مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 617|ئىنكاس: 3

قىممىتىم - مۇنبەردە ، قىممىتىم – كەسپىمدە (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16327
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8169
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2202 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 01:31:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىممىتىم  - مۇنبەردە ، قىممىتىم – كەسپىمدە

(نۇتۇق)


بالىق




ئەسساللامۇئەلەيكۇم ئۇستازلار ، كەسىپداشلار :

كۆپچىلىك ئالدى بىلەن ماۋۇ تېپىشماقنى تېپىپ بېقىڭلار :

قۇدۇق قېزىپ يىڭنە بىلەن ،

ئەمگەك  قىلىپ مېڭە بىلەن ،

قاندۇرىدۇ تەشنا دىلنى ،

سايرىتىدۇ كېكەچ تىلنى .


قەلبى ئۇنىڭ مەشئەل چىراغ ،

كور كۆڭۈلنى قىلار پارلاق ،

دوختۇر ،ئالىم ، داھىيلارنى ،

ئارتىس ، شائىر ، ماھىرلارنى .


يېتىشتۈرەر مېھرى بىلەن ،

چىن ئەقىدە زېھنى بىلەن ،

تۇرار ئۆزى« قۇلاق » پېتىم ،

« ئاينىسۇن،- دەپ ،- مۈڭگۈز  ،شېخىم .»


كىم ئۇ ئالىي تىلەكلىرى ،

سىزمۇ ئۇنىڭ چېچەكلىرى .

شۇنداق ، بۇنىڭ جاۋابى  - مۇئەللىم . مۇشۇ تېپىشماقنى تۈزۈپ چىققان مەرھۇم توختاش بەكرى ئاكىمىزغا بارىكاللا . مەنمۇ مۇئەللىم بولغاچقا ، مۇئەللىملىك توغرىسىدا گەپ بولسىلا ، ئىختىيارسىز قۇلىقىم شۇ تەرەپكە توغرىلىنىپ قالىدۇ . مېنىڭمۇمۇئەللىم بولۇشۇمدا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئەجرى سىڭگەن . مۇشۇ پۇرسەتتە ،باشلانغۇچ 1 – يىللىقتا تۇنجى قېتىم ماڭا قەلەم تۇتۇشنى ، ھەرپ يېزىشنى ، خەت يېزىشنى ئوقۇشنى ئۆگەتكەن سىنىپ مۇدىرىم ھېبىبەم يۈسۈپ خانىمنى ، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىزنى توغرا يولغا باشلىغان ۋە قەلبىمىز چىنلىق ، ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋەئىنسانىيلىق مۆھۈرىنى چىڭ باسقان ئايشەم توختى خانىمنى ، ھەمراگۈل مۇھەممەت خانىمنى  ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئالىمەن ،ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن .

مۇئەللىملەر ئادەم تەربىيەلەيمىز . مەلۇمكى ، ئادەم مائارىپنى قوبۇل قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا، ئېچىشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج. خاسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە ياپونىيە ناھايىتى بالدۇر ئويغانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ مائارىپتا شۇنداق تېز قەد كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەبنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. مەن ئۆزۈمنى مۇئەللىم دەپ يۈرگىنىم بىلەن تېخى بۇ جەھەتتىن ھېچ ئىش قىلالمىدىم .

ئارمىيەنىڭ قىممىتى ئۇرۇش مەيدانىدا ، ئاكتىيورنىڭ قىممىتى سەھنىدە بولغىنىدەك ، مېنىڭ قىممىتىم دەرس مۇنبىرىدە . مەنمۇ كۆپچىلىكە ئوخشاش سىنىپ مۇدىرى بولۇش ، دەرس تەييارلاش ، دەرس ئۆتۈش ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەش ، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلغان . مېنىڭ ئىشلىرىم كۆپچىلىك قىلىۋاتقان ئىشلاردىن پەرقلەنمەيدۇ . ئەگەر سەل كۈچەپ قىلغان ئىشىمنى دېيىشكە توغرا كەلسە ، مەن مۇنداق تۆت ئىشنى قىلدىم :

1 . تەربىيەدە ھېيت – بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرنى چىڭ تۇتتۇم . مەلۇمكى ، ھېيت – بايرام ، خاتىرە كۈنلەردە مەكتەپلەردە ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى ياخشى پۇرسەت . مەن مۇشۇنداق كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىپ تەلىم - تەربىيە بېرىشنى بۇرچۇم دەپ بىلدىم .

مەسىلەن :ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى ،9 -ئاينىڭ16-كۈنى خەلقئارا تىنچلىق كۈنى . مەن بۇ كۈنلەردە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ، 2 -  دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ، ھازىرقى ئىراق ، سۈرىيە ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىكى تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈش ، تىنچلىقنى قوغداش ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردۇم .

  ھەر يىلى 2 -ئاينىڭ4-كۈنى خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى . بۇ كۈنلەردە مەكتەپ رادىئوسىدا ئەخلەت يىمەكلىك ، تاماكا چىىكىش ، چاچ بوياش قاتارلىقلارنىڭ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقلىرى ۋە رېئال خەۋپلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردىم، ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلەت يىمەكلىك ۋە تاماكا چىكىش ، چاچ بوياشنىڭ زىيىنى تونۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلدىم .

ھەريىلى 2 -ئاينىڭ 21-كۈنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنى .تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئانا تىلغا پۇختا بولغانسېىرى يەنە بىرتىلنىمۇ شۇنچە ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىكەن . مەنچە « قوش تىل ئوقۇتۇشى »نى يولغا قويۇش ھەرگىزمۇ ئانا تىلنى چەتكە قاقمايدۇ . خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭ دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ ئانا تىلىڭىزدىن ۋاز كىچىڭ ، دېگەنلىك ئەمەس . ئانا تىل بىزنىڭ بىر جۈپ كۆزىمىز ، خەنزۇ تىلى بولسا بىزنىڭ قورالىمىز . كۆز ساغلام بولسا دۇربۇن ،مىكروسكوپ ، تېلېسكوپ ، پرېسكوپتىن تېخىمۇ ئوبدان پايدىلانغىلى بولىدۇ . مەن ئوقۇغۇچىلارنى قايسى تىلدا سۆزلەشسە شۇ تىلنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىش ، ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمەسلىككە دەۋەت قىلدىم . ئانا تىلنىمۇ پۇختا ئۆگىنىش ، دۆلىتىمىزدە ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا ئورتاق قوللىنىلىدىغان خەنزۇ تىلىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدىم . ئانا تىل بىلەن ئىككىنچى تىلنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ۋە خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇسللىرى ھەققىدە ئىلمىي لىكسىيە بەردىم . ئانا تىل توغرىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىدىم .

ھەر يىلى 6– ئاينىڭ 14 – كۈنى دۇنيا قان تەقدىم قىلىش كۈنى . مەن مۇشۇ كۈندە ئوقۇغۇچىلارغاقان تەقدىم قىلىش قانۇنى ، قان تەقدىم قىلىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىدىن لىكسىيە سۆزلىدىم ، قان تەقدىم قىلىشنىڭ پايدىسىنى ياخشىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ، چۈشەندۈردۈم . ئۆزۈمنىڭ بەش پارچە قان تەقدىم قىلىش گۇۋانامىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتتىم . كىيىنكى قېتىمدا شارائىت يار بەرسە بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا قان تەقدىم قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن .

ئۇنىڭدىن باشقا ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك كۈنلەر مەسىلەن : -3ئاينىڭ 3 -كۈنى مەملىكەتلىك قۇلاق ئاسراش كۈنى ،-3 ئاينىڭ9-كۈنى خەلقئارا يۈرەك ئاسراش كۈنى ، -3 ئاينىڭ 12 - كۈنى دۇنيا بۆرەك ئاسراش كۈنى ، -3ئاينىڭ 21 - كۈنى دۇنيائۇيقۇ كۈنى ،-3 ئاينىڭ24-كۈنى خەلقئارا تۇبىركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى ، -4ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەتلىك بۇرۇن ئاسراش كۈنى ،-5ئاينىڭ2-كۈنى دۇنيا زىققا كېسىلى كۈنى ، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مەملىكەتلىك يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى ، -5ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى ، -5 ئاينىڭ31-كۈنى دۇنيا ئىس -تۈتەكسىز كۈنى ، -6ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى ، -6 ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيا قان تەقدىم قىلىش كۈنى ،  -6ئاينىڭ26-كۈنى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى ، -9ئاينىڭ 20-كۈنى چىش ئاسراش كۈنى ، 10 - ئاينىڭ15 – كۈنى دۇنيا « قول يۇيۇش كۈنى » ، -11ئاينىڭ 14-كۈنى خەلقئارا دىئابىت كېسىلى كۈنى ، -12ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قاتارلىقلارئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە قانات يايدۇرۇلىدىغان پۇرسەت . ئەھۋالغاقاراپ ئىلمىي دوكلات بېرىشكىمۇ ، لىكسىيە سۆزلەشكىمۇ ، ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيىتىگەتەشكىللەشكىمۇ ، مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىشقىمۇ ، رادىئو ئاڭلىتىشىقىلىشقىمۇ ، تام گېزىتى چىقىرىشقىمۇ ، ھۆسىنخەت ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدىكەن. يىل بېشىدىن يىل ئاخرىغىچە  مۇشۇپۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ماڭساق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي دۇنيا قارىشى تىكلىشى ،توغرا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تالللىۋېلىشىغا زور پايدىسى بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا -3ئاينىڭ22-كۈنى دۇنيا سۇ كۈنى ،5 - ئاينىڭ 12-كۈنى مەملىكەت بويىچە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى ، -6ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى ،-6ئاينىڭ17-كۈنى دۇنيا تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى ، -9ئاينىڭ 26-كۈنى خەلقئارا ئوزۇن قەۋىتىنى ئاسراش كۈنى ، -10ئاينىڭ4-كۈنى خەلقئارا ھايۋانات كۈنى قاتارلىق خاتىرە كۈنلەردە يېشىللىقنى قەدىرلەش ،مۇھىت ئاسىراش تەربىيەسى بېرىش ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى دەريا - ئۆستەڭلەرنى تازىلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇردۇم ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ 2000 يىللار بۇرۇن ئورمان ئاسىراشقانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويغانلىقىنى ، ھازىر بۇنىڭ  ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئەنئەنىسىگەئايلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردۈم .

ھەر يىلى -3ئاينىڭ 21-كۈنى نورۇز بايرىمى ، قۇربان ھېيت ،روزا ھېىت كۈنىدە ئەجداتلارنىڭ ئېسىل ئەنئەلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قەدىرلەش ،يېڭىلىققا ، زامانىۋىيلىققا يۈزلىنىش ، ھەم مىللەتلەر ئىناقلىقىنى قوغداش ھەم ئۆزمىللىتىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قوغداش توغرىسىدا ، -3ئاينىڭ 21-كۈنى ، خەلقئارا ئىرقى كەمسىتىشكەقارشى تۇرۇش كۈنى ، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك كۈنى»، -9ئاينىڭ 16-كۈنى «خەلقئارا تىنچلىق كۈنى»دە باراۋەرلىك ، ئىناقلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىشنى بۇرچۇم دەپ بىلدىم ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم .

-4ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى،  5 - ئاينىڭ 17-كۈنى مەملىكەتلىك مېيىپلارغاياردەم بېرىش كۈنى ، -6ئاينىڭ 26-كۈنى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى ،  -10 ئاينىڭ 16-كۈنى دۇنيا ئاشلىق كۈنى ، -10ئاينىڭ 17 - كۈنىخەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى ، -10ئاينىڭ 31-كۈنى خەلقئارا تېجەش كۈنى ، -11 ئاينىڭ 21-كۈنى تاشيول قاتناش ھادىسىسىدە قازاقىلغانلارنى ياد ئېتىش كۈنى ، -12ئاينىڭ 3-كۈنى خەلقئارا مېيىپلار كۈنى ،-12ئاينىڭ 4-كۈنى قانۇن -تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى ،  -12ئاينىڭ5-كۈنى خەلقئارا پىدائىيلار كۈنى قاتارلىق كۈنلەرنىمۇ قولدىن بەرمىدىم ، يەنە 3 –ئاينىڭ 31 – كۈنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قۇبان بولغان خاتىرە كۈن ( 1933- يىلى 3- ئاينىڭ31- كۈنى شىىڭ شىسەي جاللاتلىرى ئۇنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ، تۇرپاندا چاناپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.) ،5– ئاينىڭ 30– كۈنى مەرىپەت بايراقدارى مەمتىلى ئەپەندى ( مەمتىلى توختاجى تەۋپىق ) قۇبان بولغان خاتىرە كۈن  ( 1937 –يىلى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى قەشقەردە شىڭ شىسەي جاللاتلىرى تەرپىدىن ئوققا تۇتۇلغاندىنكېيىن، بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.)،9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى لۇتپۇللا مۇتەللىپقۇربان قۇربان بولغان خاتىرە كۈن ( 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭدائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاقسۇدا جادۇغا بىسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.)لەردە ئەسلەش ، ۋارىسلىق قىلىش ، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىب ئېتىزلىرىنى بىر تامچە – بىر تامچىدىن سۇغۇرۇپ كەلدىم . ئەگەر خاتىرە كۈنلەرئارامغا توغرا كېلىپ قالسا جۈمە كۈنىگە ياكى دۈشەنبە كۈنىگە سۈرسەك بولىۋېرىدىكەن.

بەزى خىزمەتداشلىرىم چاقچاق قىلىپ دەپ قويىدۇ : «مۇشۇنچىۋالا گەپلەر نەدىن چىقىدۇ ، قورساقتا لىققىدە ئۇماچ باركەن جۇمۇ .»  ھەممىسى قورساقتىن چىقمايدۇ ، گېزىت –ژۇرناللاردىن ، توردىن تاپىمەن ، ديمەن . مەن يىل بېشىدا پىلانغا ئېلىۋېلىپ، ئۈستىلىمنىڭ يۆلەنگۈچىگە چاپلىۋالىمەن . كۈندە كىرىپلا ئالدى بىلەن شۇنىڭغاقارايمەن . قايسى خاتىرە كۈن يېقىنلاپ قالغان بولسا توردىن ، گېزىت – ژۇرناللاردىن مۇناسىۋەتلىك ماقالە ياكى پايدىلىق ئۇچۇرلار بولۇپ قالسا  چۈشۈرۈپ ، ئىلمىيلىكى ۋە تەربىيىۋىي ئەھمىتى بولغان ، ئوقۇغۇچىلار چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تەييارلىۋالىمەن . ھەپتە قالغاندا پائالىيەت پىلاننى تۈزۈپ مۇدىرغا تەستىقلىتىپ ، ئېلان قىلىۋېتىپلا ، ۋاقتى كەلگەندە سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتنى باشلاپ كېتىۋېرىمەن . ئادەتتىكى چاغلاردىمۇپايدىلىق ماقالە – ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالسام دەرھال سېكاننېرلىۋالىمەن . چولام تەگكەندە(كۆپىنچە ئاخشاملىرى ) ئۇرۇپ كومپىيۇتېرىمغا كىرگۈزىۋالىمەن . شۇنداق قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ قالدى . مەكتەپ دوكلات زالىنىڭ سىرتىغا چوڭئېكرانلىق تېلېۋىزور ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرسەتمەئورگىنال تەييارلاپ ، رەڭدارلىقىنى ، جەلىپكارلىقىنى ، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن .

2 . قائىدە-يوسۇن تەربىيەسىنى مەكتەپ دەرسىگە ئايلاندۇردۇم

ئۇيغۇرلارمەملىكىتىمىزدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى . نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنى بىلەن سالاملىشىشنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى مېنى ئويلاندۇردى . ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى ئۇيغۇر قائىدە – يوسۇنلىرىنى بىلمىسە ، بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايتتىم . شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىل ئىزدىنىپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ، «  قائىدە –يوسۇن تەربىيەسى»  ناملىق دەرسلىك تۈزدۈم .تاكى سالاملىشىشتىن سۆھبەتلىشىشكىچە ، تاماق يىيىشتىن ئۇخلاشقىچە جەمئىي 5  باب ، 27 تارماق  مەزمۇننى  مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەدەب – ئەخلاق ، پاكىزلىق ، ئىناقلىق ، لەۋزىدە تۇرۇش ، سەمىمىي بولۇش ، غۇرۇرىنى ساقلاش جەھەتلەردە تەلىم بېرىلىدۇ . قوشنىدارچىلىق ، ئاغىنىدارچىلىق، مېھماندارچىلىق قاتارلىقلار ۋە ھۈنەت – كەسىپلەرنىڭ خاس قائىدە – يوسۇنلىرى تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ . كۈندىلىك رادىيو گىمناستىكا ۋاقتىدا 15  مىنۇتتىن ئۆزۈم ئۆتتۈم . بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولدى .

3 . چالاساۋاد ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش ئىشىنى چىڭ تۇتتۇم .

چالا ساۋات ئوقۇغۇچىلار باشقا مەكتەپتە قانداقكىن ، بىزنىڭ مەكتەپتە ھەر يىلى ٪ 6تىن ٪9 كىچەچالا ساۋات ئوقۇغۇچىلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى . 2011 – يىلى يازلىق تەتىلدىن كىيىن بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تولا باش قاتۇردۇم . قايسىلا سىنىپقا كىرسىڭىز ،چالا ساۋات ئوقۇغۇچىلار بار ، بۇ ئەمەلىي ئەھۋال . نۇرغۇن كىشىلەر ، ھەتتائوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق قارايدۇكى ، ئوتتۇرا مەكتەپتە چالا ساۋات ئوقۇغۇچىلار بولماسلىقى كېرەك . ئەمما ، ئەمەلىيەت ئارزۇيىمىزغا باقمىدى . ئوقۇغۇچىلارغاباشلانغۇچتا نېمىش قلدىڭ ، دەپ ۋارقىرىدۇق ، باتنىدۇق ، تەھدىد سېلىپمۇ باقتۇق ،تاشلاپمۇ ۋەتتۇق . ئاخىرى قاقشاش بىلەن ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . شۇنىڭبىلەن ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپبە ئوقۇتۇشقا بەل باغلىدىم . 15  ياشلىق ئوقۇغۇچى 32 ھەرىپنى قوراشتۇرۇپ خەت  يازالمىسا ، ئوقۇيالمىسا ، بۇنىڭغا چىدىمىدىم.

قانداق قىلىش كېرەك ، دەرسنى توختۇتۇپ قويۇشقا بولمايتتى ، مەيلىگە قويۇۋېتىشكىمۇبولمايتتى . شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن تەتىلدە ئوقۇتۇشنى تەلەپ قىلدىم .بۇنى ئاتا – ئانىلارغا مەسلىھەت سېلىۋىدۇق ، كاللىسىدىن ئۆتتى ، مۇدىرىمىزمۇ قوللىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر تەتىلدە 116 نەپەر ئوقۇغۇچى تىزىملاندى . دەسلەپتە بىر كۈن ھەممىسى تولۇق كەلدى ، بارا – بارا ئازلاپ ئاخىرقى كۈنى 17گە چۈشۈپ قالدى .كەچكىچە دەرس ئۆتۈپ ، كەچ بولغاندا ئائىلە سۆھبىتى قىلىش ئېغىر كەلدى . تېلېفون نومۇرىنى يېزىۋالمىغانلىقىم  ئۈچۈن تېلېفونمۇ قىلالمىدىم . تەتىلدە بالا قوغلاپ يۈرۈشكە مۇمكىن بولمىدى . ئىشنى دەسلەپتە چالا قىلغانمىقىمنى ھېس قىلىدىم . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە 11 بالا ئوقۇش يېزىش جەھەتتە بىمالال ئوقۇيالايدىغان ، يازالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى . ئوقۇتساق ئۈنۈمى بولىدىكەن دېگەن ، تەسىراتقا كەلدىم .

كىيىنكىقېتىمداتەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، مەۋسۈم ئاخىرىدا يەنە ئېنىقلاپ ، ئېلىپپبەۋە ماتىماتىكا دەرسىدىن 15 كۈن دەرس تولۇقلىدۇق . مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قولىشى ، تەنتەربىيەۋە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلرىنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىش ئوبدانلا يۈرۈشۈپ ، ھەر تەتىلدەمەكتەپ بويىچە ھەر قايسى يىللىقلاردىن 120 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ٪70 ئەتراپىداساۋادى چىقىپ ، كىتاب ئوقۇيالايدىغان ، خەت يازالايدىغان بولدى. پەمىمچە ، بۇئىشنى ھەر قېتىملىق مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا 15 كۈن قالغاندا باشلىسا ، ھەم ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى ھەم ساۋادىنى چىقرىىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىكەن بولۇپلا قالماستىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن ، دەپ قارىدىم .

ئەمەلىيەتجەريانىدا ، تولۇقسىز ئوتتۇا مەكتەپتىكى تاشلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچەساۋادىنى تېزراق چىقىرىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، تەكرار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق 68 سائەتتە ھەرپلەرنى قوشۇپ ئوقۇش ، قوشۇپ يېزىشنى بىلدۈرۈش ، 106سائەتتە كىتابلارنى ئاستا سۈرئەتتە ھەجىلىمەي ئوقۇيالايدىغان ، يادقا يازالايدىغان سەۋيىگە يەتكۈزۈشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم .

4 . مائارىپنى تەتقىق قىلدىم .

تەتقىقات دېسە ، نۇرغۇنلىرىمىز بېشىمىزنى قاشلاپ قالىمىز . ئىشلار شۇنچە كۆپ تۇرسا تەتقىقاتقا نەدە چولا ، بىز تەتقىقات قىلىپ يۈرسەك ، مەخسۇس تەتقىقاتچىلار نېمەئىش قىلىدۇ ، دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالىمەن . مەنچە ، شۇنداق نىيەت بولسا ،شۇنىڭغا ۋاقىتمۇ چىقىدىكەن ، ئىمكانىيەتمۇ بولىدىكەن .

كۆزئالدىمىزدىكى - بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ، ئاجايىپ ھېس – تۇيغۇ ۋە خاسلىقلارغالىققىدە تولغان ئادەم . ئاشۇلارنى تەشكىللەش ، باشقۇرۇش ، يېتەكلەش جەھەتلەردە تۈرلۈك مەسىلىگە يولۇقىمىز ، بىز يولۇققان مەسىلە – دەل بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان تەتقىقات تېمىسى . قولىمىزدىكى پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا ،مائارىپقا ئالاقىدا گېزىت – ژۇرناللارغا قاراپ باقىمىز . مۇشۇ مەسىلىنى ئىلگىرىكىلەر تەتقىق قىلغانمۇ - يوق . قانچىلىك كەڭلىكتە ۋە چۇڭقۇرلۇقتا تەتقىق قىلغان ، قايسىنى نۇقتىنى چىقىش قىلغان ، بۇنى مۇلاھىزە قىلىپ باقىمىز . ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق بىز يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمىسا ، بىزئۇنى تەتقىق قىلىمىز . تەكرار مۇلاھىزە قىلىش ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ، ئەمەلىيەتتە سىناش ئارقىلىق شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەتقىقات نەتىجىسى مەيدانغا كېلىدۇ . بۇنى يېزىق ، جەدۋەل ، گرافىك ئارقىلىق مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ ،ماقالە تەييارلاپ ، نەشىرىياتقا بەرسەك چۇقۇم ئېلان قىلىنىدۇ .  

ئىشلار ھەرقاچان ئويلىغاندەك نەتىجە بېرىۋەرمەيدىكەن . مەلۇم بىر تېمىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كۆپ ماتىرىيال كۆرۈشكە توغرا كېلىدىكەن . كۆپ ئىزدىنىشكە ، مۇلاھىزە قىلىشقا ،توغرا كېلىدىكەن . ئۇستازلارنى زىيارەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن . بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كەچلىك ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ۋاقتىڭزنى قۇربان قىلىدىكەنسىز . توي ، سۈننەت تويلاردىن ، چايلاردىن ، ئولتۇرۇش، تاماشالاردىن قالىدىكەنسىز .  

تەتقىقات ئىشى ھەقىقەتەن تەس . مەن 2006 – يىلى تۇنجى تەتقىقات  مېۋىسى بولغان « شىنجاڭ مائارىپى » ژورنىلىدائېلان قىلىنغان « ئەمگەك دەرسى ئەمگەك ئەمەلىيىتىگە تەڭ ئەمەس » ناملىق ماقالەمنى9 ئاي يازدىم ، 24 قېتىم چوڭ ، 67 قېتىم كىچىك ئۆزگەرتىم . پۇرلاپ تاشلىقغان قەغەزلىرىم 300 ۋاراقتىن ئېشىپتۇ . شۇنداق پىششىقلاپ ، تاۋلاپ ئۆزۈم رازى بولغاندا، ئاندىن ئەۋەتسەم ، مۇھەررىرلەرگىمۇ ياراپتۇ ، بېسىپتۇ. خۇشاللىقىمدا ھە،تەتقىقات ئەسلى مۇنداق بولىدىكەن ، دېگەن تەسىراتىم بىلەن ، بۇ ئىشنىمۇ قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىمەن . 2006 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ مائارىپى ، ئاقسۇمائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتتۇتى ئىلمىي ژورنىلى ، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى ، تەربىيىچى قاتارلىق ژۇرناللاردا 15 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلدۇردۇم . كەسپىي سەۋىيەممۇ سەل ئۆسۈپ قالغاندەك بولۇپ قالدى .

« < قۇتادغۇ بىلىك > تىكى تەربىيە ۋە ساپاھەققىدە قاراشلار » ناملىق ماقالەم ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلىدائېلان قىلىنغاندىن كىيىن ، ئوقۇرمەنلەردىن خېلى كۆپ خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە بەلگىلىكتەسىر قوزغىغانلىقىن ھېس قىلدىم .

كەسىپداشلار، ئەۋلادلىرىمىزنى قانداق ئادەم بولسۇن دېسەك ، شۇنداق ئادەم بولۇشىغا ئەجىر قىلىشىمىز كېرەك . نەدىمۇ ئاسانلا ۋۇجۇتقا كېلىدىغان نەتىجە بار ؟  بىر ماقال بارغۇ « تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق ، يەر سېنى قويماس قۇرۇق .» دەيدىغان . تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ، خىزمەتنىڭ بېسىمىدىن قاقشاپ ، مەنمۇ بوشاپ كەتسەم ،سىزمۇ بوشاپ كەتسىڭىز ، ئۇمۇ بوشاپ كەتسە ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ جاڭگالغا ئوخشاپ قالمامدۇ . توغرا ،  بىزمۇ ئادەم ، چارچايمىز  ، لېكىن كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ماھمۇت كاشىغەرىيدەك ئىلىم سۆيەر ، سادىر پالۋاندەك خەلق سۆيەر ، نۇزۇگۇمدەك غۇرۇرلۇق ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئىرادىلىك ، مەمتىلىي ئەپەندىدەك مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇشىنى ئويلىساق ، يەنە ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كېتىمىز . بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە شۇنداق بىرئوت يېنىپ تۇرۇشى كېرەككى ، ئەۋلاتلار غېمىدە لاۋۇلداپ تۇرىدىغان ، بىز تاكى تىنىقتىن توختىغۇچە ئۆچمەيدىغان.  

ئۇلۇغبوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن :

5902 . «ھەمىشە بولاي بىر مەشھۇر بەگ دېسە ،

كېرەكتۇر مۇنۇ تۆتتىن ئالماق ھەسسە . »

5903 . «بىرى ، تىل دۇرۇس بولسا سۆزى پۈتۈن ،

بىرى قۇتلۇق قانۇن تەدبىق قىلىنسۇن »

5904 .ئۈچىنچى ، ئوچۇق قول ۋە بولسۇن سېخى ،

يېتىپ تۇرسۇن ئەلگە كۆيۈمچانلىقى . »

5905 .تۆتىنچى قەيسەرلىك بىلەن ئىشلىمەك ،

ياۋ بوينىن ئېگىشكە جەسۇرلۇق كېرەك . »

بۇ يەردىكى بەگ دېگەن سۆزىنى پاسىبان دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى . توغرا ، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسىبانى . بۇ ياۋ دەل بىز ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا يولۇققان مەسىلە . ھازىر تەكىتلىۋاتقان كەسىپ ئەخلاقىنىڭ مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارئۆزى ئۈلگە بولۇش ، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش ، جاپاغا چىداش ، سەمىمىي بولۇش دېگەن تەلەپلىرىنى ئەجداتلىرىمىز 10 ئەسىر بۇرۇنلا  ئەمەلگەئاشۇرۇپ بولغان . مانا بىز شۇلارنىڭ بۈگۈنكى ۋارىسلىرى ، شۇڭا بىز بۇنى تامامەن قىلالايمىز . ئۈمىدۋار بولايلى ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر بىر سائەتتە بىر يېڭىچە ئۈمىد بېغىشلايلى !



ھەممىڭلارسالامەت ۋە ئۈمىدۋار بولغايسلەر ، رەھمەت !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   balik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 01:59 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:13:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئوقۇپقۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى كۆز ئالدىمغا كەلدى . ئەمما ئاشۇ بىز ئوقۇغاندىكى بىزلەر بەك يۇۋاشمۇ  ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئېسىلمۇ ، شۇ چاغلاردا ئۇقۇغان ساۋاغداشلىرىمدىن بىر نەچچىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپىنچىمىز  ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ھازىر جەمىيەتكە بىر كىشلىك توھپە قۇشۇۋاتىدۇ . ئۇ چاغلاردا نەدىمۇ شەنبە يەكشەمبە كورستا ئوقۇشلار بولسۇن . ھازىرقى بالىلار بەك ئەقىللىقمۇ ياكى جەمىيەتنىڭ تەلىپىدە شۇنداق بۇلۇپ كەتتۇقمۇ ، ئالى مەكتەپكە ئوتمەيدىغان  بالا يوق دېيەرلىك ، ئاتا -ئانا بولغۇچى بىزلەر ئاتا -ئانام ئۈچۈن دېمەستىن  بالام ئۈچۈن دەپلا ياشاۋاتىمىز ، ئەلۋەتتە ئاتا -ئانىمىز ئۈچۈنمۇ ياشايمىز ، لېكىن مەن قىلارمەن بالامغا ، بالام قىلار بالىسىغا دېگەن توغرا ئىكەن .كۈندە باللىرىمىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىپ ، كەچلىكى قېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلىسە ، بىز كىتاپ كۆرۈپ ، ئىشقىلىپ قانداق قىلساق ياخشى ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ تېرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۋاتىمىز ، ھەتتا   شەنبە يەكشەنبىدە باللىرىمىزنىڭ كورسلىرىنىڭ توللىغىدا كاللىسى ئارام ئالغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق .
ئويلۇنىپ قالدىم ، شۇنداقلا نەچچە كۈن ئىلگىرى  بىر پىشقەدەم خىزمەتدىشىمنى يوقلاپ بېرىپ شۇ ئاكىمىزنىڭ دېگەن گېپىدىنمۇ قاتتىق ئويلاندىم .
‹ھازىر نەۋرەم باشلانغۇچ 4- يىللىققا چىقتى ، ئاتا -ئانىلار يىغىنىدا سىنىپ مەسئۇلى بالىلارنى دەرستىن كېيىن شۇ كۈنلۈك دەرسلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلىدە ئېچىۋالغان كورسىغا قاتناشتۇرۇشىڭلار كېرەك ، بولمىسا بالاڭلار دەرسكە يېتىشەلمەيدۇ  دەپ ،بالىمىز كۈندە ئەدىبىيات ، ماتىماتىكا ، گىراماتىكا ...قاتارلىق پەنلەردە دەرستىن چۈشۈپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئويىگە بېرىپ ئىككى سائەت دەرس ئاڭلاپ كىلىدۇ ، ھەر بىر پەنگە ئايدا 600 سوم تولەيمىز ، 3 پەنگە 1800 سوم . بەرمەيلى دېسەك ، ئاشۇنداق كۇرسلاردا ئوقۇغان بالىلارنىڭ دەرس ئەھۋالى ياخشى ، بىزمۇ بالىرىمىزنىڭ ياخشى بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز شۇڭا بېرىمىز . نەۋرەمدىن سوراپ ، نىمىشقا مۇئەللىم دەرس ۋاقتىدا ياخشى چۈشەندۈرمەمدۇ دېسەم ، چوڭ دادا شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭمۇ ، ھازىر مۇئەللىملەر پۇل تاپىمىز دەپ ، دەرس ۋاقتىدا تۇزۇك سۆزلىمەيدۇ ، پەقەت ئويىگە كىرىپ دەرس ئاڭلىغاندىلا ھالقىلىق جايلىرىنى ئوبدان سۆزلەپ بېرىدۇ دەيدۇ ، بۇنىڭدىن ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نېمىشقا بالاڭلارنى كۇرستلارغا بېرىڭلار دەپ ئاتا -ئانىلار يىغىنىدا ئاتا-ئانىلارغا جىق سۆزلەشلىرىنى چۈشەندىم ›
مانا بۇ بىر پىشقەدەم پىنسىيەگە چىققان ئاكاشنىڭ سۆزلىرى . بۇ سۆزلەردىن ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى ئويلاش بىلەن ئۇلارنىڭمۇ ئىدىيىسىدە جان بېقىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇللىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ئىقسادي شارايىتى يار بەرگەنلەرغۇ مەيلى دەيدۇ ، ناۋادا ئىقسادىي شارايىتى يار بەرمەيدىغانلارنىڭ بالىلىرى قانداق قىلىدۇ ؟؟
بۇ مەسىللەر ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ ...
يۇقۇردىكى ئەھۋاللارنى دېيىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نارازىلىقىمنى ئىپادىلەش ئەمەس ، بەلكىم ئۇقۇتقۇچىلارمۇ شۇ بالىلارنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنى دەپ شۇنداق قىلىدىغاندۇ . ئەمما بۇنى قانچىلىك كىشىلەر توغرا چۈشۈنەر ؟  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 04:30 PM  


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 08:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنى باسسا ئەگەر ھورۇنلۇق،
تامنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرسۇن مۇڭلۇق .


دەيدۇ كونىلار،  ھەممە ئوقۇتقۇچىلار سىزدەك قەيسەر ،ئىزدىنىشچان بولسا بولمامدىغاندۇ ھە؟

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش