ئون يىلدىن كىيىنكى ئۇچىرشىش
كەچۈرگىن
كەپسەن بۈگۈن يىنىمغا ئاداش ،
ئىيتقىن ساڭا نىمە دەرت يەتتى.
كۆرۈنىسەن شۇنچىلىك ياۋاش ،
ئويناقلىقىڭ نەلەرگە كەتتى .
كەتكەن ئىدىڭ بىر چاغ قارىماي ،
ئۈنگەندەكلا يىنىپ كەلدىڭغۇ .
قانداق قىلاي ھالىڭ سورىماي ،
ماڭا سانسىز سۇئال بەردىڭغۇ .
نىمانچىلا ئورۇقسەن ئۆزۈڭ ،
قاغجىراتتى سىنى نىمىلەر .
شۇنچە نۇرسىز ،نىم بولدى كۆزۈڭ ،
بىسىلدىمۇ دەرتتىن زىممىلەر .
ئۇزۇن بوپتۇ كۈلمىگىنىڭگە ،
چىرايىڭدا قانمۇ قالماپتۇ .
رازىمۇ يا ئۆلمىگىنىگە ،
قارشىلىققا قولۇڭ بارماپتۇ .
يۈرۈكۈڭگە توشۇپتۇ ھەسرەت ،
لىكىن ئاڭا ھىچ ئىيالماپسەن .
دىدىڭ :‹‹دوستۇم ،يامان ئىكەن دەرت ››
ۋىسال سۈيى سەن تېتالماپسەن .
ئاسىرغانتىڭ سەن ئۇنى شۇنچە ،
ئۇ كىتىپتۇ .قىپ قالالماپتۇ .
دىگەن ئىدىڭ ئۇنى بىر غۇنچە ،
تىكىنىنى ئۇ ئالالماپتۇ .
شۇنچە مەزمۇت قارغايدەك ئىدىڭ ،
ئىگەلمىگەن نى رىيازەتمۇ .
ئەمدى نىمە سەۋەپ ئىگىلدىڭ ،
ئىگىلدۈرگەن شۇ جاراھەتمۇ .
كىتىپتۇ شۇ ‹‹ئايدەك ››نىگارىڭ ،
سىنى تاشلاپ ئۆزگە يىنىغا .
سۆيگەش ئۇنى مۇشۇغۇ ھالىڭ ،
نىمە دەركىن ئۇ ۋىجدانىغا .
**********************
بوپتۇ دوستۇم ياشايلى بىللە ،
سىنى كۆرۈپ كۈڭلۈم ئىچىلدى .
دوستلۇق نىمە؟مۇھەببەت نىمە ؟
خوشال كۈلۈپ يۈرسەكلا بولدى .
مەنبەسى :ئۆزۈم