|
|
|
|
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1279.7 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1272.23 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1294.46 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.76 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1262 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئاخشام ئالتۇن باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈش يۆلىنىشى كۆرسەتتى ، ئالتۇن باھاسى 1280 دوللاردىن تۆۋەنلەپ تۆۋەنلەپ 1250 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان ، بۇنداق بولىشىدا ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەنلىكى ، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋە دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقىتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرلىشىچە بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆلىنىشىگە قىسقا ۋاقىتلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ياۋرو رايونى ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى¡ ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا 4 - پەسىللىك GDP دەسلەپكى قىممىتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ياخشى بولسا دوللارغا پايدىلىق ، ناچار چىقسا دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.بۈگۈن بۇ ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنى شۇڭا بۈگۈنكى بازار يىپىلىش سىزىقىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم . ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1262-1257 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى . ئاسىيا بازىرىنىڭ سائەتلىك سىزىقىدا 1265 دوللاردا كىچىك بۆسۈش نۇقتىسى بۇلۇپ ئەگەر بۇ نۇقتىدىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ 1250-1244 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ئەگەر ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا 1265 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1260-1270 دوللار ئارلىقدا تەۋرىنىش ئىلىپ بارىدۇ بۇ چاغىدا يەنىلا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1290-1285 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ياۋرۇپا نازىرىدا 1285 دوللار ۋە 1278 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. ياۋرۇپا - ئامىرىكا بازىرىدا 1240 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 150-1255 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1240 دوللار دىن چۈشۈپ كەتسە 1230 دوللارغىچە كۆرۈپ ھەمدە 1230 دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1265 1275
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1240 1250
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1275-1240
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1230
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1280
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.70 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1259.48 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 249.70 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛ ئاخشام سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ، ئالتۇن باھاسى 30 دوللار چۈشكەن . شۇنداقلا ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋە دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن . بۈگۈن ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ياۋرو رايونى ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا 4 - پەسىللىك GDP دەسلەپكى قىممىتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ياخشى بولسا دوللارغا پايدىلىق ، ناچار چىقسا دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 249.70 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.34 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن بولغان پەرقى
1. قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ ھېسابات ئۈزۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ، نەق ئالتۇن بولساقىسقا مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، سودىدىن كېيىنلا ھېساب ئۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسابولىدۇ .
2. قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، بەلگىلەنگەن ئايدا ھېسابنى ئۈزىدۇ .
3. قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسىگەئۇچرايدۇ .
قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ خېيىم-خەتىرى نەق ئالتۇن سودىسىدىن چوڭ بولىدۇ ، قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولغانلىقىدىن خالىغان ۋاقىتتامالنى قولدىن چىقىرۋېتەلمەيدۇ .
ياۋرو رايونى پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن
مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن بازىرىغا قايتىپ كەلدى
1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا ، ئالتۇن باھاسى 1260 دوللار ئەتراپىدا بولغان ، ئاخشام قىممەتلىك مېتاللار باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن ، خەلقئارا ئالتۇن باھسى 2% دىن كۆپرەك چۈشۈپكەتكەن ، كۈمۈش باھاسى 6%كەيېقىن چۈشۈپ كەتكەن .
2015 - يىلى كىرگەندىن كېيىن ، ئالتۇن باھاسى پۈتكۈل دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىۋەتتى ، گەرچە تۈنۈگۈن 13 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تاق كۈنلۈك چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، بىراق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆمۇمىي يۆلىنىشى يەنىلا ئۆرلەش بولىشى مۇمكىن .
ياۋرو رايونى ۋە ئاسىيا دۆلىتى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇپ كەڭ پۇل سىياسىتىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن ، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن بازىرىغا قايتىپ كەلدى .
ئاخشام پۇل مۇئامىلە بازىرىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر
1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋرو يۇقىرى ئۆرلەپ ، شۋېتسارىيە فرانكى تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ يۆنىلىشى بىردەك بولمىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا رايونى پۇل پاخاللىقى ۋە ئامېرىكا GDP سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدى .
تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قارارىدىن كېيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 2015 - يىلدىكى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى ، ھەم دوللارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ 95 نۇقتىغا يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ، نەق ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 27.60 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1256.80 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 31.30 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1255.90 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
ئاخشام خەلقئارا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن قايتا ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 44.53 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
1 -ئاينىڭ29 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1318 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5065 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7762 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 118.26 يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2616 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9237 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1256.80 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1255.90 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.93 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.773 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 49.13 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 44.53 دوللار بولغان .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
|
|
|
|
|
|