مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19019|ئىنكاس: 98

«قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» گە يانداشقان پىكىرلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112649
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- T) R7 W' h8 g

«قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» گە يانداشقان پىكىرلەر

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)

mmexport1421994347415.jpg

                           كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە (ئۇيغۇر خەلق ماقالى)

     ئەمدىلا 37 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ 21 – يانۋار بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك زىل – زىلە قوزغىدى. ئابدۇراھمانغا ئاتاپ نۇرغۇن مەرسىيەلەر يېزىلدى، ياش تۆكۈشلەر بولۇندى. ھەممە «ئۆلۈمدىن كېيىن ياسىن ئوقۇپ» تۇرغان پەيتتە، ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ يېقىن دوستى، ياغاچ پۇت شاھزادىسى، دۇنيا جىنس رېكورتى ساھىبى ئابدۇسەمەت ئىمىن قۇتتېكىن «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» (KOKTEKIN.COM تورىدىن كۆرۈڭ) قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ، بىزگە غۇۋا بولغان نۇرغۇن نۇقتىلارنى يۇرىتىپ بەردى. بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كاللامدا نۇرغۇنلىغان گادىرماچ سوئاللار پەيدا بولدى، «كەتكەنلەر كەتتىغۇ، ئەمدىكى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدىغۇ» دېگەن تۇيغۇلار قەلبىمنى ئۆرتىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يازمىلىرىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بايانلارنى يەنە بىر قېدىرىپ باقتىم.

ئۆزگىچە ھۆسىنخەت قەلىمى كەشىپ قىلىپ، ئاقىۋەتتە كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، مىجىت قەلەمنىڭ ئىجادچىسى مىجىت ئەمەتخان، موتسىكىلىت بىلەن ئىككى قېتىم جننىس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كوچىغا تىلەمچىلىك قىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، تەكلىماكان قۇملۇقىنى يۈگرەپ كېسىپ ئۆتكەن ھەمدە ئاخىرىدا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ھازىرقى ھاياتىنى كېسەل بىلەن ئېلىشىش ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا، مانا ئەمدى بۇ تراگىدىيلەرنىڭ يوقىرى پەللىسى بولۇپ، ئابدۇراھمان بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ئۇرۇش مەيدانىدا بايراق لەپىلدەپلا تۇرىدىكەن، تۈمەنلىگەن جەڭچى يەر چىشلىگەن تەغدىردىمۇ، قوشۇن يەنە ئالدىغا قاراپ سىلجىيدۇ. بايراق يېقىلسا، پۈتكۈل قوشۇن تېرە – پېرەن بولۇپ چېكىنىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئاچچىق بىر ھەقىقەت. ۋاھالەنكى، تەنتەربىيە، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشىدىكى سەھنە، ئۇ ئوخشاشلا ھازىرقى زاماندىكى تۈتەكسىز جەڭگاھ، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى خەلقنىڭ روھىنى تاۋلاپ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ، روھىي ئوزۇق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. تارىخ دېگەن ئاشۇنداق، قەھرىمانلار بىرى چۈشسە بىرى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇمۇ ئاچچىق بىر رېئاللىق، ئون يىل بۇرۇن مىڭ جاپادا بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ ياراتقان دۇنياۋىي رېكورتلىرىمىز خەلقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبولقاسىم كۆز ئالدىڭىزدىن راڭپىزىنى ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتكە باسقىنىچە شەپكىنى كۆزىگىچە باستۇرۇپ كېيىپ ئۆتۈپ كەتسە، يۈزدە يۈز تونۇمايسىز!  ئابدۇراھمانمۇ كۆزئەينەكنى تاقاپ ئاددى راھەت كىيىملەرنى كىيىپ بۇلاقبېشى كوچىسىدىن مېڭىپ ئۆتسە، ھېچكىم قاراپمۇ قويمايتتى. مەن ئابدۇراھماننىڭ ئالتىنچى قەۋەتتىكى، يەنى ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھېچقانداق زىننەتلەنمىگەن، ئاپپاق تاملىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ئاددىيغىنا ئۆيىگە كىرگەن چىغىمدا، كۆزۈمگە يىغا كەلدى. بىچارەئاغىنەم، تۇرمۇشتىمۇ جىق ئازاب ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىغانىدى، ئۇنىڭ بىلەن پات - پات بىللە بولۇپ پاراڭلىشىپ تۇرساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ قېيىنچلىقلىرىنى ئازراقمۇ ھېس قىلماپتىكەنمەن.

mmexport1421993591609.jpg

بۈگۈن جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ يىغا ئارىلاش دېگەن مۇنۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى.

  ـــ ئابدۇراھماننىڭ قانچىلىق قەرزى بار ئىدى؟

ـــ تۆت بەش يۈزمىڭدەك چىقارمىكىن، ئاغىينىلىرى كەسپداشلاردىن ئالغان قەرزلەرنى بولدى قىلىۋەتتۇق، بانكىدا ئۆيىنىڭ قەرزى ئۈچ يۈز نەچچە مىڭدەك بارمىكىن.

ـــ بۇرۇن ئولتۇراق ئۆي فۇندىغا ئۆزى قوشۇپ تۆلەپ كېلىۋاتقان، ئابدۇراھمان تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن مائاشلىرىمۇ توختايدۇ، ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق، ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن ئەمدى قانداق قىلاركىن...  ئاچچىق بىر يىغا بوغۇزۇمغا ئۆرلەپ چىقتى.

ـــ ئۆيگە گۆش- سەي ئالىدىغان پۇل يوق ۋاقتلىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم بولغان، قۇرۇق نان يەپ مەشق قىلىۋاتقان ۋاقتلىرىنى بىز نەچچە قېتىم كۆرگەن، قېيىنچىلىق بولسا دېگىن دېسە، ھەرگىز دېمەيدۇ. جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە چىقىرايلى دېسەم ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، يۈز چۈشىدىغان ئىشنى قىلمايلى، بىر يول چىقىپ قالار، دەپ. مانا مۇشۇ يول قالغان ئەمدى.

  بۇرۇنقى زامانلاردا يۇرت يۇرتلاردا چېلىش بولغاندا، يېڭىپ چىققان چېلىشچى پالۋانلارنى يۇرت خەلقى بېشىدا ئىگىز كۆتۈرۈپ،كالا بېشى بىلەن تارتۇقلاپ قالتىس ھۆرمىتىنى قىلاتتىكەن. ئابدۇراھمان ئاسىيا چېمپيونى بولۇپ ئولېمپىكقا قاتىنىشىدىكەن دېگەن خەۋەر بىلەن ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن خەلق «مۇسابىقىدە نەتىجە ئالالماپتۇ» دېگەن خەۋەر بىلەن بىراقلا ئالقىنىدىن ئېرغىتىپ تاشلىدى. ھەتتا «يېڭىلىپ قېلىپ يۈزىمىزنى تۆكتى» دېگۈچىلەرمۇ بولدى. كېيىنچە خەلق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىغىمۇ ئالماس بولدى، بۇ جەمئىيەت نېمە دېگەن رەھىمسىز ھە؟

يۇقىرىقى بىر بۆلۈك سۆزلەر ئابدۇسەمەت كۆكتېكىننىڭ ماقالىسىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە دوستلارنىڭ قايتا ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇنماقچى بولغان نۇقتىلىرىمدۇر.

شۇنداق، ئاسىيا بوكس چېمپىيونى دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇ چېمپيوننىڭ قولىدىكى ئالتۇن لوڭقىلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تۇتام - تۇتام پۇللار كېلىشى مۇمكىن. بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇ ئەمەلىيەتنى ئابدۇسەمەت كۆكتېكىننىڭ ماقالىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايتۇق. بۇ ماقالىلەر چىققاندىن كېيىن بىر ئۈندىداردىشىم ئۈندىدارىمغۇ مۇنۇ نىداسىنى قالدۇرۇپتۇ: «چولپان بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنى ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، ئايال تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى سېتىپ بالىسىنى داۋالاتماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكلىردەك ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرىمىزنى بۇ ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ ئويلىغانىكەنمەن، مىڭ ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس... دۇنياۋى سەھنىلەردە شۆھرەت قازانغان شۇ كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتۇق، ئۇلارغا ئازىراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماپتۇق، مېنىڭ شۇ تاپتا ‹بىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى قەيەرگە كەتتى؟› دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ». دېمىسىمۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن كېسەل ئازابىدا قېلىپ ئىڭىراۋاتسا، يەنە بىرى يوقسۇزلىقتىن كوچىلاردا سەرسان بولسا، يەنە بىرى بولسا، تىپىك مىسال سۈپىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ياش جېنىدىن ئايرىلسا، بۇ ئۈندىداردېشىمنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئاساسىسىنى يوق دېيەلمەيتتىم.

E{AM}}R2QUZ{PC3XNYB%V.jpg

مەن ئابدۇراھمان ئابلىكىمنى ئۈرۈمچى باھار يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسى مەشىق زالىدا بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغانىدىم، ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا يارقىن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. 2012 – يىلى دېكابىردا ئىدارىدىن ماڭا بىر زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. شۇ چاغدا مەن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تازا ئېنىق بىلەلمەيلا، ئابدۇسەمەت كۆكتېكىن بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا باردىم، ئابدۇسەمەت كۆكتېكىن بىلەن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم مېنى راك كېسىلى ئازابىدا ئىڭراۋاتقان تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللانىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. مەن ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئوقۇپ راستىنلا قايغۇردۇم، ئۇنىڭ داۋالىنىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقى كۆز يومۇۋالغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاغا ئۆز ئىنىسى سۈپىتىدە كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم، شۇنداقلا بىر قېتىم مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «تۇرمۇش» پىروگراممىسىغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەملەشتىم، شۇ چاغدىكى سۆھبەت سوئاللىرىنى مەن چىقارغانىدىم، پىروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك زىل – زىلە قوزغىدى. مەن شۇ چاغدىن باشلاپ يەنە قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم بىلەن ئىزچىل ئالاقەمنى ساقلاپ كەلدىم. ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئىچى بازىرىدا ئاچقان «ئاق ئەتتىرگۈل راڭپىزىخانىسى» غىمۇ بىر نەچچە قېتىم كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆز قولىدىن پۈتكەن راڭپىزىلىرىنى تېتىغان بولدۇم. كېيىن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ھەققىدىمۇ «تۇرمۇش» پىروگرممىسىدا ئالتە سان پىروگىرامما ئىشلەندى، بۇ پىروگراممىنىڭمۇ باشتىن ئاياق پىلانلىغۇچىسى ۋە سۆھبەت سوئال چىقارغۇچىسى مەن ئىدىم، بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمغا بولغان غۇۋا ئوقۇمى قېنىقلاشقان بولدى. (قىزىققۇچىلارنىڭ شۇ سۆھبەتلەرنى UYCNR.COM تورىدا قايتىدىن ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).

ئۇشبۇ يازمامنى يېزىش جەريانىدا مەن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، ئابدۇسەمەت كۆكتېكىن قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشتىم. گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللانىڭ ئاتىسىغا تېلېفون ئالسام،  گۈلزۆھرەنىڭ ھازىر سەنياغا ئۈچ ئايلىق داۋالىنىشقا كەتكەنلىكىنى، تېلېفون ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدا كەتكەنلەرنىڭ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى گەپنىڭ تىرىكلەر ئۈستىدە بولۇشى كېرەكلىنى قەيت قىلغانىدۇق. دېمىسىمۇ «نامراتكەن » دەپ ساختا تىلەمچىلەرگە، مىللەتكە بىر موچەنلىك پايدىسى تەگمەيدىغان ساختا مىسكىنلەرگە ھە دەپ ئىئانە بېرىمىز، بۇ خىل ساختا مىسكىنلەرنى يۆلەيدىغان فوندىلىرىمىز ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئويلاپ كۆرسەك، بۇ دۇنيادا قىيىنچلىقى يوق كىم بار، ئەجىبا، مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ قىيىنچىلىقى يوقمىكەنتۇق، ياق ئۇنىڭ يەتكۈچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئىكەنتۇق، بىراق ئۇنىڭدىكى يۈكسەك غۇرۇر ئۇنى باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن بەزدۈرگەنىكەن. دىيارىمىزدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى بەستلىشىپ ئېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئابدۇكېرىم ئابلېزنىڭ «مېيىپ» ناملىق ئېتوتىنى كۆرسەكلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. مېنىڭچە بولسا، بىز قانۇنلۇق ھالدا مەخسۇس مىللىتىمىزنىڭ تۆھپىكارلىرىغا مۇكاپات ھېسابىدا ياردەم قىلىدىغان «تۆھپىكارلار فوندى» تەسىس قىلغان بولساق، نۇرغۇن تۆھپىكارلىرىمىز مەرھۇم قەھرىمانىمىز، ھەقىقىي تۆھپىكارىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمدەك قىسمەتكە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتى، جەمئىيىتىمىزدە تۆھپىنىڭ رولى قەدىرلىنەتتى، كىشىلەر ھە دېسە ساختا مىسكىنلىك قىياپىتىگە كىرىۋالماي، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولاتتى، مۇناسىۋەتلىك كىشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە بىر تەۋسىيەم شۇكى كارخانىچىلىرىمىز نەچچە ئون تۈمەن خەجلەۋاتقان مەھسۇلات ئېلانلىرىغا سەنئەت چولپانلىرىنىلا ئەمەس، يۇقىرقىدەك تەنتەربىيە چولپانلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولسا، خەلقىمىز پالۋانلىرىنى ياد ئېتىپ تۇرالايتتى، ئۇلارنىڭ يۇرۇق سىماسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە تىكلەيتتى، كارخانا ئوبرازىمۇ ماس ھالدا ئۆسەتتى، ئەڭ مۇھىمى بۇلار پالۋانلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا بۇ دۇنيالىقتا قىلىنغان ئەمەلىي ئىش بولۇپ قالاتتى.

ئەلۋەتتە يۇقىرىقىدەك قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ياكى شۇلارنىڭ خاس ئىسىملىرى ماركا قىلىنغان تۈرلۈك كىيىم – كېچەك ۋە ياكى خاتىرە بويۇملىرىنى ئىشلەپ بازارغا سالسا، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پالۋانلارغا ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقىلى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇلارنى شان – شەرىپىنى نۇرلاندۇرغىلى بولىدۇ.

ئاخىرىدا يەنە بىر تەۋسىيەم شۇكى، بۇ يىل قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكۈنىگە دەل 15 يىل بولغان خاتىرە يىلدۇر. مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىمىز دەل مۇشۇ يىلنى قەدىرلەپ «قۇملۇق شاھى جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز» دېگەن پىلاكات ئاستىدا پائالىيەتلەرنى تەشكىللىسە تامامەن بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاغىمۇ باب كېلىدۇ، مۇبادا مۇشۇ خىل تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلايدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا، مانا مەن ئۆزۈم بىرىنچى بولۇپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ جارچىسى بولىمەن.

2015 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ22 ـ كۈنى  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
saprayi + 50 ھەقىقەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74780
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3454
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 09:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى  مۇنبەرداشلار  بىر ھەركەتكە كىلەيلى ،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ Y9 n# U" b3 _; ]/ q- z( z
نمىشقا  باشقا  ئەلدىكى  چىمپىيۇنلار  باي بولۋاتىدۇم، بىنزىڭ چىمپىيۇنلىرىمىز يەنىلا  نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29793
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7884
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1706 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يازمىنى ئوقۇپ ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولدى. 50 نەچچە  ئادەم بۇ يازمىنى ككرۈپتۇ، ئەمما بىرىمۇ ئىنكاس يازماپتۇ، ئاشۇ ئەلى قۇرباننى ماختىغان ۋە سۆككەن نوچىلار، ۋىژدانىڭلار نەگە كەتتى. كومپىيۇتور ئالدىدىكى ئاتالمىش‹قەھرىمان›لار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; {1 n( v2 M/ i/ ?. V$ m2 Q& y
  يازمىڭىزدا دىگەندەل بىر فوند قۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭلا، قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى دىگەن ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن ئوبدانراق ئويلىشىڭلا. بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشىمەن، قەھرىماننىڭ بالا- چاقىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايلى.

نۇپۇس كۆپ، ئادەملەر  ئاز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:01:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت قەھرىمان .

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29793
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7884
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1706 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازما يوللانغىلى 4 سائەت بوپتۇ، 4 سائەت ئىچىدە 50 ئادەم كۆرۈپتۇ. لېكىن  بىرسىمۇ ئىنكاس يازماپتۇ. ئىچىم ھەجەپ ئاچچىق بولىۋاتىدۇ دىسە.

نۇپۇس كۆپ، ئادەملەر  ئاز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107391
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-6-4
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئوقۇپ بىرسى كاللامدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇنى قويغاندەك بولۇپ قالدىم. مەن ئەسلى رىكورت ياراتقان قەھرىمانلار نۇرغۇن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىپ پۇلنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەسلى بۇنداق ئىشلارمۇ بار ئىكەن. ئەمەسمۇ؟ دەرھال پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئىشكەن. پائالىيەتكە مەن بىرىنجى بولۇپ قاتنىشىمەن.

ياقتۇرىدىغىنىم يەنىلا خوتەن ئۇچۇر تورى. www.hotanuqur.com

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12371
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32607
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4439 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى بايام باغداشتا ئوقۇپ ئىچىمنىڭ قانچىلىك ئاچچىق بولغانلىقىنى،يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئېچىشقانلىقىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 C/ k, u8 w. ~3 J& N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, g9 l4 G! c" E1 J! [3 mئەل قەلبىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ،ئۇيغۇر خەلىقىنڭ پەخرلىك ئوغلانى ئابدۇراخمان ئابلىىكمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ بۇنداق ناچار ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،ھەم جۈرئەت ئوبۇلقاسىم،گۈلزوھرە ئەبەيدۇللانىڭ ئەۋلانىڭمۇ ئۇ دەرجىدە ئىكەنلىكىنىدىن خەۋەرسىزكەنمەن.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" N: n- j4 Z! m1 yبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?5 _+ i+ r4 W1 w
بۇ مەسىلىەر بىزنىڭ ئويلىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھىم ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋېر بەرسۇن ، ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن !!!!!

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90698
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:27:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنلىكى  خەيىرلىك بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1468 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېچنۋاتمەن     ..  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 W* Z2 N- q$ n  ^0 x
قۇرۇق گەپنىڭ پايدىسى يوق   بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 V1 `  y$ k% L% u4 w, J
بىر ياردەم ئىئانە بانكا كارتىسى بېجىرىپ ئابدۇراھمانىنىڭ ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرىز ئالغان  ئۈچيۈزمىڭ يۈەن پۇلنى غەملەيلى قېرىنداشلار    بۇ ئىئانە سەدىقە ئەمەس  ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن  مەسئولىيەت ۋە پۇرىچ .       بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" A* r2 c8 a$ o5 V* M# q8 D
ئايالى ۋە نارسىدە باللىرى بۇيۇن قېسىپ قالمسۇن     بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 z5 h2 m1 Q9 E$ \; }2 F$ O' |
ھەجەپ ئېچىم ئېچىشتى   يۇرىت مىللەت ئۈچۈن قان تەر ئاققۇزغان ئەزمىتمىزمنىڭ رىئال تۇرمۇشى بۇنداقلىقىنى ئويلاپ باقمىغانكەنمەن ........ھەييييي   

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
turghun1981 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش