مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 24300|ئىنكاس: 138
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈمۈد غېنىگە سوئال ۋە تەكلىپ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113529
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2015-1-24
ئاخىرقى: 2015-2-23
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 07:30:12 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ئۈمىد غەنى ئەپەندىم.ئۈندىدارىمدىن «ئۈمىدپاراڭلىرى 1» نى كۆردۇم، يەنە توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ، http://315308.com/index.php?m=co ... w&catid=156&id=2535 تورىدىن «ئۈمىدپاراڭلىرى 2» نى كۆردۈم، (مەزكۇر سىن فىلىمنى يۆتكەپ كەلسەم قانۇنسىزلىق بولمىسۇن دەپ ئادرېسىنىلا قالدۇردۇم)بۇ يېڭى پروگراممىنىڭ چىقىپ، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىشقاتېگىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە سىزگە شۇنداقلا بۇ پروگراممىنى ئىشلەشكە كۈچ چىقارغان بارلىق ئورگان، شىركەت، شەخسلەرگە رەخمتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە («ئۈمىد پاراڭلىرى» پروگراممىسىنى تارقاتقان يۇقارقى تور بېكىتىگە بېۋاسىتە تەكلىپ پىكىر بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتايىن بۇ تېمام ئارقىلىق) سىزدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورايمەن.
سىز «ئۈمىد پاراڭلىرى2» دا «مەن 20 يىل بولدى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمىدىم... ھازىر يىلىغا ئۇيغۇرچە 2000دىن ئارتۇق كىتاپ نەشر قىلىنىدۇ، بۇنىڭ تەخمىنەن 20~30 پارچىسى تەرجىمە كىتاب.... مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك...شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا بېسىم قىلىپ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك...» دېدىڭىز.
سوئال1 : سىز 20يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلار يازغان كىتابلارنى ئوقۇمىغان تۇرۇپ، «...ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچەكىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك...» دېيىشىڭىز بەكلا چوڭ ئىلمىي خاتالىق، چۈنكى، ئۇيغۇرچە(ئۇيغۇرلار يازغان) كىتاپلارنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمىدىڭىز ياكى تەكشۈرگەنلەرنىڭ سىزنىڭ يۇقارقى ھۆكۈمىڭىزنى ياقلايدىغان دەلىلىنى ئوتتۇرىغاقويمىدىڭىز.
سوئال2 : سىز دېگەن ئۇيغۇرچەكىتابلار رومانلارنىلا كۆرسىتەمدۇ ياكى ئۇيغۇرلار يازغان بارلىق ئۇيغۇرچەكىتابلارنى كۆرسىتەمدۇ؟ مەسىلەن: يىراقنى قويۇپ يىقىنقىىنى دېگەندە، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئېمىن، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن ... قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرى ئەدەبىي كىتاب بولمىسا كېرەك.
سوئال3: سىزئېيتقاندەك، « ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولماستىن، يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قەۋرە تېشىغا يازغان خېتى» ئىكەن، سىز بۇنى «ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولماستىن، ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىرنىڭ، تۇردى سامساقنىڭ كاللىسىدىكى ئىنكاسى ئىكەن» دەپ چۈشەندۈردىڭىز، زوردۇن سابىر، تۇردى سامساقلار يازغۇچى تۇرسا، «ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى» دېگەن جۈملە بىلەن «ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى» دېگەن جۈملىنىڭ ماھىيەتلىك قانداق پەرقى بار؟ ئومۇملاشتۇرۇلغان «يازغۇچى» دېگەن سۆزنى كونكىرىتلاشتۇرۇلغان «زوردۇن سابىر» غىلا ئۆزگەرتىپ، ئاندىن باشتىكىسى خاتا ئىكەن،كىيىنكىسى توغرا ئىكەن دېگەن مەنتىقىنى زادىلا چۈشەنمىدىم.
سوئال4: ئۇيغۇرلار ئۇيغۇريازغۇچىلار يازغان كىتابلارنى ئوقۇماماسلىق تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلدۇقمۇ دەيلى، زوردۇن سابىر قاتارلىقلار ئۆز ئىدىيىسىنى يېزىق ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ، سىزنى ئۆزئىدىيىسىنى تىل، يەنى سۆز ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغۇچى ناتىق دەيلى (مىللىتىڭىزئەلۋەتتە ئۇيغۇر) دېمەك، ئۇيغۇر يازغۇچى بىلەن ئۇيغۇر ناتىقنىڭ پەرقى مېنىڭچەئىپادىلەش ۋاستىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىلا بولۇپ، مەخسىدى بىرلا، يەنى ئۆز ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇماسلىق تەكلىبىنى بەرگىنىڭىز، ماھىيەتتە، سىزنىڭ يۇقارقى لېكسىيەلىرىڭىزنى ۋە بۇندىنكېيىنكى لېكسىيەلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلىماسلىق تەكلىبىنى بەرگەنلىك بىلەن تەڭ كۈچلۈك بولامدۇياكى مەن گەپ ئويناتتىممۇ؟(سىزنىڭ سۆزلىگەنلىڭىزمۇ ئەلۋەتتە ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ ئۈمىد غەنى كاللىسىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت).
تەكلىپ
ئۈمىد غەنى ئەپەندىم،مەن «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىنى بەكلا ياقتۇرىمەن، ھەر سانلىرىنى تېلىۋېزوردىن كۆرەرمىسەم، توردىن ئىزدەپ كۆرىمەن. سىزنىڭ بىلىمىڭىز مول، ئىنكاسىڭىز تىز،يۇمۇرىستىكلىقىڭىز ئۆزگىچە... يۇقارقى «ئۈمىد پاراڭلىرى» مۇ مېنىڭچە قىسمەن جايلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياخشى چىقىپتۇ. شەخسەن مەن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم.بۇندىن كىيىنكى قىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئاتاگاچىلىق قىلىپ، تۆۋەندىكىشەخسى تەكلىپ پىكىرىمنى بېرىمەن:
ئوقۇتقۇچى – بىلىم ۋەتەربىيە بەرگۈچى كەسپىي خادىمدۇر، ئاندىن قالساباشقىلاردۇر، (بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار. چۈنكى سىزمۇ لېكسىيە ئارقىلىق بىلىم ياكىتەربىيە بەردىڭىز ۋە بەرمەكچى). شۇڭا، باشقا تەربىيە بەرگۈچىلەر كەسپىي تەربىيەبەرگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋە زۆرۈر بولغان كەسپىي ئۇسۇلىنى قوللانمايدىكەن،چوقۇم مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ھەتتاباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر سائەت دەرس بېرىش ئۈچۈنمۇ كېمىدە بىر سائەت دەرس تەييارلىقى قىلىپ، سۆزلىمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنلىرىنى، جەريانلىرىنى دەپتەرگە تەپسىلى يېزىپ، مۈمكىن بولسا باشقا كەسپداشلىرىنىڭ ئالدىدا بىر سۆززلىۋېتىپ،گورۇپپا باشلىقىنىڭ «مۇشۇ بويىچە ئۆتۈلسە بولىدۇ» دېگەن تەستىقىنى ئېلىۋېتىپ،ئاندىن 30~50 نەپەر ئوقۇغۇچىغا بۇ مەزمۇننى يەتكۈزىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭسوراش ئىھتىماللىقى بولغان ھەر خىل سوئاللىرىغا، ۋە يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنىنىڭ ئىلمىي بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇندىن كېيىنكى «ئۈمىد پاراڭلىرى » نىڭ داۋامىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن. رەھمەت.
باغداش مۇنبىرىدىن najlida يازمىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112538
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-4-16
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 10:55:25 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئادرىسىنى كۆچۈرگىلى بولمايدىكەنغۇ كۆرۈپ باقاي دىسەم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 11:09:11 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-22
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 11:16:35 PM |ئايرىم كۆرۈش |
    ھازىرنۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىنىڭ ساراڭ ،قايسىنىڭ گەپتان ،قايسىنىڭ بىزگەكېرەك ھەقىقى تەربىيىچىلىكىنى بىللەلمەس بولوپلا كەتتىم .
     ھېلى  بىرسى مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئۈستۈن دىسە ،بىرى مىڭەڭنى ئۇنداق گېپپۇزلايمەن دىسە ،بىرى مەن شىجاڭنىڭ ،بىرى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىمىسى دىسە ،بىرى مۇئەللىمنى ،بىرى شائىرنى ،بىرى .....دىسە .
    قارىغاندا مەنمۇ نۇتۇق سۆزلەي دىگەن نىيىتىمدىن تۈنۈگۈنلا يېنىۋالسام بولغىدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 11:23:37 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ㄒαη┞┦á يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 11:09 PM
ياخشى تېما بوپتۇ ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆڭلىمىزدىكى داۋا ...

تېمىدا مەسىلە ئىلمى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ،كىيىنكى پىكرىڭزنى قوللايمەن.

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8924
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2175 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 01:29:45 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ھازىر جۆيلۈگەندەك گەپ قىلىپ نام چىقىرىش مودا بولۇۋاتامدۇ نىمە ؟ ياكى  يىڭىلىق يارىتىش  ، ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلىش دىگىنى مۇشۇنى كۆرسىتەمدۇ ؟

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

بىلمىدىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80169
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3155
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2015-4-9
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:26:15 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئېسىمدە قېلىشىچە، 90-يىللاردا سەنئەتكارلاردا سەمىرىش مودا بولغان. ئەمدى بۇ كۈنلەردە ئالىجۇقا سۆزلەش مودا بولغان ئوخشايدۇ

بىلمىدىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80169
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3155
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2015-4-9
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:49:23 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئۈمىد غىنى ئەپەندىنىڭ بەزى گەپلىرى ئادەمنى بۇ ئادەم ئانچە بىلىملىك ئەمەسكەن،پەقەت ئۆزىنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئامراقكەن دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112322
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2015-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-10
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 04:59:44 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەي مۇشۇنداق خەقنى غاجايدىغان نەرسىنى ئاز يازساڭلار بولمامدۇ؟ بىر ياخشى سۆزلەپتىغۇ؟ ئىلغارلىقنى قۇبۇل قىل دەپتۇ. چەتئەلدە چىقسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بىرسىمۇ سىزنىڭ قايسى مىللەتلىكىڭىزنى س.ىزگە قانداق جاپا تارتىپ چەتەلگە چىققىنىڭىزنى... سورىمايدۇ! يانچۇقىڭىزدا پۇلىڭىزنىڭ بار يوقلىقىغا بەكىراق قىزىقىدۇ. دادىڭىز بايمۇ ئەمەسمۇ؟ شىركەت ئاچامدۇ ياكى ئادەتتىكى ئىشلەمچىمۇ شۇنىڭغا دېققەت قىلىدۇ.

ئۈمۈد غېنىنىڭ بۇ پىكىرىلىرىدىن قۇسۇر تېپىشنىڭ ئۆزى چىدىماسلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-26
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:28:45 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئادىرسىنى ئىنكاس شەكىلدە بولسىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىزكۆرەي دىگەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش