مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 807|ئىنكاس: 3

FED قارارىنىڭ مۈجىمەللىكى ئامرىكا دوللىرىنى قايتىدىن جانلاندۇردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112061
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2014-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 03:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن سەھەردە ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتى ئەڭ يىڭى ئۆسۈم پىرسەنتى قارارىنى ئىلان قىلدى. كىشىنى ئۈمۈدسىزلەندۈردىغىنى شۇكى ئۇلار يەنىلا كونا مۇقام قائىدىسى بويىچە بۇرۇنقى سەپسەتىلەرنى سۆزلەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مەسىلىسىگە قارىتا داۋاملىق سەۋىرچان بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆسۈم قوشۇشنىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدى.  بۇ ئامرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ بىراقلا 94.50 نوقتا ئۆرلىشىگە ۋە ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ 1285 ئامرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرىنىشىگە تۈرۈتكە بولدى. ئارقىدىنلا يىڭى زىللاندىيە فىدراتسىيەسى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى ئۆسۈم پىرسەنت قارارىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى قارار قىلدى. ئۆسۈم قوشۇشتا پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇش ھەمدە پۇل پاخاللىقىنىڭ كاساتلىشىشىنى تەكىتلەش نيو- يورىك پۇلىنى زور كۆلەمدە 80 نوقتا چۈشۈرىۋىتىش مەسىلىسىگە بىسىم ئىلىپ كەلدى.

ئامرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى
ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى بۇ يىلغا تەۋە ئىچىلغان ئىككى كۈنلۈك تۇنجى پۇل سىياسىتى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە فىدراتسىيە ئۆسۈم پىرسەنتىنى 0- %0.25 غىچە بولغان ئەڭ تۆۋەن دائىرە ئىچىدە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل سىياسىتىنى ئوموملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سەۋىرچان بولىدىغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى. چۈنكى تىخى ئۆسۈمنى قوشۇشنى كىچىكتۈردىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغانلىقى سەۋەپلىك بۇ قىتىملىق بايانات يىغىنى خۇشاللىنارلىق كەيپىياتى ئىچىدە داۋاملاشتى. بۈگۈنكى بازاردا قىسقا ئارلىقتا 94.60 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ. بىسىم نوقتىسى 95.30، تىرەك نوقتىسى 94.40.
ياۋرونىڭ ئامرىكا دوللىرىغا نەقلەشتۈرلىشى
گىرمانىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مەنسەپدارى Andreas Dombret تۈنۈگۈن بىرلىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ (ECB) دۆلەت زايۇمىنى سىتىۋىلىش قارارى مال مۈلۈك باھاسىنىڭ لەيلەپ قىلىش خەتىرىنى چوڭايتىۋەتتى. بۇ ئىلگىرى گىرمانىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى Jes Weidman نىڭ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ زايوم سىتىۋىلىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا قارىتا گۇمانلانغىنى بىلەن بىردەك بولدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى گىرمانىيە زايوم سىتىۋىلىش پىلانىغا قارىتا ئىزچىل مەسخىرە پوزىتسىيەسىدە بولغان. ياۋروپانىڭ كەڭ پۇل سىياسىتى ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ئۈنۈمىگە قارىتا يەنىلا ۋاقىتنىڭ ئىسپاتلىشىغا مۇھتاج، بىراق يىقىنقى مەزگىللەردىكى ياۋرو رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ خىيىم خەتىرى بولسا دەل گىرىتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىشى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋرو رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە باشلىقلىرى جىددى يىغىن ئىچىپ، ئاخىرى داۋاملىق تۈردە گىرىتسىيە يىڭى ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ گىرىتسىيەنى داۋاملىق تۈردە ياۋرو رايونىدا ئىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى. بۈگۈن دىققەت قىلىدىغىنىمىز گىرمانىيە ئىلان قىلغان بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار، يەنى بازار چۈشۈپ 1.1280 دىكى مۇھىم تىرەك نوقتىسىنى بۇزىۋىتىپ قالسا ئاندىن چۈشۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ. بىسىم نوقتىسى 1.1370 ، تىرەك نوقتىسى 1.1140
ئامرىكا دوللىرىنىڭ ياپونىيە يىنىغا نەقلەشتۈرلىشى
يىقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ياپونىيە يىنى بارغانسىرى كۈچلىنىپ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىشىشىدا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى. يىقىنقى 10 كۈندە ئامرىكا دوللىرىنىڭ ياپۇنىيە يىنىغا بولغان نەقلەشتۈرلىشى ئىزچىل تۈردە گورزىنتال يۆنىلىشلىك تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، تەۋرىنىش ئامپىلتۇتىسىنىڭ توختىماي كىچىكلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ دەل بازاردا پات ئارىدا بۆسۈپ ئۆتۈش ئەھۋالىنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. بۈگۈن قىسقا ئارلىقتا 118.20 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، 117.30 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ. بىسىم نوقتىسى 118.60، تىرەك نوقتىسى 117.20
تاشقى پىرۋوت سودا تەھلىلى
1.فۇنىستىرلىڭنىڭ ئامرىكا دوللىرىغا نەقلەشتۈرلىشى
1.5170 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ، بىسىم نوقتىسى 1.5260، تىرەك نوقتىسى 1.5030
2.ئاۋىستىرالىيە پۇلىنىڭ ئامرىكا دوللىرىغا نەقلەشتۈرلىشى
0.7900 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ، بىسىم نوقتىسى 0.8000، تىرەك نوقتىسى 0.7860
3.كانادا پۇلىنىڭ ئامرىكا دوللىرىغا نەقلەشتۈرلىشى
1.2500 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ، بىسىم نوقتىسى 1.2600، تىرەك نوقتىسى 1.2380
4.ئامرىكا دوللىرىنىڭ شىۋىتسارىيە پۇلىغا نەقلەشتۈرلىشى
0.9070 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە سودا قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ، بىسىم نوقتىسى 0.9160، تىرەك نوقتىسى


مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى   http://xjabs.com/show/?id=2366


توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغاقىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن   ئالاقىلىشىڭ .


( تەرجىمىدەدىلنۇر )



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112495
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2015-1-8
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت، ھارمىغايسىز.

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13242
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:43:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇشۇ پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە باي غوجاملار ئادەمنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ قىممىتى بىلەن ئويناشمىسا نىمە بولا ، خوش بوپ كەتسەم ...

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 02:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقىۋاتقىنىم جوڭگو پۇلىنىڭ يەنە بىر بالداق پاخاللىشىشى .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش