مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 27

ئۆزىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100827
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 08:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                   ئۆزىمىز

قىچىشتى دەپ تاتىلاپ يارا قىلغان ئۆزىمىز،
زىدىيەتنى جېدەلگە تارا قىلغان ئۆزىمىز،
يۈزىمىزنى بىر مەھەل تەقدىر قارا قىلدى دەپ،
ئاغرىنىمىز تۇرۇپمۇ قارا قىلغان ئۆزىمىز.



شاماللاردىن شەپىسىز لىڭشىمايدۇ دەرەخلەر،
شام يېقىلىپ كېچىدە غىڭشىمايدۇ قەدەھلەر،
دىمەڭ شۇنچە سۆزۈمنى تىڭشىمايدۇ ئەبلەخلەر،
ئارقا ئىشىك تېمىنى شورا قىلغان ئۆزىمىز.



ساقالدىكى ئاش بىلەن قورسىقىمىز تويماس دەپ،
لېگەندىكى پولۇنى يۇرتلىقىمىز قويماس دەپ،
ئاسىنىنى ئىزلىسەك چىقىمىمىز بولماس دەپ،
ھىجىيىشنى يالغاندىن دورا قىلغان ئۆزىمىز.



بىھۇدىلا  بىرلىشىپ   يوق    ئىشلارغا      ئالدىراپ،
ئۆي سالماستىن تەشۋىشتە پۇچۇق خىشقا ئالدىراپ،
غالچىلارنى      ئۆز -ئارا     قۇترىتىشقا   ئالدىراپ،
تۈپتۈز  يەرنى  قازدۇرۇپ  ئورا  قىلغان  ئۆزىمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 10:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100262
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:09:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىردا ھەقىقەتەن ئۆزىمىنىڭ كەمچىلىكلىرى ۋە   ئابرويپەرەسلىك ، مەنپەئەتپەرەسلىك قامچىلىنىپتۇ، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر !  

‹‹ئەلداۋادا ››ئەرلەرگە داۋا بار ، توربەت ئادىرسى : www.aldawa.cn  تېببىي مەسلەھەت سوراش تېلفۇنى ۋە ئۈندىدار نۇمۇرى : 15199470737

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103096
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:10:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سىز خەلق قۇرۇلتىيى ياكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسىما؟ «ئۆزىمىز» دەپ  «ئورا» كولىغىلى ماڭغان سەپكە ھەممەيلەننى قىتىۋاپسىز. يا دېموكراتىيە مەركەزلەشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە پىكرىمىزنى ئىلىپ باقماي قانداق ۋەكىل سىز؟
   ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1507
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 689 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:12:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنالىق چىقىپتۇ ، مۇشۇنداق شىئىرلىرىڭىز بولسا پات پات يوللاپ تۇرارسىز ھە،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100827
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:13:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax010 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 12:10 AM
سىز خەلق قۇرۇلتىيى ياكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسىما؟ «ئۆز ...

مەن سىز غاجايدىغانلاردىن ئەمەس،چىشىڭىزنى ئاسراڭ.سىزنىڭ بۇ بىچچارىلەرچە يازغان ئىنكاسىڭىزغا چۈشەندۈرۈش بېرىشنىڭ ئورنىغا چىشىڭىزنى ئاسراڭ دىيىشنىلا توغرا تاپتىپ،سۇندۇرىۋالماڭ يەنە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113621
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:24:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي تۇرداشلا بىرەرسى ىەمدى بىر نەرسە يازسا قىزغىنلىقىغا سۇغۇق سۇ سەپكىلى تۇرۇپ سىلەرغۇ ىەمدى ھەق ىىشلارنى يزىپتۇ يارايسىز داۋاملىق تىرشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:34:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەناسى چوڭقۇر،ئويلىنىشقا تېگىشلىك،تىلى ئۆتكۈر چىققان شېئىر بوپتۇ......


‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100827
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:38:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئىنكاسىمنى تەھرىرلىيەلمىدىم.باشقۇرغۇچىلار رەنجىمەي تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100827
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:42:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار رەنجىمەي ھەممە ئىنكاسىمنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولساڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 12:46:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىتىملىق شىئىرلىرىڭىزغا رەھمەت . داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش