كۈتكەندەك ئەمەس
تۇنجۇققان يۈرىكىم ئىزدەيدۇ مەنزىل،
بىلمىدىم كەلگەن كۈن كۈتكەندەك ئەمەس.
ئايلاندى باشقىغا رەڭدار تۆت پەسىل ،
بىر مەنلا قىلىمەن باھارغا ھەۋەس
مۇزلىدى بۇ يۈرەك ئۇزاقتىن ئۇزاق ،
پەسىللەر قوينىدا كۆرمەي مېھىرنى .
تەتۈرمۇ پىشانەم ،يېقىپ شام چىراق،
ئىزدەيمەن تەپتىدىن باھار سېھرىنى .
تۇتاشقان بىر چاغلار يۈرەككە ئۇچقۇن،
ھارارەت بېرەتتى ھەتتا جاھانغا .
ئەمدىلىك زىمىستان قوينىغا سۈرگۈن ،
بەرگەچكە بار ئوتنى ۋاپاسىز جانغا .
چىلايمەن يۈرەكنى كۈندە يېشىمغا ،
ئىرىسۇن دەپ ئويلاپ مۇزلىغان يۈرەك.
چىللايمەن كەلگىن دەپ باھارقېشىمغا،
شۇ ئىدى مەندىكى مەڭگۈلۈك تىلەك .
تۇنجۇقتى ياشتىنمۇ يۈرىكىم ئاستا،
سۆزلىدى-چىلىما ياشقا بولدى بەس.
قالمىدى ماجالىم، تىرىشتىڭ ئەمما ،
يەنىلا كەلگەن كۈن كۈتكەندەك ئەمەس.
ئەپچىلەم ئىجادىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-25 08:26 PM