|
|
|
|
يېڭىچە مۇلازىمەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ كۇچى،ئادەم كۇچى،تەخنىكا ۋە ماددى ئەشيا سەرىپ قىلىپ،پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىكتىر تورىغا قارىتا يېڭىدىن قۇرۇش،ئۆزگەرتىش،تەخنىكىلىق دەرىجىسنى ئۆستۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئېلىكتىر تورنىڭ يۇرۇشۇش،ئىشەىنچلىك ئىشلەش دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇپ ،دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتار سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق ئېلىكتىر تورى بەرپا قىلىش يولىدا ئۈزلىكسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. نۆۋەتتە خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىش بىلەن ،كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا توك ئىشلىتىكە بولغان تەلەپ ۋە ئېھتىياجمۇ كۇنسېرى ئېشىپ بارماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىرگە توك بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ توك تەمىىنلەش جەريانىدىكى جىددى رىمونىت قىلىش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە بولغان تەلەپمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا.بۇ خىل ئېھتىياجنى كاپالەتدۇرۇش ئۇچۇن دۆلەت ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى 2014-يىلدىن بېرى كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەسلىدە بار بولغان ئىچكى قىسىم ئىلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش سېستمىلرىغا قارىتا ئۆزگەرتىش،ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش سېستمىسىنى ئىشلەپ چىقىپ يولغا قويۇشنى باشلىدى. بۇ سېستىما ئەسلىدىكى تىجارەت باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېستىمىسنى ئۆزارا تۇتۇشتۇرۇپ ،توك ئىشلەتكۇچى ئابونىتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىنىلىنىشنى ئەمەلگەئاشۇرۇپ،سېستىما ئارقىلىق شۇ ئابونىتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئاپتوماتىك بەلگۇلەپ چىقىش ئارقىلىق،رىمونىت قىلغۇچى خادىملارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كاشىلا يۇز بەرگەن دائىرىنى ئىگەللىشى ئۇچۇن توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ برىشب بىلەن بىرگە يەنە،توك توختۇتۇپ رىمونىت قىلىدىغان ۋاقىتلاردا شۇ دائىرە ئىچىدىكى بارلىق ئابونىتلارغا ئاپتوماتىك ھالدا كوللىكتىپ ئۈچۇر تارقىتىپ خەۋەرلەندۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى بېجىرەلەيدۇ. بۇ خىل مۇلازىمەتنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن، جىددى رىمونىت قىلىشنى باشقۇرغۇچى خادىملار ئېلىكتىر تورىنىڭ ئارقا مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىقلا كاشىلا كۆرۇلگەن دائىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ،كاشىلا ئىزدەش ۋاقتنى قىسقارتىپ ،ۋاختىدا كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتالايدۇ ھەمدە خىزمەت ئۇنۈمىنى زۆر دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتىرەليدۇ. نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىمۇ بۇ خىزمەت كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلماقتا، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە كارخانىلىرى مەخسۇس كۇچ تەشكىللەپ ،ھەر بىر لىنىيە بويىچە توك ئشىلەتكۇچى ئابونىتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىنى ئىگەللەپ سېستىمىغا كىرگۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە ،بۇ خىزمەت تاماملانغاندىن كېيىن توك بىلەن تەمنلىگۇچى ۋە توك ئىشلەتكچى ھەر 2تەرەپكە زۆر قولايلىقلار ئېلىپ كەلگۇسى. مەنبە:ئۆزۇم 2015-1-26
|
|
|
|
|
|