ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1217.75 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1280.08 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.49 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1302 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن كەچتە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1300 دوللاردىكى ئۆتكەلگە چىقىپ ئەڭ يۇقىرى 1306.60 دوللار بولغان ، بۇنداق بولىشىدا ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دىلاجى2015 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 60 مىليارد ياۋرو سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بۇ خەۋەر بازارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرلىشىنى كەلتۈردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ياپونىيە ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات بازارنىڭ قىسقا سىزىق ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ياخشى بولۇپ ياۋرونى يۇقىرى كۆتۈرسە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ناچار بولۇپ ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كەلسە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار كەچتىكى بازار يۆلىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1302-1297 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرى سۇس بولدى . چۈشلۈك ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا 1290 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1297-1300 دوللار ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
2. چۈشتىن كىيىنكى ياۋرۇپا بازىرىدا 1307 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1310-13125 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر 1307 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1295-1290 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3 .بىر كۈن ئىچىدە 1290 دوللاردىن چۈشۈپ 1288-1285 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1310 1307
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1290 1293
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1288-1308
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1290
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1307
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش