بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۆلچەمدىن %2 ئەترپىدا چۈشتى. خەلق پۇلى پېرۋوت نىسبتى بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلانغان بولۇپ ، بۇ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتدۇ. جوڭگۇدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئادەتتە خەلق پۇلىنىڭ ئۆسۈپ چۈشۈشىگە قارىتا ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك قىلسىمۇ بىراق مەيلى مەبلەغ سېلىشتا بولسۇن ۋە ياكى چەت ئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىشتا بولسۇن خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىشىشى دۆلەت ئىچىدىكى ئاھاللىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە بىز ئوخشاش بولمىغان كەسپتىكى كىشلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتا نەزەرىيەسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىشىىدىن كېيىن كېلىپ چىققان ئېرشىش ۋە يوقتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. پۇقرالار
ئاددىي پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلق پۇلى پاخاللاشقاندىن كېيىن، ياخشىراق بولغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بارمۇ،-يوق؟ بۇ مەسىلگە قارىتا جۇڭگو بانكىسىنىڭ تاشقى پېرۋوت خادىمى مۇنداق دىدى: ئەگەر سىرىتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا توغرا كەلسە ياۋرونى ئىشلىتىش بىر قەدەر مۇۋاپىق،چۈنكى ھازىر ياۋرونى تېگشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. ئەگەر مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلسە ياۋرو ماس كەلمەيدۇ.يەنىلا ئامېرىكا دوللىرى ئىشلەتكەن ياخشى،چۈنكى دوللارنىڭ مەبلەغ قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
2. پايچىكلار
خەلق پۇلىنىڭ قىسقا مەزگىللىك پاخاللىششى كاپىتال بازىرىغا چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىششى ئالتۇن بازىرى ۋە پايچەك بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ شىۋىتسارىيە بانكىسىدىكىلەر مۇنداق دىدى.ئەگەر پات ئارىدا خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىششى كۆرۈلسە ئۇ چاغدا پايچەك بازىرى بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا كاپىتالنىڭ ۋاقىتلىق ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ،-دە پايچەك بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ.
3.چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلار
خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىششى چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.ئامرىكا MBA كەسپى سودا پەن تۈرى ئىچىدىكى گۆھەر زىمىن ھېساپلىندۇ.بۇ كەسپنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ئوقۇش پۇلى 10000~30000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە، بۇنىڭغا تۇرمۇش خىراجەت پۇلىنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن ئوقۇش راسخوتى 50000 دىن 3000000 ئامېرىكا دوللىرغىچە بولىدۇ.ئالدىنقى ھەپتىدىكى تاشقى پېرۋوت باھاسى بويىچە ھېساپلىغاندا 300000 ئامېرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 1840000 غا توغرا كېلىدۇ.بىراق تۈنۇگۈنكى باھا بويىچە ھېساپلىغاندا 1880000 يۈەن بولىدۇ.دىمەك 40000 يۈەن پۇلنى ئارتۇق خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://xjabs.com/show/?id=2349
(تەرجىمىدە دىلنۇر )