مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3419|ئىنكاس: 29

كىچىدىكى ۋەھىمە ‹ۋەھىمىلىك ھېكايە› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106229
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-4-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:07:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 كېچىدىكى ۋەھىمە <ۋەھىمىلىك>
                                                      ئاپتۇرى:ئىليار كۆرەش

        قانداق دوستۇم تەييارلىقىڭىز پۈتتۈمۇ؟ ئۇنداق بولسا ھېكايە باشلاندى!!!...........
قاراڭغۇ كېچە.  ئىشخانا ئىچى ئىنتايىن تىنىچ بۇلۇپ ھەتتا پاشىنىڭ غېڭشىغان ئاۋازىنىمۇ بىمالال ئاڭلىۋالغۇدەك ئېغىر سۈكۈت باسقانىدى. ياش بىر يىگىت چىراغ يۇرۇقىدا بېشىنى كۆتۈرمەي پۈتۈن دىققىتى بىلەن جەدىۋەل تولدۇرۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇنى تولدۇرۋاتقىنىغا خېلى ۋاقىت بولغانىدى، ئۇ بىر ئاز چارچىدى بولغاي يىزۋاتقان قەلىمىنى ئىز جايىدىلا قۇيۇپ تازا بىر راھەتلىنىپ كېرىلىۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنى بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ قولىدىكى سائىتىگە قارۋىتىپ: ۋوي، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتىغۇ؟ ئىدارىدىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىن چۈشۈپ بوپتۇ-دە! دىدى.
ئۇ يانچۇقىدىن تاماكا قۇتىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئەپچىلگىنە بىرتالنى سۇغىرىپ چىقىرىپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ چېكىشكە باشلىدى. ئۇ بىرتەرەپتىن تاماكا چەككەچ بىر تەرەپتىن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى جەدىۋەللەرگە كۆز يۈگۈرتەتتى، تۇيۇقسىز <تاراققىدە>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ تىنىچ ئارامى بۇزۇلدى.  ئۇ جايىدا مىدىرلىماستىن: كېمۇ؟ دىدى.    ئۇ ئارتۇق ئويلىماستىن تاماكىسىنى تېز شۇراپ تۈگىتىپ كۈلدانغا تاشلىغاچ چېكىش داۋامىدا يېغۋالغان ئېسنى ئاغزىدىن ئاخىرقى قېتىم ئاستا پۈۋلەپ چىقاردى.
ئۇ قايتىدىن قۇلىغا قەلەم ئېلىپ پۈتۈن دېققىتى بىلەن جەدىۋەل تولدۇرۇشقا كىرىشتى. تۇيۇقسىز يەنە <تاراققىدە> قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇنىڭ دېققىتى چېچىلىپ كەتتى، ئۇ ئېتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ: كېمۇ؟ دىدى.  لىكىن ھېچقانداق شەپە يوق، ئاۋاز يىقىنلا ئەتراپتا چىققانىدى.
- قېززىق ئىش......كىمدۇ بۇ؟ ئۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە قۇلىدىكى قەلمىنى قۇيۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  ئۇ ئەتراپقا بىرقۇر ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپمۇ ھېچقانداق گۇمانلىق ئەھۋال بايقىمدى.   شۇزامان سىرتتا گۈررىدە قىلغان چاقماقنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ ئارقىدىنلا تاراسلاپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئۇ لەپپىدە قارىدى، سىرتتا يامغۇر قاتتىق يېغۋاتاتتى.
- ئەللەي...........بالام..........ئەللەي!  
بۇ ئاۋاز تىتىرىگەن ھالەتتە ئاڭلىنىپ كىشىگە بىرخىل قورقۇنچلىق تۈس بىرەتتى، ئۇ چۈچۈپ ئېتتىك كەينىگە قارىدى.  بىر ئايال قۇلىغا بالا كۆتۈرۋالغان ھالدا باياتىنقى گىپىنى قايتا تەكرارلاۋاتاتتى. ئۇ ئايالنىڭ پەقەت ئارقا تەرىپىدىنلا كۆرگەچكە چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدى، ئۇ ئىچىدە: بۇ ئايال كىمدۇ ئەمدى؟ بۇيەردە نېمە ئىشى باردۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ بىر ئاز تېڭىرقاپ قالدى.
- كەچۈرۈڭ خانىم،بۇيەردە بىرەر ئىشڭىز بارما؟  
بۇگەپ بىلەن ئۇ ئايالنىڭ گىپى شۇزامان توختاپ قالدى ۋە ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى، بۇ چاغدا سىرتتا چاقماقنىڭ چېقىشى بىلەن ئىشخانا ئىچى ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى.  ئۇنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلغاندەك بۇلۇپ سەل سۈر بېسىشقا باشلىدى. ئۇ تۈكۈركىنى غۇرتتىدە قىلىپ كۈچەپ يۇتۇۋەتكەندىن كىيىن غەيرەتكە كىلىپ باياتىنقى سۇئالىنى قايتىلاپ سورىدى.   ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى ئاستا 360 گرادۇس تولغاپ كەينىگە قارىدى،بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولغاچقا ئۇ قورققىنىدىن ئىز جايىدا تۇرۇپلا قالدى.
- ئالىيە...........بۇ.........سىز.........گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.   
ئالىيە قۇلىدىكى بالىغا قارىغاچ: ئەسقەر بالىمىزنى قۇلۇڭغا ئىلىپ كۆتۈرۈپ باققىڭ يوقمۇ؟ مانا بۇ ئىككمىزنىڭ بالىسى! دىدى.    ئۇ بوۋاقنى ئەركىلىتىۋاتاتتى، لىكىن قۇلىدىكى بۇۋاق ئۆلۈك ئىدى.
- ياق.........بۇ........سىز! ....    ئۇنىڭ ئاغزىغا گەپ كەلمىدى،   ئالىيە بۇۋاقنى ئىلىپ ئەسقەرنىڭ يىنىغا كىلىشكە باشلىدى.
- ياق!.......ماڭا يىقىن كەلمە!.....نېرى تۇر!
- بۇ ئىككىمىزنىڭ بالىسى!..........ئىككىمىزنىڭ بالىسى!
- ياق!....نېرى تۇر!........نېرى تۇر!.......
- ئەسقەر بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ نېمە بولدى سىزگە ؟ ئەسقەر!.....
ئەسقەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى،  لاپپىدە كۆزىنى ئىچىپ ئۆزىنى ئىشخانىسد كۆردى. يىنىدا بولسا خىزمەتدىشى پەرىدە تۇراتتى.  ئۇ قاباھەتتىن كىيىن تۇلۇپ ئەسلىگە كىلىپ بۇلالمىغان بۇلۇپ قورققىندىن چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەنىدى.
- سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ئەسقەر؟ دىدى پەرىدە ئۇنىڭغا.   
- ياقەي مېنى قارا بېسىپ قاپتۇ!
پەرىدە سومكىسىدىن قولياغلىقىنى چىقىرىپ: قارىغاندا چارچاپ قالغان ئوخشايسىز، تەرىڭىزنى سۈرتۈۋېلىڭ؟! دىگنچە ئەسقەرگە تەڭلىدى.  ئۇ پەرىدەنىڭ قۇلىدىن قولياغلىقنى ئاستا ئىلىپ تەرىنى سۈرتتى.  قولياغلىقتىن گۈپپىدە ئەتىرنىڭ خۇشپۇراق ھېدى كىلەتتى.
-  ئىشتىن چۈشمەمسىز؟دىدى پەرىدە ئەسقەرگە قاراپ.
ئەسقەر پەرىدەنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرگىلى خېلى بولغان بۇلۇپ ئۇنى كۆرسىلا يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن چاقچاقچى بۇلۇپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا دائېم ئۇچۇق كۈلۈپلا يۈرەتتى لىكىن ھازىر بۇنىڭغا تازا تاۋى يوقتەك قىلاتتى. شۇڭا گەپنى كەسكىن تۈزلا قىلىپ : قۇلۇمدىكى ماتىرىياللار تېخى تۈگمىدى، بۇنى ئەتە باشلىققا تاپشۇردىغان گەپ قارىغاندا سەل كەچ قالىدىغان ئوخشايمەن؟ سىز كېتىۋىرىڭ؟
- ھە، ئەمسە بوپتۇ؟ مەن مېڭىۋېرەي! ئۆزىڭىزنى بەك چارچىتىپ قويماڭ-ھە!  ئەتە كۈرشەيلى خوش!
- ماقۇل! ئەتە كۈرشەيلى!
پەرىدە خوش دىگىنچە كىتىپ قالدى، ئەسقەر قولى بىلەن پىشانىسنى يىنىك ئۇۋلاپ بىرۋاۋاتاتتى.
پەرىدە ئۆزى بەك ئوماق ھەم بەكلا چىرايلىق ئىدى. ئەسقەر ئىدارىغا يېڭى كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي كەينىدىنلا پەرىدە كەلگەنىدى. ئۇلار ئىككىسى بۇ ئىدارىغا تېخى يېڭى بۇلۇپ ماسلىشىپ كۆنىۋالغىچە بىللە ھەمسۆھبەت ياردەمدە بۇلۇشۇپ بىر- بىرى بىلەن يىقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالغانىدى.  ئۇ قىزغا كۆڭلىدىكى گىپنى تېخى دىمىگەنىدى.
ئۇ ئىككى چېكىسىنى يىنىك ئۇۋلىۋەتكەندىن كىيىن ئارقىدىن قولياغلىقنى يانچۇققا سېلىۋىتىپ ئالدىدىكى ماتىرىياللارنى تېز سۈرئەتتە تولدۇرۇشقا كىرىشتى. ئالاھەزەل خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتتى.
- ئۇف! ئاخىرى يىزىپ تۈگەتتىم! ئۇ  شۇنداق دىگەچ تالاغا قارىۋىدى تالا قاپقاراڭغۇ ئىدى. بۇيەردە پەقەت ئەسقەرلا يالغۇز بۇلۇپ ئىدارىدىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىن چۈشۈپ بولغانىدى. ئۇ ئىرادىسىغا خىلاپ ھالدا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئالىيەنى ئەسلەپ قۇياتتى -يۇ لىكىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاشنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئۈستەلدىكى ماتىرىياللارنى رەتلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز چاقماقنىڭ چېقىشى بىلەن تەڭ شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. ئۇنىڭ لاپپىدە قىلىپ باياتىن كۆرگەن چۈشى ئېسىگە كىلىپ قورققىنىدىن يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ كەتتى، بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماي ماتىرىياللارنى ئالمان-تالمان سومكىسىغا سېلىپلا ئالدىراپ-تېنەپ ئىشكىنى تاقاپ ماڭدى.  
تالادا يامغۇر قاتتىق يېغۋاتاتتى، كوچىدا ئادەملەر ئانچە كۆپ ئەمەس بۇلۇپ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىۋاتاتتى. ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا بۈگۈن قۇرۇق تاكسىلار ھېچ ئۇچرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاشخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاقىلىپ بولغاندى. ئۇ ئامالسىز پىيادە ماڭدى ۋە يامغۇردىن دالدىلىندىغان بر جايغا كىلىۋالدى.  يامغۇرنىڭ كۈچلۈك ھەيۋىسىدن كوچىلار چۆلدەرەپ قالغاندەك قىلاتتى، تۇيۇقسىز ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى كوچىدا بىر ئاشخانىنىڭ ئۇچۇق تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ كۆڭلىدە ئاشخانىدا قورساق توقلىغاچ بىر ئاز دالدىنۋىلىشنى ئويلىدى،  ئۇ ئېتتىك يۈگۈرۈپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
ۋېۋىسكىدا<ئەرۋاھلار تېز تاماقخانىسى> دەپ يېزىقىلىق تۇراتتى. ئەينەك رامدىن ئاشخانىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قىزغىن پاراڭلاشقاچ تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
- نېمە دىگەن غەلىتە ئېسىم بۇ؟  شۇنداق تۇرۇپمۇ خىرىدارلار كۆپ كىرىدىكەن دىسە؟  ئاشخانا خوجايىنى ئۆزىمۇ بىر غەلىتە ئادەم ئوخشايدۇ؟!   
ئۇ شۇنداق دىگەچ چىرايىدا بىر خىل مەسخىرە ئارىلاش ئىپادىسىدە ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قۇيۇپ پەلەمپەي بىلەن چىقتى.  ئۇ ئىشىكنىڭ بۇسۇغۇسىدا تۇرۇپ يامغۇردا چېلىق-چېلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەن ئۈستى - باشلىرىنى تۈزەشتۈرۋالغاندىن كىيىن ئىچىگە كىردى.   ئۇ ئىچىگە كىرگەن ھامان باياتىنقى قاينام- تاشقىنلىق نەلەگىدۇر شۇ زامان غايىپ بولدى،   قارىسا ئاشخانا ئېچى قۇپقۇرۇق بۇلۇپ بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.
- ۋوي، باياتىن نۇرغۇن ئادەملەر بار ئىدىغۇ؟ نەگە كەتكەندۇ ئۇلار؟
ئۇ ئىشەنمىگەندەك كۆزىنى قايتا-قايتا ئۇلىۋىتىپ قارىدى، كۆڭلىدە گۇمانىي ۋە ئەندىكىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى.   كىرىش - كىرمەسلىك توغىرىسىدا ئىككلىنىپ قىلىۋاتاتتى.
-قېنى كېرىۋەسىلە ئۇكام! تاماق بار!      تۇيۇقسىز ئىچكىرىكى ئۆيدە بىرئەرنىڭ ۋە قاچا - قۇچىلارنىڭ تاراقلىغان ئاۋازى بىلەن قۇشۇلۇپ تەڭ ئاڭلاندى.
- ئاشخانىنى تېخى تاقىماپسىزدە ئۇستام؟ دىدى ئۇ يىنىك نەپەس ئىلىۋىلىپ.
- سىز تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن تاقايمەن!
  ئۇستام بۇ گەپنى خۇددى ئەسقەرنىڭ ئاشخانىغا كىرىشىنى ئالدىن بىلىدىغاندەك تەلەپپۇزدا دىگەنىدى.
- ئۇنداق بولسا يىرىم لەڭمەندىن بىرنى!
ئەسقەرنىڭ شۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ باياتىنقى كۆرگەن غەلىتە ۋە چۈشنىكسىز ئىشلارنى ئۇستامدىن سوراپ باققۇسى كەلدىيۇ لىكىن نېمە سەۋەبتىندۇر ئاغزىغا ئەكىلىپ بۇلۇپ يۈتۈۋەتتى. ئۇ بىر ئورۇنغا كىلىپ ئەمدى ئولتۇرشىغا ئۇستام بىر قاچا لەڭمەننى كۆتۈرۈپ كەلدى، ئۇنىڭ قول -بىلەكلىرىدە روشەن قان-داغلىرى تۇراتتى.   بېشىغا شىلەپىنى چۆمكەپ كىيۋالغان بۇلۇپ يۈزىنى توسىۋالغانىدى،   ئۇ تاماقنى قۇيۇپ گەپ سۆز قىلمايلا كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.    ئەسقەر ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بۇلۇپ خۇدۇكسىرگىنىدىن ئېتتىك كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى  لىكىن تۇلىمۇ ئەپسۇس ئۇستامنىڭ توپتوغرا ئۆي ئىچىگە كىرىپ كىتىشىگە ئۈلگۈرۈپ قارىغانىدى.
ئەسقەر بۇ بىرنەچچە مېنۇت ئېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھېچ تېگىگە يىتەلمەي تۇرۇپ قالدى،  شۇ خىياللار بىلەن ئۇ بىرجۈپ چوكىنى ئاستا ئىلىپ قاچىنىڭ ئىچىگە شۇنداقلا قارېۋىدى نۇرغۇن كۆزلەرنىڭ چەكچىيىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.   تۇيۇقسىز كۈچلۈك توك سوققاندەك لېككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېتتىك ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتتى،قولىدىكى چوكىمۇ ئىختىيارسىز پەسكە چۈشۈپ كەتكەنىدى،    ئاۋالقى قورقۇش تېزلا غەزەپكە ئۆزگىرىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىراپ كەتتى.
- ئۇستام نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ لەڭمەن دېسەم ماڭا نېمە كۆتۈرۈپ چىقتىڭىز؟ تىز بۇياققا چېقىڭ!
ئۇستام چىقمىدى، ئىچكىرىكى ئۆيدە پەقەت سۇنىڭ شاراقلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىنۋاتاتتى.   ئۇنىڭ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى، ئۇ ئەلپازىنى قاتتىق قىلىپ ئېتتىك مېڭىپ شۇ ئۆيگە كىردى ۋە قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك ئىز جايىدا تۇرۇپلا قالدى .   ئۆي ئىچىنىڭ ھەممە يەلىرىدە بىرمۇ - بىر كېسىپ پارچىلانغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى قوزۇقتا ئېسىقلىق ھالەتتە تۇراتتى، ئاش تاختىسىنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان كۆز -قۇلاقلار دۆۋلەپ قۇيۇلغانىدى.   لىكىن ئۇستام كۈرۈنمەيتتى.   بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۋەتكىلى تاسلا  قالدى، بۇيەردە تۇرىۋىرشكە چېدىماي يۈگۈرگەن پېتى ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
يولدا خۇددى بىرسى ئۇنى تۇتۇۋالىدىغاندەك توختىماي يۈگۈرەيتتى، كوچىدا ئەسقەردىن باشقا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.   ئۇنىڭ كاللىسىنى نۇرغۇن خىياللار چېرمىۋالغان بۇلۇپ بۇ ئىشلارغا ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى،  گەرچە ئۇنىڭ چۈشى بىلەن رىئاللىق بىر بىرى بىلەن ئوخشىمىسمۇ بۇ ئىشلار كۆرگەن چۈشىدىن ھېچ قېلىشمايتتى..   ئۇ ھەش - پەش دىگۈچە ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولدى، ئۇ يۈگۈرۈپ كىتىۋىتىپ قاراڭغۇدا ئۇچۇق كۆرمەي بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ دۈملا چۈشتى ، ئارقىدىنلا <ۋايجان> دىگىنچە ۋارقىراپ تىپچەكلەپ كەتتى .   ئۇ توپتوغرا يەرگە چېچىلىپ ياتقان ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەن بۇلۇپ يوغان بىر ئەينەك پارچىسى قورسىقىدا سانجىلىپ تۇرۇپ قالغانىدى.    يۈز -كۆز ۋە قول - بارماقلىرى ئەينەكتە كېسىلىپ تىتما -تىتما بۇلۇپ كەتكەنىدى .   ئۇ ئاغرىققا چىدىماي قورسىقىدىكى سانجىلىپ قالغان ئەينەك پارچىسىنى مىڭ تەستە كۈچەپ تارتىپ چېقىرۋەتتى ، يامغۇرنىڭ كۈچلۈك ئاۋازلىرى بۇنىڭ داد - پەرياتىنى بېسىپ كەتكەنىدى.     قان بۇلۇپ كەتكەن كىيىملىرىنى يامغۇر سۈيى پاك - پاكىز يۇيۇۋەتتى .
ئۇ ئاغرىقنىڭ دەردىنى خېلى تارتقاندىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بىنا كارىدورىدىكى لېفىتنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.  ئۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ بۇلۇپ لېفىتكە قارىدى، لىكىن لېفىت ھېچقانداق مېدىر - سېدىر قىلماي ئىزچىل 7-قەۋەتنىلا  كۆرسىتىپ تۇراتتى،  ئۇ ئامالسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ پەلەمپەي بىلەن چىقتى،   ئۇنىڭ بەدىنىدىن قان تامچىلاپ يەرگە چۈشۈۋاتاتتى.
ئۇ قاتتىق قىينىلىپ ھەر بىر قەدەمنى بەك تەستە ئالماقتا ئىدى، دەل شۇ چاغدا تاراققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئۆي ئىچىدىن بېشىنىڭ يېرىمى چورتلا يوق بىر ئادەم چىقىپ كەلدى.
ئەسقەر ئۇنى كۆرۈپ قورققىنىدىن يۈرىكى قېپىدىن چېقىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى، ھەم تىنىقى يىتىشمەي ۋارقىراشقىنۇ جۈرئەت قىلالمىدى.   يېرىم باش ئەسقەرنىڭ يىنىغا كىلىشكە باشلىدى، ئەسقەر تېز سۈرئەتتە كەينىگە داجىدى  ۋە دۈمبىسى تامغا قاتتىق تېگىىپ ئىز جايىدا قىمىرلىيالماي تۇرۇپلا قالدى.   تام ئۇنىڭ يولىنى تۇسىۋالغانىدى.     ئەسقەر ئىزچىل ئۇ ئادەمدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قاراپ تۇرغانىدى.
ئىشقىلىپ بۇ چاغدىكى قورقۇنچ ھېسياتىنى تەسۋىرلەش تۇلىمۇ مۈشكۈل ئىدى.  بېشىنىڭ يېرىمى يوق ئۇ ئادەم ئەسقەرنى خۇددى كۆرمىگەندەك يىنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى،   ئەسقەر ئۇنىڭ ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن كۆرمىگەنلىكىنى ئارتۇق ئويلاپ ئولتۇرماستىن قىينالسىمۇ چېشىنى چىشلەپ ئېتتىك مېڭىپ 7-قەۋەتكە كىلىپ توختىدى  ۋە ئاچقۇچ بىلەن ئىشكىنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى .    ئۇ چىراغنى ياندۇرۇپلا دېرىزە ئەينىكنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكنى كۆردى، قورسىقىغا سانجىلىپ كەتكەن ئەينەكنىڭ دەل ئۆز ئۆيىنىڭ دېرىزىسنىڭ ئەينىكى ئىكەنلىكنى بىلدى.   ئۇ دېرزىنىڭ قېشىغا كىلىپ تۇرۇشىغا يانفۇنى تۇيۇقسىز ئەنسىز ھالدا سايراپ كەتتى.
ئۇ كەلگەن نۇمۇرغا قاراپ ھەيران قالدى  :  بۇ..........بۇ......... .ئالىيەنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ئىكەنغۇ؟   ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى؟
ئەسقەر قورققىنىدىن لاغىلداپ تىتىرەپ كەتتى ۋە ئاستا تېلفۇننى ئالدى.  قارشى تەرەپتىن گەپ- سۆز يوق تىنىچ ئىدى،  ئەسقەر ناھايىتى تەسلىكتە غۇرتتىدە قىلىپ تۈكۈرۈكىنى يۇتۇۋەتتى.
-   ئەسقەر.............ئەسقەر.......................
بۇ چاقىرغان ئالىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى.    بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك ئاستا بۇغۇق ھالەتتە چىقىپ ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىننى قورقۇتۇپ تىتىرتىۋەتتى.
-  سەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلدىڭ ئەسقەر!   بالام ئىككمىزنىڭ ئۆلۈشىگە سەن سەۋەبچى بولدۇڭ!  بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسەن!.................بەدەل تۆلەيسەن!
ئەسقەر گەپ قىلشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئىختىيارسىز قولىدىكى تېلفۇن يەرگە چۈشۈپ كەتتى.   ئۇ لېۋىنى قاتتىق بىرنى چېشلىدى،  دەل شۇ چاغدا ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنانىڭ بالكونىدا بىر ئايالنىڭ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن چەكچىيىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى،  ئۇ ئايال دەل ئالىيە ئىدى.
ئۇنىڭدىكى قورقۇنچ تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئالىيە ئەسقەرگە قاراپ بالكوندىن ئاتلىغان پېتى پەسكە سەكرەپ چۈشۈپ كەتتى، ئۇ 7-قەۋەتتىن پەسكە سەكىرگەنىدى.
- ياخشىمۇسىز!  قارىسام  بىر سىنپتا ئۇقۇيدىغان ساۋاقداش ئىكەنمىز، تۇنۇشۇپ قالايلى!  ئېسمم ئەسقەر ئۆزۈم  قەشقەردىن!؟
- ھە!.......مېنىڭ ئېسمم ئالىيە ئوخشاش بىر يۇرۇتلۇق ئىكەنمىز!
- ۋوي،   نېمدىگەن ياخشى! بىر يۇرۇتلۇق بولغاندىكىن پات - پات ئىزدىشىپ تۇرساق بولغۇدەك ئەمسە!؟   ئەمدى يىقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق قانداق ئىشلار تارتىنماي دەۋىرىڭ قولۇمدىن كېلىشچە ياردەم قىلمەن!
-  ............................................
- ۋوي ئەسقەر ، قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قاپسىزغۇ؟
- شۇ،  سىزنى ساقلاپ تۇرغانتىم ؟ بىللە تاماق يەپ كەلسەك قانداق؟
-  ھازىرلا تاماق يەپ بولغانتىم تېخى!
- بوپتۇ ئەمسە،    ھە.................راست بۇ خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ماڭا جاۋابىنى بەرسىڭىز؟
-  نېمە بۇ؟.........................
-  سىزگە يازغان خېتىم ئىدى، ياتاققا كىرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇقۇڭ!
-   پاھ................پاھ! ئەسقەر ئاداش،  نېمىدىگەن چىرايلىق تۇمۇچۇق ئۇ؟  پەرىزاتنىڭ ئۆزى ئىكەنغۇ؟
-   مېنىڭ مۇھەببتىم بۇلىدۇ،  بىز يۈرىۋاتقىلى خېلى بولدى!
-   ئوخخو!..................كۆزۈڭ ئالامەت مال تۇنۇيدۇ جۇمۇ سېنىڭ؟  بۇگۈن كەچتە  ئاغىنە بالىلارنى چاقىرىشىپ خۇشاللىقىڭنى بىللە تەبرىكلەپ ئېچىشمەيلىمۇ؟
-  دەپ قاپسەن ئاداش، بۈگۈنكى سورۇننىڭ پۇلى مەندىنغۇ؟
-  ئەمسە كەتتۇق ئاداش..........ياڭزىمىز بىلەن ھە!
- ئەسقەر مېنىڭ بۇيۇمدا قاپتۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
- ئەمسە  بىللە دوختۇرخانىغا بىرىپ بالىنى ئالدۇرۋېتەيلى!
- قېنى دەڭە ، ئەمدى بۇ مەكتەپتە يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن؟
- بولدى قىل يىغلاۋەرمە!   بۇيەردە بىزلا ئەمەس باشقا بالىلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدىغۇ؟  مەن يا ساڭا ئايرىلىپ كىتەيلى دىمىسەم، نېمانداق بېشىمنى ئاغرىتىۋېرىسەن؟ كىيىن توي قىلغاندا يەنە تۇغساڭ بۇلىدىغۇ؟
- ئەسقەر بۇ قىز كېم بۇلىدۇ؟ تېز جاۋاب بىرىڭ ، ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭز بار؟
- .................................................
-  سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ بالىنى ئالدۇرۋەتتىم! ئەمدىلىكتە بۇ قىز بىلەن يۈرۋالغىنڭىز نېمىسى؟ بۇنداق قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بۇلۇۋاتامسىز؟  نېمىشقا مېنى ئالدايسىز!
- باھارگۈل!...........ئۇنداق قىلماڭ كەتمەڭ!..........باھارگۈل!    مانا ئوبدان بولدىما سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۇ مېنى تاشلاپ كەتتى!
- سىزنى ياخشى كۆرەتتىمغۇ ئەسقەر ، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىز؟  دەڭە نېمىشقا؟........
- بولدى!.........تۇلا كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈرمەي كۆزۈمدىن نېرى يوقال بۇزۇق! ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما!
-  ياق ، ئۇنداق قىلماڭ ئەسقەر مېنى تاشلاپ كەتمەڭ!
- ۋەي ،  كېمۇ؟  نېمە!.........مەن ساڭا نەچچە قېتىم دىدىم؟ مېنى تۇلا ئاۋارە قىلما ! بولدى خوش!........
- ئەسقەر ئاداش چاتاق بولدى!  ئالىيە ئۇ................بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋاپتۇ!
- ئەللەي ................بالام........................ئەللەي!
تۇيۇقسىز ياندىكى ئۆيدىن ئالىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئەسقەرنىڭ خىيالىنى بۈلۈۋەتتى ، ئەسقەر قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالغانىدى.   ئالىيە ئۇ گەپنى توختىماي تەكرارلايتتى، ئەسقەر بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ كاللىسى ئېلىشىپ قالايلا دىگەنىدى.   ئۇ ئەمدى گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ تىزلىنىپ يالۋۇرماقتا ئىدى.
- ئالىيە مېنى كەچۈرۈڭ! مەن خاتا قىلدىم ،سزدىن ئۆتۈنەي!  مېنى بىر كەچۈرۋېتىڭ!
ئالىيە ئۇ گەپنى خۇددى يادىلىۋالغاندەك توختىماي دەيتتى، ئەسقەرمۇ ئۇنىڭدىن توختىماي كەچۈرۈم سۇرايتتى.
ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بارا -بارا ئۇ ئاۋازلار يۇقىدى. ئەسقەر ھېرىپ - ھاسىراپ كەتكەنىدى، تاڭ ئاتقانىدى.   ئۇ كېچىچە مۇشۇنداق ۋەھېمە ئىچىدە ئۆتكەنىدى،  ئۇ كىيمىنى قېقىشتۇرغاچ ئاستا ئورنىدىن تۇردى،  تۇيۇقسىز كارىدور ئىچىدىن ئادەملەرنىڭ قىيا -چىيا ئاۋازلىرى ئاڭلاندى . ئەسقەر ئاستا ئىشكىنىڭ يىنىغا بىرىپ قۇلىقىنى يىقىن ئەكىلىپ تېڭشىدى.
- مەنمۇ بىلمەيمەن ساقچى ئەپەندىم، ئەتىگەندە ئىشقا ماڭاي دەپ قارىسام پەلەمپەينىڭ ھەممە يەلىرى قان ئىزى تۇرىدۇ شۇڭا ئالدىرىپ سىزنى چاقىرشىمىز ئىدى.
- كارىدورنىڭ زادى قايسى قەۋەتكىچە قان ئىزى بار ،بىز يەنە داۋاملىق تەكشۈرەيلى!
ئەسقەر ساقچىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى ، ئۇ دەرھال ئىشكىنى ئېچىپ كارىدوردا نۇرغۇن ساقچىلارنى كۆردى ۋە خۇددى قۇتقازغۇچى نىجاتكارىنى كۆرگەندەك ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى:
- مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ ساقچى ئەپەندىم!  مەن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىدۇم!.............
- قاراڭلار قان ئىزى ماۋۇ ئۆيدىمۇ بار كەن ، كىرىپ باقايلى!
ئەسقەر ساقچىلارغا توختىماي گەپ قىلاتى ، لىكىن ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى.
- ئىشىك ئۇچۇق تۇردىغۇ؟ بۇ كېمنىڭ ئۆيى؟ ئۆزى نەگە كەتتى؟!
- بۇ قوشنىمىز ئەسقەرنىڭ ئۆيى بۇلىدۇ، نەگە كەتكەنلىكنى بىزمۇ بىلمىدۇق!
- بۇ ئۆينى نۇقتىلىق تەكشۈرۈڭلار، دېلوغا ئالاقىدار بولغان يىپ ئۇچى بارمۇ - يوق؟
ئەسقەرنىڭ ساقچىنىڭ ئالدىدا تۇرۋېلىپ : ساقچى ئەپەندىم، مانا مەن شۇ ئەسقەر! مەن كۆز ئالدىڭىزدا تۇرساممۇ نېمىشقا مېنى كۆرمەيسىز؟
- پەستىكى ئەينەك پارچىلىرى دەل مۇشۇ ئۆينىڭ دېرىزىسدىن چېقىلىپتۇ ، نۇرغۇن گۇمانلىق ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ دېلونى يەنىمۇ ئېچكىرلەپ تەكشۈرشىمىزگە توغرا كىلىدۇ ، شۇڭا بىز تېزدىن ئۇ ئىشلەۋاتقان ئىدارىغا بارايلى!
- مەن زادى نېمە بولدۇم؟  نېمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟ زادى نېمىشقا ........ئاھ خۇدا بۇ مۇمكىن ئەمەس!
ئۇنىڭ يېغىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۆزىنى توختىماي كاچاتلايتتى.  تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ قۇلۇپلانغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ساقچىلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتكەن ئەسقەرنىڭ ئۆيىنى پىچەتلىگەن ئىدى.
- ياق ئۇنداق قىلماڭلار ! مېنى چىقىرېتىڭلار!   ياق ......................
ئۇ توختىماي ئىشكىنى ئۇراتتى ، لىكىن ئەپسۇس ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېچكىم بىلمىگەن ئىدى .

                            ھېكايە تامام! ....................كېچىدە يېزىلدى!

                                              مەنبە : ئۆز قەلىمم






ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 yahxi yezipsiz,awu ar olumga layikkan za

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100080
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 02:06:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  كۇندۇزدىرەك  كۆرەي  بۇممىسا ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100080
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 02:08:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلسا  مۇشۇ  يازمىنى قىسقا قىلىپ ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ  يوللىغان بولسىڭىز  قىرىندىشىم پىچەت چىقاتتتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113045
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 03:52:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزنى تۇنجى بوپ كۆرۈپتىمىن ياخشى چىقىپيۇ   ...داۋامىدىن ئەسقەرنى ئاللا قاچان ئۆلۈپ بولغان دەپ ئويلسام بولامدۇ  ، ئاخرىنى تازا چۈشۈنۈپ  بولالمىدىم  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89813
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 837
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 08:50:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
http://83762409.cn/bbsماۋۇ توردىكى ۋەھىمىلىك ئەسەرنىڭ ئاخىىرى نىمىشقا چىقمايدۇ دەيمە ؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 10:28:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى يېزىپسىز

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:21:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ پەقەت قورىقمىدىم ئەمما ياخشى يىزىپسىز ! !

ئادەم بىر ئىش قىلسا دۇنيا ھامان شۇنىڭغا لايىق بىرجاۋاپ بىرىدۇ ، مىدىرىمسا كىم بىلەن كىمنىڭ كارى !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12387
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32433
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى قورقۇنۇچلۇق چىقىپتۇ،بىراق ھېلىقى ئاشخانىدىكى ئىشلار،ئەسقەرنى ساقچىلارنىڭ نېمىشقا كۆرمىگەنلىكى...دېگەندەك تەپسىلاتلار چالا قالغاندەك....

يەنىمۇ تىرىشىڭ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزلا تۈگەپ قالدى ئەمما لىكىن..

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

مەن سايرامدىن كە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11326
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2640 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئەسقەرنىڭ چۈشى بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ.

مەن سايرام قىرغاقلىرىدا تۇغۇلۇپ  ، سايرام قىرغاقلىرىدا چوڭ بولدۇم...روھىمدا تەكلىماكاندىكى توغراق روھى بار. شۇڭا سايرامدا كۈلسەم خوتەندە ئاڭلىنىدۇ... چۈنكى مەن شىنجاڭلىق يىگىتمەن. مەن مۇشۇ زىمىنغا چېچىلغان بىر تال ئۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش