مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1341|ئىنكاس: 5

دۇنيا بانكىسى رايونىمىزنىڭ كەسپى مائارىپ ئىشلىرىغا قەرىز بېرىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113408
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا قەرز بېرىش تۈرىنىڭ ئىجتىمائىي ئانالىز دوكىلاتى (مۇھىم قىسمى



1.        قىسقىچە تونۇش تۇرۇش
2014-يىلى 28-،29-ماي ئېچىلغان، «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى»دا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پىلان-تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز جايى ۋە يىقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇزۇندىن بىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش بولۇپمۇ، ئازسانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ئامىللاردىن بولۇپ كەلگەن ئىدى، كەسپىي مائارىپ بولسا ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم يولدۇر.  شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، دۆلەتنىڭ ۋە شىنجاڭغا يارىدەم بىرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ يارىدىمى، شۇنداقلا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. بۇ «دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىغا قەرز بېرىش تۈرى»نى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم سەۋەپ.
«دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىغا قەرز بېرىش تۈرى» ــــــ ئاپتونوم رايون دەرىجىسىدە بېرىلگەن سىياسەتكە ئاساسەن، شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىغا قارىتا بىر يۈرۈش ئىسلاھ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تۈر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئاساسىدا شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈرنى باشقۇرغۇچى ئورۇن بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بولۇپ، بۇ تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلار شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ يىنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي ئونۋېرسستېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈر ئىچىدە قىلىنىدىغان ئىشلار بولسا، مەكتەپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دەرس ئوقۇتۇش باھالاش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوقۇتۇش قوشۇنى ۋە باشقۇرۇش قوشۇنىنى بەرپاقىلىش، يەرلىككە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت بەش جەھەتكە قارىتىلىدۇ. تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى بەش يىل (2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە) بولۇپ، جەمئىي 613مىليون 100مىڭ يۇەن  مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇ تۈرگە دۇنيا بانكىسى 50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بىرىدىغان بولۇپ، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ % 50.6 نى تەشكىل قىلىدۇ، قەرز مۇددىتى 30 يىل بولۇپ، قەرز ئۆسۈمى % 2 بولىدۇ. دۆلىتىمىز سالىدىغان يۈرۈشلەشتۈرۈلمە مەبلەغ 303مىليون 100مىڭ يۇەن بولۇپ، تۈر ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ % 49.4 تىنى ئىگىلەيدۇ.
مەزكۇر دوكىلات « دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا قەرز بېرىش تۈرى»نىڭ ئىجتىمائىي ئانالىز دوكىلاتى بولۇپ، ئۇ تۈرنى يولغا قويۇش سەۋەپلىرى، تۈر تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ئاساسلىق توپ، ئىجتىمائىي ئانالىز پائالىيىتى، تۈردىن مەنپەئەتدارلارنىڭ پوزىتسىيەسى، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەر، تەكلىپ، چارە-تەدبىرلەر ۋە خۇلاسە قاتارلىق بىر نەچچە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2.        تۈرنى يولغا قويۇش سەۋەپلىرى
ئوبېيكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى تېز ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا پەرقنى يەنىلا چوڭ دىيىشكە بولىدۇ. 2009-يىلى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمگەكچىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى  %24.7 بولغان بولسا، شىنجاڭنىڭ ئاران % 18.9 نى تەشكىل قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %5.8  تۆۋەن بولۇشتەك پەرقنى شەكىللەندۈرگەن.  دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ « ئىقتىدارلىقلارنى يۈكسەلدۈرۈش (2010-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان) يىرىك پىلانى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمگەكچىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن ئوتتۇرىچە نىسبىتىنى %27 كە، شىنجاڭدا % 22  كە يەتكۈزۈش، پەرقنى% 5  ئەتراپىدا كونترول قىلىش، 2020- يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە %28  كە، شىنجاڭمۇ ئوخشاشلا %28  كە يەتكۈزۈش ئوتۇرىغا قويۇلغان. بۇنچىلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە %5،6 پەرقنى تۈگىتىپ، مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېلگىرىلەش شىنجاڭ كەسپىي مائارىپى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، تولىمۇ مۈشكۈلدۇر. شىنجاڭ ھازىر سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى كۆپلىگەن تېخنىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كەسپىي مائارىپ سەۋىيەسى ئېنىقكى، بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 74مىڭ 63نەپەر بولغان بولسا، 2012-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 284مىڭ 172گە يىتىپ، 3.8 ھەسسە كۆپەيگەن ( «شىنجاڭ يىل نامىسى، 2000-2013» دىن ئېلىندى ). 2013-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر 19 غا يىتىپ، 31 مىڭ 444 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.8  ئاشقان؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر سانى 26 مىڭ 566 گە يىتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %18.6  ئاشقان؛ بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ 89 مىڭ 43 گە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4.00  ئاشقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ كەسپىي مائارىپقا ۋە يۇقىرى ساپالىق تېخنىك ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ۋە نىسبىتىدىمۇ ئۆسۈش سۈرىتى تېز بولغان. 2000-يىلى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئازسانلىق ئوقۇغۇچىلىرى سانى 31 مىڭ 989 نەپەر بولغان بولسا، 2012-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 106 مىڭ 893 يىتىپ، 3.3 ھەسسە كۆپەيگەن. ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئومۇمى ئوقۇغۇچىلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ %43.19  تىن %58  كە كۆتۈرۈلگەن. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، 2000-يىلدىن 2100-يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەسلىدىكى% 43.19 تىن % 35.8 كە چۈشۈپ قېلىپ، %7.3  تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھال ئون يىل ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى كۆلەم جەھەتتە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ كۆلەملىشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ خىل ھالەت 2012-يىلىغا كەلگەندە ئۆزگىرىش ياساپ، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %58 كە يەتكەن («شىنجاڭ يىل نامىسى، 2000-2013» دىن ئېلىندى ). بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبەت جەھەتتە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان. بۇ تۈر يولغا قويۇلىدىغان بەش مەكتەپنى تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆلەملىشىش سۈرئىتى ۋە ئومۇمى ئوقۇغۇچىلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھيىتى زور ئىكەنلىگى مەلۇم بولدى.
2000-يىلىدىن بېرى، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆلەملىشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان. 2000-يىلى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 7 مىڭ 924 نەپەر بولغان بولسا، 2012-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 17 مىڭ 570 گە يىتىپ، 2.2 ھەسسە ئاشقان. يۇىقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆلەملىشىش نىسبىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلەملىشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا تۆۋەندۇر. 2012-يىلى شىنجاڭدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى –خىزمەتچىلەر سانى ئاران 8 مىڭ 202 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار سانى 5 مىڭ 536 نەپەر، ئومۇمىي ساندا ئىگىلىگەن نىسبىتى% 67.4  بولغان («شىنجاڭ يىل نامىسى،2013 -يىللىق»  سانىدىن ئېلىندى ) . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپى بىر قەدەر مۇقىم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەم ساقلانغان. يەنى بىرىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىگە ئوخشىغان  كەسپىيلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەكتەپلەردىن باشقا كۆپ سانلىق مەكتەپلەردە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% 30  گىمۇ يەتمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، كۆپ سانلىق مەكتەپلەردە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% 30  گىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇندىن قالسا، قوش ئىقتىدارغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار نىسبىتىمۇ خېلىلا تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى باھالاپ بېكىتىشتە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەممۇ يوق.
شىنجاڭ ئالىي كەسپىي مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى خېلىلا ياخشىلانغان بولۇپ، سىنىپ ۋە مەمۇرىيەت بىنالىرىنىڭ كۆلىمى، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئۈسكىنە-ئەسلىھەلىرى، كىتاپ-ماتېرىياللارنىڭ سەپلىنىشى جەھەتتە زور ياخشىلىنىشلار بولغان. كەسپىي ئونۋېرستېتلاردا ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە پىراكتىكا بازىلىرى قۇرۇلغان، ھەمدە مەكتەپلەر كارخانىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كارخانىلاردا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەن. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئىش تامام دىگىلىمۇ بولمايدۇ. مەكتەپلەردە يەنىلا ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى يىتىش مەسلىك، پىراكتىكا ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات بازىسى كەمچىل بولۇش، كىتاپ- ماتېرىياللار مەزمۇنلىرى كونا ۋە ۋاختى ئۆتكەن ياكى يىتىش مەسلىك ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا. بۇ ھال ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولۇپ قالغان، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمىلىككە ئىگە قىلغان. ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغىنى شۇكى، ئۈن ئېلىش ئۆيى، كۆپ ۋاسىتىلىك سىنىپ ۋە كىتاپ، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىغا ئوخشىغان ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىشىگە كېرەكلىك بولغان قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتاللار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولماقتا.
3.        تۈر تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ئاساسلىق توپ
تۈر يولغا قويۇلىدىغان بەش مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار جەمئىي 2 مىڭ 519 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 775 نەپەر، ئومۇمىي ئوقۇتقۇچى سانىدا %30.7 نىسبەتنى تەشكىل قىلغان. بۇ بەش مەكتەپ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىدا 190 نەپەر ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، مەكتەپتىكى 236 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ % 80.5تىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقا تۆت مەكتەپتە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك% 30.4نى تەشكىل قىلغان (ئۈرۈمچى كەسپىي ئونۋېرستېتىدا بۇ نىسبەت بىر ئاز تۆۋەن)، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىدا بۇ نىسبەت ئاران     % 23.5  بولغان. يۇقىرىقى بەش مەكتەپتە جەمئىي 105 نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئوقۇتقۇچىلار سانىدا% 4.1 نى  تەشكىل قىلغان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئىنىستىتوتىدا بولسا ئاران 8 نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ% 1.9  تىنى تەشكىل قىلغان. بۇ بەش مەكتەپ ئىچىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قەدەر كۆپ ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىدا 36 نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، مەكتەپ ئومۇمىي ئوقۇتقۇچىلار سانىدا%  6.3 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن  شۇنىسى ئېنىقكى، تۈر يولغا قويۇلىدىغان مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئېغىر دەرىجىدە كامچىل بولۇپ، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش قېيىنغا توختىغان. شۇڭا مەكتەپلەر سىرتتىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش شەكلى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان ، ئادەتتە سىرتتىن تەكلىپ قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سانى 20، 30 ئەتراپىدا بولغان.
تۈر يولغا قويۇلىدىغان بەش مەكتەپتە جەمئىي 56 مىڭ 708 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 24 مىڭ 670 كە يېتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىدا %  44نى كەشكىل قىلغان. ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان مەكتەپ شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى بولۇپ (3237 ئوقۇغۇچىسى بار)، بۇ مەكتەپتىكى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىدا      % 97.5نى كەشكىل قىلغان. ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان مەكتەپ شىنجاڭ يىنىك سانەئەت كەسپىي ئىنىستىتوتى بولۇپ (4235 ئوقۇغۇچىسى بار)، بۇ مەكتەپتىكى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىدا % 29نى كەشكىل قىلغان. 2010-يىلدىن بېرى، يۇقىرىقى بىر قانچە مەكتەپلەردە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى 1.5 ھەسسىدىن 2.2 ھەسسىگىچە كۆپەيگەن. بۇ مەكتەپلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىزساق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئونۋېرسستېتى ۋە شىنجاڭ يىنىك سانەئەت كەسپىي ئىنىستىتوتى قاتارلىق تەرتىپ بويىچە تىزىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ مەكتەپلەردە يەنە بىر مەسىلە مەۋجۇتكى، ئۇ بولسىمىۇ تۇرمۇشىدا قېيىنچىلىقى بار ئازسانلىق مىللەت نامرات ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ نامرات ئوقۇغۇچىلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى% 45  تىن% 90  كىچە بولغان. ئۇلار ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست (خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى) ۋە شىمالى شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرى (ئالتاي، چۆچەك، ئىلى ۋىلايىتى) قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. بۇ رايونلار شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەر ئەڭ كۆپ توپلاشقان رايون بولۇپ، شىنجاڭدىكى  دۆلەت دەرىجىلىك 27نامرات ناھىيەنىڭ92.5% يەنى 25 شى مۇشۇ رايونغا توپلاشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ يىنىك سانائەت كەسپىي ئىنىستىتوتىدىن باشقا تۆت مەكتەپتىكى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 80% ئەترەپىدا بولۇپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن% 10  تىن % 15 كىچە تۆۋەن بولغان. شىنجاڭ يىنىك سانائەت كەسپىي ئىنىستىتوتىدا بۇ نىسبەت ئاران 38.5%نى تەشكىل قىلغان.
يۇقىرىقى بەش مەكتەپتە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇش زۆرۈر بولغان ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 4 مىڭ 701 نەپەر بولۇپ، ئۇلار بۇ مەكتەپلەردىكى ئازسانلىق مىللەت بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 70%نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشى مەلۇم مەزگىلگىچە داۋاملىشىشى ۋە تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىپ بېرىش ئېھتىماللىقى خېلىلا زور. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ بىرى، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى مەيلى كۆلەم جەھەتتىن ياكى نىسبەت جەھەتتىن بولسۇن ئېشىپ بارماقتا، بەزى مەكتەپلەردە «مىللىي تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار» تېز سۈر ئەتتە كۆپەيمەكتە؛ يەنەبىرى بولسا، قوش تىلدا ئوقۇغان خېلى كۆپ ساندىكى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارمۇ خەنزۇ تىلىدىن تەييارلىق ئوقۇشقا توغرا كىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەرقايسى مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار (مەخسۇس ۋە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېغىر دەرىجىدە يىتىش مەيدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا توغرا كىلىدىغان ئوقۇغۇچى نىسبىتىدە پەرقنىڭ زور بولۇشىنى، يەنى  1:25—1:30بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلار ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىشىگە پايدىسىز بولۇپ، ھەر يىلى ئاران دېگۈدەك 25-30% گىچە بولغان ئازسانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى MHK ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەنزۇچە ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
4. ئىجتىمائىي ئانالىز پائالىيىتى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گورۇپپىسى 20 كىشىدىن (ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا) تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت تەتقىقاتچىلىرى 7، ئايال تەتقىقاتچىلار 5 كىشىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا بىز  سۇئال تارقىتىپ ئېنىقلاش، زىيارەت قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر نەچچە خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق.
سۇئال تارقىتىپ ئېنىقلاش:جەمئىي 2 مىڭ 131 پارچە سۇئال تارقىتىپ، 2 مىڭ 131 پارچە سۇئال –جاۋابقا ئېرىشتۇق. يەنى ئوقۇتقۇچىلارغا 400 پارچە سۇئال تارقىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىغا 135 پارچە تارقىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا تارقىتىلغان ئومۇمى سۇئال سانىنىڭ 33.75%نى تەشكىل قىلدى. ئوقۇغۇچىلارغا 1مىڭ 731 پارچە سۇئال تارقىتىلغان بولۇپ، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىتىلغان سۇئال 688 پارچىگە يىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان ئومۇمىي سۇئالنىڭ 39.7%نى تەشكىل قىلدى. بۇ تارقىتىلغان سۇئاللارنىڭ  ئۈنۈمى 100% گە يەتتى. ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەيلى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ياكى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىدە بولسۇن، خەنزۇلار بىلەن مىللىيلارنىڭ نىسبەت پەرقى ئۈستىدە توختالغان.
سۆبەت يىغىنى ئېچىش ۋە زىيارەت قىلىش: يۇقىرىقى بەش مەكتەپتە جەمئىي 33 مەيدان سۆبەت يىغىنى ئۆتكۈزىلدى. ھەر قايسى مەكتەپلەردە پىلان بويىچە 4،5 مەيدان سۆبەت ئورۇنلاش تۇرۇلغان بولۇپ، سۆبەت يىغىنى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتقا ئالاقىدار 1 مەيدان، ئوقۇغۇچىلار بىلەن 1 مەيدان ۋە مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك 1،2 مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۆبەت يىغىنىغا قاتناشقان 292 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇچىلار ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت خادىملىرى 117 بولۇپ، 40%نى تەشكىل قىلدى. سۆبەت يىغىنىغا قىز-ئايال بولۇپ جەمئىي 96 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ، يىغىنغا قاتناشقانلار سانىنىڭ 32.8% نى تەشكىل قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، جەمئىي 66 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە51 نەپەر ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىسى،  29 نەپەر قىز- ئايال ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم زىيارەت قىلىش شەكلىدە سۆبەت ئۆتكۈزۈلدى، ئۇلار ئايرىم، ئايرىم ھالدا 77.2% ۋە  43.9%نى تەشكىل قىلدى.
ھازىرغا قەدەر 27 مىڭ خەتلىك سۆبەت ۋە زىيارەت خاتىرىسى رەتلىنىپ، 375 پارچە ئېلېكترونلۇق ھۆججەت ۋە 60 پارچە يازمىچە ھۆججەت ھاسىل قىلىندى. ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە دوكىلاتنى يېزىش داۋامىدا كەم قالغان ياكى ئېنىق بولمىغان ماتېرىياللارغا قارىتا، تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ يىتەرسىزلىكلەر تولۇقلاندى.
5. تۈردىن مەنپەئەتدارلارنىڭ پوزىتسىيەسى
بىز ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تۈرگە بولغان پوزىتسىيەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. ئاران 2% ئوقۇتقۇچى بۇ تۈرگە قارشى چىقتى، ئوقۇغۇچىلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىدى. پەقەت 1% ئوقۇتقۇچى ۋە 11% ئوقۇغۇچى بۇ تۈرگە نىسبەتەن يولغا قويۇش قويماسلىقنىڭ كارىيىتى چاغلىق دېگەن پوزىتسىيەدە بولدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 97% تى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 89% تى بۇ تۈرنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بۈلدۈرۈشتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، بۇ تۈر مۇتلەق كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. بىز يەنە دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز بېرىش تۈرىگە ئالاقىدار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ كىلىش مەنبىيى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ تۈرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ئاساسلىقى مەكتەپلەرنىڭ ھۆججەتلىرى، رەھبەرلىك ۋە خىزمەتداشلاردىن ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئۈچ يول بىلەن ئىگە بولۇنغان بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل يول بىلەن ئىگە بولۇنغان ئۇچۇرلار 85% نى تەشكىل قىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تۈرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن ئاڭلاش ۋە توردىن كۆرۈشتىن ئىبارەت تۆت خىل يول بىلەن ئىگە بولۇنغان بولۇپ، بۇ تۆت خىل يول بىلەن ئىگە بولۇنغان ئۇچۇرلار 88% نى تەشكىل قىلغان. بۇ مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ تۈرىگە بولغان تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىگىنى، ھەمدە كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ تۈر بەلكىم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا بەزى بىر پاسسىپ تەسىرلەرنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنى تۈرگە مەبلەغ سېلىش (مەكتەپ ئۆزلىرى چىقىرىدىغان خىراجەت ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتىشى، قۇرۇلۇش باشلىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمىتى تەسىرگە ئۇچرىشى ( توپا-چاڭ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە مۇھىت بۇلغىنىش، كىرىپ چىقىش قولايلىق بولماسلىق دېگەندەك)، مەكتەپلەر قەرز بولۇپ قىلىش خەتىرىگە دۇچار بولۇش ياكى ئىشلەمچىلەر ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە دېگەندەك ھۆرمەت قىلىپ كىتەلمەسلىكتەك بىر قاتار پاسسىپ تەسىرلەرنى كەلتۈرۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل يوشۇرۇن سەلىبىي تەسىرلەرنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار چۈشىنىدىغانلىقىنى بۈلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان نارەت مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدا ئامال بار بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلىنىش ئىستىكىنى بۈلدۈرۈشتى.
6. تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەر
بىز بەش تارماق تۈر لايىھەسى بويىچە تۈر يولغا قويۇلىدىغان بەش مەكتەپتە چۇڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى بايقىدۇق. بۇ مەسىلىلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈردىن مەنپەئەتدار بولۇش ياكى مەنپەئەتدارلىق دەرىجىسى، شۇنداقلا بۇ تۈر كەلتۈرىدىغان ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش مەسىلىسى بولسا، يەنە بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدۇر.
تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش مەسىلىسى: مەكتەپلەردە تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ (خەنزۇچە) ئۆگىنىش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولۇش مەسىلىسى ئومۇمىيۈزلۈك ساقلانغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ MHK ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇ بولۇپ قالغان. ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش ئاساسىدىكى پەرق بىلەن ھازىرقى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە «ئادەمگە قاراپ بىكىتىش» پىرىنسىپىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىگىدە كۆرۈلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئېغىر دەرىجىدە كامچىل بولغانلىقتىن، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا توغرا كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشى، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقىدا كۆرۈلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، تىل ئۆگىنىش شارائىتى (ئۈن ئېلىش ئۆيى، كۆپ ۋاسىلىك سىنىپ) ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يىتىش مەسلىكى، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە قارىشىنىڭ كونا، ۋاختى ئۆتكەن بولۇشىدا كۆرۈلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈر لىگى، «گاچىچە خەنزۇچە» ئۆگىتىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۆرۈلىدۇ؛ بەشىنچىدىن، تەييارلىق سىنىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى بىلەن كەسپىي خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرمەسلىكتە كۆرۈلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا، ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئومۇمىيۈزلۈك بولسىمۇ، بەزى مەسىلىلەر ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىشى بىلەن پىراكتىكا مەزمۇنى قىلىپلاشماسلىق، «ئۆگەنگىنى بىلەن پىراكتىكا قىلىدىغىنى ئوخشاش بولماسلىق» مەسىلىلىرى بىرقەدەر ئومۇمىيلىققا ئىگە؛ ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە پىراكتىكا بازىلىرى كامچىل، تەجىرىبە ياكى ئەمەلىي مەشغۇلات ئۈسكىنىلىرى قىس ۋە ياكى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، كەسپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىھتىياجىدىن چىقىش قېيىنغا توختاشتەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىسىز بولغان ئەھۋاللارنىڭ ساقلىنىشىدا ئىپادىلەنگەن؛ ئۈچىنچىدىن، مەكتەپلەر كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكىغا چىقىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىمۇ، بىراق كارخانىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنى پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا غەم-ئەندىشىگە چۈشۈش ئەھۋاللىرىدا ئىپادىلەنگەن؛ تۆتىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى نىسبەتەن قېيىن بولۇش، پىراكتىكا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتى كۆڭۈلدىدەك بولماسلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەن؛ بەشىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان دەرسلىكلەرنىڭ قاراتمىلىقى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە توغرا قاراشقا ئىگە بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولى چوڭ بولماسلىق ئەھۋاللىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئۇندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۈچ جەھەتتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرى، دەرسلىكلەر قۇرۇلمىسىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقى؛ ئىككىنچىدىن، دەرسلىك ماتېرىيالى بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ كونا، ۋاقتى ئۆتكەن بولۇشى، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەسلىكى؛ ئۈچىنچىدىن، كەسپ ۋە دەرسلىكلەرنىڭ تەڭشىلىشىنىڭ كارخانا ۋە بازارنىڭ ئىھتىياجى بىلەن جىپىسلاشماسلىقى قاتارلىقلار.
ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلەنگەن: بىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش مەسىلىسى. ئىككىنچىسى، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن ئىبارەت.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش مەسىلىسى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئىلمىي ئۇنۋان ئوقۇشى، تەربىيەلىنىش، زىيارەتچى مۇتەخەسسس بولۇش قاتارلىق شەكىللەردىكى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ساقلانغان مەسىلەر ئۈچ جەھەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان: بىرىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش ياكى ئىلمىي ئۇنۋان ئوقۇش جەھەتتىكى پۇرسىتى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسى كۆپرەك؛ ئىككىنچى، ئوقۇتۇش يېتەكچىلىرى بىلەن ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەرققىيات بوشلۇقى تار، تەربىيەلىنىش يوللىرى راۋان ئەمەس؛ ئۈچىنچى، «نەزەرىيەۋى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش»، «ئەمەلىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى نەزەرىيە بىلەن قۇراللاندۇرۇش» جەھەتتە خېلى كۆپ مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ قوش ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا پايدىسىز بولۇشتىن ئىبارەت.
ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلە بولسا، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىدۇر. بۇ ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەشكە پايدىسىز، شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆلەملىشىش ۋەزىيىتىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، قوش ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ چىقىش، تەكلىپ قىلىش، باھالاش ۋە تەكشۈرۈش مېخانىزىمى كامچىل بولۇش؛ ئىككىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئېلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىغا قارىتا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزىمى ئېنىق بولماسلىق؛ ئۈچىنچى، تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش قىلىپلاشماسلىق، بار بولغان قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەسكە توختاش قاتارلىقلار. كۆپ سانلىق تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى بولغانلىقتىن، بۇ ھال ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىشىگە پايدىسىز بولغان.
يەرلىككە مۇلازىمەت قىلىش كەسپىي مائارىپنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا بۇ تۈرنىڭ يولغا قويىلىشىدىكى مەقسەتلەردىن بىرى. بۇ جەھەتتە، بۇ تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلاردا تەشەببۇسكار بولماسلىق، يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى راۋان بولماسلىق، سىستېمىلىق پىلان بولماسلىق مەسىللىرى مەۋجۇت. مەكتەپلەردىكى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش تۈرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق، چارۋۇچىلىق رايونلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى بىلەن تازا قويۇق مۇناسىۋەتتە بولماسلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
7.        تەكلىپ ۋە چارە-تەدبىرلەر
بىز «دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىنى قوللاش تۈرى»نىڭ بەش تارماق تەتقىقات تېمىسىنى مەركەز قىلىپ، ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتۇق، ھەمدە تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىگى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاۋامنىڭ قاتنىشىش ئاساسىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېخانىزىم بەرپاقىلىش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا تۈرنىڭ «ئىجتىمائىي دوكىلات» قىسىمىدا مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش چارە-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز ئوتتۇرىغا چۈشكەن بۇ پىكىر-تەلەپلەرنى تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسى، تۈر يولغا قويۇلىدىغان مەكتەپلەر ۋە تۈرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىنكاس قىلىپ، مۇزاكىرلىشىش، تېلېفون ۋە توردا ئالاقىلىشىش شەكلى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرگە قارىتا ئىنكاسىنى ئاڭلاپ چىقتۇق. شۇ ئاساستا، بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرگە قارىتا پۇشۇرۇش ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ھەمدە تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇن ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ تەكلىپلەر تۈر لايىھەسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىر قىسمى ئاللىي بۇرۇن بۇ تۈردە يولغا قويۇلغان ئىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقالغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردۇر. بۇ مەسىلىلەر ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ تۈردىن مەنپەمەتدار بولۇش ۋە مەنپەئەتدارلىق دەرىجىسىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەرققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ قىلىشىمۇ ئىھتىمال. شۇڭا، «ئىجتىمائىي دوكىلات»تا ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كەلگەن بۇ ئالاھىدە مەسىلىلەرگە قارىتا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرققىياتى ۋە دۇنيا بانكىسى تۈرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پىلان ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش (بولۇپمۇ تەييارلىق ئوقۇتۇش) سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەرەققىيات مېخانىزىمىنى ياخشىلاشقا ئوخشىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. «ئىجتىمائىي دوكىلات»تا يەنە مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بەش يىلغا سوزۇلغان ئازسانلىق مىللەت تەرەققىيات پىلانىغا قارىتا ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇپ، پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەكلىپلەر تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىلىپ، ھەر قايسى مەكتەپلەر «ئازسانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى.
8. خۇلاسە
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، بۇ تۈرنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىمۇ، بەزى بىر يوشۇرۇن پاسسىپ تەرەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىگە قارىتا، بىر تەرەپتىن ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ يوشۇرۇن پاسسىپ تەسىرىدىن ساقلىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن زادى ساقلىنىش مۇمكىن بولمىغان پاسسىپ تەسىرىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ قويۇپ، پاسسىپ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. بۇ تۈرنىڭ ئاكتىپ تەسىرى بولسا، بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىقتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بىۋاسىتە بولغىنى تۈر يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلار بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردۇر، ۋاسىتىلىق بولغىنى شىنجاڭنىڭ بىر پۈتۈن كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرققىياتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىلجىتىش رولىدا ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ تۈر تۈر يولغا قويۇلىدىغان مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەكتەپلەر تەرققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تونۇپ يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرققىيات ئېھتىياجى ۋە كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرقى ھېسابتا مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەرققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۇن يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار ياخشى بولغان خىزمەت، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا ئىگە قىلىنىدۇ، بىلىم ئاشۇرۇش، تەربىيەلىنىش، زىيارەتچى مۇتەخەسسس بولۇش ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئوقۇشىغا قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆزىنى تەرققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت كۆپلىگەن پۇرسەتلەرگە ئىگە قىلىنىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىقا پائال قاتنىشىپ قوش ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ بىلەن ياخشى ئوقۇتۇش مۇھىتىغا ئىگە بولۇپ، ئوقۇش ۋە دەرسلىك ئىسلىھاتىنىڭ مىۋىلىرىدىن ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتۇش قوشۇنى ۋە باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان قىلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ھەر قايسى جەھەتلەردە كەسپىيلىكى كۈچلۈك بولغان مەشقلەندۈرۈشتىن بەھرىمان بولۇپ، جەمئىيەت ۋە كارخانىلار ئىھتىياجىدىن چىقالايدىغان كەسپىي ئىقتىدارغا، بىر قەدەر مۇقىم ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئىش ئورنىغا ئېرىشىش پۈرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.
دۇنيا بانكىسى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلىشى شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىدا تۈزۈم، سىياسەت، مېخاينىزىم ۋە ئىدىيە-قاراش جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىگى بىلەن جەمئىيەت ئالاھىدىلىگىگە، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساى ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە ماس بولغان زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا پايدىلىق. بۇ ھال شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈش ئاساسى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنى كۆلەم ۋە سۈپەت جەھەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ۋە تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرلىشى ئۈچۈن شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى (بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەت ئاھالىسى) نىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي پەرقنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىقتۇر. شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك، چاۋۇچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، شۇنداقلا مەدەنىيەت قارىشىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ، ئازسانلىق مىللەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق روناق تېپىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.


مەنبە :مەكتەپ ئۇچۇر تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 02:29:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئىختىساسلىقلار قۇشۇنىغا ئىگە بولىمەن،ھەقىقى ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرمەن دەيدىكەن ئۇنداقتا مۇناسىۋەتكە تايىنىش ئارقىلىق ئىش بىجىرىشنى توختىتىش كىرەك.بولمىسا بۇ سان سېفىرلار ئوخشاش قارا سىياھتا يىزىلىۋىرىدۇ.

دەرۋەقە شىنجاڭ ھازىر سانائەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.يىزا ئىگىلىك كەسپى شىنجاڭنىڭ ئۇل تىشى،چارۋىچىلىق،كانچىلىق ،ئالاھىدە يىمەك ئىچمەك ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكى بۇ رايوننىڭ مەملىكەتتىن پەرىقلىق تەرەپلىرى ھىسابلىنىدۇ.ھەر يىلى مانچە يۈز مىڭ شىنجاڭلىق ئالى مەكتەپكە ماڭىدۇ ياكى قايتىدۇ.بۇ ئىشسىزلىق بىسىمىنى كۆپەيتىۋىتىشى مۇمكىن.شوڭا ھۆكۈمەتنىڭ يىڭىلىق يارىتىش،ئىگىلىك تىكلش پىلانىنى ھەمدە دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مۆلچەرىنى كۆزدە تۇتۇش ياخشىدەك قىلىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46667
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3187
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2011-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 03:04:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىق ئىشلار بارا بارا ياخشى بولۇپ كەتكۈسى،دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مائارىپىغا سالغان مەبلەغلىرى ھەقىقەتەن كۆپ،قوش تىل مائارىپىنىڭ تىخىمۇ ئىلمى بولغان يولىنى تىپىپ چىقىپ مائارىپىمىزنى تىخىمۇ توغرا،ئۈنۈملۈك بولغان يولغا سىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،ئۆزەمچە!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101831
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 03:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ بىر ياخشى خەۋەركەن.جەمىيەت تەرەققى قىلسا  تىخمۇ كۆپ كىشىلەر ئىشقا ئورۇنلاشسا نىمە دىگەن ياخشى.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 09:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13213
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8081 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 09:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەكتەپ تەتىل قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى 7كۈنلۈك ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرغان ،ئاخىرقى كۈنى مەكتەپ مودىرىمىز  خۇلاسە قىلغاندا بۇ تۈرنى چالا-پۇچۇق دەپ ئۆتەپ كەتكەن . بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئاندىن تەپسىلاتىنى بىلدىم .تەكشۇرۇش دوكىلاتى ناھايىتى ياخشى ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ ،كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،رەھمەت سىزگە...

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش