مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 503|ئىنكاس: 5

شېئىر ۋە شائىرلار كوچىسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:15:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئىر ۋە شائىرلار كوچىسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

1

قاچاندۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى مۇنبىرىدە «شائىرى بار قەۋم ئامەتلىك» دىگەن بىر قەسىدەنى ئوقۇپ قالدىم، بۇ شېئىر مۇھەممەدجان راشىددىن ئەپەندىنى قايسىدۇر بىر مەقسەدلەر بىلەن ماختاپ- ئۇچۇرۇپ يېزىلغان ھەۋەسكارانە ئەسەر بولۇپ مەن بۇ ئەسەرنى ۋە ئۇنىڭ كەينىگە يېزىلغان يەنە شۇ خىل مەزمۇندىكى قەسىدەۋىي ئىنكاسلارنى زوقلىنىپ ئوقۇدۇم … (قايسى بىر يىلى بىزنىڭ «ئاتاقلىق» ناخشىچىمىز سەنۇبەر خانىم ئىجراسىدىكى «گۈللەر غۇنچىلاپ قاپتۇ» دىگەن ناخشىنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇنىڭدىكى: «گۈللەر غۇنچىلاپ قاپتۇ، ئونبەش ياشتىكى قىزدەك، ئونبەش ياشتىكى قىزلار، يالغۇز يۈرمىسۇن بىزدەك» دىگەن بىر قوشاققا دىققەت قىلىپ سالدىم، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇنىڭ تېكىستىنى مۇھەممەدجان راشىددىن ئەپەندى يازغانلىقىنى ئوقتۇم، ئوقمىسام بوپتىكەن ئەسلى، چىۋىن يۇتۇۋالغاندەك بولدۇم، شۇنداقتىمۇ «ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار ئەمەسمۇ، بەلكىم قىزىپ قالغاندا جۆيلۈپ سالغاندۇ» دەپ بولدى قىلىۋەتكەن ئىدىم، بۇ بەلكىم مۇھەممەدجان راشىددىن ئىجادىدىكى بىر سەھۋەنلىكتۇر…) مەن گەرچە ياخشى شېئىرلارنى زوقلىنىپ ئوقۇساممۇ شائىرغا قىزىقمايدىغان بىر ئادەممەن، شۇنداق بولغاچقىمۇ ئاشۇ بىر قەسىدەنى ئوقۇغاندىن تارتىپ كاللامدا ئىزچىل تۈردە بىر خىيال مېنى خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئارامسىز قىلىپ قويدى، كۆڭلۈمدە ھەر ۋاقىت: «شائىرى بار قەۋم راستلا ئامەتلىكمۇ؟ شائىر ئۆزى تەۋە بولغان قەۋمگە زادى قايسى تەرەپلەردىن ئامەت ئەكىلىپ بىرەلەيدۇ؟ شائىرى بار قەۋم ئامەتلىك دېيىلسە شائىرى يوق قەۋم ئامەتسىز بولامدۇ…» دىگەندەك مەسىلەلەر توغرىسىدا باش ئايىغى يوق خىياللار پىرقىرايدىغان بولۇپ قالدى.

ئازراق ئويغۇر ئەدەبىياتى بىلىمى بار بولغان زىيالىيلارغا ئايانكى، ئويغۇر ئەدەبىياتى تارىخىمىزدا شائىرلار خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەكلا ساناقسىزدۇر، ئۇنداقتا، بۇ شائىرلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكى راستلا ئۇيغۇر خەلقىنى ئامەتلىك دەپ قاراشقا پاكىت بولالامدۇ؟ ئەگەر بولالىسا زادى قانچىلىك پاكىت بولالايدۇ؟

شېئىر دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئەرەبچىدىن كىرگەن كىرمە سۆز ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ تىلىمىزدا قوشاق دىگەن سۆز بىلەن مەنەداش ئىدى، لېكىن، چاغداش ئەدەبىياتىمىزدا بۇ ئىككى سۆزگە مەنەلەر ئايرىپ يۈكلىنىپ قوشاق خەلقىنىڭ ئەل ئىچى ئىجادىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى، شېئىر بولسا يازما ئەدەبىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شائىر بولسا دەل شۇ يازيازما ئەدەبىياتىمىزدىكى شېئىر ئوقۇمىنىڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچىسىدۇر، شائىر ئۇقۇمى بەلكىم سۆزگە فاساھەت يۈكلىگۈچى ياكى گەپ توقۇغۇچى دىگەن مەنەلەرنى بىلدۈرسە كېرەك. بىزدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ :«شېئىر ۋە شائىر» سەرلەۋھەسىدىكى نەسرىي شېئىرىنى بىلمەيدىغانلار ياكى ئوقۇمىغانلار يوق دىيەرلىك، بۇ ئەسەردە شېئىرغا ۋە شائىرغا ئاجايىپ كاتتا سىمۇۋۇللار يۈكلەنگەن ئىدى، نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلىرىمىز مۇنۇ شېئىردىن ئېلھام ئېلىپ تىزلا ھاياجانلىنىپ كەتسە كېرەك، ياش بۇغۇنلىرىمىزنىڭ كالتە ئېلھاملار بىلەنلا قولىغا قەلەم ئېلىپ شائىرلىق كوچىسىغا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈشكەنلىكىنى يازغۇچىلار مۇنبىرى قاتارلىق بىر قانچە مۇنبەرلەرگە قاراپ ئوبدانلا ھېس قىلىپ قالىمىز. ئۇلارچە شائىرلىق ئاجايىپ كاتتا كەسىپ، ئۇلۇغلۇقنىڭ، كاتتىلىق ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ ھۆددىگىرى بولغاچقا ئۇ بىر ئاڭلاشقىلا كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن ئېتىدۇ… شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئويغۇر جەمئىيەتىدىكى مەشھۇرلۇق كوچىلىرىمىزغا مەخسۇس شائىرلارنى ئاۋۋال تىزىۋېلىش ھادىسىلىرى مەشھۇرلۇق ھەيكەللىرىگە كەيگۈزۈپ قويۇلغان ئورتاق چىغ قالپاققا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال ئۆز نۆۋەتىدە ئۆزىنى ئالدىراپلا شائىر ساناۋالغۇچىلارنىڭ ۋە شائىر «بولۇپ قالغان» لارنىڭ ئۆز خىيالىدىكى مەشھۇرلۇق تورىغا چىۋىندەك چىرمىلىپ قېلىپ ئۆزىدىن ھالقىش ۋە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتتىكى ھەرخىل تېمىلاردىكى ئادەمىي رەۋشتە ئېلىپ بارمىش تەتقىقاتلىرىنى ئونتۇغۇزۇپ جەمئىيەتتىكى ماغزاپ بىلىم ۋە كۈپۈك بىلىمنىڭ بازار تېپىشىغا سۈكۈت قىلىدىغان بىر تۈركۈم تىلى باشقا، ھەرىكىتى باشقا شائىرلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزىغا ئايلىنىپ، شۇ ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم يارىماس، يىغلاڭغۇ، ئۆزىنىڭ ئېغىزىدا دېگەنلىرىگە ئۆزى ئەمەل قىلالمايدىغان ساختا ھېسسىيات ساھىبلىرىنى تەربىيەلەپ، بىر تۈركۈم سەۋىيەسىز ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەبكار بولدى، يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇر ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان ۋە ئۆزىنىڭ :«مۇساپىرلار قاۋىقىدا» دىگەن ئەسىرىدە ئاچچىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىپ تەسۋىرلىگەن بولسا، ئۆمرىنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىدىكى زېھنىنى شېئىر يېزىشقا سەرف قىلغان، مۇئەللىملىكنىڭ چاڭ تۇزانلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇرادىرىمىز ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ئەپەندى: «شېئىر يېزىش چوڭ ئىشمۇ ئەمەس» دەپ چوقان سالىدۇ…

كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا تالاي شائىرلىرىمىز بار، ئۇلار پەقەت بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر كەلگەندىلا ئاندىن شېئىر يازغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈمىد بەك كەم تېپىلىدۇ، ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر ئۈستىدىن توختىماي دادلىنىپ قاقشايدۇكى، ئۆزىنىڭ قۇياش نۇرىدىن ئۇزۇق ئالغان بەخت-سائادىتىنى كەمدىن-كەم مەدھىيەلەيدۇ، ئاللىكىملەرنى تىللايدۇ، قاقشايدۇ، ئۇلار گۈل ۋە بولبۇل ھەققىدە تالايلىغان غايىۋىي داستانلارنى توقۇشقانۇ، ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىدىن نەچچە بەت تارىخ قالدۇرۇشنى ئويلاشمىغان، شۇڭا بىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىمىز پەقەت بىرتالاي ئاقماس شېئىرلار بىلەنلا توشۇپ كەتكەنۇ، كارۋان يولىنى ئاچقان، سودىگەر ئاتالمىش بۇ خەلقنىڭ تارىخىدىن سودىغا ئائىت، باشقۇرۇش ئىلمى، سىياسىيشۇناسلىق، جاھاندارچىلىق ۋە ياكى تەبىئىي پەنگە ئائىت ھېچنەرسە يوق بولۇپ قالغىلى تاس قالىدۇ، بىز شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك،مەۋجۇدلۇق تارىخىمىزغا ئائىت ماتېرىياللارنى پەقەت باشقا خەلقلەرنىڭ دەستۇرلىرىدىنلا ئىزدەشكە مەجبۇرمىز.

ئەدەبىياتىمىزدا ھېلىھەم نۇرغۇنلىغان شائىرلىرىمىز بار، ئۇلار ئۆمرىدە بىرەر قېتىم : «شېئىر دىگەن نىمە ئۇ؟» دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقمىغان، بىر ئۆمۈر شېئىر يازغان، نەچچە توملاپ شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرغانۇ، ئۆزىگە خاس ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيەسىنى يارىتالمىغان ياكى ھېچبولمىسا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇب قاتلىمىنى نەزەرىيەۋىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىق شەرھلەپ باقمىغان، ئۆمرىدە پەقەت باشقا خەلقلەرنىڭ نەزەرىيەسىنى كۆشەش بىلەنلا بولۇپ :«شېئىر دىگەن نىمە؟» دىگەن سۇئالغا ئۆزىگە خاس جاۋاب يېزىپ باقمىغان، «كېيىنكىلەر ھايات دەپتىرىمدىن ئۆزىگە لازىملىق بولغان قانچىلىك نەرسىلەرنى تاپالار؟» دەپ ئويلاپ كۆرمىگەن، چۈنكى، ئۇ شېئىر يېزىش ئارقىلىق ناھايتى تىزلا: «مەشھۇر شائىر فەلانچى…» بولالايتتى، بۇيەردە مەشھۇر بولۇشقا ئۇنچە كۆپ ئەجىر كەتمەيتتى، پەقەت ئۆز خىيالىغا كەلگەن سۈپەتسىز توغۇندىلارنى جىجىسىلا بولاتتى، يازغانلىرى تەھرىر، مۇھەررىر دىگەنلەرگە يارىسىلا بولاتتى، خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىق سەھنەلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاقتىنى سەرپ قېلىۋېتىشنى خالايتتى-يۇ، چاتاق يېرى ئۇنداق ئامەت ئۇنىڭغا نېسىپ بولماي قالاتتى، گۈلزار مۇكاپاتى دىگەندەك بىرەر شەخسىي مۇكاپات فوندلىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن تەسسىس قىلىشنى بولسا ئوڭىدا ئەمەس چۈشىدە بىرەر قېتىم خىيال قىلىشمۇ نىسىپ بولماي قالاتتى، چۈنكى، شېئىرنىڭ قولىدىن ئۇنىڭغا «مەشھۇر شائىر فەلانچى» دىگەن قۇرۇق نامدىن باشقا ھېچبىر مەنپەئەت يەتمەيتتى، قورساق غېمىدىن باشقىنى ئويلاشقا چولىسى يەتمىگەن بۇ شائىرنىڭ ئەلنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق نىمىلەرنى دىيىشلىرى، قانداق باھالاشلىرى، بىرەر-ئىككى ئەۋلاد ئالماشقاندىن كېيىنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ قەبرىسىگە نىمىلەرنى تىزىشىنى ئويلاشقا چولىسى تەگمەيتتى، شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ شېئىرىيەت كوچىمىزدا داۋاملىق قىستاڭچىلىق كۈرۈلۈپ تورىدۇ-يۇ، باراڭلىرىمىزدا كاۋىدىن كۈرە غازاڭ تولا… ئەمما، شېئىر توختىماي يېزىلىۋاتىدۇ…مەن نۇرمۇھەممەد تۇردىئەخمەت دىگەن يىگىىتنىڭ ئۆزىدىكى ھەۋەسكارانە ئارتۇقچىلىقنى شىركەت تۈسىدىكى جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە ئايلاندۇرۇشىنى بىر ياخشى يۈزلىنىش دەپ ئويلايمەن. قەلەم كوچىسىغا قەدەم باسقۇچى ئاۋۋال روسيەلىك يازغۇچى چىخوف ئەپەندىنىڭ :«دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، ئەدەبىيات بولسا مېنىڭ كەيپىم» دىگەن سۆزىنى ئەقىللىق بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان :«ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام» دىگەن ھېكمىتىگە بىرلاشتۈرۈپ بىر قېتىم قايتا باھا بېرىپ بېقىشى زۈرۈردۇر.

مەلۇم دۆلەت ياكى مىللەت توپى ئىچىدە مەلۇم كەسىپنىڭ كەسىپدارلىرىنىڭ سانى ئېشىپ كەتسە بۇ يەردە پاخاللىشىش كۈرۈلىدۇ، بازاردا نىمە كۆپ بولسا شۇنىڭ بازىرى كاساتلىشىدۇ،  بۇ نوقتىدىن چىقىپ مەن ئويلايمەنكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شائىرنىڭ، ھەۋەسكارنىڭ بولۇشى، بولۇپمۇ كۆپ بولۇشى مۆلچەرلىگۈسىز كىرىزىستىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ھەرگىز بىز خەقنىڭ ئامىتى ئەمەس.

مەن ئاغزىدا ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن دەپ ۋەز ئېيتىپ، مىللىتى ئۈچۈن ئىچىپ، مىللىتى ئۈچۈن چېكىپ، يەنە شۇ مىللىتى ئۈچۈن ئاللىكىملەرنى توختىماي قاقشاپ-غاجاپ يۈرىدىغان، ئەتىگەن- كەچتە مەيخانىدىن كەلمەيدىغان، قىلىقلىرى يازغىنى بىلەن پەقەتلا سىغىشالمايدىغان، ئۆزىنى ئالەمدە بىر سانايدىغان، شائىرلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا ئاتايىتەن ئۆزىنى چاكىنىلاشتۇرىدىغان ھاكاۋۇر قەلەمكەشلەردىن بىر مۇنچىسىنى كۈرۈپ ھەم ئۇلار بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئارىلىشىپ بېقىپ «شائىر دىگەن شېئىرىنىلا ئوقۇسا بولىدىغان، ئۆزىنى كۈرۈشكە بولمايدىغان چاغلىق خەقلەركەنغۇ، بولدىلا» دەپ قېيدىغان پېتى قەلەم دىگەن نەرسىنى تاشلىۋىتىپ بور ھەم كەتمەن بىلەن دوستلىشىپ ياشاشنى خۇب كۆرگەنمەن. قىلغىنىم توغرىمۇ- خاتا، ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن، مەن شېئىر يازمىغىنىم بىلەن شۇنى بىلىمەنكى، بىزدە شائىر شېئىرنى پەقەت شائىر ئۈچۈنلا يازىدۇ، تېخى شۇ تىلداش شائىرلار ئۈچۈنلا يازىدۇ (قوش تىللىق ياكى كۆپ تىللىق شائىرلىرىمدىن كىملەرنىڭ بارلىقىنى ئانچە بىلمەيمەن)، شېئىرنى شېئىر يازىدىغانلار ئوقۇيدۇ، بىزدە بولۇپ ئۆتكەن ھېچنىمىزىم نەزەرىيەسى ئىسمىدىنلا ئۇ ھېچنىمە ئەمەس، ئۇ ناھايتى ئىنكار ئالمىشىدۇر، لېكىن، بۇ يەردىكى گەپ ئەزەلدىن نەزەرىيە بىلەن خوشى يوق بۇ مىللەتنىڭ مەتبۇئاتىدا خۇددى تىنچ كۆل سۈيىگە تاشلانغان چالمىدەك نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك دولقۇنلارنى پەيدا قىلالىدى، ناۋادا بۇ ھېچنىمىزىم نەزەرىيەسى نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ سېستىمىلىق تەتقىق قىلىنالىسا بىزنىڭ نەزەرىيە بوشلۇقىمىزغا قويۇلغان بىر ئۆزگىچە گۈل بولالىشى مۇمكىن، مەنچە، ئاشۇ «ھېچنىمىزم خىتابنامەسى» دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆزىلا بىر تالاي «كۆيدۈم-پىشتىم» شېئىرلىرىدىن كۆپ يۇقىرى تۇرىدۇ، مەنچە، تالايلىغان «مەشھۇر» لار ئەلنىڭ ئىچ باغرىغا تېگەلىگۈدەك «دىھقان بولماق تەس» دىگەن ئەسەرچىلىك بىرەر ئاممىباب شېئىر يازالىدىممۇ يوق ياكى ھېلىقى ھېچنىمە دىگەندەك ئېزىپ تېزىپ بىرەر قېتىم جۈيلۈمەلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئۇنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئۆزەمگە تۇشلۇق شەرھلەپ باقتىممۇ-يوق دىگەن سوئالنى ئۆزىدىن سوراپ تۇرسا ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مەن ئويلايمەنكى، بىر مىللەت توپىغا بىرەر دەۋردە ساناقلىق بىر نەچچە شائىر بولسىلا كۇپايە، قالغان ئىلىم ھەۋەسمەنلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار، ئەپسۇسكى، پەرزەندلىرىمىزدىكى تەبىئىي پەن گاللىقىنىڭ قايسى زامانلاردا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيمەن، ئەمما، مەن شۇنى تەقەززالىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن…

مەنچە، بۇندىن كېيىنكى مۇھىتتا جەمئىيىتىمىزدە شائىرنىڭ، ئومۇمەن، رولى بولمايدۇ، نۆۋەتتە بىزنىڭ تالايلىغان تالانتلىق ئىزچىلىرىمىز شائىرلىق كوچىسىدا تېنەپ تەمتىرەپ ئۆزىگە خەقتىن ئابروي ۋە ئىناۋەت تىلەپ ئۆزىنى پاخال قىلىشتىىن كۈرە، پەلسەپە ۋە ئۇنىڭدىن شاخلىنىپ چىققان نۇرغۇن پەنلەردە دونيانىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشى، يەنە زىيالىيلار توپىنىڭ تەڭدىن زور تولىسى زۈرۈرىي تەبىئەت پەنلىرىنى ئۈگىنىشى، پەبىئىي پەن ۋە ياسىمىچىلىق كەسپلىرىدە ئۈزگۈنلۈك يولىغا مېڭىشى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ-ئەڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. ئوت ياققىلى ئوتقاپ (يەنى سەرەڭگە) بىلەن ئىچىدىغان مىنرال سۇنى سىرتتىن كۈرگۈزۈپ تۇرۇپ يەنە زۇرۇقۇپ ئولتۇرۇپ يېزىلغان شېئىر ھەر قانچە دەبدەبەلىك بولسۇن، ھەر قانچە فەساھەتلىك بولسۇن، ئۇنىڭ خۇددى گۈزەل ھەم جەلبكار پاھىشەدىن پەرقى بولمايدۇ، ئۇنداق شائىرلار توپى خۇددى پادىشاھىنىڭ ئوسۇرۇقىنى گۈزەل ئىستىلىستىكا بىلەن مەھىيەلەۋاتقان ئوردا مەدھىيەچىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنداق قاملاشمىغان شائىرلاردىن بىرتال ئەسكى ياغاچتىن ئون تال قوشۇق ئويۇپ بازارنىڭ چەت بۇلۇڭىدا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان بوۋاي مىڭلارچە ئەبزەلدۇر.

2

بىزدە  ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى يىتۈكلەردىن نۇرغۇنلىرىنى  نوقۇللا شائىر دەپ قاراپ قېلىش ئومۇملىشىپ قالغان، ئەپسىۇسكى، ئۇنىڭ تولىمۇ يامان سۈپەتلىك قاراشلار ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشنى بىزلەر تېخى ئويلىشىپ ئۈلگۈرمىدۇق. يۇسۇپ خاس ھاجىپنى بىز فەرزەندلىرىمىزگە پەقەتلا :«مەشھۇ شائىر …، ئۇنىڭ مانداق شېئىرىي داستانى بار…» دەپلا چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇرمىز، ھەزرىتى ناۋائىنىمۇ شۇنداق، دىمەك بۇ خىل ئابرويخۇمارلىق تىپىدىكى تۇنۇشتۇرۇشلار سەبىي ئوماقلىرىمىزنىڭ قەلبىدە شېئىر بىلەن مەشھۇرلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر غەلىتە توغۇندىنى پەيدا قىلىپ سالىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ-تاڭ، «مەھمۇد قەشقەرى- مەشھۇر شائىر…» دىگەن چولتا چۈشەندۈرۈشلەرنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز، بۇيەردە تىلچى ئالىم دىگەن بىلەن شائىر ئوقۇمىنىڭ پەرقىنى پەرزەنتلىرىمىزگە چۈشەندۈرۈش بەسىي مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ، ھەممىمىز بىلىمىزكى، مەھمۇد قەشقەرى ئەسلى ئۇ شائىر ئەمەس ئىدى. مەن ئويلايمەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن نەۋائى بۇ ئىككى يىتۈك زات شائىرلىقنى كەسىپ قىلغان ئەمەس، شېئىر ئۇلارغا نىسبەتەن مەقسەد ئەمەس، بەلكى، جەريان ئىدى، شېئىر ئۇلارغا نىسبەتەن ئىككىلەمچى ئامىل ئىدى، ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ يىتۈك بىلىمدانلىرى، ئەلنىڭ سەركىلىرى، سىياسىيۇنلىرى ئىدى، ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭداشسىز تۇرغۇن يۇلتۇزلىرى ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تا بۈگۈنگىچە نۇر چېچىپ تۇرالىدى، بەلكىم ئۇلار ئۆزىنى ھەم نوقۇل شائىر سانىمىغان بولسا كېرەك.شۇڭا، يۇسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنىڭ مەغرىپتىن مەشرىققىچە تەڭداشسىز يىگانە ئەسەر ئىكەنلىكىنى مەغرۇرلۇق بىلەن بايان قىلسا، ئەلشىر نەۋائى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەن يازىدىغاننى ھەممىنى يېزىپ بولدۇم، مەندىن كېيىنكىلەر پەقەت ئۇنى تەكرارلايدۇ دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىيالىغان ئىكەن، لېكىن، بىزلەر تېخىچە ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تالىشىپ ئاۋارە…

بىز شائىرنى، شائىرلىقنى ئاشۇرۇپ كۆككە كۈتۈرۈشنىڭ جەمئىيەت ۋە مائارىپقا نىسبەتەن ئاستا خارەكتىرلىق بىھۇش دورىسى ئىكەنلىكىنى تېخى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىدۇق.

مەنچە، جەمئىيەتنى شېئىر يېزىش ئەمەس، بەلكى، تەبىئىي پەن، ياسىمىچىلىق ۋە سودا پائالىيەتلىرى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چاغداش شېئىرىيەت ھازىر سانائەت تۇرخۇنلىرىنىڭ ئىسلىرىدا تۇنجۇقۇۋاتىدۇ، تۇنجۇققانسىرى بېشى قېيىپ :«مەن بولمىسام بولمايدۇ، مەن دىگەن كارامەتمەن» دەپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئابروي كۇرسىدا ئۇخلاپ چۈشەكەپ ئۆزىنى ئۆزى پەپىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭا، شائىرلارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلىمەنكى، ئىلىم كوچىسىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلىۋالماڭلار، سىلەرنىڭ شېئىرىڭلارسىزمۇ جاھان ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىۋىرىدۇ. قاملاشمىغان قەلەملىرىڭلارنى قويۇڭلار، قېنى ياش شائىر ئاغىنىلەر، نوچى بولساڭلار قەلىمىڭلارنى جەمئىيەت زەنجىرىنىڭ بىر جان بېقىش ھالقىسىغا ئەمەس، بەلكى، مۇلازىمەت ھالقىسىغا، قۇرۇق شېئىر توقۇيدىغان ئىجادىيەتكە ئەمەس، بەلكى تەبىئىي پەن ئىختىرالىرىنىڭ چىشلىق چاقىغا ئايلاندۇرۇڭلار… سىلەردىن لاپ ئەمەس، قولۇڭلاردىن ئەمەلىي نەپ چىقسۇن… شېئىر دىگەننىڭ يۈزدە توقسان توققۇزى قۇرۇق گەپتۇر.

بىز گېرمانىيەلىكلەرنى ئانچە-مۇنچە بىلىمىز، جۈملىدىن، مەن ئۇ خەقنىڭ ئىككى قېتىم دۇنيا ئورۇشى قوزغىغانلىقىنى، ھەر ئىككىسىدە يىڭىلگەنلىكىنى، لېكىن، ئۇلارنىڭ ياۋرۇپانىڭ، ھەتتا، دۇنيانىڭ پاراۋۇزى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، مەن ئۇلارنىڭ مەشھۇر شائىرىنى بىلمەيمەن، نىمىسلارنىڭ گېگىل، فېييىرباخ، شۇپېنخاۋئېر، نىچىشى دىگەندەك پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىسمىنى بىلىمەن، ئۇلارنىڭ پەلسەپە مىللىتى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ماركىسىزىم نەزەرىيەسىنىڭ ئىختىراچىسى بولمىش كارل ماركىسنىڭ گىرمانىيەلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، ناۋادا ماركىس شائىر بولۇپ قالغان بولسا دۇنيانى ھازىرقىدەك تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قىيىن بولغان بولاتتى، مەنچە، نېمىسلار پەلسەپە ئاتىسى پىلاتوننىڭ ئۆزىنىڭ «غايىۋىي دۆلەت» ىدىن شائىرلارنى «قوغلاپ چىقارغان» لىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان بولسا كېرەك، ئەمما، ساماۋىي كىتابىمىزدىكى شېئىر توغرىسىدىكى :«شائىرغا پەقەت گۇمراھلارلا ئەگىشىدۇ» دىگەن ئايەت ھۈكۈملىرىنى، «سېنىڭ ئىچىڭ شېئىرغا تولغۇچە قان-يىرىڭغا تولسىچۇ» دىگەندەك ئەپسۇسلىنىشلارنى ھېلىغىچە ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمىدۇق، يىتۈك ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ شېئىرىيەتنى «ئىككىلەمچى نەرسە» دەپ بەرگەن باھاسىغا قايىل ئەمەسمىز، شۇنداقلا، ئەزىز نەسىننىڭ ئۆزىنىڭ پەقەت «شېئىرغا بولغان ھۆرمىتى ئۈچۈنلا  شېئىر يازمىغان» لىقىنى چۈشىنەلىگىنىمىز يوق، شۇڭا بىز داۋاملىق يېزىۋاتىمىز، يەنە يازىدىغانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى شېئىر… شېئىر يېزىش ياخشى ئىش، يېزىپ خاتىرىلىرىمىزدە ساقلاپ ئەستىلىك قىلساق ياخشى بولىدۇ، ئەمما، ئاتايىن مەشىق قىلىپ يېتىلدۈرگەن شۇ بىر مەلۇم شېئىرىي دىت ئۈچۈنلا شائىرلىق كوچىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئۆزىنىڭ يارىلىشتىلا تەقسىملەنگەن تالانتىنى كۈمۈۋېتىش كىرىزىستىن دېرەك بېرىدۇ، بىر ساۋاقسىشىم بار ئىدى، ئۇ شائىر ئادىل تۇنىياز ئەپەندى بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغاچقا ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ قانداق قىلغاندا شائىر بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۈگىتىپ قويۇشنى ئۈتۈنگەن ئىكەن، ئادىل تۇنىياز ئەپەندى ساۋاقدىشىمغا يازغان جاۋاب خېتىدە :«خوشنامنىڭ بىر ماڭقا بالىسى بار ئىدى، ئۆتكەن يىلى تەتىلدە يۇرتقا بارسام ئۇ بىر ساتراشقا شاگىرتلىققا كىرىپتىكەن، بۇ يىل بارسام ئۇ خېلى ئۇستا ساتراش بولۇپ قېلىپتۇ… لېكىن، مەن ھازىرغىچە شائىرلىقنىڭ ئۇستىسى بارلىقىنى ئاڭلىمىدىم…» دەپ قىزىقچىلىق قىلىپ قويغان ئىكەن، مۇشۇ مەسىلەلەر توغرىلىق خۇدابەردى ئابدۇللا «شىنجاڭ گېزىتى»(شىنجاڭ گېزىتى2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانى) دە ئېلان قىلغان «مەن نىمىشقا شائىر بولالمىدىم؟» ناملىق مۇلاھىزىسىدە «…كېيىن ئويلاپ باقسام، شېئىر يېزىش ھەۋىسى، قىزغىنلىقى، بىلىمى، تەجرىبىسى بولۇش كۇپايە قىلمايدىكەن، شېئىر يېزىش چوقۇم تەبىئىي تالانتنى شەرت قىلىدىكەن، تالانت بولمىسا ھەرقانچە كۆپ بىلىمى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، ھەۋەس- ئىشتىياقى بولسىمۇ ھەقىقىي شائىر بولغىلى بولمايدىكەن…» دەيدۇ، مەنچە، بۇ ئۆزىنى ئەمەلىيەت ئاساسىدا توغرا بايقاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇ شائىر بولالمىغىنىدىن ئەپسۇسلىنىش ئەمەس، ئۆزىنى توغرا بايقىيالىغىنىدىن خوشھال بولغىنىنى بايان قىلىپ كېلىپ يەنە: «تىرىشىپ قابىلىيەتلىك مۇخبىر بولغىلى بولغان بىلەن تالانت بولمىسا ماھارەتلىك شائىر بولغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ، ئەپسۇسكى، تالاي كىشىلەر ئۆزىنىڭ تالانتىنىلا ئەمەس، ھاياتىنى ئۆزىدە قىلچە دىت بولمىغان شېئىرئاتلىق ژانېرنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن قوغدىيالمايدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەت، بولۇپمۇ، شېئىر دىگەن نەرسە كۆپ ھاللاردا كىشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇنىڭ قايۇقتۇرۇشلىرىنى ھېس قىلىش بەك تەس، ئىنسان بەزىدە پۈتۈن ئۆمۈردىمۇ ئۇ خىل قايمۇقۇشنى ھېس قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى، شېئىر ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلىدۇر، ھېسسىيات دىگەن ئەقىل بىلەن سىغىشالمايدىغان نەرسە، دىنىي رىۋايەتلەردە شەيتان ئادەم ئاتىنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، شەيتان ئوقۇمىنىڭ كۈڭۈل ياكى ھېسسىيات بىلەن مەنەداشلىقى بارلىقىنى بىلىمىز، دىمەك، شېئىرغا بولغا ئوشۇقچە مەستانىلىق كىشىنىڭ ئەقىل بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ.  ئەقىلدىن يىراقلىشىش كىشىنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئويلاشماي بولمايدۇ، بۇنوقتىدىن ئېيتقاندا شائىرى يوق قەۋم ئامەتسىز بولۇشى ناتايىن، شائىرى بار قەۋم ئامەتلىك دىيىشمۇ پاساڭ باسمايدۇ، ئامىرىكىلىقلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىگە تۇشلۇق ئايان بولۇپ كەتتى، ئامىرىكىلىقلارنىڭ مەشھۇر شائىرى كىم؟ گىرمانىيەلىكلەرنىڭچۇ؟ … ئەگەر راستلا شائىرى بار قەۋم ئامەتلىك بولغان بولسا يۇقىرىقى ئەللەرنى بىزلەرگە قارىغاندا ئەڭ، ئەڭ تەلەيسىزلەر دىسەك بولىدۇ… بىزدە كىم تولا، شائىر تولا، بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىدى، ھېلىھەم شۇنداق. ئامىرىكىلىقلارنىڭ كاتتىلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن، ئۇلار شائىرلىق كوچىسىدا ئەمەس، چۈنكى، ئۇلار شائىرنىڭ قولىدىن چوڭ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى بۇرۇنلا تۇنۇپ يەتكەن بولسا كېرەك،ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندى قايسىبىر لېكىسىيەسىدە غەربلىك قايسىبىرىنىڭ شۇنداق بىر جۇملە سۆزنى نەقىل ئالغىنى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ :«تەبىئىي پېنى يوق مىللەت بىرنى تەپسىلا يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئىجتىمائىي پېنى يوق مېللەت بىرنى تەپمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ» يەنە شۇنى بىلىش ۋاجىپكى، شېئىر ئىجتىمائىي پەنگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ…شېئىر ئاچنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ قورسىقىنى تېرىمچىلىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئاشلىق تويغۇزىدۇ،  ئۇنىڭ قورسىقىنى ئەقىل بىلەن قۇراللانغا تەبىئەت پەنلىرى تويغۇزالايدۇ. دىمەك، نۆۋەتتە، شېئىر يېزىشقا مەستانىلەرچە بېرىلىش خۇددى قورساقنى ئاچ قۇيۇپ تۇرۇپ خەير ئېھسان قىلىش ھەققىدە ۋەز ئېيتقانغا ئوخشاشلا بىچارىلىق ۋە ئەخمەقلىق بىلەن ئاياقلىشىدۇ.

مەن شېئىر ئارقىلىق ھۆرمەت ئىزدەۋاتقان، ئابروي ئىزدەۋاتقان، مەشھۇرلۇق چۈشىنى چۈشەۋاتقان دوستلىرىمغا، ئىنى-سىڭىللىرىمغا دەيمەنكى، چۈشلىرىڭلاردىن ئويغىنىڭلار، شېئىر يېزىش ئارقىلىق كاتتا ئادەم بولۇش ئۈچۈن تەييارلىغان قەلەملىرىڭلارنى مەشكە تاشلىۋېتىپ ئىقتىسادشۇناسلىق، مىخانىكا، سودا، ئاندىن پەلسەپەدىن بۈلۈنۈپ چىققان بىرتالاي پەنلەرنى دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدە ئۈگىنىش ئۈچۈن ھايات سەپىرىڭلارغا مۇسابىقە ئېلان قىلىڭلار، ئۆزباش ئەپەندى، بىلگەجان ئەپەندى، شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى، بىلىمخۇمار ئەپەندى، بەكتۇر خانىم، مايسەم خانىم قاتارلىق نۇرغۇن- نۇرغۇن ئۆلگىلىرىمىز بار بولدى، شۇلارنىمۇ ئۆزىمىزگە ئۆلگە قىلايلى، دىمۇرات ئەپەندىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم پىشقان كەسپىي تەجىمەچىلەر توپىمىزمۇ بولسۇن، بىز شېئىردىن باشقا تۈرلەرنىمۇ ئىشلەيلى، ياشلىرىمىز شېئىرنى ھۆددە ئېلىۋالمايلى، شۇنداقلا، شېئىرنى بەك يوغان بىلىپمۇ كەتمەيلى، ئۇنى ئامىتىمىزنىڭ بەلگىسى قىلىۋالمايلى، ئۇنداق دەۋر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، شېئىرنى يازىدىغان بىزدىن بىر نەچچە ئادەم بولسىلا بولدى، مەسىلەن، چوڭلىرىمىزدىن بۇغدا ئابدۇللا مۇھەممەدجان راشىددىن قاتارلىق بىرنەچچەيلەن، «يېڭىچە» يازىدىغانلاردىن ئادىل تۇنىياز قاتارلىق بىر نەچچەيلەن، بالىلار شېئىرى يازىدىغانلاردىن ياسىن ئابدۇقادىر قاتارلىق بىر نەچچەيلەن قالسۇن، بىزنى شېئىرنى سېغىنغىلى يول قويۇڭلار، بىزمۇ شېئىرنى سېغىنايلى، شېئىرسىراپ قالايلىكى، شېئىر بىزدىن كەم دىدارراق بولسۇن، ياسىن ئابدۇقادىر مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق كەسىپدىشىم ھەم سىرداش ئاغىنەم، ئۇ مەخسۇس بالىلار شېئىرى يازىدۇ، مەن ئۇنىڭ ھەر بىر يىڭى شېئىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى، مەن بەزىدە ئۇنىڭ شېئىرىي تالانتىغا قايىل بولۇپمۇ قالىمەن، لېكىن، مەن ئۇنىڭ بىرتاغار شېئىرىدىن :«سېركچىنىڭ شىرى ۋە ئورماندىكى شىر»، «سوقراتنىڭ ئوقۇتۇش سەنئىتى» ماۋزۇسىدىكى ئىككى پارچە ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنى كۆپ ئەبزەل بىلىمەن.(داۋامى بار)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 01:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىنى باشلاپسىز. قوللايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31292
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4225 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر يازماق كەتتى تەسلىشىپ،
تۈمەن شائىر بىلەن بەسلىشىپ.......

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئۆلۈم مۇتلەق ھەق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58550
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5378
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز قېرىندىشىم. شائىرلار  ھەققىدە بۇنچە كۆپ قوساق  كۆپۈكىڭىزنىڭ بارلىقىنى  ئويلىماپتىمەن. شۇنچىلىك تۇشۇپ كىتىكپسىزكى   تېمىڭىزنى ئاخىرغىچە ئوقۇشقىمۇ تاقەت قىلىپ بۇلاممىدىم.قارىسام  شېئىر ۋە  شائىر ھەققىدىكى  قاراشلىرىڭىز تولىمۇ بىر تەرەپلىمە ئىكەن .شۇنداقلا  تېمىڭىزنى شىائىرلار  ھەققىدىكى پىكىر دىگەندىن كۆرە شەخسى قوساق  كۆپۈكى دىگەن  ياخشىدەك تۇرىدۇ.

بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان جاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرىپ قويسام كوچاڭغا قاۋاپ كەتتى ئىتلىرىڭ


مۆرىسەڭمۇ مۆرىگىن لىكىن تەپمە يۈرەككە ،
چاقتى ھەجەپ تېرەمنى يامان ئىكەن پىتلىرىڭ.
جانان كوچا ئىچىدە سۆيمىدىڭمۇ جاناننى ،
مەن بۇ كوچىغا كىرىمەن قاۋىمىسۇن ئىتلىرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:49:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى مۇلاھېزىلەر بوپتۇ.شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن نەزەر تاشلاش كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش