ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 255.8 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 256.74 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 247.4 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 253.64 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.82 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 253.5 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى خام نېفىت باھاسى 8% ئۆسكەن ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى ھەپتە دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن جۈمە كۈنى يۇقىرى ئۆرلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى جۇڭگو خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI ئاخىرقى قىممىتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى ناچار بولىشى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ PMI سانلىق مەلۇماتى ، گېرمانىيە PMI سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىمۇ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى ، ئەگەر ئامېرىكا سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.بىرىنىجى ئايدا ئالتۇن باھاسى 230-258 يۈەن ئارىلىقىدا تەۋرەندى ، ئالدىنقى ھەپتە 247.4 يۈەندىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچراپ ھەپتىلىك ۋە ئايلىق سىزىق 252.9 يۈەننىڭ يۇقىرىدا مۇسبەت سىزىق ھالىتىدە يىپلدى . بۈگۈن -2 ئاينىڭ بىرىنىجى سودا كۈنى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىندىغان سانلىق ئۇچۇر كۆپ ، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممىتىنى ئېلان قىلىدۇ .
2. ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 253.9 يۈەن ۋە 255.4 يۈەندىكى بۆسۈش نۇقتىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككى نۇقتىدىن ئىشىپ كېتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 1 يۈەن دە توختىتىپ پايدىسىنى 2 يۈەن ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3. ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا250.95 يۈەندىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 1 يۈەن دە توختىتىپ پايدىسىنى 253 يۈەننىڭ يۇقىرىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر250.9 يۈەن دىن چۈشۈپ كەتسە 250.55 يۈەن ۋە 248.97 يۈەن ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 255.88 254.3
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 251.93 250.55
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1293-1268
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 250.5-255.5
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 255.5
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش