مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11957|ئىنكاس: 83

يالقۇن روزىغا جاۋاب: «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش خاتامۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112649
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالقۇن روزىغا جاۋاب: «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش خاتامۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. h# \+ z, o! z9 j+ |
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( t- a" q1 P8 |; K. ?& q/ }+ p- J

1122288f793sksb6jxq4e9.jpg

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يالقۇن روزى ئاكا، سىزنىڭ مىسرانىم تورىدىكى «ئابدۇراھماننىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى» ناملىق يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىز ۋە ئابدۇراھمان ئاكامنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداشقان پىكىرلەر» ناملىق ئەرزىمەس يازمامدىكى تەۋسىيەرىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش يۈزىسىدىن «يازما مەشىقى» قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن ئالدى بىلەن سىزدەك بىر مەسئۇلىيەتچان زىيالىرىمىزنىڭ تور ۋە ئۈندىدارلاردىكى قىزىق نۇقتىلىق يازمىلارغا مەتبۇئاتلاردىن ئېشىنغان ھالدا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىپ، ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن، پەننىڭ تەرەققىياتى مانا مۇشۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ، مۇنازىرە ئارقىلىق يېڭىلىنىدۇ، پەن تەرەققىي قىلسا جەمئىيەتمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، مۇنازىرىگە قاتناشمىغان بىلىم چىرىۋاتقان بىلىمدۇر. ئىلمىي مۇنازىرە بىزگە نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەقىقەتنى توغرا ياقىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.  يالقۇن روزى ئاكا، يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئەستايىدىلىققىڭىزدىن سۆيۈندۈم، چۈنكى سىز يازمىڭىزدا مەرھۇم قەھرىمانىمىزنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى بىلەن ئېرىنمەي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، توردىكى «قەھرىمانغا ئىئانە توپلاش شوئارى» غا قارىشى دەلىل - ئىسپات توپلاپسىز، ئەلۋەتتە، بۇ يازمىڭىزدىكى كۆپلىگەن پىكىرلەرنىمۇ سىز شۇ ئائىلە – تاۋاباتلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغاندەك تۇرىسىز، بولۇپمۇ «غورۇر ۋە نادان ئېيىق» ھەققىدىكى بايانلارنى (شەخسەن پەرىزىم).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" s: x; e1 t" s
     مەن بىر ئادەتتىكى قەلەم مەدىكىرى، گېزىتخانىنىڭ ئاددىي مۇخبىرى، ئالدىڭىزدا گەپ يورغىلىتىشقا تىلىم ئاجىز، قەلەم ئوينىتىشقا بىلىمىم كەمچىلدۇر، شۇنداق بولسىمۇ، يازمىڭىزغا قارىتا ئويلىغانلىرىمنى جۆيۈلۈپ بېقىش مەقسىتىدە، كېچىلەپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن سىزدەك ئىستىداتلىق ئۆگەتكۈچى بولالمىساممۇ، ئاددىي ئۆگەنگۈچى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئىزچىل تاكاماللاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن، شۇڭا سىزدەك خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق ئوبزورچى ئاكىمىزدىن تەلىم ئېلىشقا تەييارمەنكى، سىز بىلەن تاكالىشىشتىن ھەر ۋاقىت تىلىمنى تارتىمەن، چۈنكى مەن «ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب ئاتىدۇ ھەرباب بىلەن» دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. مەن سىزنىڭ ھازىرغىچە يازغان يازمىلىرىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى، لېكسىيەلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى، سىز بىلەن ھەر قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكىنىمدە، ئۆزۈمنى يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىپ، خۇشال بولىمەن. مەندىكى ئىلمىي مۇنازىرە ئېڭىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن. شۇ ۋەجىدىن ئوقۇرمىنىڭىز ۋە شاگىرتىڭىز سالاھىتىدە سىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 T7 ?: q4 p9 N& j$ ~

3a.jpg

     مەن تۆۋەندە سىزنىڭ «ئابدۇراھماننىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى» ناملىق يازمىڭىزدىكى ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان نۇقتىلارغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتمەكچىمەن، مەندەك ئەمدىلا رول تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان «يېڭى شوپۇر» نىڭ قېيىپ كېتىشلىرىنى سىزدەك بىر «پىشقان شوپۇر» نىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتىشىگە ئىشىنىمەن. ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: @! `! E, [  _9 o
مەن ئۈندىدارىمدا «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق ئىككى يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يازمىنى ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ يېقىن دوستى كۆكتېكىننىڭ يازغانلىقىنى بىلدىم. مەن ئىلگىرى كۆكتېكىن، ئابدۇراھمان، جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا قاتارلىقلارنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ باققانلىقىم ۋە ئۇلار ھەققىدە ئازدۇر - كۆپتۇر مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىنىم ئۈچۈن، يازمىدىكى مەزمۇنلار كاللامدا كىنو لىنتىسىدەك زاھىر بولۇشقا باشلىدى. بۇ يازمىنى ئابدۇراھماننىڭ دوستى كۆكتېكىن يازماي باشقا بىرى يازغان بولسا، يازمىدىكى بايانلارغا «كۆتەر قاسقىنىڭنى» دەپ ئىشەنمىگەن بولاتتىم، ئەمما بۇنى كۆز يېشىغا قەلىمىنى مىلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتقىنى ئابدۇراھماننىڭ يېقىن دوستى، «ياغاچ پۇت شاھزادىسى» دەپ نام ئالغان كۆكتېكىن ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ يازمىدا مىسال قىلىنغان جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىچى بازىرىنىڭ ئۈچۈنچى قەۋىتىدىكى «ئاق ئەتتىرگۈل راڭپىزىخانىسى» دا ئۈچ قېتىم جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان راڭپىزىنى تېتىغانىدىم ۋە ئۇنىڭ «تۇرمۇش» پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدىم. گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، كۆكتېكىن ۋە جۈرئەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كېسەللىك دېئاگىنوز قەغىزىنى كۆرگەنىدىم، كېيىن گۈلزۆھرە ھەققىدە يېزىلغان «تەكلىماكان مەلىكىسى ـــ گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا» ناملىق كىتابنىمۇ ئوقۇپ چىقتىم، مانا يۇقىرىقى ئۆزۈم كۆرگەن پاكىتلار مېنى «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق يازمىدىكى ئاساسىي مەزمۇنلارغا ئومۇمىي جەھەتتىن رېئاللىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇ يازمىنى كۆزۈمگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى. كۆكتېكىن ماقالىسىدە «مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشۇۋاتقان قىسمەن تۆھپە ئىگىلىرىنىڭ تازا قەدىرى ئۆتۈلمەيۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىنى ئابدۇراھمان ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغانىدى». شۇ تاپتا مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان نۇرغۇن ئۈندىدارداشلىرىم ئۇشبۇ يازمىنى دوستلار چەمبىرىكىدە شىددەت بىلەن تارقاتماقتا ئىدى، ئۇلارنىڭ يازمىنى تارقاتقىنى، يازمىدىكى مەزمۇنلارغا مايىللىقى بارلىقىنى مەلۇم جەھەتتىن ئېچىپ بېرەتتى. شۇ خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۈندىدار چەمبىرىكىمنى يومۇلاتتىم. «چولپان بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنى ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، ئايال تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى سېتىپ بالىسىنى داۋالاتماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكلىردەك ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرىمىزنى بۇ ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ ئويلىغانىكەنمەن، مىڭ ئەپسۇس... دۇنياۋى سەھنىلەردە شۆھرەت قازانغان شۇ كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتۇق، ئۇلارغا ئازىراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماپتۇق، مېنىڭ شۇ تاپتا ‹بىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى نەگە كەتتى؟› دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ؟»  مانا بۇ ئۇچۇر كۆپىنچە دوستلىرىمنىڭ چەمبىرىكىنى قاپلاپ كېتىپتۇ. بولارغا قاراپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم – دە، دەررۇ كاللامغا «ئىدارىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى ئىدارىسى مۇكاپاتلايدۇ، ئەجىبا ئەل - يۇرتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى ھېچكىم مۇكاپاتلىمامدۇ؟ ياق ئۇلارغىمۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنىشى، بولۇپمۇ، يۇقىرقىدەك دەۋىر پالۋانلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال مۇكاپات تەسىس قىلىنىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇس پەيدا بولدى ۋە مۇشۇ تەشەببۇسۇمنى ياقىلىغان ئاساستا «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداشقان پىكىرلەر» ناملىق يازمىنى يېزىپ مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ يازمام مۇنبەردە تارقالغاندىن كېيىن، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش تەشەببۇسۇم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پاكىت ئۈچۈن باغداش مۇنبىىرىدىكى ئەڭ تىپىك ئىنكاسلاردىن بىر قانچىنى مىسال ئالغۇم كەلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ a2 F6 u2 s$ h, Z$ d

mmexport1421993591609.jpg

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 O8 c  i, d" N/ H2 E1 a8 \  L
     «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداش پىكىرلەر» ناملىق ماقالىغا يېزىلغان 55 – ئىنكاستا، فىرانسىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان يازغۇچى دىلدار ئەزىز ھەدە دىل ھېسلىرىنى مۇنداق بايان ئەيلىگەن: مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئىسسىق ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلىدى. .. مەن مەرھۇم ئابدۇراھمان ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە جەمئيىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئابدۇراخمانغا ئوخشاش تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشاۋاتقان، ئۆزىنىڭ مېھنەت ئەجىرلىرى بىلەن مىللەتكە، ۋەتەنگە روھى ئوزۇق  ۋە شان - شەرەپلەرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ تىرىشىۋاتقان، بىراق شۇ تارتقان ئەجىرىگە لايىق ئۆزلىىرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالمىغان كىشىلىرىم ئۈچۈن ئۆكسۈپ يىغلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر  ۋاقىتتا 15 يىلنىڭ ئالدىدا پۇلدىن ئىبارەت ھەم ئىپلاس ھەم سۆيۈملۈك نەرسىنىڭ مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرىتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ يىغلىدىم...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: {% ?6 U, R4 Y- k. _/ F8 j& s8 X
     شۇ چاغلاردا مېنىڭ  «بەخىت سىزگە يار بولسۇن» ناملىق كىتابىمنىڭ تۇنجى نەشىرى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرشۈپ، مەن كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ  گۈلدەستىلىرىگە ۋە شان - شەرەپلىرىگە نائىل بولغان ئىدىم. شۇنداق بىر كۈنلەردە، مەن توساتتىن شۇ كىتابىمدىن تاپقان ئازغىنە قەلەم ھەققىم بىلەن شىركەت ئېچىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىچىك ئوغلۇم ئاغرىپ قېلىپ، داۋالىتىشقا پۇلىمىز يەتمەي دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك روھى ئازاب ۋە خىجالەتچىلىكتە قالغان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىدارىدىن سېتىپ بېرىدىغان ئەرزان باھالىق ئۆينىمۇ سېتىۋېلىشقا پۇلىمىز يەتمەي، ئەتىراپتىكى قوشنىلىرىمىز ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇرسا، پەقەت بىزلا ئۆيگە ئىجارا ھەقىقى تۆلەپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدۇق. مانا شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن  ئىچىمدە پۇل تاپقان ھامان چوقۇم بىر تىجارەتنىڭ يولىنى تۇتۇشنى ئويلىغان ۋە ئاخىرى شۇنداق قىلغانىدىم. گەرچە مېنىڭ بۇ قارارىمنى نۇرغۇن دوستلىرىم قوللىغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆزىنى جەمىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە تەۋە، دەپ بىلىدىغان دوستلىرىم مېنىڭ شىركەت ئېچىپ تىجارەت قىلىشىمغا قەتئىي قارشى تۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇنچىلىك ئاددىي: «سىز بىر تونۇلۇۋاتقان يازغۇچى ھەم دۆلەت كادىرى، بىر ئوبدان خىزمىتىڭىز بار، كىتابىڭىزنى يېزىپمۇ پۇل تېپىۋاتىسىز، شۇ يەتمەمدۇ؟ يەنە نېمە دەپ شۇ سەنشىخاڭزىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالىسىز؟ ئۇنداق قىلسىڭىز ‹يازغۇچى› دېگەن ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يەتمەمدۇ؟ دەپ مىنى ئەيىپلەشتى. بىراق ئوغلۇمنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلىيەلمىگەندە، ئۆينىڭ دەسلەپتە تۆلەيدىغان 5000 يۈەن خەلق پۇلىنىمۇ تاپالمىغاندا ھېچقايسىسىنىڭ ماڭا ياردەم قىلغۇسى كەلمىگەن، مەنمۇ ھېچكىمگە پۇل دەپ باقمىغان، بىراق ئۇلار ھەممىنى بىلەتتى، شۇنداق تۇرۇپمۇ ھېچكىشىنىڭ ماڭا ئۆزلىگىدىن ياردەم بەرگۈسى كەلمىگەن. بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ قولىدا ماڭا بېرىپ تۇرغىدەك پۇلى بولمىغاندۇر. ئاخىرى مەن ئەنە شۇ ئۆزۈم ۋە ئائىلەم ئۈچۈن ھېچنەرسىگە يارىمايدىغان قۇرۇق شۆھرەتلەرنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، يەنىلا ئۆز شىركىتىمنى ئېچىۋەردىم. كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىگە دىققەت قىلغۇدەك ۋاقتىممۇ بولمىدى. كېيىن پۇل تاپتىم، يۇرتتىكى نامرات تۇققانلارغا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ۋە يەنە بىر قىسىم يېتىم قىزلارغىمۇ ياردەم قىلىپ ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردىم. بالىلىرىمنى چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتقاندىن سىرىت، ئۆزۈممۇ ئارزۇيۇم بويىچە فىرانسىيەگە چىقىپ ئوقۇدۇم ۋە ھازىرمۇ (گەرچە يېشىم 50 دىن ئاشقان بولسىمۇ) 18 - ئەسىر ئەدىبىيات ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىمەن. شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە نەشر قىلىنىدىغان ئەسەرلىرىم ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىمكى، ھەرقانداق بىر ئۇتۇق قازانغۇچى ئۈچۈن، تۈنۈگۈنكى ئۇتۇق، ئۇ ئۆتكەن زامانغا مەنسۇپ، بىراق سىز ئەتىمۇ يەنىلا ياشايسىز ۋە ياشىشىڭىز كېرەك. ئەگەر جەمئىيەتنىڭ سىزگە ئاتا قىلغىنى قۇرۇق شان - شەرەپلا بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالمىسا، سىز ئۆزىڭىزدىكى شۇ نۇر چەمبىرىگىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزنى باياشات ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز  كېرەك. چۈنكى ئادەم ئۆز رىسىقىنى ئۆلگەندە مۇردىنى دەبدەبىلىك بىلەن ئۇزۇتۇشقىلا يارايدىغان، ھاياتلىقىدا قەدىرلىيەلمەيدىغان، ئۆملۈك بولمىغان، باشقىلارنىڭ شان - شەرىپىگىلا جور بولالايدىغان، ئازابلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئۇيغۇردەك بىر قەۋىمدىن؛ ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئۆم ۋە ئۆز -ئارا كۆيۈنىدىغان گۈزەل ئەنئەنىسىنى ئەنە شۇ روھ بىلەن قوشۇپ تۇپراق ئاستىغا كۆمۈپ قويغان بىزدەك بىر قەۋمدىن يەنە قانداقتۇر ئۆز - ئارا ياردەم ۋە ئىئانىلەرنى كۈتۈش، بۇ قەلەندەردىن سەدىقە تىلىگەن بىلەن باراۋەر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلا ياشايدىكەنسىز، ئۆزىڭىزدىكى بار بولغان بارلىق ئېنىرگىيەلىرىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە قىممىتىڭىزنى يارىتىپ، باشقىلارغا ‹ئاتا قىلغۇچى› بولۇپ ياشاشنى ئۇنتۇماڭ. قولىڭىزدىن نىمە كەلسە شۇنى قىلىڭ. ئەنە شۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارغا مەنىۋىي بايلىقلا ئەمەس، يەنە ماددىي بايلىقمۇ ئاتا قىلالىغانلىقىڭىز ئۈچۈن پەخىرلىنىپ ياشايسىز. چۈنكى ھايات سىزنىڭ، ئۆيدىكى ئايالىڭىز ۋە بالىڭىز، ئۇمۇ سىزنىڭ، ئۇلارنى پەقەت سىزلا بەخىتلىك قىلالايسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ o7 x: O  c$ I" Oزىيا 83 – ئىنكاستا مۇنداق دېگەن: ئۆتكەندە تەمبۇر  پادىشاھى دەپ نام ئالغان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالەمدىن كەتكەندىن كېيىن ئىدارە ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرىدىن ئۆينى قايتۇرىۋالغان. ئۇ بىچارىلەر قىيىنچىلىقتا قېلىپ، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ھازىر قانداق بولۇپ كېتىۋاتىدىكىن-تاڭ. ئۇنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىدىن ھەقسىز بەھىرلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا بۇلارنى ئويلاپ قويساقمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; i  t" P( z! p/ N" Iياشىر 111 – ئىنكاستا مۇنداق دېگەن: ئىچكىرىكى داڭلىق تەنھەركەتچىلەرنى دۆلەت يۆلىمىدى، چۈنكى ھەممە ئىشقا دۆلەت يېتىشىپ بولالمايدۇ، ئۇلارنى ھەر قايسى داڭلىق كارخانىچىلار ھەرخىل ئېلانلارغا چىقىرىپ ئىقتىسات جەھەتتىن يادەم قىلدى، بىزدە بولسا كارخانىچىلىرىمىز ساپلا ناخشا چولپانلىرىنى يۆلەپ، ئۇلارغا ئېلان بېرىپ ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، تەنتەربىيەدە دۇنياۋى نەتىجىلەرنى ياراتقان ئاشۇ ئەزىمەتلەرنى تۈزۈك ئېلانلارغا چىقىرىپ باقمىدى، ئەمىلىيەتتە بۇلارغا ئەڭ چوڭ ياردەم بېرەلەيدىغىنى مۇشۇ ئىلان شىركەتلىرى ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ^! a/ i7 y3 P/ }6 b
    يۇقىرىقىسى تورداشلارنىڭ تېمامغا يازغان ئىنكاسلىرىنىڭ بىر قىسىمى. مەن يەنە شۇ تاپتا، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن بوكس چېمپىيونى قانات ئىسلام، شۇنداقلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈن كەچۈرگەن رەھمەتلىك باتۇر روزىنىمۇ ئەسلەپ قالدىم، تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا باتۇر روزىنىڭ ئايالى بالىلىرىنى داۋالىتىشقا ئىقتىساد جەھەتتىن ناھايىتى قىينالغانلىقى سەۋەبلىك جەمئىيەتكە «مۇراجەتنامە» چىقاردى، ئاشۇ مۇراجەتنامىنىڭ سۆزىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن يېزىپ بەردىم، شۇ چاغدا بۇ بىچارىلەرگە قانچلىك ئىچىمنىڭ ئاغرىغانلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 N0 y5 }, {  H3 }! R
مەن يۇقىرىقى يازمامدا ئابدۇراھمانغا ئىئانە يىغىشنى تەۋسىيە قىلغىنىم يوق، بەلكى «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» ياكى «تۆھپىكارلار فوندى» دېگەندەك ناملار بىلەن مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىپ، ئابدۇراھمانغا ئوخشاش مىللىتىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن بوكسچى پالۋانلارغا، پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبول چېمپىيونلىرىغا، شۇنچە جاپا چېكىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىقچىلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ يازغىنىغا تۇشلۇق ئەجىر ھەققىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان سىزدەك ئەدىب – يازغۇچىلىرىمىزغا، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، ئۇچۇر – تېخنىكىسى، ماشىنسازلىق، تىبابەت ئۇستىكارلىرىغا، ئىجادچان كارخانىچى، ماھىر كاسىپلىرىمىزغا، ئىشقىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىمىزگە مۇكاپات شەكلىدە تەسىس قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 v) f! \$ v& F4 n
     توغرا، ئىنسان ئۈچۈن غورۇر ھاياتتىنمۇ مۇھىم، غورۇرلۇق كىشىلەر ئۆلۈمنى تاللايدۇكى، غورۇرىنى خارىلاشنى تاللىمايدۇ، بۇنىسى قۇياشتەك ئايدىڭ ھەقىقەت، شۇ ۋەجىدىن ھەرقانداق بىر روھى تەن دۇرۇس ئادەمنىڭ قولىغا ئۇچۇقتىن ئۇچۇقلا «ماۋۇ ئەل – يۇرتىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان سەدىقىسى)» دەپ تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، ئۇنىڭغا بۇ سەدىقىڭىز ئۆلۈمدىن ئېغىر كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تەنتەربىيەدەك مىللەتنىڭ غورۇرىغا تاقىلىدىغان كەسپلەردە نام قازانغانلار بۇ خىل سەدىقىلىرىڭىزنى كۆرسە قوبۇل قىلىش تۈگۈل، سەدىقىنى چېكىڭىزگە قىستۇرۇپ قويۇپ، ئارقىدىن سىزنى تېپىك بىلەن يولغا سالىدۇ. مۇكاپات بىلەن سەدىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرق بار. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ، سەدىقىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ بىچارىلىك تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. تۆھپىكار كىشىلەرگە خەلق تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار كۆپەيسە، جەمئىيىتىمىزدە تۆھپىنىڭ رولى قەدىرلىنىدۇ – دە، كىشىلەر ھە دېسە ساختا مىسكىنلىك قىياپىتىگە كىرىۋالماي، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 f2 ~, p0 x, ]! @" W( u
مەن«دوستلار چەمبىرىكىدە ئىئائەنە يىغىش مۇراجەتنامىسى» نى كۆرگەندىلا، بەك ئەپسۇسلانغانىدىم، ئۆچۈرگۈزۋەتمەكچى بولۇپ، مۇشۇ مۇراجەتنامىنىڭ ئىگىسىگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسام ئېلىنمىغان. دېمىسىمۇ بۇ خىل مىللەتنىڭ غورۇرىغا، قانۇنىي جەھەتتىن ئالغاندا شەخسنىڭ نام – شۆھرەت ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان «سەدىقە يىغىش» لارغا مەنمۇ قەتئىي قارشى، يەنە كېلىپ بۇ خىل شەخس نامىدىكى كارتىغا جەمئىيەتتىن پۇل يىغىش «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتى» نى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ يەردە باشقا ھەرقانداق قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پالۋانلارغا سەدىقە بېرىش ئۈچۈن ئىئانە يىغىپ يۈرمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: C( p& L. i3 F" _8 D: ^

3LA3SRR0VFYY9OI`8G3)R6P_png_thumb.jpg


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 g- G$ |' e! B" V    يالقۇن روزى ئاكا، مۇشۇ يەرگە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى، يازمىڭىزدا باشتىن - ئاخىر غورۇر مەسلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغىنىڭىزدىن سىزنىڭ باشقىلارنىڭ غورۇر ۋە ئىززەت – ھۆرمەت مەسلىسىگە قانچىلىك زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەملىكىڭىزنى كۆرۈۋالدىم. ئەمما سىزنىڭ يازمىڭىزغا كىرگۈزۈلگەن جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۈشكۈر مىجىت ئاكامنىڭ : «بىز چېمپىيون بولغاندىن كېيىن خەلق بىزنى باقسىكەن دەيدىغان تەمەخور تەييارتاپلاردىن بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىمىز، بىز ئۇ تاغدىن – بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز» دېگەن بايانلارنى كۆرۈپ، بۇ بايانلارنى يازغاندا باشقىلارنىڭمۇ دەل سىزگە ئوخشاش كۈچلۈك غورۇرىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم. ئەجىبا، باشقىلارنىڭ شۇنچە قىيىن ئىشلارغا جېنىنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ تەۋەككۇل قىلىشى، ئاخىرىدا دۇنيا جىنس رېكورتى ئېلىپ خەلقىگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈشى، ئەمدى بولغاندا ئىككى مۆھتىرەمنىڭ ئېغىزىدا «ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن، تەييارتاپ» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ قالسا توغرىمۇ؟ مېنىڭچە، توغرا ئەمەسلىكىنى سىزدەك مىللىتى ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدىغان بىر سەركە زىيالى ئوبدان بىلىدۇ. يەنە بىرى سىز دانىشمەنلەرنىڭ «غورۇر – ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما غورۇر – ۋىجدانى يوقلار ھەممە نەرسىنى يەۋېتىدۇ» دېگەن نەقىلىنى يازمىڭىزغا زورلاپ قېتىپ قويۇپسىز، مېنىڭچە، ئابدۇراھمان ئۈچۈن قايغۇرغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرغانلار غورۇر – ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن، ئالدىغا كەلگەن ھەممە نەرسىنى تاللىماي يەۋېرىدىغانلاردىن ئەمەس، ئەنە شۇلاردىكى ئەل – يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، پالۋانلىرىغا بولغان ھۆرمەت ۋە بۇرۇچ ئۇلارنى شۇ خىل قايمىقۇشلارغا بەنت قىلغان. دەسلەپتىلا سىزدەك بىر گاڭگۇڭ زىيالى ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئەلۋىدا قەسىدىسى» گە قوشقان ئاساستا مۇشۇ مەسلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاب يېزىۋەتكەن بولسا، مېنىڭچە، بۇ خىل تالاش – تارتىش، توغرا چۈشەنمەسلىكلەرمۇ بولماستى، دەپ ئويلايمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ S6 R. B# g( J+ ^ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بىز مەملىكەتلىك ياكى خەلقئارالىق بوكس سەھنىلىرىدە، بوكس چېمپىيونلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، مۇبادا ئاشۇ مىللىتىمىزنىڭ ماھىرى سەھنىدە قارشى تەرەپتىن قاتتىق مۇشت يەپ، ئاغزى – بۇرنى لەختە – لەختە قان ھالەتتە يەرگە يىقىلسا، ئاشۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتقان سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ئېچىشامدۇ – ئېچىشمامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئازىراقلا ۋىجدانىڭىز بولسا، چوقۇم ئېچىشىدۇ، ھەتتا شۇ ماھىردىنمۇ بەكرەك سىزنىڭ يۈرىكىڭىز لەختە بولىشى، كۆزىڭىزدىن ياش ئەمەس، قان ئېقىشى، بۇ خىل ناچار كەيپىياتنىىڭ ئىسكەنجىسىنى نەچچە ھەپتىلەرگىچە كاللىڭىزدىن چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. مۇبادا ئاشۇ ماھىر ئۇتۇپ قالسىچۇ، ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيسىز. دېمەك، تەنتەربىيە دېگەنلىك بىر مىللەتنىڭ غورۇرى دېگەنلىكتۇر، تەنتەربىيە سەھنىسى دېمەك تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى دېمەكلىكتۇر. ئەمدى ئويلىپ بېقىنىڭ، ئەل – يۇرتى ئۈچۈن يۈكسەك غورۇرى بىلەن جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ، مۇسابىقە ئويناۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا سىزنىڭ مۇكاپات تەسىس قىلىپ بېرىشتە ئازىراق بولسىمۇ ھەسسىڭىز بارمۇ – يوق؟ بەلكىم بەزىلەر، ئۇ پالۋانلارغا بىز مۇكاپات بەرمىسەكمۇ، مۇكاپات بېرىدىغان ھۆكۈمەت بار دېيىشى مۇمكىن، توغرا ھۆكۈمەتمۇ ئەلۋەتتە ئىدارىسىگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ماھىرلارنى مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتىنىڭ مېھرى ۋە شەرىپى بىلەن ئەل – يۇرت قەلبىدىن چىقىرىپ بەرگەن «يۇرت سۆيگۈسى مۇكاپاتى» نىڭ مېھرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەجىبا شۇ پالۋانلىرىمىزغا مۇكاپات ئۈستىگە مۇكاپات بېرىلسە ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتەرمۇ؟ مېنىڭچە، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا يېتەرلىك ئىقتىساد بولغاندىن كېيىن، يۈرىكى پۈتۈن، غورۇرى تېخىمۇ ئۈستۈن بولىدۇ، قەددىي ئاسانلىقچە پۈكۈلۈپ قالمايدۇ، نەتىجىدە ئەل – يۇرت ۋە مىللىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان – شەرەپلەرنى قازىنالايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  z* }& ^) a# j1 w+ I

B`S%4H95G2@]G{}GCN$[DJA.png


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 W: O+ B' J/ A. o8 l     يېقىندا پالۋانىمىز ئابدۇرىشىتخاننىڭ بىر قانچە شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقى، قىسمەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىققانلىقى، شۇنىڭغا تۇشلۇق يېتەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم، چۈنكى مەن پالۋانلىرىمىزمۇ چولپانلار قاتارىدا سانىلىپ، ئوبرازى تاۋار سۈپىتىدە يۇقىرى قىممەت يارىتالىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن، ئابدۇراھمان ئابلكىممۇ ئەينى چاغدا ئارماننىڭ مەھسۇلات ئېلانىغا چىققانغۇ؟ ئەمدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، ئەكرەم ئىسھاق، زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى قاتارلىق بوكسچىلىرىمىز، شىرئەلىجان مۇختار، مەۋلان قاتارلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز، بارى مەمەتتۇرسۇن، مىرئەخمەتجان قاتارلىق پۇتبولچىلىرىمىز، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز ۋە باشقا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەربىيەدە نەتىجە ئالغان كىشىلىرىمىز ئابدۇرىشتخاندەك مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىقسا، كارخانىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولسا تامامەن بولىدۇ. «مۇئەللىم» شىركىتى بۇلتۇر مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىغا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىشقا ئويلىشىپتىكەن، كېيىن كەسپ نۇقتىسىدىن ئويلىشىش ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئەخلاق تەربىيە يېتەكچىسى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنجان مۇئەللىمنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللاپتۇ، مانا مۇشۇنداق ھەر ساھەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار شەخسلىرى ئوخشىمىغان ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولسا تامامەن بولىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' f2 f3 F; U6 T* h% p* D* ]' O
دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر دىيارىمىزنىڭ ئۆزىدىلا 20 مىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر كارخانىسى بار ئىكەن، ئاشۇ كارخانىلارنىڭ غوجايىنلىرى نەچچە ئون تۈمەن خەجلەۋاتقان مەھسۇلات ئېلانلىرىغا يۇقىرىقىدەك تەنتەربىيە چولپانلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولسا، دەۋر پالۋانلىرىمىزنى خەلقىمىز ياد ئېتىپ تۇرالايتتى، ئۇلارنىڭ يورۇق سىماسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە تىكلىيەلەيتتى، كارخانا ئوبرازىمۇ ماس ھالدا ئۆسەتتى. يۇقىرىقىدەك قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ياكى ئۇلارنىڭ خاس ئىسىملىرى ماركا قىلىنغان تۈرلۈك كىيىم – كېچەك، خاتىرە بويۇملىرىنى ئىشلەپ بارزاغا سالسا، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پالۋانلارغا ئىقتىسادىي كىرىم بولاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇلارنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسىنى نۇرلاندۇرغىلى بولاتتى. بۇ خىل «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نى پالۋانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى، ئالتۇن مېدال ئالغان خاتىرە كۈنلىرى، كوماندىغا كىرگەنلىكىنىڭ پۈتۈن سان يىللىقى كۈنلىرى قاتارلىق پەيتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مۇبادا «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنىپ قالسا.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% e+ @1 D2 z2 ?4 A9 X
     پالۋانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ مۆھتىرەم ئائىلە – تاۋاباتلىرى، مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدا ئەل – يۇرتىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرۈش يولىدا ئاققۇزغان قان - تەرى بەدىلىگە بېرىلگەن بۇ «تۆھپە مۇكاپاتى» نى مەرھۇمغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىشنى خالايسىلەرغۇ دەيمەن. شەخسەن مەن، خەلقىمىز قان – قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن تەسەددۇق قىلغان ئۇشبۇ «تۆھپە مۇكاپاتى» نى قوبۇل قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 _! t) Z% g- |+ ~  U. ]3 ^0 Iپالۋانىمىزنىڭ سەبدېشى، ھۆرمەتلىك ئابدۈشكۈر مىجىت ئاكا، سىز ئەل – يۇرتىمىزنىڭ شان – شەرىپى، يۈزى ۋە غورۇرى ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان يۇرت سۆيەر، تۆھپىكار، باتۇر ئوغلان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىشقا تامامەن قوشۇلىسىزغۇ دەيمەن؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ o* J! u6 |% S
    ھۆرمەتلىك يالقۇن روزى ئاكا، ئالدىڭىزدا تولىمۇ ئاددىي تەپەككۇر شەكىلىم بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالغان،  «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش پىكىرىمگە قوشۇلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يەنە سىزگە قوشۇلۇپ ئابدۇقادىر جالالىدىن، زۇلپىقار بارات ئۆزباش قاتارلىق زىيالىلىرىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇ خۇددى خەلقىمىزنىڭ 2015 – يىلىنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسىغا ئوخشاشلا بىر تەشەببۇس. مېنىڭ بۇ  ئىككى يازمىنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم شۇكى، مۇشۇ يازمىلار ئارقىلىق بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ تۆھپىكارلىرىمىزغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتۇر. مەن يەنە خەلقىمىز ئۈچۈن قۇتلۇق قەدەملەرگە، تۈرلۈك سىر - ھېكمەتلەرگە تويۇنغان بۇ بىر يېڭى يىلدا، بىر قايغۇرۇش ئورنىغا، بىر خۇشال بولۇشنىڭ دەسسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ تەۋسىيەم خالاس، مەيلى ئەمەلگە ئاشسۇن ياكى ئاشمىسۇن، مەن بۇ تەۋسىيەنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇپ يامان قىلمىدىم، دەپ ئويلايمەن، تورداشلار ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزى ئاكامنىڭ ماڭا بولغان ھەرقانداق تەنقىدى تەكلىپ پىكىرى بولسا ئاددىي ئىزدەنگۈچى ۋە كەمتۈك ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرۋاقىت قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 w8 ^0 U6 w  a* j8 ?- k2015 – يىلى 26 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 1:30 دىن 4:40 قىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلىپ تورغا يوللاندىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 G: \, X1 q+ N! r# `/ y5 a8 u
(ئەسكەرتىش: ئەسلى ئاپتور ۋە مەنبە ئەسكەرتىلگەن ئاساستا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي يوللاۋەرسەڭلار بولىدۇ)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- V  _: ], D; A0 b/ c- v" ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 ^1 ^5 G5 R# z3 x6 _3 |( X
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhbir0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 09:29 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# X# [) F+ ]5 q  ~3 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 z( H+ ~  W3 l6 Z. \. \

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tarimyigiti + 126 تەپەككۇرى كۈچلۈك
izqel + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 326   باھا خاتىرىسى

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10741
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر  بەغەرەز مۇخبىركەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' s! C$ ^( q5 |0 I: F& a" Z. ^گەپنى يالقۇن روزى شۇنداق ئىنىق دېسە يەنە ساقال تاراپ يۇرۇپتۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, w% Q# P& w% o! n& Z. y) e5 V1 ^0 f

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 r8 q+ b- ]1 Gباشلىقىڭىزدىن سوراپ مۇشۇ تېمىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ گېزىتىدە ئىلان قىلپ بىقىڭا قېنى!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, N$ c+ G- _" M) ^/ p$ f# G
قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئىلان قىلسىڭىز تىخىمۇ «قانۇنلۇق »بولىدۇ~~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 z( x+ w# K4 z8 e. W) hھەممە ئىشنىڭ يولى بار.........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tarimyigiti + 10 ساقىيىپ قالارسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1011
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىغا ئىلمىي قارىشىڭىزنى دەپ باقسىڭىز بىزمۇ ئاچچىقلىنىشىڭىزدىكى سەۋەپنى بىلىۋالساق بولارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113278
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2015-1-17
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تۆھپىكارلار فوندى» بالدۇراق تەۋسىيە قىلسىڭىز بولاتتى.بۇ تەۋسىيەرىڭىز خاتا ئەمەس لىكىن ۋاقتى بۇ ئەمەس ئىدى.

جالاقلاپ يىغلاشنى خالىمىساڭ،قاقاقلاپمۇ كۈلەلمەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ 1-قەۋەتتىكى ئىنكاس يازغان قېرىندىشىم ، سىز تېمىنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى ماۋزۇغا قاراپلا ئىنكاس يازدىڭىزمۇ ، تېما يازغۇچى ھەرقانچە خاتا گەپ قىلسىمۇ ھېسسىياتىڭىزنى بېسىۋالغان ئاساستا ئالدىراپ ئېغىزىڭىزنى بۇزمىسڭىز بولاتتى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 W4 k. K" L3 [- f
مەنمۇ ئوقۇدۇم بۇ تېمىنى ئەيىبلىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسكەن ، ئىئانە بىلەن مۇكاپاتنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇپ يېزىپتۇ ، ئىنتايىن ئىلمى بولغان جاۋاب خەتكەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 b& w& r1 b% k1 kتېما يازغۇچى مۇخبىر قېرىندىشىم ، مەن سىزنى قوللايمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" i- t/ N; U& c; B8 nباشقىسىغا يەنىلا يالقۇنكام بىې نېمە دېسۇن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 l* [1 M# g( h1 n( K9 L" W

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ،
باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي .
رايى يوقكەن سۆيگۈگە ئەسلا ،
مۇھەببەتتىن تويۇپتۇ دەپ قوي .                                                 ㄒαη┞┦á

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 890
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ تۆھپىكارلار موكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى .ۋە ئەل يۇرتقا شەرەپ ئەكەلگەن قىرىنداشلىرىمىزغا بىرىلىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن ھەمدە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە قوللايمەن .

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما تازا قىززىپ كېتىدىغان بولدى دە بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ `6 J3 P+ a$ i6 g5 B
باشقىلارمۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇپ سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس يېزىڭلار جۇمۇ

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ،
باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي .
رايى يوقكەن سۆيگۈگە ئەسلا ،
مۇھەببەتتىن تويۇپتۇ دەپ قوي .                                                 ㄒαη┞┦á

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8484
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1757 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ  بىر  ياخشى  تىما  بوپتۇ  .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: B  ]$ k" N+ y1 h0 |
بۇ  ئاي  بۇ  كۈنلەردە  مۇنبەرگە  قانداقلا  تىما يوللانسا  ئوقۇغانچە  شۇنچە  قايىل  بولىدىغان  بولۇپ كىتىپ  بارىمەنغۇ  تاڭ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% i4 @7 I2 p0 O; N$ x" i8 L% ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 g! r  d$ R6 G- r4 a! {% ^ئەمەلىيەتتە  يالقۇنكامنىڭمۇ ،  ماۋۇ  مۇخبىرنىڭمۇ  ئويلىغانلىرى توغرا .  كۆپىنچە تورداشلارنىڭمۇ  ھەم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ v; f* S% _% Fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 K, {3 P! U% R/ W" @* i
شۇ  تىل ئۇقۇشالمايدىغانلاردىن بولمىغانكىن  ئوخشاش  نۇقتىغا ئوخشاش نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ  پىكىر  قىلىپ  يازسا   شۇ  جەرياندا  گاڭگىراپ  قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرمۇ يىشىلىپ بىر تۈز  سىزىققا كىلەتتى .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tarimyigiti + 10 قايىل بولۇۋاتىمەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110450
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-10-8
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى  ئەمدى  نىمە  دەيمىز  ‹‹‹‹

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110235
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ۋاقتىدا بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغان، ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان دەپتۇ، ئۇنداقتا نىمىشقا تۆھپىكارلار مۇكاپاتىنى ھايات ۋاقتىدا تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويمىدى؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش