ئىزدىنىشتىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئارىيە:
izchilar
بۈگۈن سەھەر ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ۋاپات بولۇپ ،ئورنىغا دادا بىر ئانا بۆلەك ئۇكىسى سالماند پادىشاھ بولدى. ۋە ئاكىسى پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ بارلىق ئىستىراتىگىيە ۋە سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
بۈگۈن ئوخشاشلا يەنە شەرىقى ئۇكرائىينا بۆلگۈنچىلىرىنىڭ بىشى كىيۋ بىلەن ئۇرۇش توختىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى. بۆلگۈنچىلەر يىقىنقى ھۇجۇمىدا سىستارگىيلىك ۋە سىمۋۇللۇق ئورۇن دونەتسەك ئايرۇدىرۇمىنى كونتىرۇللىقىغا ئالغان، كىيۋ روسىيەنىڭ ئەسكەر ۋە ئىغىر تىپتىكى قۇراللارنى بۆلگۈنچىلەرگە تەمىنلەپ بىرىشنى توختىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما موسكىۋا ئىتراپ قىلمىدى. ئۆتكەن يىلى بىلىرۇسنىڭ مىنسكتە تۈزۈلگەن تىنىچلىق كىلىشىمى ئىقى قەغەز ، قارىسى سىياھ پىتى قالدى.
ئەگەر يىڭى پادىشاھ سالماند ئاكىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ نىفىت ئىشلەپ چىقىرىشنى ئازلاتمىسا، ئۇكرائىينا بۆلگۈنچىلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ ۋاشىڭگىتون نىرۋىسىنىڭ غىدىقلىسا، ئىقتىسادىي جازا يەنە كىڭىيىدۇ،روبلىمۇ، نىفىت باھاسىمۇ يەنە چۈشىشى مۇمكىن. ھەتتا 20 دوللارغا چۈشۈپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. پۇتىنننىڭ يەنە بىر قېتىم سايلىنىش پۇرسىتى بار. بۇ ئادەم كىرىملىندىلا بولىدىكەن ئۇكرائىينا مەسلىسىنىڭ ھەل بولىشى تەس
ArislanMemet
OPEC قا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېركا بىلەن مۇناسىۋېتى:
سەئۇدى ئەرەبىستان - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
قاتار - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
كۇۋەيت - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئىراق - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئىران - روسسىيە بىلەن دوستانە
نېگىرىيە - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئەنگۇلا - بېتەرەپ
لېۋىيە - بېتەرەپ
ئالجىرىيە - بېتەرەپ
ئېكۋاتۇر - روسسىيە بىلەن دوستانە
ۋېنسۇلا - روسسىيە بىلەن دوستانە
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە تەۋە يۇقۇرقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ئاسالىق نېفىت ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان دۆلەتلەردىن روسسىيە، ھېندونىزىيە قاتارلىقلار بار.
يۇقۇرقىلار بەيدۇ قامۇسىدىن ئىزلەپ تاپقان مەزمۇنلار