|
|
|
|
خەلىقئارالىق نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆرلەپ 1300 ئامرىكا دوللىرىلىق توساقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇلتۇر سەككىزىنچى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نوقتىغا تەگدى. ياپونىيە مەركىزى بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى سەۋەپلىك بىر قىسىم بازارغا قاتناشقۇچىلارنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويدى.
ياپونىيە مەركىزى بانكىسى قەرز بىرىش پىلانىنىڭ ۋاقتىنى بىر يىل ئۇزارتتى ھەمدە بۇ پىلاننىڭ دائىرىسىنى كەڭەيىتتى. بۇ پىلان بانكا كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت نەتىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مەركىزى بانكىدا ھىساپ ئاچمىغان بانكىلارنىڭمۇ بۇ پىلانغا قاتنىشىشىغا يول قويماقچى.
سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم بازارغا قاتناشقۇچىلار قاپ يۈرەكلىك بىلەن بەزى بىر پەرەزلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇلار ياپونىيە مەركىزى بانكىسى بىرىنچى ئايدا كەڭ دائىرىلىك مىقتارلاشتۇرۇش مۈمكۈنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ دەپ قارىغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر كىلەركى يىللىق پۇل پاخاللىشىش مۆلچەرى %1 تىن تۆۋەن بولسا، ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ تىخىمۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن باشقا ھەركەتلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق 2016- يىلى، 2017- يىلىدىن باشقا يىللاردا ياپونىيە مەركىزى بانكىسى ھەقىقەتەن ئومومىي يۈزلۈك باشقا يىللاردىكى CPL مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.
ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپونىيە 2014- يىلى ۋە 2015- يىلى CPL سانلىق قىممىتى %0.9 ئۆرلىگەن بولۇپ، 10- ئايغا كەلگەندە %1.2 ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. 2015 ~ 2016 – يىلى CPL تەخمىنەن %1 ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://xjabs.com/show/?id=2301 توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغاقىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ . ( تەرجىمىدەدىلنۇر )
|
|
|
|
|
|