مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3452|ئىنكاس: 41

ئاپا!.. دادام قاچان كېلىدۇ ( [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16136
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8510 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 05:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپا!... دادام قاچان كېلىدۇ NUR65


كېرەم نۇردۇن


(ھېكايە)


    دادىىسى ئېلىپ بەرگەن قۇنچاقنى تۇتۇپ، ئىشىكئالدىدىكى پەلەمپەيدا ئولتۇرغان يەتتە ياشلىق قىزىغا ئاپىسى:

   - قىزىم!...كەچ بولۇپ كەتتى ئۆيگە كىرىپ كېتىڭ. دادىڭىز كەلمەيدۇ. ئۇ ھازىر بەك يىراقتا... –بۇنداقگەپنى تەكرارلاۋاتقىلى 720 كۈن بولدى.

  - ياق ئاپا!... دادام يىراقتا ئەمەس... بۈگۈنچوقۇم كېلىدۇ. ئەتە ھېيت ئەمەسمۇ.. چوقۇم كېلىدۇ. سىز كىرىپ كېتىڭ. مەن ساقلايمەن.دادام چوقۇم كېلىدۇ..

ئاپىسى ئارتۇق گەپمۇ قىلماي ئۆيگە  كىرىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنياش تامچىماقتا، ئىچ ئىچىدىن ئۈنسىز يىغلىماقتا، بىر خىل تىل بىلەن ئىپادىلەشكىمۇئاجىزلىق قىلىدىغان ئازاپ يۈرۈك باغرىنى تىلغىماقتا. گەرچە قىزى بۇرۇنمۇ مۇشۇنداقگەپ قىلغان، مۇشۇنداق پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، «دادام كېلىدۇ» دەپ ھەر كۈنى كەچتەئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە گاھىدا دېرىزە تۆۋىدە، گاھىدا قورۇ ئالدىدىكى تاشئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، داادىسىنى ساقلىغاندا، ئانچە ئازاپلىنىپمۇ كەتمەي «قىزىم چوڭبولغانسېرى ئۇنتۇپ قالار» دەپ ئويلىغان، ئەپسۇس! قىز چوڭ بولغانسېرى ئۇنتۇشتا  يوق، ئەكسىچە دادىسىنى كۈتۈدىغان ۋاقتى كۆپەيدى.ھېيت يېقىنلاشقانسېرى دادىسىنىڭ گېپىنى تېخىمۇ كۆپ قىلىدىغان بولۇۋالغاندىن بۇيانئاپىنىڭ ئازاپلىرىمۇ كۈچەيدى. ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئەيىپلىدى. ئەپسۇسئەيىپلەشلەر ھەتتا  بېشىنى تاشقا ئۇرۇپئۆلىۋالسىمۇ ئەمدى كېچىككەنئىدى. چۈنكى قىزنىڭ دادىسى ئاللىبۇرۇن باشقا بىرنارسىدەنىڭ دادىسى بولۇپ بولدى....

   ئايل كۆز ياشلىرىنى باش ياغلىقىنىڭ ئۇچىداسۈرتۈۋېتىپ،ئېغىر بىر ئۇفسىنىۋېتىپ ھېيتلىق ئۈچۈن تەييارلىغان شىرە ئۇستىگەقارىدى. شىرە ئۇستى ئىككى يىل ئاالقى ھېيتتىكىدەك مولمۇ ئەمەس. ئۆي ئىچى  ئىچى تېخىمۇجىمجىت. ئايالنىڭ خىيالى بۇندىن 2 يىل بۇرۇنقى تۇرمۇشىغا قايتتى.

بۇئالىمۇ بۇرۇن بەخت كۈلكىسى، ھېيت بايرامدا ئايەم كۈلكىلىرى بىلەن ئاۋات بولغان.قىزنىڭ دادىسى ئىشچان، كۆڭلى تۈز، يۇۋاش بولۇپ، مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى ئۆيدەبولسۇن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۆي ئىشلىرى ياكى خىزمەتتە بولسۇن سېنىڭ ئىشىڭ مېنىڭئىشىم دېمەي ئۆزى بىلىپلا قىلاتتى. يەنە بىرى: خىزمىتى ئۆيدىن يىراقراق بولغاچقا،كۆپىنچە چۈشتە ئۆيىگە قايتالمايتتى، شۇڭا، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە كەلسىلا،ئايالى قايتىپ كەلگەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۆي ئىچىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىقىلىپ ئايالىنىڭ كۆپرەك دەم ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى، قىسقىسى، تولىمۇرايىش ئەر ئىدى. قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۆيگە بولغان مېھرى شۇنداقلا ئايالىغابولغا كۈيۈنىشى بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، ئىشتىن كەلسە ئۆي ئىچىلىرىنىقىلىپ بولۇپلا قىزىنى كۆتۈرۈۋالاتتى.

****

«خوشاللىقنىڭمۇبىر قايغۇسى باردۇر» دېگەندەك بۇ ئائىلىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىشقا بىر قارا قول شەيتان بېسىپ كىرىشىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۇرمىگەن. قارا قول شەيتان باشقابىرىنىڭ «تەكلىپ»ى بىلەن ئەمەس، بەلكى دەل ئايالنىڭ «تەكلىپ» ى بىلەن بۇ ئائىلىنىۋەيرا قىلىشقا كىرگەن.

قىزىتۆت ياشقا كىرگەن يىلى يازدا ئايال خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئايلىق بىلىمئاشۇرۇشقا ئېۋەتىلدى. گەرچە بۇ قىسقا بىر ئاي بولسىمۇ، بىراق، مۇشۇ بىر ئايۋاقىتلا ئايالنىڭ ئائىدىن يۈز ئۆرۈشىگە يېتەرلىك ۋاقىت ۋە پۇرسەت بولدى. كۇرۇستادەرس باشلىنىپ،ا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن كورسانتلار ئىچىدە بىر ئايالنىڭنەزىرىدە «قاملاشقان، يۇمۇرىستىك، رومانتىك» كۇرۇسداش ئايالغا تولىمۇ يېقىنچىلىققىلىپ، دەسلىپىدە بىكار بولغان ۋاقتىدا ئانچە مۇنچە سۆزلىشىشتىن، ۋاقىت ئۆتكەنسىرىپاراڭلىرى ئۇلگىيىشقا، ھەتتا سىرتقا بىرگە تاماق يىيىشكە تەرەققىي قىلدى. بۇجەرياندا، ئايال «قاملاشقان» ئەرنىڭ ئائىلە ئىچىدە «بەختسىز» ئىكەنلىكىنى، ئەرنىڭبايانلىرىدىن بىلىپ بولدى. شۇنداقلا ئەرگە ھېسداشلىق قىلدى.  ئايال گەرچە «قاملاشقان» بۇ ئەرگە ھېسداشلىقىنىبىلدۇرسىمۇ بىراق، مۇناسىۋەتنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ باقتى.«قورۇققان يەردە جىن بار» دېگەندەك، كۇرۇس ئاخىرىلىشىقا ئۈچ كۈن قالغاندا، ئەرئۆزىنىڭ رومانتىك سۆزلىرى، خىلمۇ خىل تىرىشچانلىقى بىلەن ئاخىرى ئايالنىڭ كۆڭلىنىئۇتۇپ، كۇرۇس ئاخىرىلاشقان كۈنى كۈتمىگەن ئىش يۈز بەردى. ئايال قورۇقتى، ئۆزىنىئەيىپلىگەن بولسىمۇ، كىچىكتى.... ئۆز ئۆزىگە «بۇ تۇنجى شۇنداقلا ئاخىرىقىسى ...»دەپ قەسەم قىلىپ، بۇ ئەر بىلەن قايتا ئالاقە قىلماسلىق قارارىغا كېلىپ، قايتىدىغانۋەقىتتىمۇ، «يوشۇرۇن» لا ئۆيىگە راۋان بولدى. ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، قىلغان ئىشىنىئېرى سېزىپ قالغاندەك ئەندىكتى. لېكىن، ئېرى بۇرۇنقىدەكلا كۈيۈمچان، ھېچقاندەكئۆزگۈرۈش يوق. تۇرمۇشتا بۇرۇنقىدەكلا خاتېرجەم ئىدى. مانا شۇنداق ئائىلە مۇھىتىدەئايالنىڭ ئەندىشىسىسى ئاستا ئاستا يوقاپ خاتېرجەم بولۇپ قالدى.

كۇرۇستىنقايتىپ كېلىپ. ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى چۈشتە ئايالغا «قاملاشقان» ئەر تېلېفون قىلدى. ئايال تونۇش نومۇرنى كۆرۈشى بىلەن ھۇدۇقتى يەنە بىر تەرەپتىن ھاياجانلاندى. شۇڭا دەمماللىققا قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. تېلفون ئۆزى ئۈزۈلۈپ، نەچچەمىنۇتتىن كېيىنلا تېلفونىغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر شۇ ئەردىن كەلگەن ئىدى.ئايال ئۇچۇرنى ئېچىپ شۇنى كۆردىكى: ئۇ ئەر كۇرۇستىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان تۈزۈكئاراممۇ ئالالمىغانلىقى تولىمۇ سېغىنغانلىقى.... توغرىسىدىكى مەزمۇن خۇددىتالانتلىق نەسىر يازغۇچىسىدەك، رومانتىك سۆزلەر بىلەن يوللاپتۇ. ئايال ئۇ ئۇچۇرنىئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتى. تۇرۇپلا ئېرى بىلەن ئۇ ئەرنىسېلىشتۇرۇپ قالدى. ئېرى ئۇرۇق پاكار، ئۇ ئەردەك قولىدىن ئىش كېلىدىغانلاردىنئەمەس، ئۇ ئەرنىڭ قارا توم قاشلىرى، چوڭ چوڭ كۆزلىرى، رومانتىك سۆزلىرى،ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا بولغان ماھىرلىقى... قىسقىسى، ئۇ «قاملاشقان» ئەرھەقىقىي ئەردەك ئەر. ئۇ ئەردىكى بۇ ئالاھىيدىلىكنىڭ ھېچقايسىسى ئېرىدە يوق، ئېرىپەقەت كالىدەك ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ...ئايال بىردەملىك خىيالدىن  كېيىن، ئۇچۇرغا جاۋاپ قايتۇردى.

بۈگۈنكى،مۇشۇ بەختسىزلىكنىڭ 2- قەدىمى شۇ ئۇچۇردىن كېيىن بېسىلدى. شۇ ئۇچۇردىن كېيىن ئۇلارھەر  كۈنى ئۇچۇر ياكى تېلفونداسۆزلىشىدىغان، سۆزلەشكەندىمۇ يېرىم سائەت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق سۆزلىشىغان،دەسلەپتە پەقەت خىزمەت ۋاقتىدا سۆزلەشكەن بولسا ئاستا ئاستا تەرەققي قىلىپكەچلىرىمۇ خاتېرجەم ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. ۋاقىتئۆزارغانسېرى ئەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى. ئايالمۇ ئۆيگە بولغان مېھرىئاساسەن سۇسلىدى.  ئۇ ئەر قىممەت باھالىق سوۋغاتەييارلاپ قويغانلىقى، ھەتتا چەتئەلگە بىرگە ساياھەتكە چىقىدىغانلىقى، خالىسائۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئايالنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قىلغانۋەدىلىرى... ئايال ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىتوغرىسىدىكى  قىلغان ۋەدىلىرى ھەقىقەتەنكۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

«8-مارت»ئاياللار بايرىمى كۈنى ئىدى. ئايال ئىشخانىسىغا كېلىپ تۇرىشىغىلا، «قاملاشقان»تېلفون كەلدى، تېلفنى ئېلىپلا ھەيران قالدى ھەم ھاياجانلاندى، چۈنكى «قاملاشقان»ئەر ئايالنىڭ يۇرتىغا كەلگەن ئىدى. ئايال نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.كۆرۈشكىلى چىقىش كېرەكمۇ ياكى چىقماسلىق كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلە كاللىسىدا بىربىرىنى ئىتتىرىپ، خېلى ئۇزاققىچە بىر قارارغا كېلەلمەي تېلفوننى تۇتۇپ، گەپقىلالمىدى. «قاملاشقان» توختىماي سۆزلەيتتى.... ئايال ئاخىرى يېرىم سائەتتىن كېيىنتېلفون قىلىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفوننى ئۇزدى. «زادى قانداق قىلىشكېرەك؟...» نۇرغۇن زىدىيەتلىك خىياللاردىن كېيىن ئايال بىر قارارغا كېلىپ«قاملاشقان» ئەرگە جاۋاپ ئۇچۇر قايتۇردى...

كەچسائەت سەككىزدىن ئاشقاندا ئايال مېھمانخانىدىن چىقتى. ئايال ئەتىراپقا بىر قۇرقارىۋەتكەندىن كېيىن، بىمالال ئۆيىگە قايتتى. يول بويى بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى بۇ«بەخت»ىدىن سۆيۈنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆيگە بارغاندا نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشتوغرىسىدا پىلان تۈزۈپ چىقتى. ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىدارىدىنئۇيۇشتۇرغان كۆڭۈل ئېچىش، بالدۇر قايتالمىغانلىقىدىن خىجىل بولغانلىقىنى ناھايىتى،تەبىي ئۇسۇلدا ئېرىگە ئېيتىپ. ئېرىدىن كەچۈرۈم سورىدى...

ئاياليۇيۇنۇپ چىقىشىغىلا، تۇيۇقسىز بېشىغا كېلىپ تەگكەن ساپما ئاياقنىڭ زەربىسىدەيىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. ئۆزىنى ئوڭشاپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغۇچەيۈزىگە «چاڭ-چۇڭ» تەگكەن ئىككى تەستەك زەربىسىدە يەرگە يىقىلدى.

-ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزۈپتىمىش.... ئېرىنىڭ بۇنداق ھەيۋىسى بارلىقىنى كۆرۈپمۇباقمىغان ئايال نېمە بولغانلىقىنى، قايسى ئىشتا چاندۇرۇپ قويغانلىقىنىبىلەلمەيتتى، ئۇ ئورنىدىن تۇرغۇچە يەنە ئىككى تىپىك تەگدى. تېلىۋېزور كۆرۈۋاتقانقىزى يۈگۈرۈپ كېلىپ دادىسىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋالمىغان بولسا يەنە نىمە ئىشلار يۈزبېرىشىنى ھېچكىم تەساۋۇر قىلالمايدۇ...

-نېمە قىلىۋاتىسەن لاتا.... سەن ماڭا ئەمەس خەققە شۇنداق ھەيۋە قىلىپ باقە قېنى...نېمەڭگە يوغانلىق قىلىسەن لاتا... قولۇڭدىن كەلسە سەنمۇ باشقا ئەرلەردەك پۇلنى كۆپتېپىپ، ئاندىن يوغان سوزلە... لاتا ...

ئايالئورنىدىن تۇرۇپ، ئەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. ئېرى قىزى تۇرۇۋالغان پۇتىنى ئاجىرىتىپ،ئايالنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرىۋەردى. نەچچە تىپىك، تەستەكتىن ھالى قالمىغانئايال يەردىلا يېتىپ قالغاندا ئاندىن ئېرى ئۇرۇشتىن توختاپ:

-بۇزۇق پاسكىنا بۇ نېمە:! ... دەپ تېلفوننى تاشلاپ بەردى.

ئايالشۇندىلا بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، تېلفوننى ئېلىپ قارىدىيۇ بېشى پىرقىراپ،كۆزلىرى بايامقى تاياقتىن ئەمەس بەلكى ئېكراندىكى سۆرەت بىلەن ئاستىغا يېزىلغانئۇچۇردىن چەكچىيىپ قالدى.

«بۇقانداق ئىش؟... قاچان رەسىمغا تارتىۋالغاندۇ؟...» ئايالنىڭ بەدەنلىرى تىترەپ،زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدى، تېلفون ئېكرانىدا تېخى بىرسائەت ئالدىدا ياتاقتىكى مەنزىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئاستىغا قىستۇرۇلغان ئۇچۇرتېخىمۇ تېتىقسىز ئىدى.

ئېرىقىزىنىمۇ ئىتتىرىۋېتىپ، ختۇنىنىڭ ئاچىسىغا تېلفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇزۇقسىڭلىڭنى ھازىرلا ئېلىپ كەت!... كېچىىكسەڭ ئۆلۈگىنى ئىت يەپ كېتىپ قالمىسۇن» قارشىتەرەپنىڭ گېپىنىمۇ كۈتمەستىن تېلفوننى ئۇزۇۋېتىپ، يەردە بەزگەكتەك ئولتۇرغانخوتۇنىغا قاراپ:

-ئەمدى نېمە دەيسەن... گەپ قىلمامسەن....

ئايالتېلفوننىڭ ئېكرانىغا قاراپلا تۇردى. بىر ئېغىز ئۈندىمىدى. نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاننىمۇ ئۆزى بىلەلمىدى. بىچارە قىزىئاپىسىنىڭ قېشىدا يېغلاپ ئاپىسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قاننى سۈرتۈپ قويدى.

ئېرىبىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك، ئايالنىڭ قولىدىكى تېلفوننى يۇلۇپ ئېلىۋېلىپ،ئېكرانغا يەنە  بىر قاراپ، ئۆزىنى تۇتالماييەنە ئۇرماقچى بولۇپ كېلىشىگە قىزى ئىتتىك كېلىپ:

-جېنىم دادا!... ئاپامنى ئۇرماڭ... مېنى ئۇرۇڭ دادا... دەپ يىغلاپ دادىسىنىڭ پۇتىنىتۇتۇۋالدى.

-راس سەندەك بۇزۇقنىڭ ئىپلاس بەدىنىگە تەگكەن قولۇممۇ مەينەت بولۇپ كەتكۇدەك ...ئەڭ ياخشىسى ئاچاڭ كەلگەندە لالما ئىتقا تاشلاپ بېرەي سېنى...

ئىشىكچېكىلدى. ئېرى ئىشىكنى ئاچقاندا، خوتۇنىنىڭ ئاچىسى، ئاچىسىنىڭ ئېرى ئۆيگە كىرىپ،ئاچىسى كىرىپلا سىڭلىسىنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ:

-نوچى يىگىت نېمەڭگە يوغانچىلىق قىلىپ، سىڭلىمنى بۇنچىلىك ئۇرغۇدەك بولۇپ كەتتىڭ...تېخى تېلفوندا دېگەن گەپلىرىڭنى نېمە دەي ئەمدى ...

مەنسەنلەرگە ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق.... باجام... بۇنىڭغا قاراپ بېقىپ بىرنېمەدەمسىز؟...

باجىسىتېلفوننى ئالدىيۇ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى...

-ھاي!!!.... خوتۇن... مانىىڭغا قاراپ باقە... قولىدىكى تېلفوننى خوتۇنىغا بىرىپ،

-نېمە ئىش بۇ...

-بۇ نېمە ئىشلىغىنى ئۆەڭلەر كىيىن ئۆزىدىن بىلىۋېلىڭلار، ھازىرچە بۇنى ئېلىپكېتەمسىلەر ياكى مەن بۇنى پارچىلاپ ئىتقا تاشلاپ بېرەيمۇ؟...

باجىسىمۇگەپ قىلالماي خوتۇنىغا قارىغان ئىدى. خوتۇنىمۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپلا تۇراتتى.

نەدىنكەلگەن جۈرئەتكىن يەردە يېرىم سائەتتىن زۇۋانسىز ئولتۇرغان ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ:

-يوقال!!!... لاتا... بۇ ئۆيدە ئاناڭنى ھەققى يوق... ئۆينى مەن ئالغان ئۆي... مېنىئەكىتەرمىش تېخى... سەن مەن بىلەن توي قىلىپ دۈمبەڭ ئاپتاپ كۆرۈپ قالغانغا خوشبول...  سەن ماڭا نېمە قىلىپ بەرگەنتىڭ...مېنى قانچىلىق خوش قىلىپ باقتىڭ، قولۇڭدىن نېمە ئىش كېلىدۇ سېنىڭ لاتا...

ئېرىئورنىدىن تۇردىدە يۈگۈرگەن پېتى ئاشخانىغا كىرىپ، قىڭراقنى ئېلىپ چىقتى.

-ھاي ھاي... ئۇكام بولدى قىلىڭ بولدى... ئاچچىقنى بېسىڭ ئۇكام...

باجىسىئىتتىك كېلىپ بېلىدىن تۇتۇۋالدى. بولمىسا مۇشۇ تۇرقىدا خوتۇنىنى چانىۋېتىشىتۇرغانلا گەپ ئىدى. سىڭلىسىنىڭ قېشىدا تۇرغان ئاچىسى ئاران –ئاران :

-نېمە قىلغىنىڭ بۇ...  – دىيەلىدى..

خوتۇننىڭتەلىيىگە ئاچىسى ھېلىمۇ ئېرىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بولمىسا نېمە ئىشلار يۈزبېرەتتىكىن. باجىسىنىڭ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىشى بىلەن ئايالنى ۋە قىزىنى باجىسىئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.

ئارىدىنھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار سوتقىمۇ بارماي، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ،نىكاھتىن تېزلا ئاجراشتى، قانۇن ۋە ئىككىسىنىڭ كېلىشىشى بىلەن، قىزى بىلەن ئۆينىئايالغا بېرىدىغان، ئايال تەرەپنىڭ تەلىۋى بويىچە قىزغا تۇرمۇش پۇلى بەرمىسىمۇبولىدىغان  بولۇپ ئاجراشتى.

ئاجراشقانكۈنى، بۇ خەۋەرنى «قاملاشقان»  ئەرگەيەتكۈزۈپ تېلفوندا ئۇچۇر قىلىۋېتىپ، «قاملاشقان» ئەرنىڭ ئۇچۇرىنى كۈتتى... يېرىمسائەت... بىر سائەت... ھېچقانداق سادا كەلمىدى. سەۋىر تاقىتى توشقان ئايال تېلفونئۇردى. ئەپسۇس. سېستىما «سىز ئۇرغان تېلفون سۆزلىشىۋاتىدۇ، بىرئاردىن كېيىن قايتائۇرۇڭ»... دېگەن ئاۋاز كەلدى. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن قايتا يەنە ئۇردى، يەنەئوخشاشلا ئاۋاز... ئايال چۈشەندى، بېشى پىرقىراپ، ئولتۇرۇپ قالدى... «ئالدامچى...»غەزەپ، ھەسرەت، ئۆكۈنىۈش. ئۆچمەنلىك پۇشايمانلىرىنى يىغىپ مۇشۇ بىر گەپ چىقتى.

-ئاپا... دادام قاچان كېلىدۇ... كەچ بولۇپ كەتتى كەلمەيۋاتىدىغۇ..

ئايالئىشك تەرەپكە قارىدى. قىزى قولىغا دادىسى ئېلىپ بەرگەن قۇنچاقنى تۇتۇپ ئىشك تۈۋىدەتۇراتتى.

-قىزىم دادىڭىز كەلمەيدۇ، ئۇ بەك يىراق يەرگە خىزمەت قىلغىلى كەتتى...

-ھە...قاچان قايتىپ كېلىدۇ.

-ئىشى تۈگۈگەندە كېلىدۇ... تامىغىڭىزنى يەڭ ....

ۋاقىتئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ئۆتمەكتە. بىر ئاي ئىچىدە ئايال «قاملاشقان» ئەرگە قانچەقېتىم ئۇچۇر قىلدى، قانچە قېتىم تېلفون قىلدى بۇنى بىلمەيدۇ. كۈنىگىلا ئازدېگەندەىمۇ 4-5 قېتىم تېلفون قىلدى. ھەر قېتىم ئوخشاشلا بىر خىل سېستىمائەسكەرتمىسى.

بىريىل ئۆتۈپ كەتتى، «قاملاشقان» ئەر شۇ «3.8» دىن كېيىن قايتا پەيدا بولمىدى.ئاجىرىشىپ 2 ئاي ئۆتكەندە ئايال «قاملاشقان» ئەرنىڭ يۇرتىدىكى ساۋاقدىشىنىڭياردىمىدە «قاملاشقان» ئەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەخماقلىقىدىنئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىلى تاس قالدى. «قاملاشقان» قاملاشقان ئەر ھەرگىزمۇ ئايالغادېگەندەك باي باياشات بولماستىن، بىر قېتىم قاتناش ۋەقەسى كەلۈرۈپ چىقارغاچقاقانۇن بويىچە نۇرغۇن تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۆيىنى سېتىپ تۆلەمنىتلىۋەتكەندىن كېيىن ئىجەرا ئۆيدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، خوتۇنىمۇ قانداقتۇر كېسەلچانبولماستىن، بەلكى ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدى.

-ئاپا... بۈگۈن دادامنى مەكتەپ ئالدىدا كۆردۈم. ماشىنا ھەيدەپ كەپتىكەن، مەنچاقىرسام ئارىلىق يىراق ئاڭلىماي كېتىپ قالدى. مېنى ئىزلەپ مەكتەپكە كەلگەنئوخشايدۇ...

-قىزىم بولدى قىلىڭ... چىقىپ تاپشۇرۇقنى ئىشلەڭ...

ئىككىتىزىغا ئېڭىكىنى تىرەپ جىمجىت ئولتۇرغان قىز، ئاستىدىكى قەۋەتتىن چىقىۋاتقان ئاياقتېۋىشىنى ئاڭلاپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى. ئاياق تېۋىشى بارغانچە يېقىنلاشماقتا.«2-قەۋەتكە چىقتى... 3-قەۋەتكە .... چوقۇم دادام شۇ»....قىز ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپدادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارماقچى بولدى. ئاپسۇس، دادىسى ئەمەس، بەلكى ئاستىدىكىقەۋەتتىكى خوشنىسى ئىكەن، قىز شۇنداق تېز چۈشتىيۇ، خوشنىسىنى كۆرۈپ ...

قىزئېغىرلاشقان  پۇتلىرىنى ئاران ئاران يوتكەپئۆيىگە كىرىپ، بېشىنى كىرىسلوغا يۆلەپ، كۆزىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنىمۇ سۈرتكۈسىكەلمەي قالغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ، جىمجىت ئولتۇرغان ئاپىسىنى كۆرۈپ:

-ئاپا... دادام قاچان كېلىدۇ..


2015-يىل 1-ئاي (كورلا)


مەنبە: ئۆز ئەسىرىم،

ئەسكەرتىش: سالۇنلارغا يۆتكىسڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. ئەسەر مىسرانىمغا خاس.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 05:28 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
saprayi + 99 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98555
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-10-8
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 07:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 09:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن...

ئايالنىڭ پىخسىك ھېسياتى ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ...

ھېكايە ۋەقەلىكى تەبئىي،ياخشى چىقىپتۇ....

بىراق بايان تىللىرى راۋان ئەمەس،ئىملا خاتالىقى خېلى ئېغىر.....

يەنىمۇ تىرىشىڭ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 09:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنى ئالامەت  ئەسكى خوتونكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 09:29 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75420
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 10:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ، كۈڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ ،
سەمەرقەنت ئالمىسىدەك،  ئاپىرىپ چۆللەرگە باشلايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 676
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 10:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىتمۇ ياتماپتۇ» دىگەن گەپ بار.ھىكايىدىكى ئايال ھەقىقەتەن كۆڭلى پەس ،رەزىل ئايالكەن.ئۇ قىزىغا قانداقمۇ يۈز كىلەلىسۇن.
  مۇشۇنداق ئىبرەت خاراكتىرىدىكى ئەسەرنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111974
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-12-21
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:11:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،، مۆمكىن بولسابولسا ئۈندىدار دىمۇ  ئ‍ىلانئ‍ىلان قىلساڭلار ،، سالۇن نامى nigarem88

نىگارىم ئۈندىدار سالۇنىnigarem88
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمۇشتا ھەر خىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن . بىر دەمچىلىك ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ . بىچارە بالا ھەي ...

كونىلارنىڭ ‹ تۇڭگۇز بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى › دېگىنى بەك توغرىدە !

ئىملا توغرۇلۇق مەنمۇ سۆزلەپ ئولتۇرماي بولدى . مەزمۇننى ياخشى ئىپادىلەپسىز  

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمۇشتا ھەر خىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن . بىر دەمچىلىك ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ . بىچارە بالا ھەي ...

‹ تۇڭگۇز بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى › دېگەن گەپ  بەك توغرا جۇمۇ!

ئىملا توغرۇلۇق مەنمۇ سۆزلەپ ئولتۇرماي بولدى . مەزمۇننى ياخشى ئىپادىلەپسىز  

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش