دوسىت دىگەنمۇ سەندەك بولامدۇ
دوست بولغاندا ئىككىمىز ئەسلى،
خۇرۇستالدەك پاك ئىدىڭ سەبىي.
كېيىن نامەرد،رەزىل ئاتالدىڭ،
نىقابىڭنى ئېلىپ ھەقىقىي.
بىر نان تاپساق تەڭ يىيىشەتتۈق،
بىر ياڭاقنى تەڭ چېقىشاتتۈق.
خاپىلىقنى تەڭلا تارتىشىپ،
كۇلسەكمۇ ھەم تەڭ كۈلىشەتتۈق.
سۇ كەچسەكمۇ تەڭ كېچىشەتتۈق،
ئوتقا كىرسەك تەڭ كىرىشەتتۈق.
يۈرەكتىكى ئەڭ يۈچۈن سىرنى،
ئىككىمىزلا پەقەت بىلەتتۈق.
نە بولغاندۈر ھەي بۈگۈن ساڭا،
شۇملۇق بىلەن قارايسەن ماڭا.
كاللاڭدا بار نە ئوي بىلمىدىم،
چىرايىڭدا ياۋۈزلۇق يەنە.
ھۆرمەتلىسەم چەكتىن ئاشىسەن،
يېقىن كەلسەم يىراق قاچىسەن.
يۈرۈگۈمگە ئۇرۇپ ھەم پىچاق،
يىلان كەبىي زەھەر چاچىسەن.
قىلىپ تالاي ساڭا ياخشىلىق،
ئېرىشكىنىم بولدى خاپىلىق.
سۇ سورىسام چوغنى تەڭلىدىڭ،
ئېيتە دوستۇم بۇ قانداق قىلىق؟
بولىۋالدىڭ ھورۈن ۋە مىشچان،
نەپسىڭ ئۈچۈن ۋىژداننى ساتقان.
لەنەت دەيمەن مىڭ-مىڭلاپ لەنەت،
تۇگەشكەنلىك ئۆزنى ئۇنۇتقان.
زېمىستاندا باھار بولامدۇ؟
باھارسىز باغ گۈلگە تولامدۇ؟
گۈللىرىمنى قىلدىڭ مىڭ غازان،
دوسىت دىگەنمۇ سەندەك بولامدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 10:27 AM