مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە مەرسىيە
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
نويابىرنىڭ يىگىرمە بىرى ،
بىر ھىجراننىڭ تۇغۇلغان كۈنى.
ئۈششۈك تېگىپ دەرتلىك يۈرەككە،
تەبىئەتنىڭ بوغۇلغان ئۈنى.
ئارمانلارنىڭ بوستانلىرىغا ،
تەزگاھ قۇردى قارا زىمىستان .
سەرسان روھنىڭ قىرغاقلىرىغا ،
چاڭگال سالدى دەھشەتلىك قىيان.
ئىزتىراپتا تولغانغان شامال ،
ئۈزۈۋالدى ھەسرەت گۈلىنى.
ئوغۇزخاننىڭ جەڭگاھ دۇمبىقى،
پىغان بىلەن چالدى كۈيىنى.
كەچمىشلەرنىڭ چىغىر يولىدا،
سۇلۇپ كەتتى يەنە بىر ئارزۇ.
ئۆكۈنۈشنىڭ ئېقىنلىرىدا،
لەيلەپ قالدى بىر يېتىم قايغۇ.
نويابىرنىڭ يىگىرمە بىرى،
تەڭرىتاغنىڭ بىتەلەي كۈنى.
قانماي تۇرۇپ تېخى ۋەسلىگە،
سۇلۇپ كەتتى ئۇيغۇرۇم گۈلى.
2015-يىلى01-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arislanuygur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 08:41 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-24 02:39 PM):
دەسلەپكى كوبلېت بىلەن ئاخىرقى كوبلېتدىكى ‹نويابىر› سۆزى ‹يانۋار›بولسا