ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تورداشلار مۇنبەرگە ئەزا بولغۇنۇمغا خىلى ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ لېكىن تىما
يوللىغۇدەك پۇرسەت چىقمىغان ئىدى،تۈنۈگۈن سىرىتتا ئىش بىجىرىپ قايتقۇچە مىڭ يىللىق تارىخقا
ئىگە ئالى بىلىم يۇرتى"ساچىيە مەدرىسى" نىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ھەيران قالدىم ،چۈنكى ئاپتۇنۇم
رايۇنىمىز بۇ ئىمارەتنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ قايتا رىمۇنت قىلىشقا تەييارلىق
قىلىۋىتىپتۇ،بۇنىڭىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ"ساچىيە مەدرىسى" نى كۆرۈپ باقمىغان كەڭ قىرىنداشلارغا
بۇ مەدرىسنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن رىمۇنت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ھالىتىنى ئىككى تىما قىلىپ
مۇنبەرگە يوللاشنى توغرا تىپىپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- e) u7 c4 B! {( t& E$ J"ساچىيە مەدرىسى" قەشقەر شەھرى چاسا كوچا باشقارمىسنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇپ شەرق
تەرىپىدە تۈمەن دەرياسى،غەرپ تەرىپىدە"ھىيتىگاھ جامائەسى"ۋە "ئوردا ئالدى" توپ تارقىتىش بازىرى
بار،ھازىر مەدرىستە جەمئىي14 ئېغىز ئۆي بار بولۇپ بۇ ئۆيلەر"ئوردا ئالدى" توپ تارقىتىش بازىرىدىكى
تىجارەتچىلەرگە ئامبار قىلىپ ئىجارىگە بىرىلگەن بولۇپ ھازىرمۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم قىممىتىنى ساقلاپ كەپتۇ.
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر تېلىفۇن ئارقىلىق تارتىلغان بولغاچ بەزى يىتەرسىزلىكلەر بولىشى مۇمكىن قىرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.