ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1279.7 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1272.23 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1294.46 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.79 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1286 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئاخشام ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى داۋاملىق تاقەت قىلىپ كۆزىتىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسەتتى . ھەمدە سىرتقى ئىقتىساد مۇھىتىنىڭ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى ، بىراق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، مۆلچەرلىشىچە بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆلىنىشىگە قىسقا ۋاقىتلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ،گېرمانىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ياخشى بولسا دوللارغا پايدىلىق ، ناچار چىقسا دوللارغا دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1278-1286 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى . تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى مەنفى سىزىقتا بازار يىپىلدى ۋە ئامىرىكنىڭ قارارى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە بولغان كۈچنى ئاجىزلاشتۇردى .
2. ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا 1272 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1280-1285 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە 1272 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1260-1264 دوللار ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .ئالتۇن باھاسى 1260 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتسە 1230 دوللارغىچە بولغان چۈشۈش بوشلۇقى ئىچىلىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1285 1288
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1262 1672
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى1285-1265
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1272
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1288
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 252.05 يۈەن ؛
نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.47 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
نەق ئالتۇن كۈمۈش سودىسىنىڭ پاي چەك بىلەن بولغان پەرقى
1. پاي چەك سودىسىدا پەقەتئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سوداقىلغىلى بولىدۇ ، چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مالئالغىلى بولىدۇ .
2. پاي چەك بازىرىدا بىركۈندەپەقەت 4 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ، ئالتۇن سودىسى كۈنىگە 24 سائەت سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ . 3. پاي چەك رايون خاراكتېرلىكبازار ، ئالتۇن بولسا خەلقئارالىق بازار .
4.نەق ئالتۇن كاپالەت سوممىسى1:100 بولغان نىسبىتى بويىچە ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ سودا قىلغىلى بولىدۇ ، پايچەكتە 100% مەبلەغ بىلەن سودا ئېلىپ بارىدۇ .( 2500 يۈەن.ئەتراپىدا 1 كىلو ئالتۇن سودىسىنى قىلغىلى بولىدۇ)
5.پاي چەك مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترولقىلىنىدۇ ، نەق ئالتۇن خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ .
ھەر قايسى مەركىزىي بانكىلار داۋاملىق ئالتۇن سېتىۋالىدۇ
مايگىل گۇرۇھى (Macquarie Group) 1- ئاينىڭ 28- كۈنى ، ئۆتكەن نەچچە يىلدا ھەر قايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىسى ئالتۇن سېتىۋالغان، ھەم بازار ئومۇميۈزلۈك مۆلچەردە بۇ ھالىتى داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئالتۇن بازىرىدىكى چوڭ تىرەشلىك ئامىل ؛ لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى 2014- يىلدا، ھېچقانداق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مەركىزىي بانكىسى ئالتۇن سېتىۋالمىغان.
دۇنيا مەركىزىي بانكىسى يىل ئىچىدە ئۈزۈلدۈرمەي باش كۆتۈرۈش ھالىتىدا ، ئامېرىكا فېدراتسىيسى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى قايتا ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيسىدە بولدى.
ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ 1- ئايلىق ئۆسۈ قارارىدا تېخىمۇ كۆپ سىياسى سىگنال قۇيۇپ بېرىشكە تەقەززا بولغان، ئەمما ئامېرىكا فېدراتسىيسى 2012- يىل 11- ئايدىن بۈگۈنگىچە قىسىقىغىنا ئۆسۈم قارار باياناتى ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن " سەۋرچان " بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
ئامېرىكا فېدراتسىيسى ئۆسۈم قارارى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالتۇن تەۋرىنىش رايونىدىن چىقىپ كېتەلمىدى ، نۆۋەتتە ئالتۇن يەنىلا 1280 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قارارىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى
1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، FOMC ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ قارارى تەسىرىدە دوللار تېخىمۇ كۈچەيدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋرو ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، FOMC ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قارارىدىن كېيىن ، نەق ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 7.10 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1285.00 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 5.80 دوللار تۆۋەنلەپ 1285.90 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
ھەر قايسى چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى كەينى - كەينىدىن نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى ، ھەم ئاخشام ئىلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى خام نېفىت زاپىسىنىڭ زور كۆلەمدە كۆپەيگەنلىكى سەۋەبىدىن NYMEX قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 1.78 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 44.45 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قارارىدىن كېيىن دوللار دوللار چوڭ دائىرىدە ئۆرلىدى
FX168 خەۋىرى ، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 3:00 دە ، ئىككى چوڭ مەركىزى بانكا پۇل سىياسەت قارارىنى ئىلان قىلغان بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا يېڭى زېلاندىيە فېدېراتسىيىسى ھەركەت قىلماي جىمجىت تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن پۇل سىياسەت قارارىنىڭ تەسىرىدە ، نيۇيورك دوللىرى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ؛ لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدىن كېيىن ، دوللار چوڭ دائىرىدە ئۆرلىدى ؛ 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، نيۇيورك دوللىرى / دوللار 0.7320 نۇقتىغىچە تۆۋەنلەپ 4 يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى ؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن ، دوللار قايتىدىن ئۆرلىدى ؛ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 94.70 ئەتىراپىدا بولۇپ ، ئالدىنقى ھەپتىدىكى 11 يىللىق يۇقىرى نۇقتا 95.18 دىن تۆۋەنلەپ كەتتى ؛ ئامېرىكا دۆلەت قەرزى مەنپەئەتلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى .
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى
1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.806 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.5036 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.64 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.02% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.6221بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 94.75 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.5213 ، سېتىلىش باھاسى 94.5313 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 94.6242 بولدى .
1 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى : 1دوللار 6.1335 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 6.9426 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2329 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79118 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.3185 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.8599 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.5253 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.5520 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 4.9007 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.58691 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 10.9005 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3837 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6064 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
|