زۇلپىقار بارات ئۆزباش كورلىدا لېكسىيە سۆزلىدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" I( B$ V% I' B+ R! \( y# T 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى گۈزەل باشئەگىم دىيارىنىڭ كۆنچى دەرياسى ساھىلىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا خۇايۈەن مېھمانخانىسىنىڭ 5-قەۋەت مەرىكە زالى 400گە يېقىن كىشى بىلەن لىق تولغان بولۇپ،بۇ قېتىملىق يىغىلىشتا ئامرىكا ھاۋاي ئۇنۋىرسىنتىنىڭ جەمىيەتشۇناسلىق دوكتۇرى،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتىنىڭ دوتسىنتى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ‹‹جەمىيەت ۋە ئائىلە››،‹‹پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش››تېمىسىدا بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, |( R/ ?7 t& a3 _# {$ H) U
لېكسىيەدە باشلىنىشتىن بۇرۇن كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان سۇلايمان شەرارى رىياسەتلىك قىلىپ باشلىنىش سۆزى قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ \- J7 H, N0 j$ W) }
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەق مەيداندىكى گۈل چىراي قىزلار،باھادىر يىگىتلەر،پەرىشتە سۈپەت ئانىلار،خىزىر سۈپەت ئاتىلار...ھەممىڭلارغا تۇرسۇنجان سۇلايمان شەرارىدىن ئوتلۇق سالام.ئالىي ئېھتىرام.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 B y0 ^5 g+ e) k# j& { n# x$ k* B ھەربىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى ۋە ئىدىيە يۈكسەكلىكىنى ئالغا سۈرۈشتە ئىلمىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن سۆھبەت ۋە ئىلىم يىغىلىشلىرى ئالاھىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.بىر دانا كىشى بىلەن قىلىنغان بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ كىشى ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاكىتىپ تەسىرى تولىمۇ بۈيۈكتۇر.شۇڭلاشقا دانالىرىمىز :
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ n& Z- Q; L( P7 F! I/ |# }بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 S1 u% K2 U8 g) e: f
بولساڭ بول زىنداندىمۇ ئاقىل بىلەن، بولمىغىل گۈلشەندىمۇ جاھىل بىلەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 o' e! v( g$ h' f3 Z3 N7 H, O1 T9 U
دېگەن قىسمەتلىرى بىلەن بىزلەرنى ئىلىم سۆھبەتلىرىگە چاقىرغان.ئىشىنىمىزكى،بۇ قېتىملىق زۇبەيىر كىتابخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىلىم سۆھبىتىنىڭ بىزلەرگە بېردىغان مەنىۋى لەرزىتى مەپتۇنكاردۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 J8 D# V# y$ a& E. q5 N0 E
خوش،بىز بايا مىللەت ساپاسى ھەققىدە سۆز ئاچتۇق.ئۇنداقتا مىللەتنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىز نېمىگە مۇراجەت قىلىشىمىز كېرەك؟مەكتەپ ئۇنۋىرسىنتلارغىمۇ؟مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئائىلە ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ئائىلە-مىللەت ئوبرازىنى قۇيۇپ چىققۇچى قېلىپ››دەپ ئەسكەرتكەن.مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ئائىلە قارىشىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى پۈتۈن جەمىيەت ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.چۈنكى ئائىلە مىللەت ۋە جەمىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىدۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ U9 Q i& ?3 d
ئۇنداقتا ئائىلە تەربىيسى دېگەن نېمە؟ئائىلە ساپاسى بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟پەرزەنت تەربىيسىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟...مۇشۇنداق چېگىش سوئاللىرىمىزغا بىر ئىلىم ساھىبى جاۋاب بەرمەكچى،ئۇنداقتا بۇ سوئاللارغا جەمىيەتشۇناس پەنلىرى دوكتۇرى،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتىنىڭ دوتسىنتى زۇلپىقار مۇئەللىمنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ H/ Q. U U2 G* Q* N1 ~+ G5 `
زۇلپىقار بارات ئۆزباش لېكسىيەدە ئەنئەنە،مەدەنىيەت،پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە توختۇلۇپ بىر مىللەتنىڭ تەرەقىي قىلىشىدا ئەڭ ئاۋال ئائىلە تەربىيسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەسلىكى،ئەڭ مۇھىم ئامىل ئائىلە تەربىيسى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتى.زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ لېكسىيەدىكى دېگەن سۆزلىرى لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى چوڭقۇر ئويلارغا باشلاپ ئەكىردى.لېكسىيەدە زۇلپىقار بارات ئۆزباش تۆۋەندىكى مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتتى: بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. m# C& s- B! R* ~% g& @& p
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 u) I4 V/ }: l" G. l% } ئادەملەر تەبىئەتتىن كەلگەن،تەبىئەتكە قايتىدۇ. ئىنسانىيلىق قەدىر-قىممەت، مېھىر-مۇھەببەتنى ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىگە ئاتا قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. پەرزەنتلەرگە ئەنئەنە،مەدەنىيەت تەربىيسى بېرىپ تۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ۋە مەسئۇلىيەت،بۇلغانمىغان سىدام ئوبرازىم ئائىلىدىكى كىتابتىن كەلگەن. قوڭغۇزنى دادىسى ئاتالمىسا،بالىسى تۇڭگۇز ئېتىپتۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ كىم بىلەن ئوينىشى بىلەن كارى بولماسلىق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن باراۋەر. بىر مىللەتنىڭ قانداق بولۇشى ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر دۆلەتنىڭ،بىر مىللەتنىڭ تەرەقىي قىلىشى ئەڭ ئاۋال ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ھۈجەيرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىمىزدىكى ئاكا -ئۇكا موسابايوفلار جەمەتى،مۇھىتىلار جەمەتى،تاشاخۇنۇملار جەمەتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ جەمەت بىزگە مۇنداق بىر ھېكمەتنى قالدۇرىدۇ:ئائىلە تەربىيسى دۆلەتكە،جەمىيەتكە،مىللەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قايتا ئويلىنىش-مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىلە ئىجتىماھىي تەبىقە،ئىجتىماھىي مۇناسىۋەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مۇنەۋەر ئاتا،مۇنەۋەر ئانا ئۆز دەۋردىكى ئىسلاھاتچى. ئەگەر بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى مەكتەپكىلا باغلىۋالساق مەغلۇبىيەتچى بولۇپ قالىمىز. ئۈندىدار-ھازىرقى زاماندا پاجىئە بوپ كېتىۋارىدۇ. ئائىلە-مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى. بۈگۈنكى مائارىپنىڭ مەقسىتى -ئادەت يېتىلدۈرۈشتۇر.ئۇنى مەكتەپ قىلىپ بولالمايدۇ. بىز باللىرىمىزنى كۆپىنچە مەكتەپ مائارىپىغا تاشلاپ بېرىپ،ئائىلە مائارىپىغا سەل قاراپ كەلدۇق.روھ تەربىيسىنى ئائىلە چىقىرىدۇ.شۇڭا،ئائىلە مائارىپىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ئوغلۇم ۋەتەنگە كەلگەندىن كېيىن ئېنگىلىز تىلىدا چېكىنىپ كەتتى.ئەمما،ئانا تىلنى ئۆگىنىپ ئىلگىرلىدى.مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. ئائىلە مائارىپى-مەكتەپ مائارىپىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۆزەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئارتۇقچىلىقنى قېزىش،ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئالىي غايەم. دادام تېپىپ بەرگەن كىتابلارنى ئوقۇپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيتىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم. باللىرىمىزنى مەكتەپكە تاشلاپ بەرسەك،مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇنۇمىساق باللىرىمىز كېرەكسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىتابنى تاشلىۋەتكەن مىللەتنى كېلەچەك تاشلىۋىتىدۇ. مۇنەۋەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. دەرس مۇنبىرىدە چالا قالغان ساۋاتلار ئائىلە مائارىپىدا تۇلۇقلىنىشى كېرەك. ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش پۈتۈن جەمىيتىمىزدە يامراپ كېتىۋارىدۇ. كۈلدۈرۈش،ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنى دېيىش ئىلمىي لېكسىيەنىڭ مەقسىتى ئەمەس. ئىلىم سورۇنى ئىلمىي بولۇشى كېرەك. ھەممىمىزدە مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت بولسۇن. بالىلارغا ئۈندىدار،ئايپەد،كومپىيۇتۇرنى ئەپ بەردۇق.ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقلارنى قاچىلاپ بەردۇق.مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بالىلارنى بىز تۇنۇيالمىدۇق... ھازىر كىشىلەردىن ئايرىلالمايدىغان ئۇچۇر ئالاقىسىنى توغرا ئىشلەتمىگەندە ئۇنىڭ شەكلى ئادەمنى زەھەرلەيدىغان خىرۇئىنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلىرىمىز مۇنەۋەر پەرزەنت تەربىيلەش ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيسىگە ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىشى كېرەك.ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ قىزىقىشىنى قېزىپ چىقىش كېرەك.ئىككى كىتاب تەۋسىيە:‹‹كارل ۋېتىرنىڭ ئائىلە تەربىيسى››(تەرجىمە كىتاب).مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى››. بالىلارنىڭ روھىي قاتلىمىغا قانچە چۆككەنسىرى باللىرىمىزنى چۈشىنىمىز.بالىلار بىلەن ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ،سۆھبەتلىشىپ بالىلارنى قېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. دەۋر ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا.بىز بىلدىغان بىلىملەر كونىرماقتا.شۇڭا،كىتاب ئوقۇشىمىز،ئىلىم سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. لېكسىيە داۋامىدا لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۆزى يولۇققان مەسىللەر ھەققىدە زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمدىن سوئال سورىدى.زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم سورالغان سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى قايىل قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ W: {; r. g* _ B+ k \, \% Z
لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كورلا شەھىرى زۇبەيىر كىتابخانىسى نەق مەيداندا كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.باشئەگىم دىيارىدىكى كىتابخۇمار قېرىنداشلار بەس-بەستە كىتاب سېتىۋالدى.زۇلپىقار مۇئەللىم ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە››دېگەن كىتابىغا نەق مەيداندا ئىمزا قۇيۇپ قۇيۇپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا لېكسىيەگە ئىشىراك قىلغۇچىلار نەق مەيداندا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئوڭۇشلۇق ئاياقلاشتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 S1 H; ]# U# V4 a9 n1 G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# A8 Y1 y9 O4 z8 v6 S( A: M2 k
|