ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە مەرسىيە
تۇرسۇنجان سالامەت شەۋقى
كەتتىڭ سەن ھەممىنىڭ كۆزىنى ياشلاپ،
خەلقىمنىڭ ئۈمىدى قەلبىنى تاشلاپ.
سىرغىدى ئۈمىدلىك كۆزلەردىن ياشلار،
قولىنى كۆتۈردى دۇئالار باشلاپ.
ئالتايدىن خوتەنگە، غۇلجا، قۇمۇلغا،
سىمىۋول ئىدىڭ سەن تۈرك-ئۇيغۇرغا.
چېمپىيون ئاتالغان باتۇر ئوغلانسەن،
شان شەرەپ كەلتۈرگەن پۈتكۈل ئۇيغۇرغا.
تونۇتقان ئىدىڭ سەن باتۇر مىللەتنى،
جىسمىڭدىن يورۇتقان كۈچ ھەم قۇدرەتنى.
ئەل يۇرتنىڭ ۋەتەننىڭ ئارزۇ ئۈمىدى،
ئاسىيادىن ھالقىتقان بەرگەن پۇرسەتنى.
ئايرىلدۇق سىەندىن ئەي شەرەپ شانىمىز،
خەلقىمىز ئوغلانى يۈرەك پارىمىز.
ئەلۋىدا ئەزىمەت، ئەلۋىدا جامباز،
ئابدۇراھمان ئابلىكىم قەھرىمانىمىز،
ئاللاھ پەخرىمىز ياراملىق قەھرىمانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە جەننەتتىن ئورۇن بېرىشىنى تىلەيمىز.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ (ئۈرۈمچى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 02:38 PM