىلىك مۇنازىرىلەر بىلەن تولغانىدى، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۆڭلىمىزنى غەش، خىيالىمىزنى بەش قىلغانىدى. قاراپ باقايلى، يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ھەممەيلەن ئىلمىي مۇنازىرە بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇ خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلۇشقا باشلىدۇق. دېمەك، 15 ئادەم پاتىدىغان ئۆيگە ئادەم تولۇق كىرىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئادەملەرنىڭ كىرەلمىگىنىگە ئوخشاش ئاكتىپ ئىشلارنى ئويلاۋەرسەك پاسسىپ ئىشلارنى ئۇنتۇلىمىز، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمىز ۋە تەپەككۇرىمىز ئاكتىپلىشىدۇ، روھىمىز كۆتۈرۈلىدۇ، بارىلىق زېھنىمىز بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ كويىغا كىرەلەيمىز، ئېشىنغان ۋاقتىمىزدا ئىلىم دېڭىزىدىن جاۋاھىراتلارنى سۈزەلەيمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 {3 ]; A: s( c, j جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئاكا ئۆتكەن قېتىملىق قىسقا سۆھبىتىمىزدە ماڭا: «يېقىدىن بۇيانقى ئىلمىي مۇنازىرىلەردىن خەۋىرىم بار، سەنمۇ بۇ مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتىسەن، بۇنىڭدىن مەن بەك سۆيۈندۈم. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتى ناھايىتى ئەۋج ئالغانىكەن، گېرمانىيەلىكلەر ھەر ساھەدىكى ئىلىملەر ئۈستىدە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە چۈشۈپ، تەپەككۇرلىرىنى تاۋلاپتۇ، بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ئىلىم – پېنىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەپتۇ» دېدى. شۇنداق، خۇددى مىجىت ناسىر ئاكا ئېيتقاندەك ئىلمىي مۇنازىرە پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كىشىلەرنى ئىلىم – پەن ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئىلىمىي مۇنازىرە جەريانىدىكى كەمتۈك بىلىشلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن كىشىلەر كىتاب كۆرۈشكە، ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىز مۇتلەق گۇمانلانمىغان نۇرغۇن تونۇشلار، ئەمەلىيەتتە بىز بالدۇراق ئۇچراپ قالغان خاتا تونۇش بولۇشى مۇمكىن. ئىلىم جەريانى ئۈزلۈكسىز سوئال سوراش، گۇمانلىنىش، پىكىرلىشىش جەريانىدۇر. پىكىر بىر خىل روھنىڭ گىمناستىكىغا قاتنىشىش جەريانى بولسا، ئىلمىي مۇنازىرە ئاشۇ پىكىرنىڭ خۇرچىدۇر. بىز ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق تونۇشلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە ئويلىنىمىز، يېڭى تونۇشلار ۋە قاراشلار بىلەن ئۇچۇرىشىمىز. ھەقىقىي ئىلىم سەپىرى ئەمەلىيەتتە مۇنازىرە سەپىرى بولۇپلا قالماستىن، ئوخشىمىغان سادالار ۋە كۆز قاراشلارغا قۇلاق سېلىش جەريانىدۇر. بىز ئۆزىمىزنى ئەقىللىق چاغلىغان چېغىمىزدا نادانغا ئايلىنىۋاتقان بولىمىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىش ئۆز ساھەيىمىزدە ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەرنىڭ قاراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلاردىن ئىدىيە يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، بۇ بىزنىڭ روھىيەت جەھەتتىن تاكامۇللىشىشىمىزغا ۋە ئۆزلۈكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەنلىك بىر ئىش قىلغانلاردىن كۆرۈلىدۇ، ھېچ ئىش قىلمىغانلاردىن ھېچبىر سەۋەنلىك سادىر بولمايدۇ، شۇنداقلا ھېچبىر نەتىجىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق مەلۇم شەخسنىڭ ئىدىيەسىگە ئاغماقچى ئەمەس، پەقەت پەنگە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتساقكەن دېمەكچىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 I( j: U) |7 R6 ]6 R
يېقىنقى مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئۆز كۆز قارىشىنى ياقىلاش يولىدا ئەشەددى دۈشمەنلەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلەرمۇ، بىر - بىرى بىلەن ياقا سىقىشىپ، ئۇرۇق – تۇغقاندارچىلىقتىن كېچىشىپ كەتكەنلەرمۇ كۆرۈلدى. ھەتتا مەن ئۆتكەن ھەپتە قاتناشقان بىر زىيالىلارنىڭ سورۇنىدا ئەلى مۇئەللىمنىڭ مۇنازىرىسى تالاش – تارتىش قىلىنىپ، ئۆز – ئارا قىزىرىشىپ كېتىشلەر بولۇندى، بىر سورۇندېشىمىز مۇنازىرە سەۋەبىدىن سورۇندىن باتناپ چىقىپ كەتكىلى تەمشەلگەندە، يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران قايتۇرۇپ كەلدۇق. مەن بۇلارنى كۆرۈپ، بىزدە ئىلمىي مۇنازىرىگە توغرا قارىيالايدىغان پوزىتسىيە بالدۇراق شەكىللىنىشى كېرەك ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. مېنىڭچە، ئىلمىي مۇنازىرىدە يېڭىش – يېڭىلىشى بولمايدۇ، پەقەت مۇنازىرە لايىقىدا داۋاملاشسىلا ھەر ئىككىلا تەرەپ ۋە شۇ تەرەپنىڭ پىكىرىنى ياقىلاۋاتقانلار ئوخشاشلا مۇئەييەن نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- {6 D0 D8 Q) J$ y5 [0 S. Y* u9 C
خۇلاسە كالام، سۆزلەۋاتقانلار تاغدىن سۆزلىسۇن ياكى باغدىن سۆزلىسۇن، ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلارغا يېڭى يىلدا ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى مۆلچەرلىگۈسىز دېسەك خاتالاشمايمىز. شۇڭا ئىلمىي مۇنازىرىلىرىمىز داۋاملىق ئىلمىي داۋاملاشسۇن، بىراق ئىلمىي مۇنازىرە تېمىلىرىمىزنىڭ ئالمىشىشى ئەتىيازلىق ئايىقىمىزنىڭ ئالمىشىشىدەك بۇنداق تېز بولۇپ كەتمىسۇن، مەلۇم مۇنازىرىدىن مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشىپ بولۇپ، يەنە بىر مۇنازىرىگە كۆچەيلى، چۈنكى شاختىن - شاخقا سەكرەپ يۈرۈشتىن ئانچە ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ. ئاخىردا شۇنداق نىدا قىلىمەنكى، ئاپىرىن سىلەرگە دادىل پىكىر ئىگىلىرى، ئاپىرىن سىلەرگە ئەلى، ئۈمىد، زىۋىدە...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 z; ]( P* S5 o3 y
(ئاپتوردىن ئەسكەرتىش: تېمىنى مۇنازىرە قىلغاندا ئىلمىي مۇنازىرە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشىڭلارنى، شەخسىيەتكە ھوجۇم قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، بىر ئادەم بىر مىللەت، سىزنىڭ يېزىۋاتقان ئىنكاسىڭىز سەۋىيەرىڭىزنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بېرىدۇ.)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 z8 {8 }$ B0 t4 r, h- n$ Uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 D, g; i/ E/ Y7 ?! k) Q" a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 L. r, F& \ o) k- s" h
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhbir0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 10:22 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 a" C% s8 d: X: Q# o5 l" y& ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# i E4 A9 \% O6 w8 P