مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1776|ئىنكاس: 11

ھەسەتخورلۇق- ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەتتۇر . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111976
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2014-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەتخورلۇق-ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەتتۇر.

ھەسەتخورلۇق-ناچار ئەخلاقنىڭ ئەڭ زەرەرلىكى بولۇپ،بىر كىمگە نىسىپ بولغان ئامەت، نىئمەت، شان شەرەپلەرگە كۆرەلمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ، ئاشكارە جەھەتتە غەيۋەت قىلىش، بۆھتان چاپلاش،تۆھمەت قىلىش، توزاق قۇرۇش، ئاداۋەت ساقلاش بولۇپ ئىپادىلەنسە، يوشۇرۇن جەھەتتە شۇم خىياللارنى قىلىش،رەشىك قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا  دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان  بۇ خىل يىرگىنىشلىك پىسخىك كىسەل،ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىدە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.  تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەسەتخورلۇق كۆڭۈلدە شەكىللىنىپ سىرىتقىي جەھەتتە بىرەر يامان ھادىسە پەيدا قىلمىغىنى بىلەن، ئەگەر بۇنداق ناچار پىسخىك ھالەت كۆڭۈلدە رەشىك ئوتىنى  ئۇلغايتىدىغان بولسا ،بۇنىڭدىن تەسەۋۇر قىلغۇسىز بالايى ئاپەت مەيدانغا كىلىدۇ.

ھەسەتخور « پالانچىدىكى مال- مۈلۈك ۋە دۆلەت مەندە بولسىچۇ، ئىززەت- ھۆرمەت سائادەت مەندە بولسىچۇ،ھوقۇق مەنسەپ كامالەت مەندە بولسىچۇ،ئۇلار سۇرگەن راھەت- پاراغەتنى مەن سۈرسەمچۇ » دىگەندەك ئاچكۆزلەرچە شۇم خىياللارنى قىلىپ، ئۇمىتسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. دائىما روھى ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ.بىر كىمنىڭ بەختىنى كۆرگەن ھامان ھەسەت ئوتىدا پۇچۇلىنىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ راھىتىدىن دائىما زەخمەت چىكىدۇ.ئۇلار ھەرقانچە كۆپ  مال ۋە بايلىققا ئىگە بولسىمۇ ھەسەتخورلىغى تۈپەيلىدىن ئارىستوتىل ئىيىتقاندەك  ؛«   بىر دەممۇ راھەت ۋە پاراغەت يۈزىنى كۆرمەي، دۇنيادا قانچە مىھنەت ۋە مۇسىبەت بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە يۈكلەپ، دۇنيادىكى شات- خوام ۋە خۇشھال كىشىلەرنىڭ  شاتلىغىغا قايغۇرۇپ »،تۈگۈمەس غەمگە چۆكۈپ، قان يۇتۇپ  دۇنيادىن كىتىدۇ . بۇ ھەقتە ئاقىللار مۇنداق نەزمىلەرنى تۈزۈشكەن:

       پۈتۈن بولماس ھەسەتخورنىڭ پارچە نانى،

كۆيەر ئۇنىڭ دائىم ھەسەتتە جىسمۇ جانى  .

ھەسەتخور خاھ پىقىر بولسۇن ۋە ياكى باي ،

ھەسەت ئوتىدا يانغاي  ئۇنىڭ ئۇستىخانى.

دائىم كۆيۈپ غەرەز بىلەن ھەسەت ئوتتا،

چىقار تەندىن تەن سىقىرتىپ ئەزىز جانى.

نەقىل قىلنىشىچە، بىر بىخىل كىشى تەركى ۋەتەن بولۇپ، يىرققا يول ئىلىپ چۆللەرنى كىزىپ كىتىۋاتسا، تەسادىپەن يولدا ئىككى كىشىگە ئۇچىراپ قاپتۇ. ئۇ ئىككىسىمۇ بىخىل كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلار ئۆز- ئارا تونۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخىل كىشىلەردىن ئىكەنلىگىنى بىلىشكەندىن كىيىن،تىزدىن تىل تپىشىپ سەپەرنى بىرگە داۋام ئىتىپتۇ. ئۇلار يولدا قورسىغى ئاچسا بەللىرىگە تۈگىۋالغان نانلىرىنى ئېلىشىپ،تەتۈر قارىشىپ ئولتۇرۇپ يەپ يولنى داۋام قىلىپتۇ. كېتىۋىتىپ بىرسى قالغانلىرىدىن سوراپتۇ:

-ئەي يارانلار!سىلەر نىمىشكە يۇرۇتنى تاشلاپ بۇ ئاۋارىچىلىق يولىنى تۇتتىڭىزلار ؟نىمە سەۋەپتىن راھەتنى مۇساپىرچىلىق مېھنىتى بىلەن ئالماشتۇردىڭىزلار ؟ ئۇلاردىن بىرى جاۋاپ بىرىپ شۇنداق دەپتۇ :

   -مەن ياشايدىغان جايدا ماڭا ياقمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ، ئۇلارنى كۆرسەم رەشىكىم ۋە ھەسەتخورلۇقۇم قوزغىلىپ، كۆڭلۈم دائىم ئېزىلىپ تۇرۇدۇ.بىرسى يەنە بىرسىگە ياخشىلىق قىلسا كۆرەلمەيمەن. بىر- ئىككى كۈن تەركى ۋەتەن قىلىپ،ئۇلارنى كۆرمەي تۇرسام،ئىھتىمال كۆڭلۈم سەل تەسكىن تاپارمىكىن دەپ يۇرۇتنى تاشلاپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتىمەن.

   ئىككىنچىسى سۆز باشلاپ دەپتۇ :

ـ يا توۋا ! مېنىمۇ قىينىغان نەرسە دەل موشۇ. شۇ نەرسە تۈپەيلى مەنمۇ ئۆز يۇتۇمنى تاشلاپ چىقتىم، نەگە بىرىشىمنى بىلمەيمەن .

ئۈچىنچىسى دەپتۇ :

-     ھەر ئىككىڭىزلارمۇ مەن مۇپتىلا بولغان دەرتكە ئۇچراپسىلەر،

مەنمۇ ھەم ھەسەت ئوتىغا چىدىيالماي ۋەتەننى تەرك ئەتتىم .

ئۇلار ئۆز ئارا تىل تېپىشىپ بىرخىل دەرتكە مۇپتىلا بولغانلىغىنى بىلىشكەندىن كىيىن ،ئىتتىپاق بولۇشۇپ يولنى داۋام قىلىپتۇ.

ئۇلار يولدا كېتىۋىتىپ توساتتىنلا بىر دانە ھەميان تېپىۋاپتۇ.

ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەسەتخورلىغى تۈپەيلى ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى

ئۆزى يالغۇز ئىگەللەشنىڭ ئىشتىياقىدا يېنىپ، شىرىكلىرىنڭ ئېلىشىنى زادىلا خالىماپتۇ.ئۇلارئالتۇننى يالغۇز ئىگەلەشنىڭ خاپىلىغىدا بىر كېچە-كۈندۈز جاڭجاللىشىپ ،ئاچلىق ۋە تەشنالىقتا ھالىدىن كېتىپ يېتىپ قاپتۇ.

  شۇ يۇرۇتلارنىڭ بىر ھاكىمى شۇ ئەتىراپتا ئوۋ ئوۋلاپ تاماشا قىلىپ يۈرەرىكەن، چۆلدە ياتقان بۇ كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىگىنى بىلىپ كىلىشكە بىر خىزمەتچىسىنى ئەۋەتىپتۇ. خىزمەتچى بىرىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ ھاكىمغا بىر – بىرلەپ بايان قىلىپتۇ. ھاكىم خۇشال بولۇپ:

   -ئوۋ دېگەن بۇنىڭدىنمۇ ئوبدان بولامدۇ؟ ئۇلارنى دەرھال قېشىمغا ئىلىپ كېلىڭلار؟ ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ مەزە قىلايلى دەپتۇ . ئۇلار كەلگەندىن كىيىن ھاكىم سوراپتۇ :

-ھەر بېرىڭلەر ئۆز ھەسەتخورلىغىڭلارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بىرىڭلار. شۇنىڭغا قاراپ ئالتۇننى تەقسىملە يلى دەپتۇ.

ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى دەپتۇ. :

  -ئەي ھاكىم! مېنىڭ ھەسەتچىلىكىم شۇ دەرىجىدىكى، مەن ھىچقاچان بىراۋغا ياخشىلىق قىلالمايمەن،مۇبادا، ياخشىلىق قىلسام،ئۇ ئادەم تېنىچ خاتىرجم بولسا،ھەسرەتلەنگەنلىگمدىن  غەمگە چۆكىمەن.

ئىككىنچىسى بىرىنچىسىگە :

   ـ سەن بېخىللىق ۋە ھەسەتخورلۇقتىن بىبەھرە ئىكەنسەن.مېنىڭ بېخىللىق ۋە ھەسەتخورلۇقۇم شۇ دەرىجىدە ئىكەنكى،بىر كىم يەنە بىر كىمگە ئۆز مېلىدىن بىر نەرسە بېرىپ ياخشىلىق قىلسا،مەن ئۆزەمنى قەيەردە قويۇشنى بىلمەي ھەسەتتىن تىپىچەكلەپ كىتىمەن دەپتۇ .

بۇنى ئاڭلىغان ئۇچىنچىسى :

-سىلەردە ھەسەتخورلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن.سىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقتا قىلغان دەۋايىڭلار بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىكەن. مېنىڭ بېخىللىق ۋە ھەسەتچىلىكىم شۇ دەرىجىدىكى، ئەگەر بىرەر كىشى ماڭا ياخشىلىق قىلسا،پايدىلىق سۆزلەرنى قىلسا،ھەسەتتىن جىگىرىم ئوت بولۇپ كۆيىدۇ

ھەسەتخورلارنىڭ سوزىنى ئاڭلىغان ھاكىم غەزەپتىن خىزمەتچىلىرىگە شۇنداق پەرمان بېرىپتۇ:

- بۇبەد -بەخىتلەرگە  لايىغىدا جازا بەرمەك كېرەك. ھىچكىشىگە ياخشىلىق قىلىشنى خالىمايدىغان ھەسەتچىنى يالاڭ باشتاق، يالاڭ ئاياق قىلىپ، چۆلنىڭ ئىچكىرىسىگە ئاپىرىپ تاشلىۋىتىڭلار! بىر كىمنىڭ يەنە بىر كىمگە ياخشىلىق قىلغىنىنى كۆرەلمەيدىغان ھەسەتچىنى بېشىنى تېندىن جۇدا قېلىپ، ھەسەت ۋە بېخىللىق ئازاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇڭلار!.بىر كىشى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلسا چىدىيالمايدىغان ھەسەتچىنى يالىڭاچلاپ قولىنى كەينىگە باغلاپ، بوينىغا تاش ئېسىپ دەرياغا چۆكتۈرۋىتىڭلار!.   .  

دېمەك ھەسەتخور قانچە ئازاپ تارىتسا شۇنچە ھەقلىقتۇر .

                        -ئوقۇلمىلاردىن ئۆزلەشتۈرىلدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 693
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9270
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:50:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخورلۇق دورىسى تېپىلمايدىغان ئېغىر كىسەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113278
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2015-1-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەممە ئادەمدە ھەسەت بولىدۇ،لىكىن  نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدىكى ھەسەت ئوتىنى  ئۆزىنى كۈچلەندۈرۇشنىڭ  دەسمايىسى قىلشنى  بىلمىگەنلىكى ياكى خالماسلىغى سەۋەپلىك ،باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 G* i$ |" ?; ?& C  پىسخىكىسى ئاجىز،بوشاڭ ئادەملەر  ھەسەت ئوتىدا ئۆزىنى كۆيدۈردۇ.ياكى باشقىلارنى كۆيدۈردۇ.

جالاقلاپ يىغلاشنى خالىمىساڭ،قاقاقلاپمۇ كۈلەلمەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1619
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 08:36:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخولۇق  دېگەن   بەك  ناچار  ئىللەت .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 M7 F2 `( K& R) A# r
ھەسەتتە گۈم  بولار ھەر قانداق مىللەت .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( J* j7 D' \: W1 Xھەسەتخورلۇق گوياكى ساقايماس  كېسەل ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, m: @% i4 a- Y& F, c, d% gبايقاپ قالساڭ  ئەگەردە  سەن  دەرھال  تۈزەت  .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 10:20:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەلى مۇئەللمىنىڭ ھەممە ئادەمدە ھەسەت بولۇشى كېرەك،ھەسەت بولمىسا بومايدۇ دەپ سۆزلىگەن لىكسىيىسىنى ئاڭلىغان بۇ قانداق گەپ ئەمدى

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7078
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:18:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتنىڭ ئۆزى بىر كۆيدۈرگۈچى ئوتقا ئوخشايدۇ.

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110450
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:43:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخورلۇق دورىسى تېپىلمايدىغان  كىسەل ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110450
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:43:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2992
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 898 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:57:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسماندىكى  تۇنجى گۇناھ  شەيتان ئادەمگە ھەسەت قىلغان  زىمىندىكى تۇنجى گۇناھ قابىل ھابىلغا ھەسەت قىلغان      ئىككىلى  گۇناھ ھەسەتتىن باشلانغان   ھەسەت بەك  خەتەرلىك نەرسە زادى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:57:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن ،  ھاكىمنىڭ قىلغىنى بەك توغرا .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش