مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1499|ئىنكاس: 10

ئۈچ سوئال (لېف تولستوي) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111122
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2014-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  ئۈچ سوئال

               (لېف تولستوي)


     چار پادىشاھ تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدى: «قىلىدىغان ئىشلىرىم چېچىمدىن تولا. ئۇنداقتا مەن ئۈچۈن قايسى ئىش ئەڭ مۇھىم؟ ئۇنىڭغا قايسى ۋاقىتنى تاللىشىم كېرەك؟ ھەم يەنە كىمنى شۇ ئىشقا ئەپ كۆرسەم توغرا بولىدۇ؟» پادىشاھ بۇ سوئاللارنىڭ ئەڭ توغرا جاۋابىنى بىلگىنىدە، ئۇ شاھلىق تاجىنى كىيگەن بۇ چاررۇسىيە زېمىنى ئەسلا مەغلۇبىيەت شەپىسى ئاڭلانمايدىغان بىر ئەركە زېمىن بولالايتتى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بېشىنى قاتۇرغان ئاشۇ گادىرماچ سوئاللارنى جىمى چاررۇسىيە خەلقىنىڭ مۇلاھىزىسىگە تاپشۇردى. كىمىكى ئۇنىڭ ئول ئۈچ سوئالىغا كەم - كۈتىسىز جاۋاب بېرەلەيدىكەن، ئۇنى نى - نى كاتتا ئىنايەتلەر كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، ئەلۋەتتە!
     مەملىكەتلىك مەشھۇر بىلىمدانلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ سۆزلەشتى. ھېچكىمنىڭ جاۋابى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. بىرىنچى سوئالغا بەزىلەر:
     ___ قاچان، قايسى ئىشنى ئەڭ يۈكسەك پەللىدە بېجىرمەكچى بولغان ئادەم ئەڭ ئاۋۋال بىر يۈرۈش «كۈندىلىك مەشغۇلات جەدۋىلى» تۈزۈپ چىقىپ، شۇ تەرتىپنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى لازىم.
     ___ ئەتىكى ئىشنى كىم بىلەلەيدۇ؟ ھېچكىم. ئاقىل ئادەم يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقىلار بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان زەر ۋاقىتنى ئۇلار تېجەلەيدۇ، ___ دېدى.
     يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ناقايىللىق بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈپ:
     ___ ئىنسان ھەر ئىشنىڭ سەھىھ تەرىپىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس. ئۇلار پەقەت دانىشمەنلەر بىلەن كۆپ - كۆپ پىكىر ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەر ئىشقا ماھىر بولالايدۇ، خالاس.
     ___ بېرى قۇرۇق گەپ. خىيال تۈسىنى ئالغان تەپەككۇرلاردىن تۇغۇلغان بۇنداق سوئاللارنى خىيالپەرەسلەردىن، يەنى ئاسترونوملاردىن سوراپ بىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
     ئىككىنچى سوراققا قويۇلغان چېكىتلەرمۇ ھەرياڭزا بولدى:
     ___ سىياسىي دىپلومات ئەڭ مۇھىم.
     ___ ياق، كاھىن مۇھىم.
     ___ دوختۇر.
     ___ ئەلگە ئەڭ كېرىكى قەھرىمان.
     ئۈچىنچى سوئالغا ياغقان جاۋابلار: ئىلىم - پەن؛ جەڭ تاكتىكىسى؛ دىنىي تەقۋالىق...
     بىرمۇ جاۋاب پادىشاھنىڭ بېشىنى لىڭىشتۈرەلمىگەچ، «بارىكاللا»غا ئېرىشكەن بىرمۇ دانا چىقمىدى. ئەمما پادىشاھ يەنىلا بىر مۇكەممەل جاۋابنىڭ تېپىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئاخىرى تەركىدۇنيالىق بىلەن ياشايدىغان بىر زاھىدنى ئىزدەپ باردى. پادىشاھ نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ باشقىچىرەك جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
     دەرۋىش مەغرىبى باراقسان ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بىر جاڭگالدا ئۆزى تەنھا مەستۇرىلىك بىلەن ئۆتەتتى. پەقەت شۇ جايدىن ئۆتكەن - كەچكەن ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەنلا ئالاقە قىلاتتى. شۇڭا پادىشاھ پۇقراچە ياسىنىپ ئوردىدىن چىقتى. دەرۋىشنىڭ تۇرارگاھىغا يېقىنلاشقاندا، پادىشاھ ياساۋۇللارغا ئورمانلىقتا ساقلاپ تۇرۇشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز دەرۋىش بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭدى.
     دەرۋىش بىر سىڭاريان كەپىنىڭ ئالدىدىكى مايسىزارلىقتا تەرگە چۆمۈلۈپ ئىشلەۋاتاتتى. ئۇ بايىلا قېشىغا كېلىپ تۇرغان پادىشاھقا مۇنداقلا قاراپ قويدى - دە، مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. دەرۋىشنىڭ جۇغى ئىنتايىن ۋىجىك بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم گۈرجەكنىڭ بىسىنى كۈچەپ يەرگە تىققاندا، توپىغا يېرىم غېرىچمۇ پاتۇرالمايتتى. ئەمما ئاجىزلىقىغا مۇخالىپ ھالدا ناھايىتى كۈچلۈك ھاسىرايتتى.
     بىردەمدىن كېيىن، پادىشاھ ئېيتتى: «دەرۋىش ئەزەم، مەن بۇ يەرگە ئۆزلىرىدىن ئۈچ دانە سوئال سوراش مۇددىئايى بىلەن كەلگەن. بىلسىلە جاۋاب بەرسىلە. ئىشلار ئىچىدە قايسى ئىش ئەڭ مۇھىم؟ شۇنىڭغا ياندىشىپ ئۇ ئىش ئۈچۈن قايسى ۋاقىت، قانداق ئادەم ئەڭ مۇۋاپىق؟»
     دەرۋىش پادىشاھنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىمىدى ئەمەس ئاڭلىدى. بىراق ئۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماستىن، يەر يۇمشىتىشنى داۋامەت قىلدى. يەنە بىر چارەك كەچتى.
     ___ ھېرىپ قاپسىز. ئەكىلىڭ، گۈرجەكنى ماڭا بېرىڭ، مەنمۇ ياردەملىشەي، ___ دېدى پادىشاھ.
     ___ تەڭرى رەھمەت قىلسۇن!
     دەرۋىش گۈرجەكنى پادىشاھقا سۇنۇپ، ئۆزى قىر بېشىدا ئولتۇردى. پادىشاھ ئەمگەكنى داۋام ئەتكەچ، دەرۋىشتىن بايىقى سوئاللارنى پات - پات سوراپ قوياتتى. لېكىن دەرۋىش يەنىلا سۈكۈتتىن چىقمايتتى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. بىر چاغدا دەرۋىش گۈرجەكنى ئېلىش ئۈچۈن پادىشاھقا قولىنى تەڭلەپ:
     ___ سىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، ئەمدى ئۆزۈم كېلەي، ___ دېدى. جۇدۇنى ئۆرلەپ قالغان پادىشاھ ئۇنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالمىدى.
     قۇياش ئورمانلىق كەينىگە پاتقىلىۋاتقان چاغ ئىدى. پادىشاھ كۈنگە بىر قارىدى ۋە خېلى خاپىغان ھالدا گۈرجەكنى ئېتىزغا چۆرىۋېتىپ، دەرۋىشكە سەل تەئەددى بىلەن: «دەرۋىش ئەزەم، مەن بۇ يەرگە سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كەلگەن. ئەگەر جاۋابلىنىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، گېپىڭىزنى ئوچۇق قىلىڭ. مەن يەنە قايتىپ كېتىشىم كېرەك» دېدى.
     ___ ئاۋۇ ياققا قاراڭ، ___ دېدى دەرۋىش توساتتىن كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئورمانلىق تەرەپنى چىنەپ، ___ بىرسى كېلىۋاتىدۇ، كىمدۇ؟
     پادىشاھ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئورمانلىق ئىچىدىن ئۇزۇن ساقاللىق بىر كىشىنىڭ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يۈگۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ كىشىنىڭ ئالىقانلىرى بېقىنىغا يېقىقلىق ھالەتتە تۇراتتى. ئۇنىڭ قول پەنجىلىرىدىن توختىماي قىپقىزىل قانلار ساقىپ تۇراتتى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپلا ھالسىزلىنىپ يىقىلدى. ئۇنىڭ قىمىرلىغۇدەك ماجالىمۇ يوق بولۇپ، ناھايىتى ئاجىزانە قۇدرەتتە تېنەتتى، تىترەيتتى.
     پادىشاھ بىلەن دەرۋىش بىرلىكتە ئۇ كىشىنىڭ ئېگىنلىرىنى يېشىپ، جاراھەت ئېغىزىنى تاپتى. دەرۋىش ماتا ئېلىپ كەلدى، پادىشاھ تېزدىن جاراھەت ئېغىزىنى تېڭىشقا باشلىدى. زەخمىلىنىش زىيادە ئېغىر بولغانلىقتىن، قايتا - قايتا نەچچە رەت تېڭىش نەتىجىسىدە، قان ئاران توختىدى.
     قۇياش ئاللىبۇرۇن غەربنىڭ قوينىغا پاتقانىدى. دەرۋىش بىلەن پادىشاھ يارىدارنى كەپىگە ئەكىرىپ، كارىۋاتنى راسلاپ ياتقۇزدى. پادىشاھ پۈتۈن بىر كۈن ئېغىر چارچىغاچقا، بوسۇغىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپلا ئۇيقۇغا كەتتى.
     سەھەر. ئەمدىلا بەللىرى ئاغرىق ھالەتتە ئويغانغان پادىشاھ باشتا ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى ئاڭقىرالماي قەۋەت گاڭگىرىدى. كارىۋاتتىكى ئۆزىگە تىكىلىپ ياتقان ئاۋۇ ئۇزۇن ساقاللىق كىشىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئەسلىيەلمىدى.
     ___ ماڭا رەھىم قىلىڭ، ___ دېدى يارىدار كىشى بىردىن زەئىپ ئۈنى بىلەن.
     ___ سەن ماڭا يامانلىق قىلمىغان تۇرساڭ، مەنمۇ سېنى تونۇمايدىغان تۇرسام، يەنە نېمىدەپ مەندىن پاناھلىق سورايسەن؟ ___ دەپ ئەجەبلەندى پادىشاھ.
     ___ سىز مېنى تونۇمايسىز، ئەمما مەن سىزنى تونۇيمەن، پادىشاھى ئالەم. سىز مېنىڭ، مەن سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز. سىز مېنىڭ قېرىندىشىمنى قەتل قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالغاندا، مەن قېرىندىشىم ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشقا قەسەم ئىچكەن. مەن سىزنىڭ دەرۋىشنى ئىزدىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئالدىن بىلگەنتىم ھەم ئۇ يەردىن يانغىنىڭىزدا سىزنى ئۆلتۈرۈپ دەردىمنى ئازايتىشنى نىيەت قىلغانتىم. ئەمما گۇگۇم پەيتى بولغان بولسىمۇ، سىز يەنىلا كەلمىدىڭىز. شۇندا مەن مۆكۈۋالغان يېرىمدىن چىقىپ سىزنىڭ ئاياغ ئىزىڭىزنى بويلاپ ماڭدىم. كۈتۈلمىگەندە، سىزنىڭ قورۇقىچىلىرىڭىز بىلەن يۈزمۇيۈز دوقۇرۇشۇپ قالدىم. ئۇلار مېنى تونۇۋالدى ۋە قېلىچلىرىنى سۇغۇرۇشۇپ ماڭا ئېتىلدى. بەدەنلىرىمدىن نەچچە يەرنى قېلىچ شىلدى، تىلدى. مەن بار كۈچۈم بىلەن قاچتىم، جان تاتلىقكەن. ناۋادا تۈنۈگۈن سىزنىڭ تاسادىپىي قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىڭىزغا مۇيەسسەر بولمىغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى ئاللىقاچان گۆردە كۆرگەن بولاتتىم. مەن سىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىمەكچى ئىدىم، بىراق سىز مېنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالدىڭىز. ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، مېنىڭ سىزگە تەلەپ قويۇشىمغا ھەققىم يوق. ئەمما ئەگەر سىز ماڭا شەپقەت قىلىپ، مېنىڭ ھايات قېلىشىمغا رۇخسەت بەرسىڭىز، مەن ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك سادىق قۇلىڭىز بولۇشقا رازى. بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمنىمۇ سىزنىڭ خاھىشىڭىزغا قويىمەن. شۇڭا ماڭا رەھىم قىلىڭ، گۇناھلىرىمنى يۇيۇۋېلىش ئۈچۈن بىر نۆۋەت پۇرسەت بېرىڭ.
     پادىشاھ بۇ تۇيۇقسىز خۇشاللىقتىن ھاياجىنىنى باسالمايلا قالدى. ئۇ ئۆمرىدە بىر دۈشمىنى بىلەن بۇنچە ئوڭاي ۋە بۇنچە گۈزەل رەۋىشتە يارىشىپ قېلىشنى ئويلاپمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. پادىشاھ بۇ دورەم ئۇنى ئەپۇ قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭدىن ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە ئەپۇ سورىدى. ئۇنىڭ مال - مۈلكىلىرىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بەردى ۋە بىر نەچچە قاراۋۇلنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇنى ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويدى.
     كېيىنلا، پادىشاھ دەرۋىشنى ئىزدەپ تالاغا چىقتى. ئۇ ئۆز مەۋقەسىگە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولدى. دەرۋىش يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ مايسا ئېتىزىغا ئۇرۇق سېلىۋاتاتتى.
     پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ:
     ___ دەرۋىش ئەزەم، مەن سىزدىن تەلىپىمنىڭ تەقدىمگە ئېرىشىشىنى ئاخىرقى قېتىم سورايمەن، ___ دېدى.
     ___ جاۋابىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولدىڭىزغۇ!؟
     ___ قاچان؟ نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭىز؟ ___ پادىشاھ ھاڭ - تاڭلا قالدى.
     ___ قارىغاندا يەنە چۈشەنمەپسىز - دە، ___ دېدى دەرۋىش، ___ سىز تۈنۈگۈن ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ جاپايىمنى تەڭ تارتتىڭىز، شۇنداققۇ؟! ئەگەر سىز شۇ چاغدا سەۋرسىزلىك قىلىپ كېتىپ قالغان بولسىڭىز، يولدا ھېلىقى ئادەمنىڭ قەستلىشىگە يولۇقاتتىڭىز. شۇڭلاشقا ئۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش: ماڭا ياردەم قىلىش بولىدۇ؛ سىز يەر كولاۋاتقان ۋاقىت بولسا ئەڭ مۇھىم ۋاقىت؛ مەن ئۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم. كېيىن ئۇزۇن ساقاللىق ھېلىقى كىشى كەلدى. ئۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش: ئۇ كىشىنى قۇتقۇزۇش ئىدى؛ ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت بولسا ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتقان چاغ؛ شۇ چاغدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادەم دەل ئۇ. چۈنكى سىز ئۇنى ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇۋالمىغان بولسىڭىز، ئۇ ئۆلۈپ كېتەتتى ۋە غۇم - ئاداۋىتىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ چاغدا سىز تەڭرىنىڭ قەھرىگە ئۇچرايتتىڭىز. شۇڭا سىزگە دەي، ۋاقىتلار ئىچىدىكى ئالىي ۋاقىت: شەيئىلەر ھەرىكەتلىنىۋاتقان ۋاقىتتۇر، يەنى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ۋاقىت دەل ھازىر. ئۇ بىزنىڭ باشقىلارغا سالىھلىق قولىمىزنى سۇنالايدىغان بىرگىنە ئىمكانىيەت كۆۋرۈكى؛ ئەڭ مۇھىم ئادەم بولسا: سىزنى ئوق قىلىپ چۆرگىلىۋاتقان ھەربىر جان ساھىبى. سىز ئۇلارنىڭ كۈنەكىشىگە ياردەم بېرىسىز، ئۇلارمۇ سىزنىڭ ساۋاب جۇغلىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ؛ جاھاندىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا: ئاشۇ يوقسۇل، ناتىۋان كىشىلەر ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىش. بۇ ئىبادەتنىڭ باشلانمىسىدۇركى، قاراڭ، ئىنسان بۇ دۇنيادا بىر مۇددەت ياشايدۇ. ئۇلار ئەجەبا بۇ قىسقىغىنا مۆھلەتتە بىراۋغا ئازغىنە ياخشىلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ ئارقىلىق ئۇ دۇنياغا مول سەرمايە سېلىۋېلىش مەقسىتى ئۈچۈنلا ياشىمامدۇ؟


(ئەفغانىي تەرجىمىسى)




                2015 - يىلى يانۋارنىڭ 24 - كۈنى، يۇرۇڭقاش
     
  
         

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 11:20:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس   ئىسىل    يىزىلغان   ئ‍ەسەركەن   ،  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3764
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 11:34:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم، يوللىغۇچىغا رەھمەت

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13268
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 01:03:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ياخشى تېما ئىكەن ...

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 01:48:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ئەسەركەن.

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 01:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ئەسەركەن.

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1920
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 959 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 02:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 08:16:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل! مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ تۇرۇڭ.

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95384
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 08:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا مەن كۆرگەن ئەڭ ئېسىل تەرجىمە ئەسەرنىڭ بىرى بولدى، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 08:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى بولغان،مەزمۇنى چوڭقۇر ئەسەردىن بىرنى تەرجىمە قىپسىز...

تەشەككۈر سىزگە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش