ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئالى بابا گۇرۇھى بىلەن سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسى ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل توردا يامراپ كەتتى،شۇ سەۋەپتىن ئالى بابانىڭ پايچېكى چۈشۈپ ،مايۈەن ئەپەندى« جۇڭگودىكى بىرىنچى باي»لىق ئورنىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدى.
ئالى بابا گۇرۇھى سوداسانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلىنى سوتقا ئەرز قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
زادى نىمە سەۋەپتىن ئالى بابا بىلەن سوداسانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسى بۇنداق قاتتىق دىيىشىپ كەتتى!؟بۇنى نىمەكەلتۈرۈپ چىقاردى؟
بۇنى بىر ھەپتە بۇرۇن سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسى ئېلان قىلغان توردىن سېتىۋالغان ماللارنى ئۆرنەك ئېلىپ تەكشۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان .مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتلىشىچە ئالىبابانىڭ تور سودا سۇپىسى(ئالى بابا،تاۋباۋ،تيەنماۋلانى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ساختا مال بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %65 ئەتراپىدا بولغان بولۇپ،«ساختا مال»نىڭ جەننىتى بولغان. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن كېپىنەك ئېففىكتى پەيدا قىلىپ ئالى باباگۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى،پاي چېكىنىڭ چۈشىشى،تىجارەت كىرىمىنىڭ كېمىيىشى،ئىستىمالچىلارنىڭ ئالى باباغا بولغان ئىشەنچىسنىڭ تۆۋەنلىشىنى قاتارلىقب ىر قاتار ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خوش ئەمىسە نىمىشقا ئالى بابا «ساختا مال»پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ؟
ئەجىبا ئالى بابا«ساختا مال»غا نىسبەتەن بىر كۆزىنى يۇمىۋېلىش سياسىتىنى يولغا قويغانمۇ؟
ئالى بابا دىن باشقاتور سودا سۇپىلىرىدا «ساختا مال» يوقمۇ؟
ئالى بابا بۇنى قانداق ھەل قىلسا بولىدۇ؟
قېنى ھەممەيلەن مۇشۇتوغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ باقساق،مەن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قوياي.
تاۋارىم تورى يازمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 08:32 PM