ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1279.7 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1272.23 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1294.46 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.36 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1293 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئاخشام ئېلان قىلغان ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاز سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ناچار چىققان ، شۇنداقلا ياۋرو چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ، دوللار كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1297 دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن . بۈگۈن بازار بۇ ھەپتىلىك بازار ھالىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى نيۇيورك ۋاقتىدا ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ .
ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئاۋسترالىيە 4 - پەسىللىك CPI يىللىق نىسبىتى ، ئەگەر ئېلان قىلىدىغان CPI سانلىق مەلۇماتىدىن ئاۋسترالىيە پۇل پاخاللىق سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتسە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .
ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى گېرمانىيە Gfk ئىستېمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، مۆلچەرچە بۇ سانلىق مەلۇمات ياۋرو يۆلىنىشنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنى ، بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە سائەت 03:00 دە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارار نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1293-1288 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى . ئاسىيا بازىرىنىڭ 4 سائەتلىك سىزىقى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە 1287 دوللارنى تىەرش نۇقتىسى قىلدى شۇڭا ئاسىيا بازىرىدا 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ 1290-1297 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1295-1297 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1290-1285 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ياۋرۇپا نازىرىدا 1285 دوللار ۋە 1278 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1280-1278 دوللار ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1305-1303 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1303 1298
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1280 1285
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1278-1305
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1272
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1307
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش