nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 11:52 AM 
رەھمەت قېرىندىشىم...مۇشۇ نەچچە ئايدە دەھشەت سېزىك تار ...
بۇ خاتىرىڭىزنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن قېرىندىشىم.....ياشقا سىزدىن خېلىلا چوڭ بولساممۇ لېكىن سىزگە نىمە دەپ يول كۆرسىتىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم..........سېزىك دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە ئوخشىمايدىغانلا............مەنمۇ بۇ قېتىم قوساق كۆتۈرگىنىمدە خۇددى دەپتەرگە پۈتۈپ قويغاندەكلا دەل40-كۈنى سېزىكىم باشلانغان ئىدى...مەنمۇ سىزدەكلا قەدەمدە بىر ھۆ بولۇپ ياندۇراتتىم...باشقىلاردىن يوشۇرغانسېرى توختىماي ياندۇرۇپ بىئارام قىلاتتى......سېزىك دىگەنگە ھىچقانداق ئامال يوق،مەنمۇ قىينىلىپ قىينىلىپ 3ئاي بولغاندا ئاساسەن توختىدى بولغاي بۇرۇنقىدەك بىئارام بولمۇدۇم............
شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم قېرىندىشىم ئەڭ ئاۋال كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ،كاللىڭىزدا نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەيدىغان خىيالنى ئازراق ئويلاڭ........چۈنكى بۇ دۇنيادا سېزىكى سىز بىزدىنمۇ قاتتىق ئادەملەر جىق،مەن بىلىدىغان بىرسىنىڭ ئايالى سېزىكى قاتتىق بولۇش سەۋەپلىك بىر ئۆمۈر بالىلىق بولالمىدى،چۈنكى ئۇنىڭ سېزىكىدە ياندۇرۇشنىڭ دەششەتلىكىدىن ئۈچەي باغرىنىمۇ قۇسۇپ چىقىرۋېتىشكە تاسلا قالىدىكەن،ماغدۇر يوق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ كېتىدىكەن......شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز نەچچە بالىنى ئالدۇرۋەتتى،ئاخىرى ئېرى بىلەنمۇ ئاجرىشىپ كەتتى.................
بەك ئېغىر بولمىسىڭىز چىداڭ بولامدۇ....ئانىلىرىمىز دەپ قويىدىكەن ياندۇرۋەتسەڭمۇ چىداپ يەنە يە دەپ،چۈنكى شۇ ۋاقىتلادا بالىنىڭ قاش كۆز پۇت قوللىرى شەكىللىنىشكە باشلارمىش،بالىنىڭ بارلىق ئەزالىرى تولۇق شەكىللىنىپ بولغاندا ئاندىن سېزىك توختارمىش...........شۇڭا سەبرى قىلايلى،بىز ئاياللارغا شۇ خاپىلىق بار،قېچىپ كەتكىلى تېخى بولمايدۇ........................ئىشقىلىپ كۆڭلىڭىز ئازراق تارتقاننى يەۋېرىڭ....قورسىقىڭىزغا نەچچە ئايلىق بولغاندۇ زادى
.gif)
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سېزىكىڭىزمۇ بوشايدۇ......................سىزگە ھەم بالىڭىزغا ئامانلىق ھەم خوشاللىق تىلەيمەن!!!!!!!!