WhatsAppنىڭ ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارى تېلېگرافنى ئېغىرزەربىگە ئۇچرىتىدۇ
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 1-فېۋرال خەۋىرى: Facebookسېتىۋالغان WhatsApp بۈگۈنكى كۈندە ئاكتىپ ئابونېنتى700 مىليوندىن ئاشقان يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يانفون پاراڭلىشىش قورالى بولۇپ قالدى.WhatsApp نىڭ يۇقىرى قاتلىمى 2014-يىلىنىڭ بېشىدا بىلدۈرۈشىچە، WhatsApp ھەقسىز ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى چىقىرىدىكەن. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، WhatsAppئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى سىناق قىلىشقا باشلىغان، ئالاقىدار كەسمە سۈرەتلەر تورداشلار تەرىپىدىن توردا ئېلان قىلىنغان. يەر شارى تېلېگراف كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىسقا ئۇچۇر كەسپى يانفون پاراڭلىشىش دېتالى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. ئەگەر WhatsAppھەقسىز ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى چىقارسا، تېلېگراف سودىگەرلىرىنىڭ ئاۋازلىقسۆزلىشىش كەسپى غايەت زور زەربىگە ئۇچرايدۇ. WhatsAppنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى 2014-يىلى ئىسپانىيە دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا،كەلگۈسىدە ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى چىقىرىدىغانلىقىنى، ئاۋازلىق سۆزلىشىشئىقتىدارى WhatsApp نىڭ ئاكتىپ ئابونېنتىنى بىر مىلياردقا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، WhatsAppنىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى تور ۋە سانلىق مەلۇمات ئېقىمىنى ئامالنىڭ بارىچە ئاز سەرپقىلىدۇ. ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارى 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چىقىرىلماقچى بولغان، بىراق بۇ ئىقتىدارنىڭ ئېلان قىلىنىشى نامەلۇم سەۋەب بىلەن كېچىكتۈرۈلدى. كېيىن كۆپلىگەن مېدىيەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، WhatsAppنىڭ ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارى 2015-يىلى چىقىرىلىدىغان بولغان. ئامېرىكا پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرى تورى VentureBeatنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا بىر ئابونېنت ئامېرىكا خەۋەر توپلىمى تور بېتى Reddit دا كۆپلىگەن كەسمە سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان، سۈرەتلەردە Reddit ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى كىچىك كۆلەمدە سىناق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە يەر شارىدا قانچىلىك ئابونېنتنىڭ ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى كۆرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. نۆۋەتتە، WhatsAppئورگان تەرەپ ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىمىدى. باشقا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيەنىڭ KakaoTalkمۇ ئاۋازلىق سۆزلىشىش مۇلازىمىتىنى چىقارغان.
تەرجىمىدە: ئوكيان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 01:31 PM
|