ئېنتىرنېت ماگناتلىرى ئېلان توسۇش دېتاللىرىغا تەسلىم بولدى
پۇل-مۇئامىلەۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرى: گۇگول، ئامازون، مىكروسوفت ۋە تابۇلا (Taboola) قاتارلىقلار دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات تور ئېلانى توسۇش يۇمشاق دېتالىAdblock Plus نى ياسىغان گېرمانىيە پەن-تېخنىكا شىركىتىگە جىممىدە پۇل تۆلەپ، ئەمدى ئۇلارنىڭ تور بېتىدىكى ئېلانلارنى توسماسلىقىنى ئۆتۈندى. بۇسودىلار مەخپىي بولغان، ئەمما بۇ سودىلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلەۋاقىت گېزىتى»نىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشتى. بۇ سودىلار قىممىتى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تور ئېلان بازىرىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ چوڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېلان توسۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئۆز تىجارىتىدىكى ئەمەلىي تەھدىت دەپ قارىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تورداشلارنىڭ ئامال قىلىپ ئېلان پەيدا قىلغان ئاۋارىچىلىقنى يوقىتىشنى ئۈمىد قىلىشغا ئەگىشىپ، Adblock Plus يېقىنقى يىللاردا Chrome ۋە Firefoxتور كۆرگۈچىدە ئەڭ ئاۋات ھەقسىز دېتال بولۇپ قالدى. بۇ دېتالنى ياسىغان گېرمانىيە شىركىتى Eyeo نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يۇمشاق دېتال يەر شارى مىقياسىدا 300 مىليون قېتىم چۈشۈرۈلگەن، 50 مىليون ئاكتىپ ئابونېنتى بار ئىكەن. لېكىن،ئېلان كىرىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقان ئېلان شىركەتلىرى ئېلان توسۇش دېتالىنىڭ ئۆزىنىڭ سودا ئەندىزىسىگە زىيان سېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. RTL ۋە ProSiebenSat.1 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيە مېدىيە شىركەتلىرى Eyeo دىن تۆلەم ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ، فرانسىيە ئېلان شىركىتىمۇ گېرمانىيەدىكى كەسىپداشلىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىش قوللانماسلىقنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. گۇگول ۋە ئامازون باھا بېرىشنى رەت قىلدى. مىكروسوفت قارمىقىدىكى بىڭ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئېلانىنى توسۇش بىكار قىلىنغان. مىكروسوفت:«بىزبارلىق كۈچىمىز بىلەن بۇنداق شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىمىز: ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىك، تەسىر كۈچى بار ماركىلار بىلەن ئۆز ئارا ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسى بىز بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى. Eyeo «ئاق تىزىملىك» تەسىس قىلىپ،تاللاپ تۇرۇپ بەزى ئېلانلارنى توسماسلىق ئارقىلىق پايدا ئالىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەقەت بەلگىلىك ئۆلچەمنى قانائەتلەندۈرگەن تور بەتلەرلا ئاندىن بۇ«ئېلان قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ»غان تىزىملىككە كىرەلەيدىكەن، مەسىلەن، Eyeoغا ئېلاننىڭ سالايىھىتىنى ھەمدە زىيارەت قىلىۋاتقان تور بەتتىكى مەزمۇنلارغا كاشىلا قىلمايدىغان ياكى بۇرمىلىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنلەر. گەرچە ئاق تىزىملىك مېخانىزىمى كىچىك تور بەت ۋە بلوگلارغا ھەقسىز بولسىمۇ، ئەمما تۈرنىڭ سىجىللىقى ئۈچۈن چوڭ كارخانىلاردىن ھەق ئالىدۇ. Eyeo ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بىر مېدىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Eyeo تەلەپ قىلغان ھەق ئېلان چەكلەشنى بىكار قىلغاندىن كېيىن كىرگەن ئارتۇقچە ئېلان كىرىمىنىڭ %30 گە باراۋەر ئىكەن. قايسى ئېلانلارنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان، قايسى ئېلانلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا Eyeo ئېھتىياتچان بولۇپ، Adblock Plus نىڭ ئابونېنتلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغان.
تەرجىمىدە:ئوكيان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 06:48 PM
|