غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە «پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشى» ئېلان قىلامدۇ؟
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
«ۋال كوچىسىدىكى ئىشلار» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ (Medvedev) نىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتى (SWIFT) دىكى خىزمىتىنى چەكلىسە، رۇسىيە بۇنىڭغا قارىتا ھەر قانداق مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمىغان ئاساستا تاقابىل تۇرىدۇ.
رۇسىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ بانكا VTB نىڭ باش ئىجرائىيە مىنىستىرى ئاندىرى كوستىن (Andrei Kostin) نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، رۇسىيەنى دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ بانكا سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىش رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىمىز، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى راستتىنلا رۇسىيەنى دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ بانكا سىستېمىسىدىن چىقىرىۋەتسە، بىز ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ھەر قانداق مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمىغان ئاساستا قارشى تۇرىمىز.»
دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق ئالاقىلىشىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىكەن. ئەگەر رۇسىيە بۇ تەشكىلاتتىن چىقىرىۋېتىلسە قىسقا مەزگىل ئىچىدە رۇسىيەگە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىدىكەن، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
2014-يىلى 8-ئايدا، ئەنگلىيە رۇسىيەنى دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتىدىن چىقىرىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رۇسىيەگە بولغان ئىقتىسادىي جازانى كۈچەيتمەكچى بولغان. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەكلىپ باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
كوستىننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتى بولمىسا، رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ چەتئەل بانكىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلىدىكەن. بۇ رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش گىرۋىكىگە ياكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قىرغىقىغا بېرىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەنبە : سىنا تورى