مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 2

سېتىش ئىلمى1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 12:55:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ساتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا،تۆۋەندە مەن ئۆزۈم بىر نەچچە يىللىق سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي.
1. چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ،ئۇنىڭ دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ،ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىش كېرەك.
باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىلەر:
1.ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىدا مېڭىپ چىقىڭ
2.قارشى تەرەپنىڭ دۇنياسىغا كىرىپ ،ئۇنىڭ نېمىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بايقاڭ!
3.قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىن باشلاپ چىقىشقا تىرىشىڭ(ئۇنىڭ ئېھتىياجىىنى بايقىغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ ئېھتىياجىىنى قاندۇرۇش باھانىسى ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىن ئاسانلا باشلاپ چىققىلى بولىدۇ)
4.ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىغا باشلاپ كىرىڭ(سىزگە ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەندىن باشلاپ سىزنىڭ دىگىنىڭىز ھېساب بولىدۇ-دە)
خېرىدار سىزنى ئۆزى تاپسۇن!
مەسىلەن كەچ سائەت ئوندىن ئاشقاندا سىزنى بىر قاتىل كەينىڭىزدىن قوغلاۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى
ئەگەر سىز "قۇتقۇزۇڭلار!" دەپ توۋلىسىڭىز ئىشىنىڭكى مۇقەررەر ئۆلۈپ كىتىسىز،ھېچكىم سىزنى قۇتقازغىلى چىقمايدۇ.چۈنكى باشقىلارمۇ سىزگە ئوخشاش يامان ئادەملەردىن قورقىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىمىدى.ئەمدى سىز ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ"ئوت كەتتى!" دەپ توۋلاپ كۆرۈپ بېقىڭ نۇرغۇن ئادەملەر چىراقنى ياندۇرۇىدۇ،بەزىلەر تېخى ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا پەسكە يۈگۈرۈپ چۈشۈشى مۇمكىن.چۈنكى مۇشۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.
مۇنداق بىر ھەقىقەتكە ئىشىنىڭ:ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپى يۈز پىرسەنت توغرا ،پەقەت ئۇلار ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلەيدۇ.

2.مەڭگۈ ۋەدە ساتماسلىق كېرەك،پەقەت نەتىجىلا سېتىش كېرەك.
سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ئىستىمالچىلار ئېھتىياجلىق بولغان نەتىجىگە قانچە يېقىنلاشسا،ئىستىمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ!چۈنكى خېرىدارنىڭ ئالىدىغىنى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز بولماستىن بەلكى نەتىجىسىدۇر.
شۇڭا مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى،ئىقتىدارى،ئەۋزەللكى دىگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ پايدىسى يوق!!!پەقەت ئۈنۈمنىلا سۆزلەش كېرەك!!!خېرىدار ئېھتىياجلىق بولغان ئۈنۈمنى كۈچەيتىپ سۆزلەش كېرەك!
مەسىلەن،ئاياللار گىرىم بۇيۇمى سېتىۋېلىشتىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ"گۈزەللىك" ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن،دوستلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشىنى قوزغاش ئۈچۈن!يولدىشىنى يېنىدا قالدۇرۇپ قېلىپ،ئۈچىنچى شەخسنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن(ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئېرىنىڭ ھامان سىرتتا ئۆزىدىن چىرايلىق ياش بولغان يەنە بىر ئايال ھەمراھى بار،بۇ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلانغان،بۇنى مەڭگۈ ھەل قىلغىلى بولماسمىش)
شۇنىڭ ئۈچۈن گىرىم بۇيۇمى ساتىدىغانلار مۇشۇ ئۈچ نوقتىنى تۇتقا قىلىپ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا مۇشۇ ئۈچ خىل ئۈنۈمنى بېرەلەيدىغىنى بىلدۈرەلىسىڭىزلا  قالغان ئىشلاردا مەسىلە يوق.
شۇڭا 90 پىرسەنت زېھنىڭىز بىلەن ۋاقتىڭىزنى ئۈنۈمگە(خېرىدار ئېھتىياجلىق بولغان ئۈنۈم) 10 پىرسەنت ۋاقتىڭىزنى مەھسۇلاتقا قارىتىڭ!
بىز چەتئەلنىڭ بىر قىسىم داڭلىق ئېلان سۆزلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!
1.        ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ ئېلانى:ئۇخلاۋاتقاندىمۇ ئورۇقلايسىز!
2.        ئون كۈندە بىر ئېغىز راۋان چەتئەل تىلى سۆزلىيەلەيدىغان بولىسىز!
3.        بىۋاستە ئىچكىلى بولىدىغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى!

  مۇھەممەدجان خېۋىر تاۋارىم يازمىسى   (داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 03:16 PM  


تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 08:37:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە سېتىش ئىلمىدىن  بىرنەچچە خىلنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز....

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111447
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:05:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەجىربىڭىز مول ئىكەن. خىلى ئۈنۈملۈك چارە بولغۇدەك.

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش