مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2647|ئىنكاس: 13

NASA: يېقىندا بىر كومېتاغا قونغان تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 02:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېقىندا بىر كومېتاغا قونغان تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى


بىلىمخۇمار

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى



ناسا مەركىزى ج پ ل (Jet Propulsion Laboraty) دە، يەنى مەن ئىشلەيدىغان ئىدارىدە، 2015-يىلى 26-يانۋار كۈنى (يەنى بۈگۈن) نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر كومېتانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاشۇ كومېتانى ئوربىتلاشنى باشلىغان ئالەم ئۇچقۇرى ۋە ئاشۇ كومېتاغا قونغان بىر تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئەھۋاللىرى ئۈستىدە بىر ئىلمىي دوكلات بېرىلدى.  دوكلات بەرگەن كىشى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ خادىمى دوكتۇر «پول ۋېيىسمەن» (Paul Weissman) بولۇپ، ئۇنىڭ ج پ ل دە ئىشلەۋاتقىنىغا ھازىر 40 يىلدىن ئېشىپتۇ.  ئۇ ھازىر مەزكۇر پروجېكت تۈرىنىڭ بىر «كۆپ خىل پەننىي ساھە مۇتەخەسسىسى» (Interdisciplinary Scientist) ئىكەن.


مەزكۇر قۇرۇلۇش «روسېتتا قۇرۇلۇشى» (Rosetta Mission) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىسمى «روسېتتا»، كومېتانى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئىسمى «پھىلى» (Philae) دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ ماشىنىلارنى ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى مەركىزى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا ناسا مۇ قاتناشتى.  روسېتتا ئىنگلىزچە « Comet 67P/Churyumov-Gerasimenko» ياكى قىسقارتىلىپ «Comet 67P» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتاغا 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ كۆتۈرۈپ ئاپارغان «فىلى» ئىسىملىك ماشىنا مەزكۇر كومېتاغا 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قوندى.  بىر ماشىنىنىڭ بىر كومېتاغا قونۇشى تارىختا مۇشۇ قېتىم تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، فىلىنى كومېتاغا قوندۇرۇش ئىشىغا ناسا غا ۋاكالىتەن ياردەملەشكەنلەرنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قارا-تەنلىك ئايال مۇتەخەسسىسمۇ بار.  


b01_comet_philae.jpg

1-رەسىم: كومېتاغا قونغان «فىلى» ئىسىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى [1].


روسېتتا 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كومېتا 67پ غا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئوربىتىسىغا كىرىشى ئۈچۈن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.  ھازىر ئۇ 510 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى يۈزىدىن كونترول قىلىنىۋاتىدۇ [2].  يەر شارىدىن ماڭدۇرغان سىگنال روسېتتاغا 28 مىنۇتتا يېتىپ بارىدۇ.  


كومېتا 67پ ئەڭ تېز ماڭغاندا ھەر سېكۇنتىغا 38 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.  


فىلى كومېتا 67پ غا قونغاندا كومېتانىڭ بىر كۈن چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ ئويمانلىقىغا قونۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان قۇرۇلمىسى ئىشلىمەي قالدى.  ئۇ دەسلەپتە يەر يۈزىگە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىگنال ئىۋەرتىشتىن توختاپ قالدى.  ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى مەركىزى ھازىر روسېتتادىن پايدىلىنىپ، فىلىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ [1].


b02_comet_dark.jpg

2-رەسىم: كومېتا 67پ ئۈستىدىكى فىلى قونغان قاراڭغۇ رايون.  


b03_comet.jpg

3-رەسىم:  روسېتتا تارتقان كومېتا 67پ نىڭ بىر كۆرىنىشى.


b04_8planets.jpg

4-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلېنەتا


قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا ئەڭ يىراق پلانېتا نەپتۇننىڭ نېرىسىدا «كۇيىپېر بەلۋىغى» (Kuiper belt) دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلۋاغ بار بولۇپ، ئۇ بەلۋاقتا كۆپلىگەن كومېتاغا ئوخشاش تاش ۋە مۇزدىن تۈزۈلگەن كائىنات جىسىملىرى بار.  ئۆز-ئارا سوقۇشۇش ۋە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىرى بىلەن، ئاشۇ كائىنات جىسىملىرىنىڭ بەزىلىرى قۇياشقا يېقىن بولغان يېڭى ئوربىتلارغا كۆچىدىغان بولۇپ، كومېتا 67پ مۇ ئاشۇ بەلۋاغدىن كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ.  ھازىر كومېتا 67پ مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ.


قۇياش سىستېمىسىدىكى كۈنگە يېقىن 4 پلانېتا قاتتىق تاشتىن تۈزۈلگەن تاش-پلانېتىلار بولۇپ، قالغان 4 پلانېتا «يوغان گاز پلانېتىلار» دەپ ئاتىلىدۇ.  يەنى ئۇلار ئاساسەن گازدىن تۈزۈلگەن.  كومېتا 67پ نىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن 3.5 ھەسسىسىگە تەڭ بولغاچقا، بۇ كومېتا يەر شارىنىڭ بۇنىڭدىن 4.54 مىليارد يىل بۇرۇن قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.  يەنى، بۇ كومېتا تاش بىلەن مۇزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇمۇ يەر شارى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن.  ئەمما بۇ كومېتا كۈندىن ناھايىتىمۇ يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈزۈلىشى ئەسلىدىكى قىياپىتىنى شۇ پەتى ساقلاپ قالغان.  ئالىملارنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش تۈرى ئۈچۈن كومېتا 67پ نى تاللىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ.  يەنى ئۇلار كومېتا 67پ نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەر شارى ۋە بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز يېڭىدىن شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى بىر قىسىم قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى.


گەرچە فىلى يەر يۈزىگە ئۇچۇر ماڭدۇرۇپ بېرەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ كومېتا 67پ نىڭ ئۈستىدە ئاشۇ كومېتا بىلەن قۇياشنىڭ ئېتىراپىدا ئايلىنىۋاتىدۇ.  ھەمدە روسېتتامۇ فىلىنى توختىماستىن ئىزدەۋاتىدۇ.


b05_comet67P.jpg

5-رەسىم: كومېتا 67پ نىڭ پۈتۈن كۆرىنىشى.  


ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر بىزدە دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 بولدى.   ئۈرۈمچىدە بولسا سەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولدى.  



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] It's been two months and scientists still haven't found Rosetta's Philae lander

<http://www.blastr.com/2015-1-6/i ... s-philae-lander>


[2] Touchdown! Rosetta’s Philae probe lands on comet

<http://www.esa.int/Our_Activitie ... _lands_on_comet>


[2] Kuiper belt

<http://en.wikipedia.org/wiki/Kuiper_belt>



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 03:03 PM  


قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 04:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاۋۇ كومىتانىڭ رەسىمىنى ڧىلىم ئوخشايدۇ دەپ چىكىپ كىتىپتىمەن تازا ....
  ئالەم جىسىملىرىنىڭ شار شەكىلدە بۇلۇشى ياكى يۇقىرقى كومىتادەك تەرتىپسىز شەكىلدە بۇلۇش سەۋەبى نىمىدىندۇ ؟
  شەكلى بەكلا غەلىتىكەن دىسە ............

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 04:36:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن پايدىلىنىش قىمىتتى بار ، لىكىن يەنىلاكەسىپ ئەھلىلىرى ياخشى چۈشەنلىگۈدەك .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22070
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10078 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 05:24:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://baidu.ku6.com/watch/08964 ... page=videoMultiNeed

http://img5.imgtn.bdimg.com/it/u=1866084078,336320309&fm=15&gp=0.jpg

ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ كومىتا ئۆز ئوقىسا ئايلىنىدىكەن، ئەگەر ئايلىنىش جەريانىدا  «پھىلى» (Philae) قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشسا ئىشلەش ھالىتىگە كىلىش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 05:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 07:15:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(Philae)  تېپىلسا، ياكى قۇياش نۇرىغا ئۇچرىشالىسا، ئىشلىشى ئەسلىگە كېلەلىسە،
شۇ يەر شارى توغرۇلۇق تەتقىقاتلارنىڭ قاچانلادىراق  بىر-بىرلەپ نەتىجىسى چىقار...
بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ داۋامىغا قىزىقىۋاتىمەن.
بىلىمخۇماركامنىڭ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، يوللاۋاتقان تېمىلىرىغا رەھمەت!

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئىنسان،،،،،،ئۆزۈڭنى بىل.!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113303
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2015-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 10:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىقىپ قالدىم

ئۇلۇغلۇققا يەتسەڭ بۇزما ئۆزۈڭنى،
ئەتلەس كىيسەڭ ئۇنۇتما كىيگەن بۆزۈڭنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112495
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2015-1-8
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 10:38:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېنچلىقمۇ ئەركىن ئاكا، شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بىزنى يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. سىز ۋە تاش پولات ئاكىمىزدەك، ئۈزى چەت ئەلدە بولسىمۇ، يۈرىكى ۋەتەنى، مىللىتى ئۈچۈن سوقىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە چەكسىز بەخت تېلەيمەن!
سىزدىن مۇنداق ئىككى سۇئالنى سورىۋالسام:
1. ئىنسانلارنىڭ تېخنىكىسى يەر بىلەن قانچىلىك يىراقلىقتىكى قىسىملارنى تەكشۈرۈشكە قۇربى يېتىدۇ؟ بۇ تېخنىكا ‹‹رادىيۇ دولقۇن››ى تېخنىكىسىمۇ؟ ‹‹رادىيۇ دولقۇن›› نى قويۇپ بەرگەندە، يەر بىلەن دولقۇن قويۇپ بېرىلگەن جىسىمنىڭ ئارىلىقىدىكى باشقا جىسىملارغا تەسىرى بولامدۇ؟ 2. ئېسىمدە قېلىشىچە، نېپتوننىڭ بوشلۇقى مۇز ھالىتىدە بولىدىكەن، بۇ راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى سىز دېگەن ‹‹كۇيىپېر بەلبېغى››غا يېتىپ بارالايدۇ؟
(ئۈرۈمچى ۋاقتى بىلەن سىز تۇرىۋاتقان ۋاشىنگتون رايونىنىڭ ۋاقتىدىن بەرگەن ئۇچۇرىڭىزمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ)  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:35:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NEPTON يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 10:38 PM
تېنچلىقمۇ ئەركىن ئاكا، شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!

1.بۇ مەسىلىدە سىز تۆۋەندىكى يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
بىلىمخۇمار: كائىناتنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك؟
http://bbs.izdinix.com/thread-59847-1-1.html

2. ناسا ھازىرغىچە قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتىلارنىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇچقۇرى ماڭدۇرۇپ، ئۇلارنى يېقىن ئارىلىقتىن رەسىمگە ئېلىپ بولدى.  بۇنىڭ ئىچىدە نېپتۇنمۇ بار.  نېپتۇننىڭ ئىچكىي قىسمى ئاساسەن مۇز ۋە تاشتىن تۈزۈلگەن.  

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 04:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق   ئاكا ،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ! سىزدىن ۋە سىزگە ئوخشاش قىرىنداشلىرىمىزدىن ھەرۋاقىت پەخىرلىنىمىز.
مەن بۇگۇن نۇر  توردىن   بىر تىما كۆرگەنتىم ،مۇشۇ ئشلارغا  سىز قانداق  قاريسىز؟
مارستىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئادەم سايىسى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) مارس تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، سۈرەتتە بىر ئادەمنىڭ «قىزىقىش» ناملىق مارس ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋاتقان سايىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان بولۇپ، بۇ تورداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
مەنبەسى :http://www.nur.cn/news/2015/01/206290.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaitmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 04:58 PM  


مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش