مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2454|ئىنكاس: 22

مەكتەپ فورمىسى سېتىش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110534
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 06:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى سېتىش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە بارمۇ ؟
تورداشلارغا ئايان بولسا كېرەك ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەميەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ، دۆلىتىمىز ئۇنۋېرسال كۈچىنىڭ ئېشىشى ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن جەميەتتىكى تۈرلىك كەسىپ ئورۇنلىردا  خىزمەت قىلىۋاتقان ،بولۇپمۇ فورما كىيىپ خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت فورمىسى سۈپەت ، لاھيە -نۇسخىللىرى يىلدىن- يىلغا يېڭىلىنىپ ئۇلارنىڭ قەددى -قامىتىگە سالاپەت ،جەسۇرلۇق مۇجەسسەملىنىپ ، خىزمەتلىرگە ئاجايىپ قولايلىق بېغىشلىدى. خىزمەت فورمىسى كىيىپ خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلاردا چوقۇم فورما كىيىپ خىزمەت قىلمىسا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ، قاتناش ساقچىسى فورمىسىز قاتناش باشقۇرالمايدۇ .شەھەر باشقۇرغۇچىلار فورما كىيىپ تەرتىپ ساقلىمىسا قانۇنسىز يايمىكەشلەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ .ساناپ كەلسەك جەميەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىردا خىزمەت فورمىسى كەيمەي شۇ خىل خىزمەتنى قىلغىلى بولمايدىغان ساھەلەر كۆپ ، بۇنى كۆپ ئادەم بىلىدۇ .ئەمدى بۇنىڭ ئەكسىچە خىزمەت فورمىسى كىيمەي خىزمەت قىلىدىغان ساھەلەرمۇ نۇرغۇن ، چۈنكى بۇ ساھە نورمال كىيىنسىلا كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا تەسىر قىلمايدىغان بولغاچقا ئېھتىياج شۇنى بەلگىلىگەن .
   ئەمدى گەپنىڭ نىگىزىگە كەلسەك مائارىپ ئۈچۈن فورما زۆرۇرمۇ يوق ؟ مۇشۇ تېمىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ تۇنجى بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .بۇ ئۆزەمنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرغا ئاساسەن ئوتتۇرغا تاشلانغان تېما ، ئۆزەمنىڭ شەخسى قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ئەلۋەتتە .جايلاردىكى بىر قىسىم ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەر ،بۇرۇندىن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ فورمىسى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ تارقاتقاننى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ، كىيگەن . بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە ئومۇمىيۇزلىك ئەمەس بولۇپ ، بۇ سوقا -سۆھبەت تېمىسىغا خۇرۇج بولغىدەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس ئىدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇشامال ئۈزلىكسىز كۈچىيىپ يېزا -كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپلىرگىچە كېڭەيدى !   بىر خىل ، رەتلىك ، چىرايلىق كىينىپ سىنىپلاردا ئولتۇرغان پەرزەنتلەنى كۆرسە ھەرقانداق ئادەمنى ھاياجان بېسىپ ئپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى ئېنىق .نۇرغۇن مەكتەپلەر مىللىي خاسلىققا ئىگە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار فورمىسى لاھيەلەپ بالىلارنىڭ ئۇچىسىغا چىقىرىپ ، بالىلارنىڭ شۇنداق روھلۇق ، جەڭگىۋار قىياپىتىنى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا نامايەن قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپمۇ ئۇلگىرگەن ئىدى .ياخشى تەرپىنى ئويلىغاندا بۇ بىر كاتتا ئىش ! بۇ ئىشنىڭ پايدىسىنى ئەقلى جايىدا ھەرقانداق ئادەم ھىس قىلالايدۇ . ئەلۋەتتە مەكتەپ فورمىسىنى تىكىپ مەكتەپكە ساتقان ئادەم ئۇنى پۇلغا ساتىدۇ- دە . مەسىلە مۇشۇ يەردە !
   بىر قىسىم مەكتەپلەر بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى . ئۇلار جەميەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ ‹‹ ساخاۋەتچى›› لەرنى تەسىرلەندۈردى ، ئاتا ئانىلار بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالدى ، باشقا ئاماللارنى قىلدى . ھەرھالدا ئوقۇغۇچىلار رەتلىك كىينىپ مەكتەپكە كەلگەن بولدى ، پائالىيەتلەر جانلىق ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىپ -تۇرۇشلىرى بۇرۇنقىدىن چەندان باشقىچە . بۇ قىياپەت رەھبەرلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئېرىشىپ ،مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ خىزمىتى مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن بولدى .شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ شارائىتى بىلەن ھىساپلاشماي بۇ ئىشقا قەدەم ئېلىپ ئوقۇتقۇچى، ئاتا -ئانا ۋە جەميەتكە ئىختىزادى بېسىم پەيدا قىلغانلارمۇ ئاز بولمىدى .بالا چوڭ بولىدۇ كىيىم كونىرايدۇ . بۇ ئىش ئىزچىللىقتىن قالغانمۇ بولدى . ئەمما ئوقۇغۇچىلاردىن كىيىمنىڭ پۇلىسىنى يىغىپ جايىغا كەلتۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس . ئەمدى نۆۋەت ئوقۇتقۇچىغا ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇئاشى بار -دە . فورما شامىلى ھازىر ئوقۇتقۇچىلانى باسقىلى تۇردى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت فورمىسىنى بىرخىللاشتۇرۇش شامىلى ،دىيارىمىزدا ،ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەرنى قاپلىدى .ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى تۈزۈك ئىدى ! بازاردا 30-40 يۇئەلىك كۆينەكلەر ئۇلارغا ھەسسىلەپ باھادا تېڭىلماقتا ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مەكتەپنىڭ رەھبەرلىگى كىيىم سودىگىرىگە ئايلاندى . مەن بۇ يەردە مۇشۇنچىلىك كاتالىزاتورلاپ قويسام، مۇشۇ كۇندە ياشاۋاتقان ئوقۇتقۇچى تورداشلار كۆرگەنلىرنى ، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرنى چوقۇم ئىنكاسلىردا كەڭرى ئوتتۇردا قويدۇ ، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمە .
   ئەمدى سوراپ باقسام ؛ 1- دۆلەتنىڭ ،ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ فورمىسىنى چوقۇم بىر خىللاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمىسى بارمۇ ؟ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان شارائىتتا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى›› دا بۇنىڭغا دائىر ماددا كىرگۈزۈلگەنمۇ ؟
2- بۇ ھەقتە بەلگىلىمە بار دېگەندىمۇ ئىختىسادنى كىم ئۇستىگە ئالىدۇ ؟ قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ ؟ مەجبۇرلاش خاراكتىرنى ئالغانمۇ ؟
  3- مەخسۇس لاھىيەلەنگەن بىر ئۆلچەم بارمۇ ياكى مەكتەپ رەھبەرلىگىنىڭ خائىشىنى ئاساس قىلامدۇ ؟
  تورداشلارنىڭ مۇلاھيىزە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:24:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10306
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2982 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 10:26:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملاردا ئوقۇتقۇچىلار فورما كىيىشى كېرەك دەيدىغان گەپ يوق، لېكىن سىز مەلۇم مەكتەپتە مۇدىرنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىدىڭىزمۇ بولدى،مۇدىرنىڭ ئۆزى خان ئۆزى بەگ،مۇدىرنىڭ سۆزى قانۇننىڭ ئۆزى ،ئاڭلىماسلىققا بولمايدۇ

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7093
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:44:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارغا فورما تارقىتىش ئىنتايىن زۆرۈر. ئاددىي تىلدا ئېيتساق، بۇ باي ۋە نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرىنىڭ باپباراۋەر ھالەتتە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر ۋاسىتە. ئەگەر شۇنداق قىلمىسا، باي ۋە نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئارىسىدا كىيىمىنى كۆز-كۆز قىلىش ئەۋج ئالىدۇ.
ئەمما مەكتەپ فورمىسى توغرىسىدا ئىككى مەسىلە بەك ئېغىر. بىرى، مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ھەم كۆرۈنۈشىمۇ ئىنتايىن سەت. ( جەنۇب تەرەپتە قانداق فورما تارقىتىۋاتىدۇ ئۇنى بىلمەيمەن. مەن ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ فورمىلىرىغا قارىتا ئېيتتىم.) يەنە بىرى، باھاسى يۇقىرى، ئەمەلىيەتتە فورمىنىڭ سۈپىتى ئۇنچىۋالا پۇلغا يارىمايدۇ.
سۈپەت ناچار بولغانكىن، يا نورمال باھادا ساتقۇلۇق، يا ئالغان پۇلىغا لايىق سۈپىتىنى ئۆستۈرگۈلۈك.
بولسا شىنجاڭ رايونىدا مىللىي خاسلىق ئەكس ئەتكەن، سۈپەتلىك مەكتەپ فورمىلىرى تارقىتىلغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بولاتتى. ياپونىيەنىڭ مەكتەپ فورمىسى ئىنتايىن يارىشىملىق. ماۋۇ جۇڭگونىڭ شۇنداق «جا» زادى.....

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

ئالىي باشقۇرغۇچى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108323
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز.
ئون كويغا يارىمايدىغان سەت، سۈپەتسىز، لاھىيىلىنىشى شۇنداق ناچار(ئورۇق بالىلار ھەرقانچە كىچىكىنى كىيسىمۇ كىيىم بالىلارنى كىيىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ، سېمىز بالىلار سىرتمىسىنى ئېتەلمەي قالماسلىقى ئۈچۈن چوڭراقىنى كىيىدۇ. سىمىز بولغاچقا مەكتەپ فورمىسى شۇنداق ياراشقاندەك كۆرۈنىدۇ.)تاغاردەك كىيىملەرنى فورما ئېلىشمىساڭ سىنىپقا كىرگۈزمەيمەن دەپ بالىلارنى قورقۇتۇپ يۈرۈپ 150كويلارغا زورلاپ تاڭغاندىكىن (ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىممەت باھادا بۇنچە ناچار نەرسىنى ئالغۇسى يوق. فورمىنى ئۆزگەرتىپتۇ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا شۇنداق چىرايلىقكەن دەپ يالغان گەپ قىپ، فورمىنى ساتىدىغان چاغدىلا كۆرسىتىپ ئەتىگىچە پۇل ئەكىلىشمىسەڭ سىنىپقا كىرگۈزمەيمەن دەپ كېتىشلىرىچۇ تېخى. مەن  فورما تارقاتقاندا پۇل ئەكەلگىنىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. بىر قانچە بالىلاردەك قېلىنلىق قىپ پۇل ئەكەلمەي ئولتۇرسام بوپتىكەنتۇق.)ئەلۋەتتە مەجبۇرلاش خاراكتىرىنى ئالىدۇدە.

بىر ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرىۋالساڭ ئۆزىنى دۇبەينىڭ نەسىللىك ئېتى چاغلايدۇ

ئالىي باشقۇرغۇچى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108323
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 11:44 AM
مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارغا فورما تارقىتىش ئىنتايىن زۆرۈ ...

خوتەننىڭ ئۈرۈمچىنىڭكىگە ئوخشايدۇ،لېكىن ئۇ يەردە فورما ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.

بىر ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرىۋالساڭ ئۆزىنى دۇبەينىڭ نەسىللىك ئېتى چاغلايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110450
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تىمىنى بەك  ياخشى  يوللاپسىز  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1191 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىمۇ بىر يىلدا بىر قىتىم فۇرما ئېلىپ بىرىدۇ. يەنى بارلىق ئىقدىسادنى مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. 2014-يىلنىڭ ئۆزىدە ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا يازلىق بىر قۇر كىيىم، ئەر-ئايال بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا قىشلىق فورما ئېلىپ بەردى. ئۇندىن باشقا سىنىپلارغا كىيىپ كىرىشكە ئەپلىك بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ئەر -ئاياللارغا تەنھەرىكەت چاپىنىدىن بىرنى ، ئاياللارغا پاشنىسى پەس ئاياغ ئېلىپ بەردى. مەن مۇشۇ كەمگىچە  مەكتەپنىڭ بىزدىن پۇل يېغقىنىنى بىلمەيمەن. بولمىسا مەكتىۋىمىزدىمۇ 150دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار. ئالدىمىزدا قىممىتى 600-700يۈەن ئارىلىقىدىكى بىر يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى بۇيرۇتماقچى. مۇدىر ئالدىنقى ھەپتە ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىنى يېغىپ ، بۇيرۇتماقچى بولغان كىيىمنىڭ رەڭگىنى ، سۈپىتىنى بىكىتتى. ئالدىمىزدا خىرىدار چاقىرىش ئارقىلىق زاكاس قىلىنىدىكەن.
ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىتىۋالىدۇ. مەيلى قايسىلا فورمىنى سېتىۋىلىش بولسۇن مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كونتىرۇللىقىدا بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن يېغىن ئېچىلىپ ، مۇۋاپىق دەپ قارالسا ئاندىن سېتىۋالىدۇ. ئەگەر كۆپ سانلىق قارشى تۇرسا ھېلىغۇ مۇدىركەن ئۇنىڭدىن چوڭى گەپ قىلسىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. -------------
يەنە بىر گەپ - مەكتەپتە مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرۈش، ئومۇمىي مەكتەپ قىياپىتى ،ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ روھلۇق يۈرۈشىگە، خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشىشىگە تولىمۇ پايدىلىق. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇزاكىرە قىلىدىغانمۇ تېما ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 12:52 PM  


ھايات

قىزىققان ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111164
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىدە مۇشۇنداق ،بىر تېمىنىڭ چىڭىشىنى  كۈتكەن ئىدىم. ئەگەر چىقمىغان بولسا، مېنىڭمۇ يېزىش خىيالىم بارتى،ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن. جەنۇبى شىنجاڭدا  بىزنمۇ بۇلتۇر 130يۈەن تاپشۇرۇپ كىيىم ئېلىشقا مەجبۇرلىغان .ئۇلار ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك  ھەممەيلەن بىر خىل باي كەمبەغەللىك پەرقى يوق تۇرسۇن دىگەن . ھازىر بىز فورما ئالساق 90 كويدىن بېرتكەن. يەنە تېخى ئىككى ئىشتان قوشۇپ بېرىدىكەن . سەل تەڭشەلمەي قالغان مەكتەپتە بۇ تېخى 3ئايدىن كىيىن مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدىغان 9-يىللىققىمۇ زورلاپ ساتقان.

بىر ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرۋالساڭ ئۆزىنى دۇبەينىڭ نەسىللىك ئېتى چاغلايدۇ!!!

قىزىققان ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111164
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملايىم سەل خاتا بوپ قاپتۇ، يېڭى ئەزا بولغاندىن كىيىن. كەچۈرۈڭلار! خاتا خەتلىرىمنى تۈزىتىپ ئوقارسىلەر .مەن تېخى ئەمدى خەت بېسىشنى ئۆگىنۋاتقان !!

بىر ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرۋالساڭ ئۆزىنى دۇبەينىڭ نەسىللىك ئېتى چاغلايدۇ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش