مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2161|ئىنكاس: 23

كاتتايلاق خەلق ناخشىسى «روزىلەم» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 01:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر. بۈگۈن روزىلەم دىگەن ناخشىنى ئاڭلاۋىتىپ ئۇ ناخشىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە ئىجادچىسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم .ئىجادچىسى ئابلىمىت قۇربان بولۇپ ھىلىھەم كاتتايلاق يىزا چوخچىدا ياشاپ كەلمەكتە . كىشىلەر تەرىپىدىن "ئابلىمىت غەزەل" دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭ بىرقىتىم بۇ ناخشىنى 60 يىل ئىيتتىم ،ئومرۈم بولسا يەنە 60 يىل ئىيتىمەن دىگىنى ھىلىھەم ئىسىمدە .بۈگۈن شۇ ناخشىنىڭ ھەممە كۇپلىتلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن.

روزىلەم

روزىلەم ئوبدان بالا ،

شاتىۋاردا كۆڭلىكى.

بىر-بىرىگە تەلپۈنەر

ئىككىمىزنىڭ يۈرۈكى.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


يول بويىدىكى ھويلا

ئادەم چۈشكەن دەڭ ئىكەن.

روزىلەمنى ماڭا بەرسە،

بويى بويىغا تەڭ ئىكەن.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


چاپىنىمنىڭ يىڭىنى ،

تاپالمىدىم،ساپالمىدىن.

روزىلەم يادىمغا يەتسە،

تولغىنىپ ياتالمىدىم،

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


كۆرسەم سىنى ھەر قىتىم،

يۈرەككە ئوت كىتىدۇ.

مىنىڭ دەردىم، روزىلەم،

ساڭا قاچان يىتىدۇ.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


"ھويلامدىكى ئۈجمىنىڭ

بىر شىخى راۋاپ بولدى.

روزىلەمنىڭ دەردىدە

يۈرۈكۈم كاۋاپ بولدى.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


يۇقىرىسى شامالخانا،

يار بۇرنۇمغا پۇرايدۇ.

روزىلەمخان قىز بالا

چىلگە قوغۇن پۇرايدۇ.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


"يار،ئۆيۈڭگە بارغاندا،

سۇ ئەكەلدىڭ چەينەكتە.

مەن قولۇمنى تەڭلىسەم،

قۇيۇۋەتتىڭو جەينەككە.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


ئەمدى ئەتىياز بولدى،

كەمبىغەللەر نىمە يە؟

تاجىخان ئاچام بىرەي دىدى،

ھۈسەن موللام نېمە دەر؟

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


"تۆگە ياتتى ئورنىدا،

قوڭغۇرىقى بوينىدا.

ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق،

روزىلەمنىڭ قوينىدا.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


كۈزدە ئۈزگەن قوناقنىڭ

بوڭگىسى راۋاپ بولدى.

روزىلەمنىڭ دەردىدە،

يۈرىكىم كاۋاپ بولدى.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 01:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 02:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"روزىلەم"نىڭ داۋامى

"روزىلەمنىڭ ئۆيىگە

كۈندە كىرگۈم كىلىدۇ.

روزىلەمنى گۈل قىلىپ ،

چىكەمگە قىسقۇم كىلىدۇ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


ئارقىدىكى تىرەكنى

كېسىۋالدىم كەكىلەپ.

سەن ئالامسەن بۇ جاننى،

كۆرۈشكەندە ئەركىلەپ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


"پا - پا پاشىنىڭ دەردى،

سالجا كانىنىڭ دەردى.

ئەجەپمۇ يامان ئىكەن

ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


ئاش بەرسە سۈيۈق بەردى،

نان بەرسە كۆيۈك بەردى.

بۇ دەردلەر كىمنىڭ دەردى؟

ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


مەن بىتەلەي بولغاچقا ،

قالدىم ئۆگەينىڭ قولىغا.

ئۆز ئانامغا ئىيتىڭلار ،

مىنى ئالسۇن قولىغا.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


"ئىتىم سۇغا قانمايدۇ،

كوزاڭ سۇغا توشمايدۇ.

ئۆگەي ئانام تىللىسا،

سېنىڭ ئاناڭ قاقشايدۇ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ئوتى يامان قوزىلەم.


يا ئانامدىن ئېيتماپتۇ،

يا دادامدىن ئېيتماپتۇ.

تەتۈر ئىكەن پىشانام،

سەن ياخشىدىن ئىيتماپتۇ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد،ماڭا ئەلەم.


"تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ

كىچىككىنە قەپەستە.

جانۇ تېنىم كۆيىدۇ

سەن يايرىمنى كۆرگەندە.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


دەردى يوق دەمسەن مىنى ،

باردۇر دەردنىڭ بارچىسى.

يۈرىكىمنى تىلغايدۇ،

قايغۇ- ھىجران قايچىسى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


ئۆستەڭ بويىدا سۆگەت،

ئېرىق بويىدا جىگدە،

جېنىم ئەجەپ قىينىلار،

سەن يارىمنىڭ دەردىدە.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


سەۋرنىڭمۇ چېكى بار،

تاقىتىممۇ تۈگىدى.

دادام دېگەن باغرى تاش،

ئۆيلەپ قوياي دىمىدى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.


داۋامى بار.......


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 04:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4972
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1789 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 04:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتا يايلاقنىڭ ھەرخىل ئوقۇلىشى بارئىدى .مانا سىزنىڭ يازمىڭىزدىن ئىنىق كاتتا يايلاق ناخشىسىنى بىلىۋالدىم .رەھمەت .
مەن ئابدۇرەشىد يۇسۇپ ئوقۇغان كاتتا يايلاقنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن



دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 05:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 06:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ «كاتتايلاق» دىگەن گەپ نەدىن كىرگەن گەپتۇ ماڭىغۇ «كاتتا يايلاق» دىگەندەكلا بىلىنىدۇ

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100473
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 07:06:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇش پۇرىغىلى تۇرۇپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 07:11:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
555rikabatqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 06:08 PM
بۇ «كاتتايلاق» دىگەن گەپ نەدىن كىرگەن گەپتۇ ماڭىغۇ «كا ...

توغرىسى شۇ كاتتايايلاق، ئىغىزچىدا كاتتايلاق دەپ كۆنۈپ كەتكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 09:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ㄒαη┞┦á يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 04:19 PM
ناخشا قىلىپ ئوقۇپ يوللىسىڭىزچۇ ئاڭلاپ ھۇزۇرلانساق ، م ...

ھەي قىرىندىشىم مەن ناخشا ئوقۇيالىغان بولسام ئەلۋەتتە ئوقۇپلا يوللىۋەتكەن بولاتتىم .ئەپسۇس....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش