ئۈمىد تېنىقلىرى
ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئۈمىدسىز – چۈشكۈنلۈك قېينايدۇ مېنى ،
خىيال كەپتىرىم ھەر ياققا ئۇچۇپ .
پۇرسەت دەپ تۇتىمەن ھەر بىر مېنۇتنى ،
ھاياتىم بېغىغا گۈللەرنى تۇتۇپ .
ئۈمىد – ئارزۇيۇم يۈكسەككە ئۆرلەش ،
ئەجرىمدىن ھاياتىم بېغىنى گۈللەش .
بىر ئۆمۈر سەرپ قىپ ئەقىل – زېھنىمنى ،
ئىجتىھات يولىدا قىلىمەن كۆرەش .
يېڭى كۈن ھاياتنىڭ يېڭى ھالقىسى ،
چىڭ تۇتساق مەنىلىك ئۆتەر كۈنىمىز .
ئىرادە سېپىلى قىلايلى ھاسىل ،
شۇندىلا ھاياتتا ئۇتۇپ ئۆتىمىز .
ھورۇنلار تۇتمايدۇ ۋاقىتنى يولداش ،
كۆپۈكلۈك خىيالغا بولىدۇ سىرداش .
ھەمنەپەس بولىدۇ غەيۋەت – شىكايەت ،
بىكارچى ، غەيۋەتچى بولىدۇ قولداش .
‹‹ تۇنجى باشلىنىش – يېرىم غەلبە ›› دۇر ،
تاۋلايلى ئىرادە چۈشۈپ چېلىشقا .
مەغلۇپ بوپ يىقىلساق چېلىشتا ئەگەر ،
يەنە بىر سىنايلى قايتا ئۇتۇشقا .
پىلانلىق ، نىشانلىق ئۆتەيلى دوستلار ،
كىتابنى ھەمراھ قىپ يېڭى بىر يىلغا .
چاڭقىغان دىللارغا زەمزەم قۇيايلى ،
يېتەكلەپ ئۇلارنى ئېرپان يولىغا .
مەنبە : ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەلىشىر 13 )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alixir13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 11:26 PM