يېقىندا يازغان غەزەللىرىمنى ھۇزۇرىڭلارغا يەنە بىرقېتىم سۇندۇم.تەكلىپ-پىكىر بەرگەيسىلەر!
(1)
نىگارنىڭ ۋەسلىدە سۇندۇم،نىگارىم زەپ زامان بولدى،
مۇھەببەت ۋەسلى مەنزىلدە ئۈتۈپ بولماس داۋان بولدى.
كىتەرمەن ئەمدى يىراققا،سىنى تەڭرىمگە تاپشۇردۇم،
جاھان يىغلىدى بەختىمگە پەلەك-تەقدىر يامان بولدى.
سېغىنىپ تۈندە تولغاشتىم، پىراقتا تەنلىرىم نىمجان،
پىغانىم يەتتى ئەۋجىگە، چىرايىم خەس، خازان بولدى.
سىردىشىپ چىقسا تۈنلەردە،يېقىپ باغرىمغا سۈرىتىڭ،
قامىتىڭ سەرۋى بۇيۇڭدۇر،چۈشۈمدەھەم ئايان بولدى.
خىيالىم قۇشلىرى تۇشۇپ، ئېلىپ كىلەر سالامىڭنى،
يىراققا كۆزلىرىم تىكتىم، شىرىن سۆيگۈم قىيان بولدى.
سىنى كۈرۈشكە تەشنامەن،جامالغا قانمىدىم بىر رەت،
بىتاقەت ئىلكىدە جانان! يۈرەگىم پارە،قان بولدى
(2)
كىتەرگە ئىختىيارقىلدىڭ، دىدىڭ پىراق لازىم ئەمەس،
دىدىڭ قەلبىڭنى ئاشكارلاپ،گاداي ئاتاق لازىم ئەمەس.
كىلوركەن شاتلىقىڭ پۇلدىن،دىلىڭدىن سۆيگىنىڭ دۆلەت،
سىنىڭدىن ئۆزگە يارىم يوق، بۆلەك سىياق لازىم ئەمەس.
خازان ئەيلىمە ئەھدىمنى چىدامسەن مەنكى ئاھ ئۇرسام،
جامالىم تۈزگىلى بولماس ئاڭا بۇياق لازىم ئەمەس.
سىنى قانداقمۇ ئۇنتۇيمەن،مىنىڭكى تۇنجى يارىمسەن،
يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم قىلىچ-پىچاق لازىم ئەمەس.
ئۇنۇت چىھرىمنى دىمەگىن،كىچەرمەن ئۇشبۇ يۇرتۇمدىن،
سىنى تېپىشقا لەۋزىمدۇر،يېقىن-يىراق لازىم ئەمەس.
(3)
شەيتانغا ئەگەشمىگىن سەت بۇلىدۇ ئاجراشما،
ئەل ئىچىدە تۈگىمەس، گەپ بولىدۇ ئاجراشما.
بىركۈنىدە كۆيۈشكەن،توي-تاماشا قىلىشقان،
ئۆچمەس قارا داغ كەبى بەت بولىدۇ ئاجراشما.
ئويلا شادىيان ئەيلەپ،ئۆتكەن ئاشۇ كۈنۈڭنى،
قەدەمدە كۆڭۈل غەشلىك سەپ بولىدۇ ئاجراشما.
ئازدۇرغىنى ئۆزگە يار،يەتمەس كىشى ھالىغا
قىلغان ۋەدە-قەسەملەر لەت بولىدۇ ئاجراشما.
ئويلا ئاشۇ بالاڭنى،شۇنچە سەبىي بىغۇبار،
ئاتا-ئانا يوق ئۆيلەر،چەت بولىدۇ ئاجراشما.
ئۈگەي ئېتى ياماندۇر،سەندەك زادى كۆيمەيدۇ
ئاشۇ بالا تەلىۋى رەت بولىدۇ ئاجراشما.
كۆزياشلىرى قۇرىماس،بەتلىرىدە ھاياتنىڭ،
ھىجرانلىرى،سېغىنىش خەت بولىدۇ ئاجراشما.
(4)
كىچەرمەن جانۇ-جىسمىمدىن ،نىگار سەندىن كىچەلمەسمەن،
قامىتى گۈلگە ئوخشايدۇ،سۆزى قەندىن كىچەلمەسمەن.
جاھان ئارا كۈرۈپ ئۆتتۈم، جىلۋەسى ناز گۈزەللەرنى،
نىگارنىڭ سۆيگۈسى ئەھدىم،لىۋى بالدىن كىچەلمەسمەن.
نازاكەت بابىدا سۇلتان، مىنى شەيدا قىلۇر ھەرئان،
گوياكى ساچلەرى قۇندۇز،قەلەم قاشتىن كىچەلمەسمەن.
سىنىڭدىن ياشنىغاي قەلبىم،سىنىڭدىن ئۆزگە سىرداش يوق،
پاناھىم سەنكى دىلبەرىم،ئوتۇڭ يامان كىچەلمەسمەن.
ئۇۋالىم تۇتمىسۇن جانىم،يىراققا كەتمىگىن تاشلاپ،
كىتەرگە ئىختىيار قىلساڭ،پىغانىمدىن كىچەلمەسمەن
(5)
ئىشقى-پىراق ئوتىدا،ۋۇجۇدى ئوت كۆيگەنى بار،
يەتمىگەن يارۋەسلىگە، ئەزىز جانى بەرگەنى بار.
شاھىدىدۇر سۆيگۈنىڭ لەيلىگە ئاشىق مەجنۇنى،
ئۆرتىنىشتىن يۈرەكى،مەجنۇن سىياق يۈرگەنى بار.
ھېچ تۇسالماس يۇلىنى قۇرامى-تاشلار مىسلى تاغ،
گويا پەرھات كەبى تاغ،دەشتۇ-چۆلى كەزگەنى بار.
كۆزلىرىدە ئۇيقۇ يوق چەككىنى دەرت قايغۇ-ئەلەم،
سۆيگۈنىڭ ھىجرانلىرى يۈرەكنى ھەم ئەزگەنى بار.
ئۆزى پنھان يىگانە ئىشق بالاسىدا سەرسانە،
يارغائاتاپ دەستە گۈل،غۇنچە-چېچەك تەرگەنى بار.
نە ئۈچۈن دەپ سورىما ،يۈرەك زىدە ياراسىنى،
ئوۋلىماققا چىن يۈرەك، نىگارئۆزى مەرگەنى بار.
(6)
ئامانمۇ دىلبەرىم جانان سىنى ئىزلەپ يۈرۈپ كەلدىم،
دىلىڭدىن ئىختىيارئەيلە،پۇراقلىق گۈل تۈزۈپ كەلدىم.
سىنىڭدىن ئايرىغان تەقدىر،يۈرەكنى ئۆرتىدى ھەسرەت،
ۋىسالنى ئىزلىدىم ھەريان شىرىن چۈشۈم كۆرۈپ كەلدىم.
يىراقتا يۈرگىنىم سەندىن، مىنىڭ زارۇ زامانىمدۇر،
دېڭىزى داغۇ –ھەسرەتنىڭ،تالاي يىللار ئۈزۈپ كەلدىم.
نىگارىم سۇنغىنەبىرجام،دىلىمنى ئەيلىگىن مۇشتاق،
شىكەستە دىلغا بەرلەززەت، قىيام-شەربەت سۈزۈپ كەلدىم.
سۆيۈنسۈن سۆيگۈدىن قەلبىم، ماڭا بىر رەت كۈلۈپ باققىن،
سىنى غەمخانە ئەتمەككە،مانا يەڭنى تۈرۈپ كەلدىم.
(7)
جانۇ-تىنىمنى كۆيدۈرگەن خىيالىم كەت خەيرى-خوش،
بۇلاق تاشقىنغاجۈر بولغان پىغانىم كەت خەيرى-خوش.
ساڭا باقمايدۇ بۇقەلبىم،بولۇپ سەرسانە يۈرمەگىن،
سېغىنىپ تەلمۈرۈپ يۈرمە، نىگارىم كەت خەيرى-خوش.
كىشى رايىغا باقمايدۇ، جاھان تاسقايدۇ سىنايدۇ،
ئەلەم-زەرداپنى يۇتماقتا،پىلانىم كەت خەيرى –خوش.
ئۆزگىلەرقەلبىگە نەشتەر كىشى دىلىنى رەنجىتكەن،
تەكەببۇر ئىزناسى جەۋلان، سىياقىم كەت خەيرى-خوش.
بىھوشلۇق دەردىدە مەسخۇش،گۈزەللەركەينىدىن يۈرگەن،
دىلىمنى ئەيلىگەن ۋەيران،چىراغىم كەت خەيرى-خوش.
داۋالغۇش ئىلكىدە ھەرئان،تۈگەپ قالمىدى بەڭباشلىق،
قايمۇقۇپ بۇندا ئىرىشكەن زىيانىم كەت خەيرى-خوش.
كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 08:05 PM