مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1556|ئىنكاس: 8

NASA: يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:35:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى


بىلىمخۇمار

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى



ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى 2003-يىلى «مارس تېز يەتكۈزۈش ماشىنىسى» (Mars Express) دېگەن پروگراممىسى (mission) نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مارسقا ئىنگلىزچە «Beagle 2» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى ماڭدۇردى. بۇ ماشىنىنىڭ ۋەزىپىسى مارسنىڭ ئۈستىدىكى قەدىمقى ۋە ھازىرقى ھاياتلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىزدەش بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ ماشىنا 2003-يىلى 25-دىكابىر كۈنى مارسنىڭ يۈزىگە قونۇپ، يەر يۈزىگە ئۇچۇر ماڭدۇرۇشنى باشلىشى كېرەك ئىدى.  ئەمما بۇ ماشىنا مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەر يۈزىگە سىگنال ماڭدۇرۇشتىن توختاپ، يوقاپ كەتتى.  شۇنىڭ بىلەن 2004-يىلى 2-ئايدا ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى رەسمىي ھالدا بۇ ماشىنىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى [1] .   


شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىر قانچە ئالەم ئۇچقۇرلىرى يۈتۈپ كەتكەن بۇ ماشىنىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىغان ئىدى.  ئەمما يېقىندا ناسا نىڭ «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» (Mars Reconnaissance Orbiter) دېگەن ئالەم ئۇچقۇرى ھېلىقى يوقاپ كەتكەن مارس ماشىنىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئىش 2015-يىلى 16-يانۋار كۈنى ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن مېدىيە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى.


f01_beagle2_position.jpg

1-رەسىم: «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» رەسىمگە تارتقان مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ رەسىمدە «Beagle 2» دېگەن ماشىنىنىڭ مارسنىڭ ئۈستىدىكى ئورنى «Beagle 2» دېگەن سۆز بىلەن كۆرسىتىلگەن.


f02_beagle2.jpg

2-رەسىم: بۇ بىر قىياس بىلەن سىزىلغان رەسىم بولۇپ، ئۇ «Beagle 2» نىڭ مارسنىڭ يۈزىدە تېپىلغاندىكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.


f03_mars_reconnaissance.jpg

3-رەسىم:  ناسا نىڭ «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى.  ئۇ 2006-يىلى 10-مارت كۈنى مارس ئوربىتىسىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرمۇ مارسنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ مارس بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 426 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ھەر 35.5 سائەتتە مارسنى بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  ئۇنى ناسا مەركىزى ج پ ل (JPL) باشقۇرىدۇ.  


ئىنگلىزچە «Beagle» دېگەن سۆز ئەسلىدە «HMS Beagle» دېگەن پاراخوتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئىي تاللاش نەزەرىيىسى» نى ئىجات قىلغان چارلېس دارۋىن (Charles Darwin) ئىككى قېتىم ئاشۇ پاراخوتقا چىقىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.  ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى نەزەرىيىنى بايقىشىغا ئاشۇ 2 قېتىملىق تەكشۈرۈش سەپىرى سەۋەب بولغان ئىكەن [2].


ناسا 2004-يىلى مارسقا قوندۇرغان «ئىرادە» (Spirit) بىلەن «پۇرسەت» (Opportunity) ناملىق ئىككى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپىسى «سۇ ئالامەتلىرىنى ئىزدەش» ئىدى.  ناسا 2012-يىلى مارسقا قوندۇرغان «ھەۋەسكار» (Curiosity) ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا «جانلىقلار ياشىيالايدىغان مۇھىتلارنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى تېپىش» تىن ئىبارەت بولغان ئىدى.  بۇلارغا قارىغاندا «Beagle 2» ناملىق ماشىنا قەدىمقى ۋە ھازىرقى جانلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر چوڭ ئىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالمىدى.


ناسا نىڭ «ھەۋەسكار» ناملىق ماشىنىسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا ئەتىراپىدا بولۇپ، «Beagle 2» نىڭ ئېغىرلىقى بولسا ئاران 35 كىلوگرام ئەتىراپىدا ئىكەن.  ناسا مەركىزى ج پ ل دىكى بىر پروجېكت مەسئۇلى رىچارد زۇرېك (Richard Zurek) نىڭ دېيىشىچە [1]، «ھەۋەسكار» نىڭ ئۈستىدىكى رەسىم ئاپاراتىنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بۇرۇنقى ماشىنىلاردىكى كامېرالار بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ياخشى بولۇپ، بۇ ماشىنا ھازىرغىچە مارسنىڭ ئۈستىدىكى باشقا نەرسىلەردىنمۇ بىر قانچىسىنى تېپىپ چىققان.  


«ھەۋەسكار» ھازىرمۇ مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇنىڭ «Beagle 2» بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇ«Beagle 2» تېپىلغان يەرگە كېلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتى يوق.


f04_curiosity.jpg

4-رەسىم: «ھەۋەسكار» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى.  ئۇ ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  


f05_curiosity_erkin.jpg

5-رەسىم:  بىزنىڭ ئىدارە «ھەۋەسكار» نى ياسىغاندا، ئۇنىڭدىن ئىككىنى ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىرسى ھازىر بىزنىڭ ئىدارىدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.  بۇ ماشىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مارستىكىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Mars orbiter rediscovers long-lost Beagle 2 lander

<http://www.latimes.com/science/s ... 0116-story.html>


[2] Beagle 2

http://en.wikipedia.org/wiki/Beagle_2


[3] Mars Reconnaissance Orbiter

<http://en.wikipedia.org/wiki/Mars_Reconnaissance_Orbiter>


[4] Mars Science Laboratory

http://mars.jpl.nasa.gov/msl/



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 12:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11060
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3287 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەركىنكا ، سىزنىڭ بىزنى ئەڭ يېڭى ئالەم تېخنىكىلىرىغا ئائىت بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ، بىز سىزدىن بەكمۇ رازى . ناسا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئالەم ئۇچۇرلىرىدىن شۇ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە ئانا تىلدا خەۋەر تېپىشنڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىمىز ، ئۈمىد قىلىدىغىنىم : بىلىشىمىچە سىز ناسا ئىشلەۋاتقان بىردىنبىر ئۇيغۇر ، ئامرىكا ياكى باشقا ئەللەردە ئاستىرنۇمىيە بويىچە ئوقۇۋاتقان باشقا ياشلار بولسا ئۇلارنىمۇ ناسادائىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرسەك ، سەۋەبى سىز بەك مۇھىم ، سزنىڭ بىزگە يەتكۈزۋاتقان ئۇچۇرلىرىڭىز تېخمۇ مۇھىم . ناسادەك پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئېلىپ بېرۋاتقان ئورۇندا ئشلەش بەكمۇ شەرەپىلىك  ۋە بىز ئۈچۈن ئۈلگە . شۇڭا بۇ سەممىي تەلىپىمنى ئويلىشىپ كۆرۈشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105208
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-3-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:40:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!! بىزگە مۇشۇنداق ئىلغار تېمىلار كېرەك!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7058
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5204 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 07:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
emetbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 05:27 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەركىنكا ، سىزنىڭ بىزنى ئەڭ يېڭ ...

ئالىمىمىزنىڭ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق كۆپلەپ ئاسترونومىيە ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت ماقالىلەرنى توردا ئېلان قىلىشى  ياشلارنى رىغبەتلەندۈرگىنى بولماي نىمە؟ بۇ يەر پۇلى بار يولى ئادەملەر كىرەلەيدىغان جۇڭگۇنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئەمەس ، ئۇيغۇرلاغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدىغان  ئورۇنمۇ ئەمەس ، ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بۇ جاينىڭ باش لېدىرىمۇ ئەمەس ،لېدىرى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ يامان ئادەملەر ئىشلەيدىغان جاي بولغاچقا مىللىي ھىسسيات بىلەن ئشقا تونۇشتۇرۇپ قويغىلى بولمايدۇ.
ئەسلىدە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي سىلەردەك ياشلار جان جەھلىڭلار بىلەن ئۈگىنپ ئالىمىمىز باسقان ئىزدا مېڭىشىڭلار كېرەك ئىدى.

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3586
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 07:36:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈتۈپ كەتكەن مارىس دىسىڭىز تىمىنى كۆرمەستە غەيرىلىك ھىس قىلغانتىم

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96540
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 09:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇشۇ توغرىلىق بىر پارچە ماقالىنى خەنچىدىن تەرجىمە قىلغان ئىدىم...
http://www.okyan.com/html/news/Tech/2015/0114/8010.html


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىلىمخۇمار ئاكا مارىسنىڭ تۇرپىغى يەر شارىنىڭ تۇپرىغا ئوخشاش تاش ۋە توپا ئارلاش تۇرپراقمۇ نىمە؟ دىققەت قىلسام مارالبىشىنىڭ تۇپرىغىغا ئوخشاپراق كىتىۋاتىدۇ .  ئاۋۇ ئوماق ماشىننىڭ ماڭغاندىكى ئىزى شۇنداق ئوچۇق چىقىپتۇ . مەن بۇرۇن مارىسنىڭ يۈزى قاتتىق بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:19:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
emetbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 05:27 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەركىنكا ، سىزنىڭ بىزنى ئەڭ يېڭ ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئەمەتبەگ ئۇكام!

ئالدى بىلەن سىزگە، شۇنداقلا سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن ماڭا مەدەت بەرگەن باشقا بارلىق قېرىنداشلارغا چىڭ كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ھازىر ناسادا ئىشلەيدىغان مەندىن باشقا «ئاينۇر ئابدۇرازىق» ئىسىملىك يەنە بىر دوكتۇر سىڭلىمىز بار بولۇپ، مەن ئۇنى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-132424-1-1.html
دە بىر ئاز تونۇشتۇرغان ئىدىم.

مەن سىز تەكلىپ قىلغان ئىشلارنى قىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.  ھازىر نەگىلا بارسام، كائىنات ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان كىچىك بالىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام، ئىمكان بار ئاشۇ بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقىمەن.  ھەمدە ئۆزۇم ئېلىۋالغان ناسانىڭ سوۋغات بويۇنلىرىنى بېرىمەن.  مەن «كەلگۈسىدە سىزنى ئۆزۈمگە شاگىرت قىلاي» دېگەن سۆزنىمۇ 10 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر بالىلىرىغا دەپ بولدۇم.  ھەمدە كەلگۈسىدە قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئۆزىگە ۋە ئاتا-ئانىسىغا دەپ قويىمەن.  مەنمۇ ناساغا ئوخشاش ئىلغار ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈيىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە ئاشۇ يولدا قولۇمدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىمەن.

ئاخىرىدا ياخشى تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:22:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 11:09 PM
بىلىمخۇمار ئاكا مارىسنىڭ تۇرپىغى يەر شارىنىڭ تۇپرىغ ...

شۇنداق، ئۈزۈم-تال ئۇكام.  مارسنىڭ تۇپرىقى سەل قىزغۇشراق كېلىدىغان بولۇپ، باشقا جەھەتتىن يەر شارىنىڭكىگە بەكلا ئوخشايدىكەن.
تۆۋەندىكىسى مارس يۈزىنىڭ بىر قانچە كۆرىنىشلىرى (بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى ناسا تەمىنلىگەن).  

mars1.jpg


mars2.jpg


mars3.jpg


mars4.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 11:54 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش