مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1746|ئىنكاس: 13

NASA: ناسا بىر يېڭى سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 01:59:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناسا بىر يېڭى سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى


ناسا ئەتە، يەنى 2015-يىلى 30-يانۋار كۈنى، كالىفورنىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بىر سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ.  بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىدا جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.  ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋاقتى كالىفورنىيەنىڭ ۋاقتىدىن 14 سائەت بۇرۇن.

بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ناسا مەركىزى ج پ ل (يەنى بىزنىڭ ئىدارە  JPL) ياسىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لوس ئانژېلىس شەھىرى بىلەن سان فرانشىسكو شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋاندېنبېرگ (Vandenberg) ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىن «دېلتا 4» ناملىق راكېتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدۇ.  ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارىنى 682 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوربىتتا ھەر 98.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ.

k01_smap.jpg

1-رەسىم: «سماپ» ناملىق سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كۆرۈنىشى (كومپيۇتېردا سىزىپ چىقىرىلغان رەسىم).  بۇ سۇنئىي-ھەمرانىڭ ئانتېنناسىنى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ج پ ل ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىنغا توختىغان بولۇپ، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشتا سۇنئىي-ھەمرانىڭ بىر ئۇزۇنلۇقى 122 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىلەن قېلىنلىقى 31 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ئېلىپ چىققان.  


بۇ سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Soil Moisture Active Passive satellite» بولۇپ قىسقارتىلىپ «سماپ» (SMAP) دەپ ئاتىلىدۇ.  سماپنىڭ ۋەزىپىسى يەر شارى يۈزىدىكى تۇپراقنىڭ نەملىك مىقتارىنى ھازىرغىچە مۇمكىن بولمىغان توغرۇلۇق دەرىجىسىدە ئۆلچەشتىن ئىبارەت.  مۇشۇ ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، كەلكۈنلەرنى كۆزۈتۈپ تۇرۇش، ھاۋا-كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش، دۆلەت سىياسىتى چىقىرىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ھەققىدە توغرا قارار ئېلىشىغا ياردەملىشىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ سۈنئىي-ھەمرا يەر شارىنى ھەر 98.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھەر 2-3 كۈندە يەر شارى يۈزىنى بىر قېتىم تولۇق ئۆلچەپ بولالايدۇ.  سماپنىڭ ئىشلەش مۇددىتى 3 يىل ئىكەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇش (mission) ئۈچۈن ناسا جەمئى 916 مىليون دوللار سەرپ قىلىدىكەن.  

ناسا بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ئەسلىدە بۈگۈن (يەنى 2015-يىلى 29-يانۋار كۈنى) قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بۈگۈن كالىفورنىيەنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئىنتايىن قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ناسا بۇ ئىشنى ئەتە ئەتىگەنگە كېچىكتۈردى.  نۇرغۇنلىغان ئالەم بوشلۇقى چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، ناسا بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان راكېتانى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىنكى 3 مىنۇت ئىچىدە ماڭدۇرۇپ بولمىسا بولمايدىكەن.  مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بايان قىلىنماپتۇ.

k01_smap1a.jpg

2-رەسىم: بۇ رەسىمدىن بىز بىر ئادەمنىڭ بويى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەزكۇر سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئىگىزلىكى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] Earth Orbiting Observatory Launch Rescheduled for Friday
http://www.nbclosangeles.com/news/local/NASA-JPL-Satellite-SMAP-Rocket-Launch-Soil-Moisture-Drought-Water-289621491.html

[2] NASA Calls Off Satellite Launch Minutes Before Liftoff Due to Winds
http://www.space.com/28405-nasa-delays-earth-satellite-launch.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 02:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 03:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۈنىي ھەمرا  ياخشىكەن ...

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ھەممېمېزگە ئۇلۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24193
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7334
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 05:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق بولغاندا كۆپىگەن ئىشلاردىن بالدۇر خەۋەر تاپىمىز دىگەن گەپ

تەنھائاشېق

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15233
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3605 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 07:37:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئ‍ىشلىرىڭلارنى ئ‍وتۇقلوق قىلسۇن بىلىمخۇمار ئ‍اكا!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15233
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3605 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 07:39:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئ‍ىشلىرىڭلارنى ئ‍وتۇقلۇق قىلسۇن بىلىمخۇمار ئ‍اكا!·······

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66667
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15762
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 2641 سائەت
تىزىم: 2010-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 08:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
98 مېنۇتتا يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقالىسا، ۋاي نىمانچە تېز؟
سۈنئىي ھەمرا تۇشىغۇچى راكىتا ياكى ئالىم كېمىسىدىنمۇ تېزمۇ نىمە؟ قانداق تېخنىكا ئىشلەتكەندۇ؟ يەنە كېلىپ يىر شارىدىن 682 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە تۇرۇپ ئايلىنىپ بولسا، ئايلىنىش ئوربىتاسى تېخىمۇ كەڭ دېگەن گەپ، ئەگەر يەر شارىدىن 20 كېلومېتىر ئىگىزلىكتە تۇرۇپ ئايلانسا يېرىم سائەتتىلا ئايلىنىپ بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 495 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 08:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر خىل قاتناش قۇرالى بار  بولسا ،  يەريۇزدىن كۆتۈرلىپ يەر شارنىڭ  تارتىش كۈچى ئاجىزلىغۇدەك ئېگىزلىككە چىقىپ  ۋاقىت بەلگىلەپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىن  يەنە تىك  قايتىپ چۈشسە ، بۇچاغدا بارماقچى بولغان  مەنزىلگە ئەڭ تىز سۈر ئەتتە بېرىپ بولغۇلى  بولامۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84083
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4453
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 08:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىل گۈزەل يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 08:12 PM
98 مېنۇتتا يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقالىسا، ۋاي  ...

20 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىمۇ ۋاقتى جىق پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن سەل ئازراق كېتىدۇ راس

بىر «لۈكچەك» نىڭ مۇھەببىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112495
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2015-1-8
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېنچلىقمۇ ئەركىن ئاكا، ئالدىنقى قېتىملىق يازمىڭىزدىن سورىغان سۇئالىمغا جاۋاب قايتۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. بىزدەك قېرىنداشلىرىڭىزنى جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تېمىلارنى يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا ۋە سورالغان سۇئاللارغا ئېرىنمەي جاۋاب قايتۇرىۋاتقىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز، تېنىڭىزنى بىز ئۈچۈن بولسىمۇ داۋاملىق ئاسراڭ!
مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان سۇئالدىن يەنە تۆتنى سورىۋالسام:
1.  سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ ئىشلەش مۇددىتى ئادەتتە قانچە ئۇزاق بولىدۇ؟مۇددىتى توشقاندا ئالەم ئەخلىتى بولۇپ، بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرەمدۇ؟
2. ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ ئايلىنىش ئوربىتاسىنى قايسى ئورۇن بەلگىلەپ بېرىدۇ؟(بەلگىلەپ بېرىلمىسە، سۇنئىي ھەمراھلار ئۆز ئارا ئۇرۇلۇپ كېتەمدۇ؟)
3. ئالەمدىن كەلگەن جىسىم يەر شارى ئاتمۇسفىراسىغا كىرگەندە، ئېقىش سۈرئىتى قانچىلىك بولغاندا ئاندىن ئوت ئالىدۇ؟(بىر يېرىم مىنۇت ئۆپچۆرىسىدە يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ بولسا، ‹‹سىماپ››نىڭمۇ كۆيۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولامدۇ؟ )
4. يېقىندا، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدىغان توشۇغۇچى راكېتاسىنى سىناق قىلىش مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلەرمۇ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 09:32:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا 2015-يىلى 30-يانۋار (جۈمە) كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىم بولدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇرۇمچى ۋاقتى 31-چىسلا (شەنبە) ئەتىگەن سائەت 7 يېرىم بولدى.

بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارە مۇنداق ئۇختۇرۇش قىلدى:  «سماپ» ناملىق سۇنئىي-ھەمرانى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان راكېتىنىڭ بىر كىچىك چاتىقى چىقىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىشى كالىفورنىيە ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەنگە كېچىكتۇرۇلدى.  

شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەر ھازىرچە تېلېۋىزورلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن بولۇپ، مۇشۇ ئۇچۇر ئارقىلىق ئاشۇ ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

http://www.nbclosangeles.com/new ... ater-289621491.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش