ئالى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى مايۇن
كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 b1 h3 l6 q" M" x, _- V«مەڭگۈ ۋازكەچمەيمەن؛ بىردەملىك ھېسسىيات بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ،پەقەت ئاشۇ بىردەملىك ھېسياتنى سىجىل داۋاملاشتۇرغاندىلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ .»مانا بۇ ئالى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى،رۇئەن يىن گۇرۇھ مۇدىرىيەت ئەزاسى،جۇڭگو ياخۇ مۇدىرىيەت رەئىسى،ئاسىيا تىنىج ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت مەسلىھەت كومىتېتى ئەزاسى،خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالى بابا سودا ئىنىستوتىنىڭ باشلىقى،TNC(دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش) يەرشارى مۇدىرىيەت ئەزاسى-مايۇننىڭ مەشھۇر سۆزى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# w. i' L8 w. l/ U5 \
مايۇن 1988 يىلى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۇتتۇرۇپ خاڭجۇ ئېلېكتىرون سانائەت مەكىتىۋىدا بىر مەزگىل ئىنگلىز تىلى ۋە خەلقئارا سودا مۇئەللىملىك قىلىدۇ.ئۇ بىر قېتىملىق ئىنگلىز تىلى كونىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ تېزلا نامى پۈتۈن خاڭجۇغا تارىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن خەي بو تەرجىمە مەركىزىنى قۇرۇپ،بىرىنچى ئېيىدىلا 1300كوي زىيان تارتىپ، تەرجىمە مەركىزىدە گۇاڭجۇ،يې ۋۇ قاتارلىق شەھەرلەردىن گۈل ۋە سوۋغات بۇيۇملىرى سېتىشقا باشلايدۇ. 1995-يىلى ئامېرىكىغا ساياھەتكە چىقىپ،تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت تورى بىلەن ئۇچرىشىپ،دۆلەتكە قايتىپ جۇڭگودىكى بىرىنچى تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.1987 يىلى جۇڭگو تاشقى ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىكىدە ھۇكۆمەت تور بېكىتى ۋە جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى توردا(سېتىش) ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.1999يىلى خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ ،ئالى بابا سودا تور بىتىنى قۇرۇپ B2B(يەنى:كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا) كەسىپنى ئالاھىدە راۋاجلاندۇرىدۇ،ئاشۇ ۋاقىتتا ئالى بابا تور بېكىتى B2B كەسپىدە يەرشارىدىكى ئالدىن قاتاردىكى تور بېكىتى بولۇپ قالغان. 1999يىلىدىن ھازىرغىچە ئالى بابا تورى يەرشارىدىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان B2B ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئىدى.2003يىلى جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ئۇچىنجى تەرەپ ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش سۇپىسىنى قۇرىدۇ.2005يىلى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ تور بېكەت ياخۇ تورى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىپ، ئالى بابا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى بولۇپ قالىدۇ. 2007يىلى 8-ئايدا مايۇن ۋە ئۇنىڭ ئالى بابا توردىكى سەپداشلىرى يەرشارىكى 220 دۆلەت ۋە رايونىدىن كەلگەن 10مىليۇندىن ئارتۇق ئەزاسى ھەركۈنى 8 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق سودا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ،ئالى بابا تورنى يەرشارىدىكى خەلقئارا سودا ساھەسىدە ئەڭ چوڭ،ئەڭ جانلىق تور سودا ئەندىزىسىنى شەكللەندۇرۇرگەن. مايۇن يەنە«قىلسا،پۇل تاپقىلى بولمايدىغان سودا يوق»دەپ كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ ئالى بابانى Yahoo،mazonA،ebay،AOL قاتارلىقلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بەشىنچى چوڭ بولغان ئىنتېرنېت تور سودا كارخانىسى بولۇپ قالغان. مايۇن شەخسى سېتىش تورى- تاۋباۋنى قۇرۇپ،جۇڭگودىكى يەرلىكلەشكەن،ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ 2005 –يىلى بىرىنچى پەسلىدە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مال سېتىش تورى بولۇپ قالغان.
مايۇن
مايۇننىڭ نەتىجىلىرى: 2000-يىلى «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبەر» تەرىپىدىن 2001-يىلىدىكى 100 كەلكۇسى رەھبەر شەرپىكە ئېرىشكەن،ھەم يەنە ئامېرىكا ئاسىيا سودا جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2001-يىللىق «سودا رەھبەر»دەپ باھالانغان. 2002-يىلى5-ئايدا ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد ژۇرنىلى«ياپۇنيە ئىقتىساد»نىڭ باش مۇقاۋىسىغا چىققان . 2004-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن 10چوڭ ئىقتىسادشۇناس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى 3-ئايىدە يەرشارىدىكى «2008-يىللىق 30 ئەڭ مۇنەۋۋەر باشلىقى»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى 7-ئايدا ياپۇنيە 10-نۆۋەتلىك كارخانىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇكاپات پەقەت ياپۇنيە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىچىلارغا بېرىلەتتى. 2008-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا«سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»تەرىپىدىن ئىنتېرنېت تور ساھەسىدىكى 25 ئەڭ تەسىر كۈچى بار شەخسى بولۇپ ،جۇڭگودىكى بىردىن –بىر جۇڭگو كارخانىچى بولۇپ قالغان. 2009-يىلى 45 يېشىدا شەخسى مەبلەغ 8 مىليارد پۇلى بىلەن 77-ئورۇندا تۇرغان. 2010-يىلى 9-ئايدا«بايلىق»ژۇرنىلىنىڭ «ئەقىل پاراسەت ۋە تەسىركۈچى»كۆرسەتمىسى بويىچە يەرشارىدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى 50 كىشنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. 2012-يىلى «بايلىق»ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچى بار 50 كىشى 8-ئورۇندا تۇرغان. 2013-يىلى 1-ئايدا ئالى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ھەم قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(CEO) مايۇن بارلىق خىزمەتچىلىرىگە 5-ئاينىڭ 10-كۈندىن باشلاپ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسنى ئۆتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ،پەقەت مۇدىرىيەت رەئىسلىك ۋەزىپىسنى ياخشى ئۆتايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالى بابا گۇرۇھى يىن تەي گۇرۇھى (银泰集团)،فۇشىڭ گۇرۇھى (复星集团)،فۇچۈن گۇرۇھى (富春集团)،شۇنفىڭ گۇرۇھى (顺丰集团)،جۇڭ تۇڭ(中通)،يۈەن تۇڭ(圆通)،شىن تۇڭ (申通) قاتارلىق شەخىسي ئىگىلىكتىكى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن شېنجىندا بىرلىشىپ سەي نېئاۋ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(菜鸟网络科技有限公司)نى تەشكىللەپ،ئوبوروت تور سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. 2014-يىلى10-ئايدىكى ئەڭ يېڭى دۇنيا بايلار تىزىملىكىدە جۇڭگو بايلىرى يۇقىرى ئۆرلەپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئالى بابا گۇرۇھى پاي چېكىنى ئامېرىكىدا بازارغا سالغاندىن بۇيان مۇدىرىيەت رەئىسى مايۇننىڭ شەخسىي مەبلىغى 2مىليارد57مىليۇن دوللارغا ئۆرسىپ دۇنيا بايلىرى ئىچىدە 24-ئورۇنغا،ئاسىيا بايلىرى ئىچىدە 2-ئورۇنغا چىققان. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) q/ Z8 F) `# ^* |* P. r5 l: ~
مايۇن ھازىرغىچە مۇكەممەل بولغان ئېلېكتىرون سودا قۇرۇلمىسىدىن ئالى بابا(阿里巴巴)، تاۋباۋ(淘宝网)، ئالى ماما(阿里妈妈)، پۇل تۆلەش گۆھىرى(支付宝)، تېئەنماۋ(天猫)،يىتاۋ(一淘网)،ئالى بۇلۇت(阿里云) قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئېلېكتىرون سودا ماركىلىرىنى ياراتقان. ھازىر ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ ئالاقە تورى يادرو قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك كەسىپ تەرەققىيات ئۈستۈن ۋە بۇلۇت ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بولغان رەقەملىك ئالاقە تورىنى قۇرۇپ چىقىتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 m/ z S) \3 y0 @* ^- A! wئالى بابا گۇرۇھىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك كونكرېت ھەرىكىتى بولسا ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى، بۇلۇت ھېسابلاش، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك كەسىپىڭ ھەمكارلىق ئالاقىسىنى قانات يايدۇرىدۇ. بىرىنچىدىن:O2O (يەنىOnline تور دۇكانلىرىدىكى تاۋارلارنىOffline تور شارائىتىدا ئىستېمال قىلىش)نى ئۆگىنىش مەركىزىي قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 r0 ]. u2 u' ~& p; T, k- [0 m' Dئىككىنچىدىن: ئەشيا ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ سېتىش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلار بىلەن پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇپ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاش كېرەك. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ^0 Z' P: t$ w5 G) g
ئۈچىنچىدىن: بۇلۇت ھېسابلاش ۋە سانلىق مەلۇمات كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۆتىنچىدىن: ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مول تەربىيەلەش بازىسى ۋە ئىختىساسلىقلار ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ]" C* y' i$ N+ J2 O) ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 v2 r' G% @# ]& p, b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ P! A2 s6 W& H/ `+ _بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 _/ r: \/ \9 c, b( g/ E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- _* l7 O1 H+ {0 k2014-يىللىق كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدنىڭ 6- ساندىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 C" Q9 U9 `' d- l8 f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z: V5 J. O% f6 Y/ W, o* تەييارلىغۇچى: ھەزرەت ئەلى ئوسمان بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( k! \8 X t3 F' @# P
* تەھرىرى: ئەمەتجان رۇسۇل
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% M5 p2 j0 `/ {2 A2 e
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* S' _# @: \+ k1 t. |' X
|