نىگارنىڭ ۋەسلىدىن ئازدىم،يۈرەكتىن بىقارار بولدۇم،
ۋىسالنىڭ شەربىتى ئىزدەپ،ئۇزاقتىن ئىنتىزار بولدۇم.
ئەلەمدىن ئۆرتىنىپ سانسىز،كىچەلەر ئۇيقۇدىن كەچتىم،
كۈزۈمدىن ئاققىنى قاندۇر،تۈگەشتىم خارۇ-زاربولدۇم.
جاناندىن سۆيگىنى كۈتسەم،زەھەردىن تۇتتىلەر شەربەت،
يۈرەكتىن ئۆتتىغۇ نەپرەت،نۇمۇستىن شەرمىساربولدۇم.
باھارىم پەسلىدە سۇندۇم،ۋىسالنىڭ قەنتىنى چاقماي،
ئاداشتىم نىرۋىدىن-ھۇشتىن،قەدەمدە ئايلىنار بولدۇم.
جاھاننىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن،ئۆمىدىم ئۈزمىدىن سەندىن،
بەرمىسەك سۆيگىنى شۇندىن،لەھەتكە ئىختىيار بولدۇم.
كىرىمجان ياسىن(زەپەر)