مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1890|ئىنكاس: 41

ئ‍ايالىمغا يېزىلغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4442
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84737
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9939 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 01:42:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايالىمغا خەت
شۈكران

قاخشاپ ئۆينى مازار قىلىدىڭ ئايالىم،
ئېلىپ كەلسەم بىر دەرجە چوڭ كالاشنى.
كىتىپ قالسام ئۈن-تىنسىزلا دۇنيادىن،
ئىسسىق يېشىڭ تۆكىسەن ئەسلەپ قاياشنى.


ئۈچ بالىنىڭ يۈزى ئالدىڭ پۈكلەنسەم،
ئېشىۋالدىڭ بىلمەي كۆڭۈل ئاياشنى.
ئاتا-ئانا ھۆرمىتىگە ئېرىسەم،
بۆزەك تاپتىڭ مەندەك ئىسىل ياۋاشنى.


كۆزلىرىڭگە باقتىم مەزلۇم كىشى دەپ،
توختاتمىدىڭ بىر كۈن ئادەم تالاشنى.
مۇھاببەتتە كۆكلەيدىغۇ بۇ دۇنيا،
كالىمۇ جېنىدا بىلەر موزاي يالاشنى.


يىلتىزىنى سۈرۈشتۈردىڭ تىرىكىپ،
بىلمەي قالسا بالاڭ ساناق ساناشنى.
ئۈگەتكۈلۈك بىلمىگەننى بىلدۈرۈپ،
كىممۇ قويدى ساڭا كۆڭۈل چاناشنى.
كۈنلەمچىلىك پەزىلەتتەك چاپلىنىپ،
قېرىغانچە توختاتمىدىڭ ماراشنى.
نەشتىرىڭنى سانجىپ ھۇشۇم يوقاتتىڭ،
ئەيب بىلمەي ئەرگە تىكىلىپ قاراشنى.
كېتىپ قالسام قاخشاتقىنىڭ ھار كىلىپ،
ئۇنتۇپ قالىسەن بەلكىم چاچنى تاراشنى.
قازىنىڭ ماي، گۆش پولودىن زىرىكسەڭ،
ئۈگىنىسەن ئەمدى لىگەن يالاشنى.
ئەرسىز تۇرمۇش قىيناپ تېخى ھالىڭ يوق،
سۆرەپ كىيىسەن تۆت دەرجە چوڭ كالاشنى.
سېغىنىپ قالار مەنسىتمىگەن كۆزلىرىك،
مەندەك تاقىر، قورۇق باسقان، چاۋاشنى…


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 02:43 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
abdul915 + 300 ياخشى
bayhenim + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
AynaK + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 539   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى بۇنداق قىينىما ، ئۆتۈنەي سەندىن ،
بىر كۈن بولسىمۇ ئىجىل -ئىناق ئۆتەيلى .
جاپادىمۇ بىللە بوپ ، راھەتتىمۇ ھەم،
بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى بىللە سۈرەيلى .

باللىرىمنىڭ ئانىسى - مېنىڭ ئايالىم .
دىل بېغىمغا نۇر چاچقان ئىللىق باھارىم .
ئايرىلغۇم يوق سېنىڭدىن ، سېنىڭمۇ شۇنداق .
سەن بىلەن مەڭگۈ ئۆتۈش مېنىڭ ئارمانىم .

شۇنىڭ ئۈچۈن دىلدارىم ، مېنى قىينىما،
ئۆيگە كەلسەم ھەركۈنى قاپاقنى تۈرمە .
سەن مېنىڭ ھەمرىيىم ، قەدىناسىمسەن ،
مېنى ئۇنداق چالۋاقاپ ، سىلكىشلەپ يۈرمە .


ھۆرمەتلىك تورداشلار ، مەن يۇقىرىقى توردىشىمىز يۇچۇن ئادەمنىڭ شېرىغا ماس ھالدا ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ باقتىم ، قېنى سىلەرمۇ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭلار ،........................



بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4442
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84737
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9939 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:57:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگىم
شۈكران

ۋىسالنىڭ چاڭگىسى چۇۋۇلغان كۈنى،
تەغدىرىنى شىۋرىغان ئ‍ۇچۇرۇپ كەتتى.
قەلبىمدە مۇزلىدى كەڭ كەتكەن دېڭىز،
بىر ئ‍ايال سىلغىيىپ مۈدىرىپ كەتتى.
دېدىمكى ئ‍ۇ ئ‍ايال بىتەلەي ئ‍ىكەن،
ئ‍ۆيۈمدە بىر قونۇپ تونۇشۇپ قېلىپ،
ئ‍ەتىسى ئ‍ۈچ بالا يىتىلەپ  كەتتى.

ھاياتنىڭ ئ‍ەگىمى بۇرۇلدۇم سايغا ،
بىر ئ‍ايال پاتقاقنى كېچىپ يۈرىيدۇ.
قولىدا قىسىقلىق ئ‍ىدى تەغدىرىم ،
ئ‍ەينەكتە بىرسىنى سۆيۈپ يۈرىيدۇ.
ئ‍ەسەبى ئ‍ايالنىڭ ئ‍ېغىزلىرى قان،
لىۋىنى چىشلىدى دەپتىمەن ئ‍ەسلى،
قوينىمدا بىر ساراڭ تىنىپ يۈرىيدۇ.

ئ‍ەگىمدىن قۇملۇققا ئ‍ۆتكەن ئ‍ىكەنمەن،
بىر ئ‍ايال قۇملۇقنى كولاپ تۇرۇپتۇ.
لەۋلىرى سۇسىراپ يېرىلغان پېتى،
تەغدىرگە ۋىسالنى چولاپ تۇرۇپتۇ.
ئ‍ارلىقتىن غىپپىدە ئ‍ۆتمەكچى ئ‍ىدىم،
بىر نەرسە پۇتۇمنى قىستى تۇيۇقسىز،
ۋىىسالنىڭ دۈشمىنى قاپقان قۇرۇپتۇ.

ئ‍ەگىمدىن ئ‍ۆتەلمەي باغلىنىپ قالدىم،
تەغدىرگە بوي بىرىپ ئ‍ەگدىم بېشىمنى.
كۆڭلۈمگە تەسەللى ئ‍ىزلىگەن ئ‍ايال،
مۇز كەبى قۇلىدا ئ‍ېرىتتى يېشىمنى.
دېرىزە، بۇسۇغا، يولۇمدا قاپقان،
پۇرسەتسىز ۋىسالنىڭ بۇرنىدا چۈلۈك،  
شۇرىدى يالماۋۇز ئ‍ىچى، تېشىمنى.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4442
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84737
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9939 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:59:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائ‍ىرنىڭ ئ‍ۆلىكى
شۈكران

يېنىدا پۇشۇلداپ ئ‍ۇخلايدۇ ئ‍ايال،
شېئ‍ىرى كۆزىدە بولىدۇ شامال.
كېچىنى كىزىدۇ يالغۇز قالغان ئ‍ەر،
تۇيغۇلار ئ‍ەتراپنى قىلىدۇ قامال.

شائ‍ىر ئ‍ۇ تۇيغۇنىڭ قۇربانى بەلكىم،
ھېچكىمسىز قالىدۇ دۇنيادا ئ‍اخىر.
دۇنيانىڭ كۆزىدە تامچە ھاياجان،
قۇترىغان كۆڭۈلدە ئ‍ۇچىدۇ قاقىر.

شېئ‍ىرنىڭ كۆكسىدە بولىدۇ جەڭلەر،
ئ‍اتامان بولىدۇ ئ‍ۇ ھامان باتۇر.
ئ‍وقلارمۇ نىشانغا تىگىدۇ ئ‍ەسلى،
شائ‍ىرلار ئ‍ۆزلىرى نىشاندا ياتۇر.

شېئ‍ىرنىڭ ئ‍ۈستىدە ئ‍ۆلىدۇ شائ‍ىر،
چۆللەردىن چىقالماي قۇرۇيدۇ تېنى.
قۇملارمۇ كۆچمەيدۇ، قۇزغۇنغا باھار،
جەسەتنى ھاۋادىن ئ‍ىزلەيدۇ ئ‍ۆزى.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:06:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، شۇنچە ياخشى شېئىرلارنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110450
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز لېكىن ئقملا  دا  بەكلا  خاتالىق بارغۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4442
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84737
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9939 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:25:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍ۆزۈم بىلەن ئ‍ۇچۇرۇشۇپ قالدىم
شۈكران  

ئ‍انام ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتىم
گۈل كۆتۈرۈپ كەلدى بىر توپ كىشىلەر
تېخى چانىقىمدىكى يېشىم قۇرىماستا ئ‍ابدۇراھمال كەتتى دىيىشتى
قاراپ قالدىم تاڭنىڭ كۇڭكىرىگە.
شۇ تاپتا
بىر ئ‍ەزىم دەريانى كۆردىم سۈيى كۆپىيىۋاتقان
ئ‍ېقىن بويلاپ بارسام قېشىغا
كوئ‍ىنلۇن باغرىدا ساناقسىز ئ‍ادەم يىغلاۋېتىپتۇ
ئ‍ادەم توپلاشقان جايغا بارمايتىم ئ‍ەسلى
بىردىنلا توپقا قېتىلىپ قالدىم ئ‍ۆركەشلىگەن  تۈمەن دەرياسى
نەخ پۈتۈن  قەشقەرنى ئ‍وتتۇردىن ئ‍ىككىگگە بۆلىۋەتتى.
يىغلىمايتىم
ھەسرەت بىلەن يىغلىغۇم كەلدى
چۈنكى، ئ‍انام كەتتى
ۋەتەن كەتتى.
پايتەخىتمۇ كەتتى دېگەنلەر
ئ‍اداشقاندەك بىلىندى ماڭا
تەڭرىتاغنىڭ قەددىنى يۆلەپ
تۇرار يەنە نۇرغۇن ئ‍وغلانلار
مەن كېچىنى ئ‍ۇخلىتىۋاتىمەن
كېچە مېنى چۈشەۋاتىدۇ
ئ‍ايغا مۈن دەپ ئ‍ىتتىرىپ تۇرۇپ
قوياش مىنى يۆلەۋاتىدۇ
يەنە ئ‍ۇ چۈشتە
ئ‍ابدۇراھمان مەغرۇر كىتىۋاتاتتى
ئ‍ارقىسىدا ساپلا مۇشتىنى تۈگىۋالغان كىشىلەر
ئ‍ەڭ ئ‍اخىرىدا كۆرۈشۈپ قالدىم مەن ئ‍ۆزۈم بىلەن.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4442
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84737
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9939 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:27:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇبائ‍ىيلار
شۈكران

ئ‍ىلىمدار زىمىنغا چاچار نۇر زىيا،
قۇياشنىڭ نۇرىدا تۇپراق تۇتىيا.
كەمتەرلىك ئ‍ىنسانغا قانات ئ‍ۇ گۇيا،
مەغرۇرلۇق تېگى ھاڭ تىك تۇرغان قىيا.

ئ‍ىگىلگەن دەرەخنىڭ سايىسى تولا،
تىرەككە قاغىلار تىزىدۇ ئ‍ۇۋا.
شامالدا چىنارنىڭ سۇنسا شاخلىرى،
مەجنۇنتال تېلىنى تارايدۇ دەريا.

غادايغان دەرەخمۇ پورلىشار بالدۇر،
قۇياشقا ئ‍ىنتىزار پەرەس گۇۋاھدۇر.
ئ‍ەقىل ھەم مادارنىڭ تۈپكى خۇرىچى،
تاماقنى يەپ بولۇپ قىلغان دۇئ‍ادۇر.
  …
رېتىمسىز پەدىگە سازنى چالماق تەس،
مىڭىنى خورىتىدۇ نادانلىق ھەم خەس.
قۇيۇننىڭ چىقمىقى بىردەملىك خالاس،
ھامىنى پارلايدۇ قوياش بولدى بەس!

تۇپراققا، مۇھىتقا قىلىنماي پەرۋىش،
توغرىمۇ مىۋىنى سېسىيدۇ دىيىش.
شەبنەمسىز نەدىمۇ بىر گۈل ئ‍ېچىلغان؟
مىھنەتسىز تۈز يولدا بولىدۇ قېيىش.

ھۈنەرنى ئ‍ۈگەنمەك ھەقىقى قىيىن،
ئ‍ۈگەندى ھۈنەردىن كۆكلەيدۇ كېيىن.
ئ‍ەجىردىن پۈتىلەر ھايات قامۇسى،
دەرەختىن دەرەخكە سەكرەيدۇ تىيىن.

ئ‍ىشەنگىن تامچە ياش بولىدۇ دەريا،
خەلقنىڭ ئ‍اھۇسى بولغاندا پەيدا.
بىر تال تىغ ياسالغان چاچنى ئ‍ېلىشقا،
خەلقنىڭ قوينىدا ھايات ياشىرا.

ئ‍وڭ، تەتۈر بولىدۇ قىسمەتمۇ بىلسەڭ،
قايتىشىڭ بار يولغا بېشچىلاپ كىرسەڭ.
ئ‍المىقى بار دۇنيا بەرمەكنى ئ‍ۈگەن،  
بىر كۈن سوراقتا قالىسەن كىرىلسەڭ.

ئ‍ۇخلاشنىڭ لەززىتى شۇ قەدەر تاتلىق،
يوقسۇزلۇق دۇنيادا ھەممىدىن قاتتىق.
شامالغا بوي بەرگەن دەرەختۇر مايماق،
بىخۇدلۇق ئ‍ىلكىدە تۈگەيدۇ شاتلىق.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4442
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84737
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9939 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:29:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باقتۇق
شۈكران
...  
گۆشنى تاشلاپ قاغا-قۇزغۇنغا،
بىز يىيىشكە بېلىقنى باقتۇق.
كەلكۈن كەلدى، دېدى بىراۋلار،
قۇرۇپ كەتكەن ئ‍ېرىقنى باقتۇق.
پاقا يىدى بۇغداي پىشقاندا،
بىز ئ‍ورالماي تېرىقنى باقتۇق.
قوتۇرشىدى بەرسەكمۇ كالا،
سەمرىيدىكەن ئ‍ېيىقنى باقتۇق.
بىرىپ تەييار ئ‍التۇن، كۆمۈشنى،
كانكەن دېسە يېرىقنى باقتۇق.
قۇرۇق شەھەر ھىيلىسىمىكىن،
تۇرۇپ قالغان  قېيىقنى باقتۇق.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش