- توردا
- 69 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-1
- ياخشى باھا
- 90
- مۇنبەر پۇلى
- 3566
- تۆھپە نۇمۇرى
- 90
- تىزىملاتقان
- 2012-7-28
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 66
- تېما
- 25
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 91
- UID
- 83136
|
|
|
|
|
سوقراتنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- n% v7 j* p: u4 Q4 a- J. U
ئەپلاتون ( قەدىمكى گىرېتسىيە )بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" r9 u* T9 B+ d& f3 r {! G
تەرجىمە ئەسەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% e" Z8 M! D zبۇ رەسىم بولسا :ئافىنا قەلئەسى ، سوقراتنى مۇشۇ يەردە سوتلىغان.
ئافىنا
بۇ رەسىمدە بولسا :سوقرات سوتتا ئۆزىنى ئاقلىماقتا
سوقرات سوتتا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; r. l3 C( h- _* ]$ a, \0 i بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 @4 y8 Q4 o% X! a7 @
ئەي ! قېرىنداشلار ، دەۋاگەرلەرنىڭ مېنى قارىلاپ قىلغان سۆزلىرى سىلەرگە قانداق تەسىرات بەردى ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ؛ بىراق ئۇلارنىڭ قايىل قىلارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاي دېدىم ، ئۇ سۆزلەرنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى مۇشۇنداق چوڭ بولدى ؛ ھالبۇكى ، ئۇلار بىر ئىغىزمۇ ھەق گەپ قىلغىنى يوق . گەرچە ئۇلارنىڭ يالغان گەپلىرى بىر تاغار بولسىمۇ ، بىراق ئاشۇ يالغان گەپلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر گەپنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كەپكەتتى : ئۇلار سىلەرگە ھوشۇڭلارنى تېپىشىڭلارنى ، مېنىڭ گەپدانلىقىمنىڭ كۈچى تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئەسكەرتتى . ئۇلار بۇنىڭدىن نومۇس قىلسا بولاتتى ، چۈنكى مەن ئىغىزىمنى ئېچىپ جۆيلۈشۈمگىلا ئۇلار بۇنى سىزەلەيتتى ؛ ئۇلار يۈزىنى داپتەك قىلىپ تۇرۇپ بۇ گەپنى دېگەن ئوخشايدۇ . ئەگەر ئۇلار گەپدانلىقنىڭ كۈچىنى ھەقىقەتنىڭ كۈچى دەپ چۈشەنگەن بولسا بۇ باشقا گەپ : ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولسا ، مەن ئۆزۈمنىڭ گەپدانلىقىمغا ئىقرار . بىراق ، مېنىڭ گەپدانلىقىم بىلەن ئۇلارنىڭ گەپدانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نەقەدەر زور ھە ! نىھايەت ، مەن بايا دېگەندەك ، ئۇلار جىق بولسا بىرەر ئىغىز ھەق گەپ قىلدى ؛ بىراق بارلىق ھەقىقەتنى سىلەر مەندىن ئاڭلايسىلەر . ۋاھالەنكى ، مەن ئۆزۈمنىڭ دېمەكچى بولغان ھەقىقەتلىرىمنى ئۇلارغا ئوخشاش ئالدىن تەييارلانغان چىرايلىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ياساپ پەردازلاپ ئولتۇرمايمەن . دەرۋەقە ئۇنداق قىلمايمەن ! بەلكى ، مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە كاللامغا كەلگەن سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىمەن ؛ چۈنكى ، مەن شۇنىڭغا جەزم قىلالايمەنكى ، بۇنداق قىلىش توغرا. يەنە كىلىپ ، ئەي ئافىنالىقلار ، مەن ياشاپ بۇ ياشقا كەلگەندە ئالدىڭلاردا كىچىك بالىدەك سۆزلەپ يۈرسەم بولمايدۇ : ھېچكىم مېنى شۇنداق قىلارمىكىن دەپ ئۈمىد كۈتمىسۇن . سىلەردىن بىر ئىشنى ئۆتۈنىمەن : ئەگەر مەن ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ، سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار شەھرىمىزدىكى جامائەت سورۇنلىرىدا شۇنداقلا سودا-سېتىق ئورۇنلىرىدا دائىم ئاڭلايدىغان سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئاقلىسام ، ھەيران قالمىساڭلاركەن ، شۇنداقلا گېپىمنى بۆلۈۋاتمىساڭلاركەن دەيمەن . چۈنكى مېنىڭ يېشىم يەتمىشتىن ئاشتى ، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سوتقا چىقىشىم ، بۇ سورۇننىڭ قائىدىسىگە دەماللىققا كۆنۈپ بولالمايمەن ؛ شۇڭلاشقا مېنى بىر پۈتۈنلەي ناتونۇش كىشى دەپ قارىشىڭلارنى ، ئۆزۈمنىڭ كۆنگەن يەرلىك گېپىم بويىچە سۆز قىلسام ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن : مېنىڭچە بۇ تەلىپىم بەك ئېشىپ كەتمىدى . سۆزلەش ئۇسۇلۇمنىڭ ياخشى-يامانلىقى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ؛ پەقەت مېنىڭ مەسىلەمنىڭ ھەق-ناھەقلىكىگىلا قاراڭلار . شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلار : زاسېداتېللار ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن ، سۆزلىگۈچى ھەقنى سۆزلىسۇن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 n r, H/ a) l4 W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" b3 o$ c0 b. y ئالدى بىلەن مەن كونا ئەيىبلەشلەرگە شۇنداقلا مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەيىبلىگۈچىلىرىمگە رەددىيە بىرىمەن ، ئاندىن كېيىن يېقىنقى ئەيىبلىگۈچىلەرگە رەددىيە بىرىمەن .چۈنكى مېنىڭ نۇرغۇن ئەيىبلىگۈچىلىرىم بار ، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان مېنى قارىلاپ كەلمەكتە ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ناھەق ئەيىبلەشلىرى نۇرغۇن يىللار داۋام قىلدى ؛ گەرچە ئانت ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قورقۇنچلۇق بولسىمۇ ، بىراق ئۇلارغا قارىغاندا ، مەن كونا ئەيىبلىگۈچىلەردىن بەكرەك قورقىمەن . بۇ ئەيىبلىگۈچىلەر سىلەر بالا ۋاقتىڭلاردىلا باشلانغان ،ئۇلار كاللاڭلارنى ماڭا بولغان ناھەق ئەيىبلەشلىرى بىلەن توشقۇزۇپ ، سىلەرگە : " سوقرات دەپ بىردانىشمەن بار ، ئۇ ئۈستىمىزدىكى ئاسماندىن تارتىپ ئاستىمىزدىكى يەرگىچە بىرنى قويماي ھەممىنى تەتقىق قىلىدۇ ، يەنە كېلىپ ئاق-قارا، ياخشى-ياماننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋىتەلەيدۇ " دېيىشكەن . بۇ ئەيىبلىگۈچىلەردىن مەن تولىمۇ قورقىمەن ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ پىتنە-پاساتنى بولۇشىچە تارقاتقۇچىلاردۇر ، يەنە كىلىپ ئۇلار ئاسانلا " كىم ئاسماننى ۋە يەرنى تەتقىق قىلسا شۇ ئىلاھلارغا ئىشەنمەيدۇ " دەپ قالىدۇ . بۇنداق ئەيىبلىگۈچىلەر ساماندەك تولا ، ئۇلارنىڭ ئەيىبلەشلىرى بولسا كونىراپ شالىقاڭىشىپ قالغان . ئۇلار سىلەر تېخى گۆدەك ۋە ياش ۋاقتىڭلاردىلا ، سىلەر باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان يۇمران چاغلاردىن تارتىپلا ماڭا بولغان ئەيىبلەشلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئىدىيەڭلارنى سۇغىرىپ كەلگەن ، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ گېپى گەپ بولىۋەرگەن ، ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىغان .شۇنداقلا ئەڭ تەس بولغىنى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر دراماتورگتىن باشقا ، مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن ، شۇڭا سىلەرگە دەپمۇ بىرەلمەيمەن . بىراق بۇ تۆھمەتخورلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە زەھەرخەندىلىكى تۈپەيلىدىن سىلەرنىمۇ كۆندۈرىۋالدى ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ماڭا قارىتا ناھەق كۆز قاراشنى شەكىللەندۈردى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى كۆپچىلىككە بولۇشىچە تارقاتتى —— بۇلارنى جايلىماق ئەڭ تەس ، چۈنكى ئۇلارنى بۇ يەرگە چاقىرىتىپ كېلىپ يۈزلەشتۈرۈشكە ئامال يوق . شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈمنى ئاقلىغاندا ئۇلارنىڭ كۆلەڭگۈسى بىلەن جاڭجاللاشمىسام بولمىدى ، يوق ئادەم بىلەن يۈزلىشىدىغان بولدۇم . شۇڭلاشقا ، مەن سىلەرنىڭ مۇنداق قاراشتا بولۇشۇڭلارنى سورايمەن ، بۇنى مەن بايا دەپ بولغان ، يەنە دەي : مېنى ئەيىبلەيدىغان ئىككى گورۇھ بار ، بىرسى يېقىنقى ، يەنە بىرسى بۇرۇنقى ؛ بۇرۇنقى ئەيىبلىگۈچىلىرىمگە ئالدى بىلەن رەددىيە بىرىشىمگە رۇخسەت قىلساڭلار ، چۈنكى باشقا ئەيىبلەشلەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا ، سىلەر بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئۇزۇندىن بۇيان ، دائىم دېگۈدەك ئاڭلاپ كېلىۋاتىسىلەر .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 F* G( T! ~3 ?! M2 W خوش ، ئۆزۈمنى ئاقلاشنى باشلايمەن ، شۇنداقلا رەددىيە بېرىشىم جايىز بولۇۋاتقان بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا ، كاللاڭلاردا ماڭا قارىتا ئۇزۇندىن بېرى شەكىللىنىپ قالغان مېنى رەزىل دەيدىغان خاتا تەسىرلەرنى تازىلاشقا تېرىشىمەن ؛ ئەگەر بۇ سىلەرگىمۇ ، ماڭىمۇ ياخشى بولسا ، مېنىڭ سۆزلىرىمنى قوللىساڭلار، ئۇنداقتا مۇۋەپپىقىيەت قازانسامكەن دېگەن ئۈمىدىم بار . بىراق بۇنى قىلىشنىڭ تەسلىكى ماڭا ئايان ، ۋەزىپىنىڭ مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . تەڭرى خالىسا ، مەن قانۇن بويىچە ئۆزۈمنى ئاقلايمەن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( }, i' x. W+ @+ `2 } l& r
مەن گەپنى باشتىن باشلاپ سۆزلەي ، شۇنداقلا ماڭا قىلىنغان تۆھمەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، مولتۇسنى ماڭا قارشى چىقىشقا قۇتراتقان نەرسىنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىر سوراي . تۆھمەتخورلار زادى نېمە دەيدۇ ؟ ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ، ئۇلارنىڭ شىكايەتنامىسىنى مەن مۇنداق يىغىنچاقلاي : " سوقرات بولسا رەزىللىك سادىر قىلغۇچى ھەمدە بىر قىزىققۇچى ، ئۇ يەر تېگىدىكى ۋە ئاسمان ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئىزدىنىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇ ياخشى-ياماننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ ؛ ئەڭ يامىنى ، ئۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ تەلىماتلارنى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ . " ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئومۇمەن مۇشۇلاردىن ئىبارەت ، بۇنى سىلەر ئارستوفېننىڭ درامىلىرىدىن كۆرگەن ؛ ئارىستوفېن درامىسىدا سوقرات ئىسىملىك بىر كىشىنى تونۇشتۇرىدۇ ، بۇ سوقرات نەمۇ-نە بىرىپ ، كىشىلەرگە ئاسماندا ماڭالايمەن دەپ داۋراڭ سېلىپ ، ئۇلارغا مەن ئۆزۈم ھېچنېمىسىنى بىلمەيدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا بىر تاغارنى جۆيلۈيدۇ . مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى كەمسىتمەكچى ئەمەسمەن . ئەگەر مولتۇس مېنى شۇنداق قىلدى دەپ ئەيىبلىمەكچى بولسا ، مەن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن . بىراق ، ئەي ئافىنالىقلار ، ھەقىقەت شۇكى ، مېنىڭ بۇ تۈردىكى ئىزدىنىشلەر بىلەن قىلچىلىك ھەپسىلەم يوق . سوتتىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭ چىنلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ ، بۇنى ئۇلارغا تاپشۇردۇم . گەپ قىلىڭلار ، ئەي ، مېنىڭ سۆزلىگىنىمنى ئىلگىرى ئاڭلاپ باققان كىشىلەر ، دەڭلار ، مېنىڭ ئۇ نەرسىلەر توغرىسىدا ھېچقاچان سۆزلەپ باقمىغانلىقىمنى يېنىڭلاردىكى كىشىلەرگە دەڭلار ... ھۆرمەتلىك زاسېداتېللار ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىدىڭلار . ئۇلارنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىدىن باشقا ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ راسىت-يالغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرالايسىلەر .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; V, k. D: e5 v, K, s; s0 \ ئۇلارنىڭ مېنى باشقىلارغا تەلىم بېرىپ پۇل ئالىدۇ دەيدىغانغىمۇ تۈزۈك ئاساسى يوق ؛ بۇ باياتىنقى ئەيىبلەشكە ئوخشاشلا ناھەق .ئەلۋەتتە ، ئەگەر بىر ئادەم باشقىلارغا تەلىم بېرىشكە ماھىر بولغانلىقتىن باشقىلار ئۇنىڭغا پۇل بەرسە بۇنى مەن ھۆرمەتلەيمەن . لىئونتىنلىك گورگىيا ، كېئېسلىق پرودىك ۋە ئېلىسلىق ھىپىئاسقا ئوخشاش كىشىلەرلا شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ ، ياشلارنى قىزىقتۇرۇپ ، ئۇلارنى يۇرتىدىكى بىكارغا تەلىم بېرىدىغان قۇرداشلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆزىگە ئەگىشىشكە قايىل قىلالايدۇ . ئەگەشكەندىن كېيىن ، ياشلار بۇ ئۇستازلىرىغا ھەق بېرىپلا قالماي ، يەنە تېخى ھەق بېرىشكە رۇخسەت قىلىنسا شادلىنىپ كېتىشىدۇ .ئەمەلىيەتتە ئافىنادا بىر پارىئوسلۇق پەيلاسوپ بار ، مەن ئۇنى ئاڭلىغان . ئەھۋال مۇنداق . مەن سوفىستلارغا كۆپ پۇل خەجلىگەن بىر كىشىنى ئۇچراتتىم . ئۇ ھىبونىكنىڭ ئوغلى كالىئاس ئىدى ، ئۇنىڭ بىر قانچە ئوغۇللىرى بارلىقىنى بىلەتتىم ، ئۇنىڭدىن سورىدىم : بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ~, S. k0 u8 D
- كالىئاس ،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا ،- ئەگەر سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تايچاق ياكى موزاي بولغىنىدا ، بىز ھېچ قىينالمايلا ئۇلارنى كۆندۈرىدىغان بىر ئادەمنى تاپالايتتۇق : بىز يا يىلىقچىدىن بىرنى ، يا دېھقاندىن بىرنى تېپىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بولغان تۇغما ئىقتىدارىنى ۋە مۇكەممەللىكىنى يېتىشتۈرسەك بولاتتى ؛ بىراق ئوغۇللىرىڭ بولسا ئىنسان بالىسى ، ئۇنداقتا سەن كىمنى ئۇلارنىڭ تەربىيەلىگۈچىسى قىلىپ تاللىماقچى بولۇۋاتىسەن؟ ئىنساننىڭ تەبىئىي تۇغما پەزىلىتىنى كىم چۈشىنىدۇ ؟ ئوغۇللىرىڭ بولغاندىكىن بۇلارنى ئويلىشىڭ كېرەك ؛ بىرەرسىنى دىتلىدىڭمۇ ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) H( T9 T; x- ^
-دىتلىدىم،-دېدى ئۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ l- b0 g/ g+ \* \( ~+ d
-كىم ئۇ ؟-دېدىم مەن،-ئۆزى قەيەرلىك ؟ قانچە پۇل ئالىدىكەن ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! y: f, R5 Y0 P -پارىئوسلۇن ئېۋىن،-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ،-مېنىڭ دىتلىغىنىم مۇشۇ ئادەم . ئۇ 500 دراخم ھەق ئالىدىكەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ A6 [9 k6 C! |, U* w+ A, [2 V5 o "'ئەگەر ئېۋىن راستىنلا پاراسەتلىك بولسا ھەم شۇنداق ئەرزان باھا بىلەن تەلىم بەرسە ، ئۇنىڭغا خۇشاللىق يار بولسۇن " دېدىم مەن ئۆزۈمگە . ئەگەر مېنىڭمۇ مۇشۇنداق پاراسىتىم بار بولغان بولسا ، مەن ئىپتىخارلىنىپ گىدىيىپ يۈرگەن بولاتتىم ؛ بىراق ھەقىقەت شۇكى ، ئەي قېرىنداشلار ، مەندە ئۇنداق پاراسەت يوق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) M' ?+ {. t3 _0 r: G% } مەن جەزم قىلىمەنكى ، گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بەزىلىرىڭلار شۇنداق سورايسىلەر : " ئەمىسە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ، سوقرات ، ساڭا بولغان شىكايەتلەر زادى نەدىن كەلگەن : سەن چوقۇم قاملاشمىغان بىرەر ئىش قىلىپ قويغانسەن ؟ ئەگەر سەن باشقا نورمال كىشىلەردەك يۈرگەن بولساڭ ، سېنىڭ بۇنچىۋالا نامىڭمۇ چىقمىغان ، سەن توغرىسىدا سۆز-چۆچەكلەرمۇ بولمىغان بولار ئىدى ؟ شۇڭلاشقا ، بىزگە دېگىن ، سوقرات : زادى نېمە دەپ بۇ ئىش چىقتى ؟ ساڭا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارغۇمىز يوق . " مېنىڭچە بۇ بىر يوللۇق تەلەپ ، شۇڭلاشقا مەن مېنىڭ " دانىشمەن " دەپ ئاتىلىپ قىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى ، بۇ رەزىل نام-ئاتاقنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈشكە تېرىشىمەن . ئوبدان ئاڭلاڭلار . بەزىلىرىڭلار مېنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دەپ قىلىشىڭلار مۇمكىن ، بىراق مەن شۇنى جاكارلايمەنكى ، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت . ھۆرمەتلىك زاسېداتېللار ، مېنىڭ " دانىشمەن " دېگەن بۇ نامىمنى مەندە بار دەپ قارالغان مەلۇم بىر پاراسەت ماڭا ئېلىپ كەلگەن . ئەگەر مەندىن " ئۇ قانداق پاراسەت " دەپ سورىساڭلار ، جاۋابىم شۇكى ، ئەگەر مەندە بارى ئىنسان بالىسىلا بولىدىكەن چوقۇم ئېرىشەلەيدىغان مۇشۇ خىلدىكى پاراسەت بولسا ، مەن ئۆزۈمنىڭ دانىشمەن ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەممۇ ئىشىنەي ؛ ھالبۇكى ، مەن بايا دەۋاتقان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان بىر پاراسىتى بار ، ئۇنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن ، چۈنكى ئۇنداق پاراسەت مەندە يوق ؛ مېنى شۇنداق پاراسىتى بار دەپ تۇرىۋالغان ئاشۇ كىشى قىپقىزىل يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ ، شۇنداقلا مېنىڭ كىشىلىك شەخسىيىتىمنى بۇرمىلاۋاتىدۇ . سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ، گېپىمنى بۆلمەڭلار ، قېرىنداشلار ، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئىشلارنى مۇبالىغىلەشتۈرىۋەتكەندەك كۆرۈنسەممۇ گېپىمنى بۆلمىسەڭلار ، چۈنكى مەن ھازىرلا دېمەكچى بولغان گەپ مېنىڭ گېپىم ئەمەس . مەن نوپۇزلۇق بىر گۇۋاھچىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن ، ئۇ سىلەرگە مېنىڭ پاراسىتىمنىڭ بار –يوقلۇقىنى ، بار بولسا ئۇنىڭ قانداق پاراسەت ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ ، بۇ گۇۋاھچى دەل دېلفى ئىلاھى . سىلەر كايرېفوننى چوقۇم تونۇيسىلەر ؛ ئۇ ئىلگىرى مېنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى ، ئەلۋەتتە ئۇ ھەم سىلەرنىڭمۇ دوستۇڭلار ، چۈنكى ئۇ سۈرگۈندە سىلەر بىلەن بىللە ئىدى ، سىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن ئىدى . سىلەر بىلىسىلەر ، كايرېفون ھەر بىر ئىشىدا ئىنتايىن قارام بىر ئادەم . ئۇ توپتوغرا دېلفى ئىلاھىنىڭكىگە بېرىپتۇ-دە ، قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۇنىڭدىن بۇ جاھاندا سوقراتتىنمۇ —— بايا دېدىم ، گىپىمنى بۆلۈۋەتمىسەڭلار دەپ —— قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۇنىڭدىن بۇ جاھاندا سوقراتتىنمۇ پاراسەتلىكرەك ئىنسان بارمۇ-يوق دەپ سوراپتۇ . ئايال كاھىن " يوق " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . كايرېفون دېگەن بۇ ئادەم ھازىر ئاللىقاچان ئۆلدى ، بىراق ئۇنىڭ قېرىندىشى بۇ ھېكايىنىڭ چىنلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ قېرىندىشى بۇ سوتتا بار . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ v: i9 W6 ~! g1 l5 u, p
نېمىشقا بۇنى سىلەرگە دەيمەن ؟ چۈنكى مەن سىلەرگە مېنىڭ قانداق قىلىپ بۇ رەزىل نامغا نايىل بولۇپ قالغانلىقىمنى چۈشەندۈرمەكچى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم : ئىلاھنىڭ مۇددىئاسى زادى نېمىدۇ ؟ بۇ سىرنى قانداق چۈشەنگۈلۈك ؟ چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ پاراسىتىمنىڭ يوقلۇقىنى ئوبدان بىلەتتىم ، مەيلى ئۇ پاراسەت چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن . ئىلاھ مېنى دۇنيادىكى ئەڭ پاراسەتلىك ئادەم دېگنىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقاندۇ ؟ ۋاھالەنكى ، ئىلاھ بولغانىكەن ئۇنىڭ يالغان سۆزلىشى مۇمكىن ئەمەس ؛ يالغانچىلىق ئۇنىڭ تەبئىيتىگە خىلاپ . چوڭقۇرلاپ ئويلانغاندىن كېيىن ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسىنى ئويلاپ تاپتىم . مېنىڭ ئويۇمچە ، ئەگەر مەن مەندىنمۇ پاراسەتلىكرەك بىرەر ئادەمنى تاپالىساملا ، ئىلاھنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇنىڭ پىكىرىگە رەددىيە بىرەلەيتتىم . ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا شۇنداق دەيتتىم : " بۇ ئادەم مەندىنمۇ بەكرەك دانىشمەن ئىكەن ، بىراق سەن مېنى ھەممىدىن بەك دانىشمەن دەپسەن ." شۇنداق قىلىپ ، مەن دانىشمەن دەپ ئاتالغان بىرسىنى ئىزدەپ باردىم ھەم ئۇنى كۆزەتتىم ، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ ئولتۇرمايمەن . ئۇ بىر سىياسىئون بولۇپ ، ئۇنى دەڭسەپ باقتىم ، نەتىجىسى مۇنداق بولدى : ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى باشلىغىنىمدا ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ ئۆزى ۋە نۇرغۇن باشقىلار ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا پاراسەتلىك ئەمەسلىكى كاللامغا كېرىۋالدى ؛ بېرىپ ئۇنىڭ گەرچە ئۆزىنى پاراسەتلىك سانىسىمۇ بىراق ئۇنچىۋالا پاراسەتلىك ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە تېرىشتىم ، نەتىجىدە ئۇ مەندىن رەنجىپ نەپرەتلەندى ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغان سورۇندىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ماڭا بولغان بۇ دۈشمەنلىكىنى ئورتاقلاشتى . شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم ، كېتىۋىتىپ ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم : " قارىمامسەن ، گەرچە مەن ھېچقايسىمىزنى گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق توغرىسىدا بىرەر نەرسىنى بىلىدىكەن دەپ قارىمىساممۇ ، بىراق مەن ئۇنىڭدىن ياخشىراق ئوخشايمەن – چۈنكى ئۇ ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن ، يەنە تېخى ئۆزىچە ھەممىنى بىلىمەن دەپ ئويلايدىكەن . مەن بولسام بىلمەيمەن ، ھەم بىلمەن دەپمۇ ئويلىمايمەن . مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، مەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئەقىللىق ئوخشايمەن . " ئۇنىڭدىن كېيىن ، مەن پەلسەپىدە تېخىمۇ مەشھۇر دەپ قارالغان بىراۋنى ئىزدەپ باردىم ، نەتىجىسى ئوپمۇ-ئوخشاش بولدى . مەن يەنە بىر دۈشمەنلىك بولدۇم ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇ دۈشمەنلىكنى ئورتاقلاشتى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' s B- ^- u5 o+ J6 k" M4 w
مۇشۇ ئىشتىن كېيىن ، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىزدەپ باردىم ، بۇ جەرياندا ئۆزۈم تېرىغان دۈشمەنلىكنى بىلمىدىم ئەمەس ، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ھەم ئازراق قورقتۇم : بىراق مەندىكىسى مۇقەددەس بۇرچ ئىدى ، تەڭرىنىڭ سۆزىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشۇم كېرەك ئىدى .ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم : ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغانلارنىڭ بىرىنى قويماي زىيارەت قېلىشىم ، ئىلاھنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشىم كېرەك . قەسەم قىلايكى ، قېرىنداشلار ، ئىتنى شىپى كەلتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن ! چۈنكى سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىمىسەم بولمايدۇ . مېنىڭ بۇرچۇمنى ئادا قېلىشتىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان نەتىجە مۇنداق : نامى ئەڭ مەشھۇر بولغان كىشىلەر ئەڭ ھاماقەت ئىكەن ؛ بەزى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ئەقىللىقراق ۋە ياخشىراق كېلىدىكەن . مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ سەيياھلىق ھاياتىمنى ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىمنى سۆزلەپ بېرىمەن ، بۇنىڭ نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى ، دېلفى ئىلاھى راسىت گەپ قىپتۇ . مەن سىياسىئونلاردىن ئايرىلىپ شائىرلارنى ئىزدەپ باردىم ؛ دراماتورگ ، لېرىك شائىر ۋە تراگىدىيەچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىزدىدىم . ئۆز ئۆزۈمگە : " مانا ئەمدى نادانلىقىڭ ئاشكارىلىنىدىغان بولدى ، شائىرلار چوقۇم سەندىن پاراسەتلىك " دېدىم . شۇنداق قىلىپ ، مەن ئۇلارغا ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى دەپ قارايدىغان ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىدىم ، شائىرلارنى ماڭا بىرەر نەرسىنى ئۆگىتەلەمدىكىن دەپ شۇنداق قىلدىم . ماڭا ئىشىنەمسىلەر ؟ بۇنى دېيىشتىنمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن ، بىراق دېمىسەم زادى بولمىدى : ھەر قانداق باشقا بىرسى بۇ شىئېرلارنى ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرىدىنمۇ ياخشىراق چۈشەندۈرەلەيدىكەن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ~. m3 u1 i- O( k T' h
شائىرلارنىڭ ئۆزىدىكى پاراسەت تۈپەيلىدىن ئەمەس ، بەلكى قانداقتۇر بىر تۇغما تالانت ياكى بىر دەملىك ئىلھام تۈپەيلىدىنلا شىئېر يازىدانلىقىنى شۇئان بىلىپ يەتتىم ؛ ئۇلار خۇددى پەيغەمبەر ياكى ھۆكۈمالارغا ئوخشاش نۇرغۇن گۈزەل سۆزلەرنى قىلىدىكەن ، بىراق شۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىكەن . شائىرلارنىڭ شىئېر يېزىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغاندەك كۆرۈندى ؛ تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق مەن شۇنى بىلىپ يەتتىمكى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شىئېرلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆزلىرىنى باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردىمۇ ھەممىدىن پاراسەتلىك دەپ ھېسابلايدىكەن ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەسكەن . شۇڭا ، مەن سىياسىئونلاردىن ئايرىلغان چاغدىكى مېنى ئەقىللىق ھېس قىلدۇرغان سەۋەب بىلەن ئوخشاش بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ، ئۆزۈمنى شائىرلارغا قارىغاندا ئەقىللىكرەك ھېس قىلغان ھالدا ئۇ يەردىنمۇ كەتتىم . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- P' L6 ] U8 P) ^6 ^
ئەڭ ئاخىرىدا مەن ھۈنەرۋەنلەرنى زىيارەت قىلدىم . چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ھۈنەرۋەنلىككە ئالاقىدار ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلەتتىم ، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم ؛ بۇ قېتىم مەن راسىنلا خاتالاشماپتىمەن ، ئۇلار دەرۋەقە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىكەن ، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، ئۇلار دەرۋەقە مەندىن بەكرەك پاراسەتلىك ئىكەن . بىراق كۈزىتىشىمدىن مەلۇم بولدىكى ، بىر مۇنەۋۋەر ھۈنەرۋەنمۇ شائىر ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى سادىر قىلىدىكەن ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇستا ھۈنەرۋەن بولغاچقا ، ئۆزىنى باشقا ئىشلارغىمۇ ئوخشاشلا ئۇستا دەپ ئويلايدىكەن ، بۇ خىل كەمچىللىك ئۇلارنىڭ پاراسىتىگە دەز كەتكۈزۈپتۇ . شۇنداق قىلىپ مەن ئىلاھقا ۋاكالىتەن ئۆزۈمدىن سورىدىم : مەن ئىلگىركى ئۆزۈمدەك بولۇپ ، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بىلىمىنىمۇ ، نادانلىقىنىمۇ كېرەك قىلمايمۇ ، ياكى ئۇلاردەك بولۇپ ھەم بىلىملىك ھەم نادان بولايمۇ ؟ مېنىڭ جاۋابىم شۇ بولدىكى ، مەن يەنىلا ئىلگىركى ئۆزۈمدەك بولاي . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Q# F' r# S p0 E6 l1 b3 k& N1 W
كىشىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ئىزدىنىش ماڭا ئەڭ رەزىل ۋە خەتەرلىك دۈشمەنلىكلەرنى كەلتۈردى ، تالاي قېتىملاپ تۆھمەتكە قالدىم ، شۇنداقلا مەن دانا ئاتىلىپ قالدىم ، چۈنكى مېنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم مېنى ئۆزۈم ئىزدەۋاتقان ئاشۇ پاراسەتلەرگە ئىگىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ : بىراق ، قېرىنداشلار ، ھەقىقەت شۇكى ، پەقەت تەڭرىلا دانىشمەن ؛ دېلفى ئىلاھىنىڭ دېمەكچى بولغىنى شۇكى ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى دېگەن يوقنىڭ ئورنىدا ؛ ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى سوقرات ئەمەس ، ئۇ پەقەتلا مېنىڭ نامىمنى مىسال ئورنىدا ئىشلەتكەن خالاس ، ئۇ خۇددى مۇنداق دېمەكچىدەك قىلىدۇ : " ئەي ئىنسانلار ، سوقراتتەك مۇشۇنداق ئەڭ دانىشمەن ئادەممۇ ئۆز بىلىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ . " شۇنداق قىلىپ ، مەن ئىلاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغان ھالدا يولۇمغا ماڭدىم ، دانىشمەندەك كۆرۈنگەن ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم ، مەيلى ئۇ يۇرتداش بولسۇن مەيلى ناتونۇش كىشى بولسۇن ؛ ئەگەر ئۇ دانىشمەن بولمىسا ،ئۇنىڭ دانىشمەن ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويدۇم ، بۇنى ئىلاھنىڭ سۆزىگە بولغان ئىسپات سۈپىتىدە قىلدىم ؛ بۇ ئىشقا كېرىشىپلا كەتتىم ، شۇڭلاشقا مەن دۆلەت ئىشلىرى ياكى ئۆزۈمنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيلا قالدىم ؛ نەتىجىدە ، ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ئىلاھقا ئاتىۋەتكەنلىكىمدىن ، نامراتلىقتا قۇرۇق سالتاڭ بولۇپ قالدىم .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' k5 }( z) A3 _+ X; Y, L5 }
يەنە بىر ئىش بار : باي ئائىلەرنىڭ بىكار تەلەپ بەگزادىلىرى قىلغىلى ئىشى يوق قىشىمغا كىلىپ پېشىمنى تۇتتى ؛ ئۇلار ساختىپەزلەرنىڭ نىقابىنىڭ مۇنازىرە ئارقىلىق يىرتىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈشكە خۇشتار ئىدى ، يەنە كىلىپ ئۇلار دائىم مېنى دوراپ باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى ؛ ئۇلار تىزلا شۇنى بايقىدىكى ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىچە بىر نېمىلەرنى بىلىدىغاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيتتى ؛ نەتىجىدە ، مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىم تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان كىشىلەر ئەگەشكۈچىلىرىمدىن رەنجىشنىڭ ئورنىغا مەندىن رەنجىدى : بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! m' j/ `- ]8 r
-بۇ چېپىلغاق سوقرات،-دېيىشتى ئۇلار ،-ياشلارنى قايمۇقتۇرغان ھارامزادە !بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) p) v6 E) @ q8 R+ {6 ^9 y
ئەگەر بىرسى ئۇلاردىن :
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 D n5 ]7 A& K0 w7 u& P -نېمە بولدى ؟ ئۇ سوقرات زادى قانداق ئەسكى ئىش قىلدى ، قايسى يامانلىقنى ياشلارغا ئۆگەتتى ؟ -دەپ سورىسا ، ئۇلار بىلمەيدۇ ، دۇدۇقلاپ-بۇلدۇقلاپ جاۋاب بىرەلمەيدۇ ؛ بىراق پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ، ئۇلار بارلىق پەيلاسوپلارغا قارىتىلغان ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان كونا ھۇجۇمىنى باشلايدۇ : " ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى ۋە يەرنىڭ ئاستىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئۆگەتتى ، تەڭرىگە ئىشەنمىدى ، ياخشى-ياماننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى ." چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلەرمەنلىك قىلىدىغان ساختىپەزلىكلىرىنىڭ ئېچىپ تاشلانغانلىقىغا ئىقرار بولۇشنى خالىمايدۇ . مانا بۇ ھەقىقەت : چۈنكى ئۇلارنىڭ سانى ساماندەك ، ياۋۇز ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ، ھەممىسى جەڭ ھالىتىدە شۇنداقلا ئۆتكۈر تىللىق بولغاچقا ، ئۆزلىرىنىڭ ئاغزى بېسىقماي قىلغان كوتۇلداشلىرى ۋە تۆھمەتلىرىنى قۇلىقىڭلارغا قۇيۇۋەتكەن . دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ، مېنىڭ ئەيىبلىگۈچىلىرىم بولمىش مولتۇس ، ئانت ۋە لىكائونلار ماڭا قارشى چىقتى ؛ مولتۇس شائىرلار بىلەن بىر بولۇپ مەن بىلەن جاڭجاللاشتى ؛ ئانت ھۈنەرۋەنلەرگە بولاشتى ؛ لىكائون بولسا ناتىقلارغا ۋەكىل بولدى : مەن باشتا دەپ ئۆتكەندەك ، بۇ غايەت زور تۆھمەتتىن بىر دەمدىلا قۇتۇلۇپ بولۇشتىن تامايىم يوق . ئەي قېرىنداشلار ، مانا ھەقىقەت ، بارچە ھەقىقەت مۇشۇ ؛ مەن ھېچنېمىنى يوشۇرمىدىم ، ھېچقانداق يالغان ئارىلاشتۇرمىدىم . ھالبۇكى ، مېنىڭ بىلىشىمچە گەپ-سۆزۈمدىكى بۇنداق سەمىمىيلىكىم سەۋەبىدىن ئۇلار مېنى يەنە ئۆچ كۆرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكى مېنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىمنىڭ ئسپاتى بولماي نېمە ؟ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا قارا چاپلىشىنىڭ سەۋەبى ، مەيلى بۇ قېتىمقى ۋە ياكى كەلگۈسىدىكى تەكشۈرۈشلەردە بولسۇن ، سىلەر بۇنى بايقايسىلەر . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' K7 [' L6 q6 G4 @+ _
مەن ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەيىبلىگۈچىلىرىمگە قارىتىلغان رەددىيە سۈپىتىدە خىل جىق سۆزلىدىم ؛ ئەمدى مولتۇس باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى تۈركۈم شىكايەتكە رەددىيە بېرىمەن . مولتۇسنىڭ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ بىر ياخشى ھەم ۋەتەنپەرۋەر ئادەم . مەن ھازىر ئۇلارغا قارشى ھالدا ئۆزۈمنى ئاقلايمەن . بۇ يېڭى ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ شىكايەتنامىسىمۇ ئوقۇلۇشى كېرەك . ئۇلار نېمە دەيدۇ ؟ ئالاھەزەل مۇنۇلارنى دەيدۇ : " ئاۋۇ سوقرات رەزىللىك سادىر قىلغۇچى ، ئۇ ياشلارنى چېرىتتى ، شۇنداقلا دۆلەت بېكىتكەن ئىلاھلارغا ئىشەنمەي ئۆزىگە يېڭى ئىلاھ تىكلىۋالدى . " مانا بۇ ئۇلار ماڭا ئارتقان جىنايەت ؛ بىز بىر-بىرلەپ قاراپ باقايلى . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، مەن رەزىللىك سادىر قىلىپ ياشلارنى چېرىتىپتىمىشمەن ؛ بىراق ، ئەي قېرىنداشلار ، مەن قارىسام ، رەزىللىك سادىر قىلغۇچى دەل مولتۇسنىڭ ئۆزى : ئۇ مۇھىم ئىشلارنى چاخچاققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي ، يەنە تېخى ھە دېسىلا ياسالما قىزغىنلىققا تايىنىپ ئۆزى ئازراقمۇ كارى بولمىغان ئىشلار توغرىسىدا باشقىلارنى سوتقا تارتىدىكەن . ئىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى مەن ھازىر سىلەرگە ئىسپاتلاپ كۆرسىتىمەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: z6 ~9 p+ p$ R, L( v- ? K
بۇ يەرگە كەلگىن ، مولتۇس ، سەندىن بىر سوئال سوراي . سەن ياشلارنى ئىمكانقەدەر ياخشى ئادەم قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلامسەن ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 G5 X, H/ |/ i3 X2 v, }
-شۇنداق ، مەن شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" x9 A1 t" o" Q3 [) m -ئۇنداقتا ، زاسېداتېللارغا دەپ بەرگىن ، ئۇلارنى كىم ياخشى ئادەم قىلىدۇ ؛ سەن بۇنى چوقۇم بىلىسەن ، چۈنكى سەن ياشلارنىڭ چېرىتكۈچىسىنى بايقايمەن دەپ كۆپ ھەرەج تارتىپسەن ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئالدىدا باشقىلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ يۈرۈپ مېنى ئەيىبلەپ كەتتىڭ . ئۇنداقتا گەپ قىل ، ئۇلارغا كىمنىڭ ياشلارنى ياخشى ئادەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەر . قارا مولتۇس ، جىمىپ كەتتىڭ ، قىلىدىغانغا گەپ تاپالماي قالدىڭ . بىراق بۇ شەرمەندىچىلىك ئەمەسمۇ ؟ تۆتۆتلەپ تېلىڭنى چاينىشىڭ سېنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ئەسلا كارىڭ يوق دېگەن گېپىمگە ئىسپات بولامدۇ-يا ؟ گەپ قىل ، دوستۇم ، ياشلارنى كىمنىڭ ياخشىلايدىغانلىقىنى بىزگە دەپ بەر . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Y2 p9 q) h9 J$ k) V: |0 W
-قانۇن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 K2 n( U5 g s z -بىراق مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇ ئەمەس ، ھۆرمەتلىك ئەپەندى . مەن ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى سوراۋاتىمەن . قانۇننى ئەڭ ئالدى بىلەن كىم بىلىدۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ g6 \3 r. r6 O( m0 E مانا مۇشۇ مۆھتەرەم زاسېداتېللار بىلىدۇ ، سوقرات .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 R& D4 G% k! J: s. N
-سەن زاسېداتېللار ياشلارنى يېتەكلەپ ئۇلارنى ياخشىلىققا باشلىيالايدۇ ، دېمەكچىمۇ ، مولتۇس ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 g9 M; @4 m$ ^* y' U
-ئۇلار ئەلۋەتتە شۇنداق قىلالايدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: F" x# h9 ?# k# e( L+ P7 }7 ?
-قانداق دەيسەن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى بەزىلىرى شۇنداق ، بەزىلىرى ئەمەسمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ v2 z0 V+ S# H5 D% J
-ھەممىسى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 S& p8 J6 l8 s: o. D -ئىلاھە ھىممەت قىلسۇن ، بۇ بىر خۇش خەۋەر بولدى ! بۇ نۇرغۇنلىغان ياخشىلىغۇچىلار بار دېگەن گەپ . تاماشىبىنلارغا قانداق قارايسەن ، ئۇلارمۇ ياشلارنى ياخشىلامدۇ ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 t6 b3 C# B. v( U8 ^
-شۇنداق ، ئۇلارمۇ ياخشىلايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 q9 m9 y, M! } g/ w -كېڭەش ئەزالىرىچۇ ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% `" B) R5 l' m* x+ [
-كېڭەش ئەزالىرىمۇ ئۇلارنى ياىشىلايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 v3 Y3 j" V3 q* c# k, E3 R -بىراق پۇقرالار قۇرۇلتىيى ياشلارنى چېرىتارمۇ ؟ ياكى ، ئۇلارمۇ ياشلارنى ياخشىلامدۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. |5 s9 I7 x+ P
-ئۇلار ياشلارنى ياخشىلايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. [3 c8 U9 {, C/ o% J - قارىغاندا ھەر بىر ئافىنالىق ياشلارنى ياخشىلاپ ئۇلارنى پەپىلەيدىكەن ؛ مەندىن باشقا ھەممەيلەن شۇنداق قىلىدىكەن ؛ يالغۇز مەنلا ئۇلارنى چېرىتەمدىم ؟ سەن شۇنداق دېمەكچىمۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 T9 j) t% q/ W& @! L' d4 Z -مەن دەل ئاشۇنداق دېمەكچى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; v% k7 z4 {9 q+ U3 F8 n2 Z. ? ~' Q
-ئەگەر ئىش مۇشۇنداق بولۇپ قالسا مەن تولىمۇ تەلەيسىزكەنمەن . بىراق سەندىن بىر سوئال سورىدىم دەپ تۇرايلى : ئوخشاش گەپ ئات توغرىسىدا بولۇنغاندىمۇ سېنىڭكىنى راسىت دەپ قارامسەن ؟ سېنىڭچە ئاتقا بىرلا ئادەم زىيانلىق بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى پايدىلىق بولارمۇ ؟ بىراق ئىش دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئەمەسمۇ ؟ ئاتقا پايدىلىق بولغان ئادەمدىن بىر ياكى بىر قانچىسىلا بار ؛ ئات كۆندۈرگۈچى يىلىقچىلارلا ئاتقا پايدىلىق بولۇپ ، قالغان كىشىلەر ئاتقا زەخمەت يەتكۈزۈپ قويمامدۇ ؟ بۇ گەپ ئاتقا نىسبەتەنلا توغرىمۇ ، مولتۇس ، ياكى باشقا ھەر قانداق جانىۋارغا قارىتا توغرا بولىۋىرەمدۇ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ `' H* x3 k5 h. X( N9 E& A- v
-شۇنداق ، ئەلۋەتتە .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* S5 J6 ^" U* L2 f, r. R Y* m5 d - سەن ياكى ئانت مەيلى "شۇنداق" ياكى "ياق" دەڭلار بەرىبىر . ئەگەر ياشلارنىڭ بىرلا چېرىتكۈچىسى بولۇپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ياخشىلىسا ، بۇ ياشلارنىڭ بەختى . سەن ، مولتۇس ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىڭنى بىزگە يېتەرلىك كۆرسەتتىڭ : سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭ مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . ئەمدى سەندىن يەنە بىر سوئال سوراي ، مولتۇس : سېنىڭچە ياخشى ئادەملەر بىلەن بىللە ياشاش ئەۋزەلمۇ ياكى يامان ئادەملەر بىلەن بىللە ياشاشمۇ ؟ مەن ساڭا دېسەم ، جاۋاب بەر دوستۇم ، چۈنكى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەك ئاسان .ياخشىلار باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ ، يامانلار باشقىلارغا يامانلىق قىلىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ –يا ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 C9 H9 l" U5 _ - ئەلۋەتتە شۇنداق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# @ q+ A" e4 r8 ^9 F; U -ئۇنداقتا ، سەنچە ئۆزى بىللە ياشىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ياخشىلىنىشنى ئەمەس ، بەلكى زەخمىلىنىشنى خالايدىغان بىرەرسى بارمۇ ؟ جاۋاب بەر ، دوستۇم ؛ قانۇن سېنىڭ جاۋاب بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىدۇ . بىرەرسى زەخمىلىنىشنى خالامدۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Y e- N" w6 \* w -ئەلۋەتتە خالىمايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. H+ e) g# x; k -ئۇنداقتا ، سەن مېنى ياشلارنى زەھەرلەپ ئۇلارنى يامان يولغا باشلىدى دەپ شىكايەت قىلغىنىڭدا ، سېنىڭچە مەن قەستەن شۇنداق قىلغاندىمەنمۇ ياكى ئۇقۇشماستىن شۇنداق قىلىپ سالغاندىمەنمۇ ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: Y% a- W9 R5 W6 r; J$ G& [! |0 X
-مېنىڭچە سەن قەستەن شۇنداق قىلدىڭ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% B6 c0 Y$ ~" c" O) m$ M* q
-بىراق سەن تېخى باياتىنلا ياخشىلارنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغانلىقىنى ، يامانلارنىڭ باشقىلارغا يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغانىدىڭ . سېنىڭچە بۇ ھەقىقەتنى سەن كىچىك چىغىڭدىلا سېنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پاراسىتىڭ ساڭا بىلدۈرۈپ بولغان ، مەن بولسام مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە بۇ ھەقىقەتنى بىلمەي زۇلمەت ۋە نادانلىق ئىچىدە قالغاندىمەنمۇ ؟ ئۆزۈم بىللە ياشايدىغان كىشىنى ئۆزۈم بۇزسام ماڭا زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنى قەستەن بۇزىدىغانغا ، سېنىڭچە مەن ئېلىشىپ قالغاندىمەنمۇ ؟ سەن دەل مۇشۇنداق دەۋاتىسەن ، بۇنىڭغا مېنى قايىل قىلالمايسەن ، باشقا ھەر قانداق ئادەم بالىسىنىمۇ قايىل قىلالمايسەن . بىراق ، مەن ياكى بولمىسا ياشلارنى زەھەرلىمىدىم ، ياكى بولمىسا ئۇقۇشماستىن بىلمەي قىلىپ ئۇلارنى زەھەرلەپ قويدۇم ، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەر قانداق بىرىدە سەن يالغان ئېيتتىڭ . ئەگەر مەن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا خاتالىشىپ قالغان بولسام ، قانۇن مېنى جىنايەتچى دېمەيدۇ ؛ سەن مېنى ئايرىم چاقىرىپ ، ماڭا نەسىھەت قىلىشىڭ ۋە مېنى ئاگاڭلاندۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى ؛ چۈنكى ئەگەر بىرەرسى ماڭا ياخشى تەكلىپلەرنى بەرگەن بولسا ، مەن ئۆزۈم بىلمەي قىلىپ سالغان ئىشىمنى توختىتاتتىم —— دەرۋەقە شۇنداق قىلىشىم كېرەك ئىدى ؛ ھالبۇكى سەن مەن بىلەن پىكىرلىشىشتىن ياكى ماڭا تەلىم-تەنبىھ بېرىشتىن بىزار بولۇپ مەندىن قېچىپ يۈردۈڭ ؛ ھالا بۈگۈنكى كۈندە سەن بۇ سوتتا ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلدىڭ ، بىلسەڭ ، بۇ يەر تەلىم-تەنبىھ بېرىدىغان جاي بولماستىن ، جازا بېرىلىدىغان جاي .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ]# j' \) s3 F+ ^7 r
قېرىنداشلار ، سىلەرگە دېگىنىمدەك ، مولتۇسنىڭ بۇ ئىشقا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسەتتىم . بىراق ، مېنىڭ شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ ، مولتۇس ، دېگىنە ، مەن ياشلارنى قانداق چېرىتىپتىمەن ؟ سېنىڭ شىكايەتنامەڭدىن قارىغاندا ، سەن مېنى ياشلارغا دۆلەت بىكىتكەن ئىلاھلارغا ئىشەنمەسلىكنى تەرغىپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا يېڭى ئىلاھلارنى ياكى روھىي مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە تىكلىۋالدى ، مانا مۇشۇ سەپسەتىلەر ياشلارنى چېرىتتى دېمەكچى ئوخشايسەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' ^' p, F7 R, N( Z- L' b
-شۇنداق ، مەن مۇشۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' f% X+ E' r% ] -ئۇنداقتا ، مولتۇس ، دەۋاتقان ئىلاھلىرىمىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتىدە ، ئۆزۈڭنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭنى ئاددىيراق قىلىپ ماڭا ۋە سوتقا ئېيتىپ بەر ! چۈنكى مەن ھازىرغىچە بىلەلمىدىم ، سەن مېنى ياشلارغا باشقا ئىلاھلارنى تەرغىپ قىلىپ ، ئۇلارنى باشقا ئىلاھقا ئىشىنىشكە كۈشكۈرتتى ، شۇڭا ئۇ پۈتۈنلەي دەھرىي ئەمەس ، پەقەت ئۇ ئىشەنگەن تەڭرى دۆلەت بىكىتكەن تەڭرى ئەمەس دېمەكچىمۇ ،ياكى مېنى پۈتۈنلەي خۇداسىز بىر دەھرىي قاتارغا چىقىرىپ ، ئۆزىنىڭ دەھرىيلىكنى باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىدۇ دېمەكچىمۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% T. F |7 [' B/ L5 l' z -مەن كېيىنكىسىنى دېمەكچى ، سەن سېپى ئۆزىدىن بىر خۇداسىز دەھرىيسەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ a' l. H9 k, E. L1 ]2 y" N6 n -قالتىس گەپ قىلدىڭ ، مولتۇس . نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن ؟ سەن مېنى تەڭرىگە —— ئاي ۋە قۇياشنىڭ بېشىغا ئىشەنمەيدۇ دېمەكچىمۇ ؟ بۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئىشىنىدىغۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" l, |. l, U* {. Q -سىلەرگە دەپ قوياي ، ھۆرمەتلىك زاسېداتېللار ، سوقرات ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ ؛ چۈنكى ئۇ قۇياشنى تاش ، ئاينى توپا دەپلا قارايدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) f! q8 d* m9 U6 C* z. q6 ^
-دوستۇم مولتۇس ، سەن ئاناكساگورانى سوتلاۋاتىمەن دەپ قالغان ئوخشىمامسەن ؛ ئەگەر سەن سوتچى ئەپەندىلەرنى شۇنچىلىك دەرىجىدە نادان دەپ ئويلاپ ، ئۇلارنى باياتىنقى تەلىماتلارنىڭ كىلاسومونايلىق ئاناكساگورانىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپلەپ ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ دەپ قالغان بولساڭ ، ئۇلارنى بوش چاغلاپ قاپسەن . يەنە كېلىپ ، بۇ تەلىماتلار ھېلىدىن ھېلىغا بىر دراخملىق ئەرزان تىياتېرخانىلاردا ئوينىلىۋىرىپ ، ياشلار سوقراتتىن ئۆگەنگەن دەپ قارىلىپ قالدى ؛ ئۇلار ئاناكساگورانىڭ كىتابلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالالايدۇ ، ئەگەر سوقرات مۇشۇنداق غەلىتە تەلىماتلارنى " مەن ياراتتىم " دەپ جاكارلىسا ، ئۇ چوقۇم كۈلكىگە قالمامدۇ . شۇنداق قىلىپ ، مولتۇس ، سەن مېنى ھېچقانداق ئىلاھقا ئىشەنمەيدۇ دېمەكچى ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- A# R6 V9 g, v3 D; t5 n# g -مەن زىۋىسقا قەسەم قىلىمەنكى ، سەن ھېچقايسى ئىلاھقا ئىشەنمەيسەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( ?9 g. ~8 |1 F
-سەن شۇنچىلىك بىر يالغانچى ئىكەنسەنكى ، مولتۇس ، ھەتتا ئۆزۈڭمۇ ساڭا ئىشەنمەيدۇ . چۈنكى مەن ئىختىيارسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم ، قېرىنداشلار ، مولتۇس شۇنداق پەلىپەتىش ھەم نومۇسسىز ئىكەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ شىكايەتنامىسىنى كىچىك بالىنىڭ ئويۇنى قاتارىدا ياشلارچە قاراملىق بىلەن يېزىپتۇ . ئۇ چىگىشتىن بىرنى ياساپ ، مېنى بىر سىناپ باقماقچىمىكىنا ؟ ئۇ ئۆز قورسىقىدا : " بۇ دانىشمەن سوقرات مەن ئاجايىپ تالانت بىلەن لاھىيلىگەن زىددىيەتنى بايقىيالامدۇ-يوق ، ئۇنى شۇنداقلا سوتنى ئالداپ ئۆتۈپ كېتەلەيمەنمۇ – يوق ، بىر كۆرۈپ باقاي " دەپ چوت سوققان ئوخشايدۇ . چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ شىكايەتنامىسىدە ئۆز-ئۆزى بىلەن زىتتەك كۆرۈنگەنىدى ، مانا ئەمدى ئۇ سوقراتنىڭ ئىلاھقا ئىشىنىش شۇنداقلا ئىلاھقا ئىشەنمەسلىك جىنايىتى بار دەۋاتىدۇ . تولىمۇ قىزىق ئىشتە-بۇ ! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 H- D' s# P+ q( L
قېرىنداشلار ، سىلەرنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە بۇ زىددىيەتكە قاراپ چىقىشىڭلارنى خالايمەن . سەن ، مولتۇس، سوئالىمغا جاۋاب بېرىسەن . مەن يەنە سىلەرگە ئەسكەرتىمەنكى ، ئەگەر مەن ئۆزۈم كۆنگەن ئۇسۇلۇم بويىچە سۆزلىسەم ، گېپىمنى بۆلۈۋەتمەڭلار .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ \0 z- [ R0 G8 b& _
سېنىڭچە ، مولتۇس ، ئىنسانغا خاس نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغىلا ئىشىنىپ ، ئىنسانىي مەۋجۇتلۇقنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم بارمۇ ؟ ...قېرىنداشلار ، ئۇنىڭ ھە دېسىلا ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ گەپنىڭ بېلىگە تېپىشكىلا ئۇرۇنماي ، چىرايلىقچە جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . چەۋەندازلىقنىڭ بارلىقىغىلا ئىشىنىپ ، ئاتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم بارمۇ ؟ ياكى نەينىڭ ئاۋازىنىڭ بارلىقىغىلا ئىشىنىپ ، نەي چالغۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم بارمۇ ؟ يوق ، دوستۇم ؛ سېنىڭ ئورنۇڭدا جاۋابنى ئۆزۈم بىرەي ، چۈنكى ئۆزۈڭ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىۋاتىسەن . ئۇنداق ئادەم يوق . بىراق خۇش بوپ قالاي ، كېيىنكى سوئالىمغا جاۋاب بەرسەڭ : بىر ئادەم روھىي ۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ ، روھنىڭ ۋە ئادىمىي ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىنمۇ ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 H0 n8 t; E+ ~& s% {3 g9 I+ }, v
-مۇمكىن ئەمەس .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& J$ h3 p. s) t* `5 X2 i# ?" L -سوتنىڭ زورى بىلەن سەندىن جاۋاب چىققانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ؛ سەن شىكايەتنامەڭدە قەسەم قىلىپ ، مېنى روھىي ۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ دەپتىكەنسەن . ھازىرقى مەسىلىدە ئىشىنىش ئوبيېكتىنىڭ يېڭى-كونىلىقى بەرىبىر ؛ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، سەن شىكايەتنامەڭدە قەسەم قىلىپ دېگەندەك ، مەن روھىي ۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ؛ ئەگەر مەن روھىي نەرسىلەرگە ئىشەنسەم ، ئۇنداقتا مەن ئادىمىي ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن دېگەن گەپ . ئەجەبا ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق ، بۇنىسى راسىت . سېنىڭ ئۈنچىقمىغانلىقىڭنى تەن بەرگەنلىك دەپ چۈشىنىپ تۇردۇم . ھازىرقى مەسىلە ، روھ ياكى ئادىمىي ئىلاھ دېگەن زادى نېمە ؟ ئۇلار ياكى بولمىسا ئىلاھ ، ياكى بولمىسا ئىلاھنىڭ ئوغۇللىرى ئەمەسمۇ ؟ ھەقىقەت شۇنداقمۇ – ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق ، ھەقىقەت شۇنداق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 x! g Z( C6 K/ s بىراق ، بۇ مەن بايا دەۋاتقان ئاجايىب چىگىشنىڭ دەل ئۆزى : ئادىمىي ئىلاھ ياكى روھ بولسا ئىلاھلارنىڭ ئۆزى ، سەن ئاۋال مېنى ئىلاھقا ئىشەنمەيدۇ دەيسەن ، ئارقىدىنلا يەنە مېنى ئىلاھقا ئىشىنىدۇ دەيسەن ؛ ئەگەر مەن ئادىمىي ئىلاھقا ئىشەنسەم شۇنداق بولىدۇ . چۈنكى بۇ ئادىمىي ئىلاھلار باشقا ئىلاھلارنىڭ ناتوغرا يول بىلەن تاپقان بالىسى بولسا ، مەيلى نىمفېسنىڭ ياكى باشقا ئانىلارنىڭ بالىلىرى بولسۇن ، ئۇ ئادىمىي ئىلاھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىدىن بېشارەت ئەمەسمۇ . مەن قارىسام ، سەن قىچىرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ ، ئېشەك بىلەن ئاتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغاندەك قىلىسەن . بۇنداق بىمەنىلىك پەقەت سەن مېنى سوتلىغاندىلا ئاندىن يۈز بېرىدۇ ، مولتۇس . سەن بۇنى ئۆزۈڭنىڭ شىكايەتنامەڭگە يېزىپسەن ، چۈنكى سېنىڭ مېنى ئەيىبلەيدىغانغا ھېچقانداق ھەقىقىي پاكىتىڭ يوق . سەن بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئىلاھقا ئىشىنىدۇ ، ھەم ئىشەنمەيدۇ دەۋاتىسەن ، ئازراقلا ئەقلى-ھوشى بار ئادەم سېنىڭ بۇنداق جۆيلۈشلۈرۈڭگە قايىل بولۇپ قالمايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* E. _& g5 `* e; U) T, l مەن مولتۇسنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە يېتەرلىك رەددىيە بەردىم ؛ باشقا ئۇششاق گەپنى قېلىۋىرىشنىڭ ئورنى يوق ؛ بىراق ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك ، مەن ئۆزۈمگە بىر مۇنچە دۈشمەنلىك تېپىۋالغان ئادەممەن ، ئەگەر مەن تۈگىشىپ كېتىپ قالسام ، مېنى تۈگەشتۈرىدىغىنى دەل مۇشۇ دۈشمەنلىك ؛ بۇنى مەن جەزملەشتۈرەلەيمەن ؛ مولتۇس ئەمەس ، ئانتمۇ ئەمەس ، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە تۆھمىتى مېنى تۈگەشتۈرىدۇ ، بۇ خىل ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەت ئىلگىرى نۇرغۇن ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ، كەلگۈسىدە يەنە باشقا نۇرغۇن ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ؛ قۇربانلىق مەن بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" f- |3 ^* X7 M8 v: D بىراۋلار شۇنداق دەپ سورىشى مۇمكىن : " ۋاقىتسىز ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇنداق بىر ھاياتنى ياشىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلمامسەن ، سوقرات ؟ " مەن ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق جاۋاب بېرىمەن : " خاتالىشىپ قاپسەن ، بۇرادەر : ياخشى ئادەم ھەرگىزمۇ ھايات-ماماتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك ؛ ئۇ ھەر بىر ئىشنى قىلغاندا توغرا قىلدىمۇ-يوق ، ياخشى ئادەم بولالىدىممۇ-يوق ، بۇنى ئويلىشىدۇ ."
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t/ Y; r% B2 X4 g, c ھالبۇكى ، سىلەرنىڭ قارىشىڭلارچە بولغاندا ، ترويادا جەڭ قىلىپ يىقىلغان قەھرىمانلار ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس ، بولۇپمۇ تېتىسنىڭ ئوغلى ئاكىللېس ، ئۇ ھاقارەتكە چېدىماي خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ : ئاكىللېس ھېكتورنى بوغۇزلىۋىتىشكە تەقەززا بولۇپ قېنى قىزىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىلاھە ئانىسى ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ : ئەگەر ئۇ دوستى پاتروكلۇسنىڭ قىساسىنى ئالىمەن دەپ ھېكتورنى بوغۇزلىۋەتسە ، ئۇمۇ ئۆلىدۇ . " تەقدىر سېنى كۈتمەكتە " ، دەيدۇ ئۇنىڭ ئانىسى ، " ئۇ ھېكتوردىن كېيىنلا سېنى تاپىدۇ ." بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ ، ئاكىللېس ئۆلۈم ۋە خەۋپ-خەتەرگە قىلچىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ ، ئۇلاردىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا ، ئۇ دوستىنىڭ قىساسىنى ئالماي خورلۇقتا ياشاشتىن بەكرەك قورقىدۇ . " دوستۇم ئۈچۈن قىساس ئېلىپلا ئۆلۈپ كېتىشىمگە ئىجازەت قىلغىن ، بۇ زېمىنغا يۈك بولۇپ ، جەڭ كېمىسىگە مۆكۈۋېلىپ خەقلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالغاندىن ئۆلۈش كۆپ ئەۋزەل " دەيدۇ ئۇ . سىلەرچە ، ئاكىللېس خېيىم-خەتەر ۋە ئۆلۈمنى ئويلاپمۇ قويغانمىدۇ ؟ چۈنكى ، مەيلى بىر ئادەمنىڭ ئورنى نەدە بولسۇن ، مەيلى ئۇ ئورۇننى ئۆزى تاللىغان بولسۇن ياكى باشقا بىرسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسۇن ، خەتەرلىك دەقىقىلەردە ئۇ ئورۇننى ساقلىشى كېرەك ؛ ئۇ ئۆلۈمنى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئويلىماستىن ، شەرمەندىچلىكتە قالماسلىقنىلا ئويلىشى كېرەك . ئەي قېرىنداشلار ، مانا بۇ ھەقىقەت .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 `1 ^# _0 c2 Y5 U8 J. o
ئەي ، قېرىنداشلار ، دەسلەپتە سىلەر تاللىغان گېنراللار بوتىدايە ، ئامۇفپولىس ۋە دېليۇمدىكى جەڭگاھلاردا مېنى ھەر بىر دەقىقىدە ئۆلۈمگە يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدىغان بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرغىنىدا ، مەن غىڭ قىلماسلەتىن ئورنۇمنى چىڭ ساقلىغانىدىم ؛ مەندەك مۇشۇنداق بىر ئادەم ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ، ئىلاھنىڭ مۇقەددەس ۋەھىيىسى چۈشۈپ ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىچكىي ماھىيىتىنى پەلسەپىۋى ئۇسۇل بويىچە ئىزدىنىشكە بۇيرۇلغاندا ، ئۆلۈمدىن ياكى باشقا ئاللىقانداق نەرسىلەردىن ۋەھىمە يەپ بۇرچىدىن ۋاز كەچسە بۇ تولىمۇ ئاجايىب غەلىتە بىر ئىش بولىدۇ ؛ ئەگەر مەن شۇنداق قىلغان بولسام، يەنى ئۆلۈمدىن قورققانلىقىم سەۋەبىدىن ئىلاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمىغان بولسام ، بۇ دەرۋەقە بىر غەلىتە ئىش بولاتتى ، ئۇ ھالدا مېنىڭ ئىلاھقا ئىشەنمىدى دېگەن گۇناھ بىلەن سوتقا تارتىلىشىممۇ ھەق بولاتتى : ئۇ چاغدا مەن چوقۇم ئۆزۈم نادان تۇرۇپ يەنە ئۆزۈمنى دانىشمەن چاغلاپ يۈرەر بولغىيتتىم . چۈنكى ئۆلۈمدىن قورققانلىق دەل ساختا بىلەرمەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، ئۇ ھەقىقىي پاراسەت ئەمەس ، پەقەت بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ تۇرىۋىلىش خالاس ؛ ھېچكىم ئۆلۈمنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، پەقەت كىشىلەر ئۆلۈمدىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى رەزىللىك دەپ قارايدۇ .ئۆزى بىلمىگەننى بىلىمەن دەۋىلىپ ئۆزىنى چوڭ چاغلاش ئەڭ شەرمەندىلەرچە قىلىنغان نادانلىق ئەمەسمۇ ؟ مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، مەن باشقا بارلىق كىشىلەردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان ئوخشايمەن : گەرچە مەن ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلارنى تۈزۈك بىلمىسەممۇ ، بىراق ئۇلارنى بىلىمەن دەپ يوغانچىلىق قىلمايمەن ؛ بىراق ، مېنىڭ بىلىدىغىنىم شۇكى ، مەيلى ئىلاھ بولسۇن ياكى ئادەم بولسۇن ، ئۇ ياخشىلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ، ئۇنى ناھەق قارىلاش بولسا رەزىللىك ھەم نومۇسسزلىق بولىدۇ . ئانت ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ دېيىشىچە ، سوقرات تۇتۇپ كېلىنىپ سوتقا تارتىلغان ئىكەن چوقۇم قەتل قىلىنمىقى شەرت ، بولمىسا سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار كەلگۈسىدە ئۇنىڭ گېپىنى تولا ئاڭلاپ بۇزۇلىدىكەن . ئەگەر سىلەر ھازىر ئانت ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ گېپىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ مېنى قويۇۋەتمەكچى بولساڭلار ، شۇنداقلا ماڭا : " سوقرات ، بۇ قېتىم بىز ئانتنىڭ گېپىگە كېرمەيمىز ، سېنى قويۇپ بىرەيلى ، بىراق بىر شەرت : ئەمدى بۇنداق نەمۇ-نە يۈرۈپ كىشىلەردىن سوئال سوراپ ئىزدىنىپ يۈرمىگىن ، ئەگەر يەنە شۇنداق ئىشلار بىلەن ھەپلىشىپ يۈرگەن يېرىڭدىن تۇتۇۋالساق ، سېنى قەتل قىلىۋېتىمىز " دېسەڭلار ، ئەگەر مېنى قويۇپ بىرىشىڭلارنىڭ شەرتى مۇشۇ بولسا ، مېنىڭ جاۋابىم : ئەي ، ئافىنالىق قېرىنداشلار ، مەن سىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن شۇنداقلا سىلەرنى سۆيىمەن ؛ بىراق مەن سىلەرگە ئەمەس بەلكى ئىلاھقا بويسۇنىمەن ؛ جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن ، پەلسەپە سۆزلەشتىن شۇنداقلا ئۇنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىشتىن توختىمايمەن ، ئۇچراتقان ھەر بىر كىشىگە پەند-نەسىھەت قىلىمەن ، ئۇنى قايىل قىلىمەن ، ئۇنىڭغا شۇنداق دەيمەن :" ئەي دوستۇم ! سەن بۈيۈك ، قۇدرەتلىك ۋە پاراسەتكە تولغان ئافىنانىڭ بىر پۇقراسى تۇرۇپ ، نېمىشقا پۇل - مال - دۇنيا ، نام-ئاتاققا ئۆزۈڭنى شۇنچىۋالا ئۇرىسەنۇ ، ئەقىل-پاراسەت ، ھەقىقەت ، روھىي تاكامۇللۇق دېگەنلەرنى ئويلاپمۇ قويمايسەن ؟ ئۇلار سېنىڭ خىيالىڭغا كېرىپمۇ چىقمايدۇ ، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمامسەن ؟ " ئەگەر مەن سۆزلەۋاتقان كىشى جاۋاب بىرىپ : " شۇنداق ، مەن بۇلارنى دائىم ئويلاپ تۇرىمەن " دېسە ، ئۇنى ئاشۇنداقلا قويۇۋەتمەيمەن ، ئۇنىڭدىن داۋاملىق سوئال سورايمەن ، تەكشۈرىمەن ، قايتا تەكشۈرىمەن ، مەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ نەرسىلەرنى پەسلەشتۈرگەنلىكىنى ، پەس نەرسىلەرنى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئەيىبلەيمەن ، مەن كۆرگەنلىكى ئادەمگە بۇلارنى دەيمەن ، چوڭ-كىچىك ، تونۇش-ناتونۇش ، ھەممىسىگە دەيمەن ، بولۇپمۇ تونۇش يۇرتداشلىرىمغا تېخىمۇ جىق دەيمەن ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ جانجىگەر قېرىنداشلىرىم . چۈنكى بۇ دەل ئىلاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر ، بۇنى مەن كۆپ دەپ كەتتىم ؛ مەن يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، شەھرىمىزدە بۈگۈنگە قەدەر يۈز بەرگەن ھېچقانداق ئىش مېنىڭ ئىلاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈشۈمدىنمۇ خەيرلىك بولغان ئەمەس . چۈنكى مەن نەمۇ-نە يۈرۈپ سىلەرنى ،چوڭ كىچىك ، توڭ-پىشىق ھەممىڭلارنى قايىل قىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايمەن ، سىلەرنى ئالدى بىلەن شەخسىيىتىڭلار ياكى مال مۈلۈكۈڭلار توغرىسىدا ئەمەس ، بەلكى روھىي تاكامۇللۇقۇڭلار توغرىسىدا ئويلىنىشقا قايىل قىلىمەن . مەن سىلەرگە مال – دۇنيانىڭ گۈزەل پەزىلەتنى ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ، بەلكى گۈزەل پەزىلەتنىڭ شەخىسكە ۋە جامائەتكە پايدىلىق بولغان مال-دۇنيا ۋە باشقا نەرسىلەرنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى دەيمەن . مانا بۇ مېنىڭ تەلىماتىم ، ئەگەر بۇ تەلىماتلار ياشلارنى چېرىتتى دەپ قارالسا ، مېنىڭ تەسىرىم ھەقىقەتەنمۇ زەھەرلىك ئىكەن . بىراق ، ئەگەر كىمدە كىم بۇلارنى سوقراتنىڭ تەلىماتى ئەمەس ، دېسە ، ئۇ قىپقىزىل يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ .ئەي ، زاسېداتېللار ، قېرىنداشلار ، ئانتنىڭ دېگىنىنى قىلامسىلەر يوق ، ياكى مېنى گۇناھسىز دەپ قويۇۋىتەمسىلەر يوق ، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار ھېساب ؛ بىراق دەپ قويىدىغىنىم شۇكى ، مەيلى سىلەر قانداق قارار چىقىرىڭلار ، مەن يولۇمدىن قەتئىي قايتمايمەن ؛ بىر قېتىم ئەمەس ، ھەتتا بىر نەچچە قېتىم ئۆلۈشۈمگە توغرا كەلسىمۇ قايتمايمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- }+ F; K& S& a+ Z. ^0 u. g ئافىنالىق قېرىنداشلار ، گېپىمنىڭ بېلىگە تەپمەي چىرايلىقچە ئاڭلىساڭلار ؛ بىز ئالدىن دېيىشىپ قويغان ، گېپىمنى تۈگىتىپ ئاڭلاشقا ئۆزۈڭلار ماقۇل بولغان . مېنىڭچە مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە دېمەكچى بولۇپ تۇرغان گەپلەر سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق : مېنىڭ يەنە دەيدىغان گەپلىرىم بار ، ئۇنى ئاڭلىساڭلار بەلكىم بەزىلىرىڭلار ۋارقىراپ تاشلىشىڭلار مۇمكىن ؛ بىراق ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئۇنداق قىلماڭلار . مەن ھازىر سىلەرگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمەنكى ، ئەگەر مەندەك بىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ قەتل قىلساڭلار ، سىلەر مەندىن بەكرەك ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىسىلەر .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, |1 {" |4 a0 @) {4 {7 J
مەيلى ئانت بولسۇن ياكى مولتۇس بولسۇن ، ماڭا قىلچە زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار ماڭا زەخمە يەتكۈزەلمەيدۇ ؛ چۈنكى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدە ئەسكىلەر ياخشىلارغا زەخمەت يەتكۈزسۇن دەپ گەپ يوق . دەرۋەقە ، ئەسكىلەر ياخشىلارنى ئۆلتۈرىۋىتەلىشى ، سۈرگۈن قىلىۋىتەلىشى ، پۇقرالىقتىن ئېلىپ تاشلاپ قۇللۇققا بەنت قىلالىشى مۇمكىن ؛ ئاشۇ ئەسكى ئادەم ۋە باشقىلار ئېھتىمال ئاشۇ ياخشى ئادەمگە ئالەمچە زىيان-زەخمەت يەتتى دەپ قىلىشى مۇمكىن : بىراق مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن ؛ چۈنكى ئانتقا ئوخشاش باشقىلارنى ناھەق ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بۇ خىل رەزىللىك بايا دەپ ئۆتكەن ئىشلاردىن نەچچە ھەسسە رەزىل .ئەي ، ئافىنالىق قېرىنداشلار ، خاتا ئويلاپ قالماڭلار ، مەن ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاۋەرمەيمەن . سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا تۇرۇپ ئىككى ئىغىز سۆزلەي ، بولمىسا سىلەر مېنى ھە دېگەندىلا ئۆلتۈرۈپ ئىلاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىپ سالىدىغاندەك تۇرىسىلەر . ئەگەر سىلەر ھازىر مېنى ئۆلتۈرسەڭلار ، مەندەك ئادەمدىن يەنە بىرىنى ئاسانلىقچە تاپالمايسىلەر .تازا قاملاشمىغان بىر ئوخشىتىش بىلەن دېسەم ، مەن بولسام ئىلاھ بۇ شەھەرگە ئەۋەتكەن بىر كۆكۈيۈن ؛ بۇ شەھەر گويا بىر گىگانت نەسىللىك ئات ، ئۇنىڭ گەۋدىسى چوڭ بولغاچقا ھەرىكىتى ئاستا ، شۇڭا كۆكۈيۈندىن بىرسى ناگان-ناگاندا چېقىپ تۇرمىسا ئۇ مىدىرلىمايدۇ . مەن ئىلاھ بۇ شەھەرگە ئاتا قىلغان شۇنداق بىر كۆكۈيۈنكى ، ھەر جايدا ھەر ۋاقىتتا سىلەرنى چېقىپ ، گىژىلداپ چۆرگىلەپ ، سىلەرنى قايىل قىلىپ ، تەنقىدلەپ تۇرىمەن . سىلەر ماڭا ئوخشاش يەنە بىرىنى ئاسانلىقچە تاپالمايسىلەر ، شۇڭا مېنى قويۇۋەتكىنىڭلار تۈزۈك . ئېنىقكى ، ئەسنەك بېسىپ خامۇشلاشقان ۋاقتىڭلاردا بىرەرسى سىلەرنى ئويغىتىپ قويسا چىچاڭشىپ كېتىسىلەر ؛ ئەگەر سىلەر ھازىر ئانتنىڭ گېپىگە كېرىپ مېنى ھە دېگەندىلا ئۆلۈمگە بۇيرۇساڭلار ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئويغاتقۇچىسىنى ئاستىڭلارغا باسۇرۇپ قويۇپ ئۇخلايسىلەر ، شۇ ئۇخلىغانچە ئىلاھ شەپقەت قىلىپ سىلەرگە يەنە بىر كۆكۈيۈن ئاتا قىلغۇچە ئويغانمايسىلەر . مېنىڭ ئىلاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئاتا قىلىنغانلىقىمنى مۇنۇ ئىش ئىسپاتلايدۇ : ئەگەر مەن باشقا ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش بولغان بولسام ، ئۇنداقتا ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا پەلسەپىگە كېرىشمىگەن ، ئۆزۈمنىڭ بارلىقىمدىن ۋاز كەچمىگەن ، ئۆزۈم نەمۇ-نە يۈرۈپ سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ياكى بىر تۇغقان قېرىندىشىڭلار كەبى سىلەرگە ئەخلاق-پەزىلەت توغرىسىدا پەند-نەسىھەت قىلمىغان بولاتتىم ؛ مەن دېسەم ، بۇ نورمال ئىنسان قىلىدىغان ئىش ئەمەس .ئەگەر مەن بۇنىڭلىق بىلەن بىرەر پايدىغا ئېرىشكەن بولسام ، پەند-نەسىھەتلىرىم ئۈچۈن باشقىلاردىن ھەق ئالغان بولسام ، ئەھۋالىم ھازىرقىغا قارىغاندا ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ باشقىچە بولغان بولاتتى : بىراق ، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ، ھەتتا مېنىڭ قارا يۈزلۈكتە ئۇچىغا چىققان شىكايەتچىلىرىممۇ مېنى تەلىم بېرىپ ھەق ئالدى دېيەلمەيدۇ ؛ ئۇلارنىڭ ئۇنداق دەيدىغانغا گۇۋاھچىسى يوق . مېنىڭ بولسا ئۆز سۆزۈمنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھچىم بار ؛ مېنىڭ نامراتلىقىمنىڭ ئۆزى مېنىڭ گۇۋاھچىم . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ J7 `! _! d1 v& l9 T
بەزىلەر بەلكىم مېنىڭ نېمىشقا ئۆزۈم شەخسەن نەمۇ-نە يۈرۈپ ، كىشىلەرگە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىدىغانلىقىمنى ، باشقىلارنىڭ ئىشى بىلەنلا ئالدىراش يۈرۈيدىغانلىقىمنى ، ئەمما جامائەت ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارىم بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي ئەجەبلىنىشى مۇمكىن . بۇنىڭ سەۋەبىنى سىلەرگە دەپ بېرىمەن . ماڭا ئىلاھتىن بېشارەت كەلگەنلىكىنى سىلەر كۆپ قېتىم ئاڭلىدىڭلار ، مەن ئادەتتە شۇ ئىلاھنىڭ گېپىنى تولا قىلىمەن ، بۇ دەل مولتۇس ئۆزىنىڭ شىكايەتنامىسىدە مازاق قىلغان ئىلاھ شۇ .ئىلاھنىڭ بۇ خىل بېشارىتى مەن كىچىك چىغىمدىن تارتىپلا ماڭا كېلىشكە باشلىغانىدى . بۇ بېشارەت بىر خىل ئاۋاز بولۇپ ، مەن بىرەر ئىش قىلىپ تۇرماقچى بولغىنىمدا قۇلىقىمغا ئاڭلىناتتى ۋە دائىملا مېنى شۇ ئىشنى قىلىشتىن توساتتى ، بىراق ھېچقاچان مېنى بىرەر ئىش قىلىشقا بۇيرۇمايتتى ، دەل مۇشۇنداق بېشارەت مېنىڭ بىر سىياسىئون بولۇشۇمنى توسۇپ قالدى . مەن ئويلىسام ، توسقىنى توغرا ئىكەن . چۈنكى ، مەن شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمەنكى ، ئەي ، ئافىنالىق قېرىنداشلار ، ئەگەر مەن سىياسىيغا ئارىلىشىپ قالغان بولسام ، ئاللىقاچان يەر يۈزىدىن غايىب بولغان ، سىلەرگىمۇ ، ئۆزۈمگىمۇ ھېچقانداق ياخشىلىق قىلالمىغان بولاتتىم . ھەقىقەتنى دەپ بەرسەم خاپا بولماڭلار : ھەقىقەت شۇكى ، ھەتتا مەيلى سەن بىلەن مۈرىنى – مۈرىگە تېرەپ كۈرەش قىلغان سەپداشلىرىڭ بولسۇن ياكى باشقا سەپكە ئەگىشىپ قان تۆكۈپ جەڭ قىلغان قېرىنداشلىرىڭ بولسۇن ، ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە دۇرۇسلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەتىنىدىكى ناھەقچىلىك ۋە ناتوغرا قىلمىشلارغا قارشىلا چىقىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ ؛ بىراۋ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن دەيدىكەن ، ئەگەر ئۇ يورۇق دۇنيادا ئازراق بولسىمۇ كۈن كۆرەي دەيدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم ئاددىي پۇقرا سالاھىيىتىدە بولۇشى ، ھاكىمىيەتكە يېقىن يولىماسلىقى شەرت . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S. [! r( ^& s8 b1 ]9 A
مەن بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتەلەيمەن ، يەنە كېلىپ مېنىڭ ئىسپاتىم بولسا قۇرۇق گەپ ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئىش . سىلەرگە ھاياتىمنى قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي ، ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ ناھەقچىلىككە يول قويىدىغان بۇنداق شەرمەندىچىلىككە قەتئىي يول قويالمايدىغانلىقىمنى ، ئەگەر يول قويۇپلا قالسام ، دەرھال ئۆلۈشۈم لازىملقىنى كۆرسىتىدۇ .سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بىرەي . بۇ ھېكايە ئۇنچىۋالا قىزىقمۇ ئەمەس ، بىراق ئۇ بىر ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىش . ئەي قېرىنداشلار ،مەن بۇ شەھەردە ئۈستۈمگە ئېلىپ باققان بىردىنبىر ھۆكۈمەت ۋەزىپىسى شۇ ئىدىكى ، مەن كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغانىدىم ؛ ئەينى چاغدا مېنىڭ قول ئاستىمدىكى ئانتىيوك قەبىلىسى ئارگىنۇس ئۇرۇشىدىكى قېرغىنچىلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى قايتۇرۇپ كەلمىگەن گېنراللارنى سوتلاشقا مەسئۇل بولغان ئىدى ؛ ئەينى چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا سوتلاش پىكىرىنى بەردىڭلار ، ئۇنداق قىلىش قانۇنغا خىلاپ ئىدى ، بۇنى كېيىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ بىلىپ يەتكەن ؛ بىراق ئەينى چاغدا ، نائىبلار ئىچىدە پەقەت مەنلا بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشقا قارشى چىققان ئىدىم ، شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى ئاۋاز بەردىم ؛ يىغىن رىياسەتچىسى ماڭا گۇناھ ئارتىپ قولغا ئالىمەن دەپ تەھدىت سالغاندا ، مېنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغاندا ، سىلەر شاۋقۇن-سۈرەن قىلىپ ۋارقىراپ-جارقىراشقاندا ، مەن شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكى ، قانۇن ۋە ھەققانىيەت يولىدا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆلسەم ئۆلىمەنكى ، ھەرگىزمۇ زىندان ۋە ئۆلۈم خەۋىپىدىن قورقۇپ سىلەرنىڭ ناھەقچىلىك قىلىشىڭلارغا يول قويمايمەن . مانا بۇ دېموكراتىيە زامانىسىدا يۈز بەرگەن ئىش . بىراق ئوتتۇز كىشىلىك كاتىباشلار ھاكىمىيەتنى قولىغا قالغاندىن كېيىن ، ئۇلار مېنى ۋە باشقا تۆتەيلەننى كېڭەش زالىغا چاقىرتىپ كېلىپ ، بىزگە سالامىستقا بېرىپ لېئونى تۇتۇپ كېلشكە بۇيرۇدى ، چۈنكى ئۇلار لېئونى قەتلى قىلماقچى ئىدى . مانا بۇ ئۇلار دائىم چۈشۈرىدىغان ، ئۆز جىنايىتىنى بولۇشىچە ئاشكارىلايدىغان بۇيرۇقلىرىنىڭ بىرى ئىدى ؛ شۇنداق قىلىپ ، مەن گەپ-سۆزلىرىمدىلا ئەمەس ، بەلكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمدىمۇ شۇنى كۆرسەتتىمكى ، مەن ئۆلۈم بىلەن قىلچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن ، پەقەت يۈز كېتىدىغان ناھەق ئىشلارنى قىلىپ قويۇشتىنلا قورقىمەن . چۈنكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ زورلۇق كۈچى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ ، مېنى ناھەقچىلىك قىلىشقا زورلىيالمايتتى ؛ كېڭەش زالىدىن چىققاندىن كېيىن ، قالغان تۆتەيلەن لېئونى تۇتقىلى سالامىستقا كەتتى ، مەن بولسام ئاستا-پەم بىلەن ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم . ئەگەر ئوتتۇز كىشىلىك كاتىباشلار ھاكىمىيتى تىزلا گۇمران بولمىغان بولسا ، مەن بۇ چاغقىچە ياشىيالمايتتىم . بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەر گۇۋاھ بولالايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" j0 S' H. _, [- g" E سىلەرچە ، ئەگەر مەن ھاكىمىيەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ھالەتتە ياخشىلىقنى ۋە ھەققانىيەتنى ياقىلاشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلىپ كەلگەن بولسام ، شۇنچە يىللاردىن بىرى ھايات تۇرالامتىم ؟ ھايات تۇرالمايتتىم ، ئەي ، ئافىنالىق قېرىنداشلار ، مەنلا ئەمەس ، مەيلى كىم بولمىسۇن ھايات تۇرالمايتتى . بىراق مەيلى شەخسىي تۇرمۇشۇمدا ياكى جامائەت ئىشلىرىدا بولسۇن ، مەن مېنىڭ شاگىرتىم ياكى باشقا بىرى دەپ ئاتىلىپ قالغان ھەر قانداق بىرىگە ئەزەلدىن پەسەندىلەرچە بويسۇنمىدىم .چۈنكى ھەقىقەت شۇكى ، مېنىڭ ھېچقانداق مۇقىم شاگىرتىم بولغان ئەمەس : بىراق ، كىمدە كىم مېنىڭ مۇنازىرىلەشكەنلىكىمنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ ماڭا ئەگەشسە ، مەيلى ئۇ قېرى بولسۇن ياكى ياش بولسۇن ، مەيلى ھەق بەرسۇن-بەرمىسۇن ،ھەممىسى مەندىن سوئال سوراۋەردى ۋە مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بەردى ؛ مەيلى ئۇ ياخشى ئادەم بولۇپ چىقسۇن ياكى ئەسكى ئادەم بولۇپ چىقسۇن ، ئۇنىڭ مەن بىلەن زىنھار ئالاقىسى يوق ، مەن ئۇنىڭغا ھېچنېمە ئۆگەتمىدىم . ئەگەر كىمدە كىم پۈتكۈل جاھاندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىرەر نەرسىنى ئاستىرتتىن سوقراتتىن ئاڭلىدىم ياكى ئۆگىنىۋالدىم دېسە ، سىلەرگە دەپ قويىدىغىنىم ، ئۇ جۆيلۈپتۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: z: ^5 ^, T! [
بىراق ، بەزىڭلار مەندىن سورايسىلەر : نېمىشقا كىشىلەر سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە شۇنچىۋالا ئامراق ؟ بۇنىڭغا ئالاقىدار بارچە ھەقىقەتنى مەن ئاللىقاچان سىلەرگە دېدىم ، ئافىنالىقلار : كىشىلەر ئۆزىنى بىلىملىك چاغلايدىغان ساختا دانىشمەنلەرنىڭ سوراققا قويۇلغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ نىقابىنىڭ يېرتىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈشكە خۇشتار ؛ ئۇلار بۇنى كۆرسە خۇش بولىدۇ . يەنە كېلىپ ، بۇ ئىلاھ ماڭا تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپە ، بۇنى مەن ئەۋلىيالاردىن ، ئايان بولغان بېشارەتلەردىن بىلگەن . ئافىنالىق قېرىنداشلار ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ راست ؛ ئەگەر يالغان بولسا ، تىزلا ئاغدۇرىلىدۇ .چۈنكى ئەگەر مەن راستىنلا ياشلارنى زەھەرلەۋاتقان بولسام ، شۇنداقلا بىر مۇنچىسىنى ئاللىقاچان زەھەرلەپ بولغان بولسام ، چوڭ بولغاندىن كېيىن كىچىكىدە مېنىڭ ئۆزىنى زەھەرلىگەنلىكنى بىلىپ قالغان ياشلار مېنى ئەيىبلىگىلى بۇ سوتقا كىلەتتى ، شۇنداقلا قىساسىنى ئالاتتى ؛ ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى كىلىشنى خالىمىسا ، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ، ئاتىلىرى ، قېرىنداشلىرى ياكى باشقا يېقىنلىرى مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قانچىلىك جىق ھەرەجلەرنى تارتقانلىقىنى بۇ يەردە چوقۇم دەيتتى . مانا ھازىر شۇلارنىڭ گەپ قىلىدىغان پەيتى . ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى سوتتا كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن . ئەنە ، كىرىتو ، مېنىڭ دوستۇم ۋە ھەقەمسايەم ؛ ئاۋۇ يەردە ئۇنىڭ ئوغلى كىرىتوبۇل تۇرۇپتۇ ، ئۇنىمۇ كۆردۈم .يەنە سىفىتۇسلۇق لىسانىئاسمۇ بار ، ئۇ ئىسھېنىسنىڭ ئاتىسى ؛ كىفىسىيەلىك ئانتىفونمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ ئېپىكوننىڭ ئاتىىسى . بۇنىڭدىن باشقا ، ماڭا چېتىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئاكىلىرىمۇ كەپتۇ . نېكستېلېتوس بولسا تېئېدوتنىڭ ئاكىسى ، تېئېدوتنىڭ ئۆزى ئاللىقاچان ئۆلدى ، شۇڭا ئۇ ئاكىسىنىڭ ماڭا قارا چاپلىشىنى توسالمايدۇ ؛ پارېلى دېمودوكنىڭ ئوغلى ، ئۇنىڭ تېئاگ دەپ بىر ئىنىسى بار . ئارىستوننىڭ ئوغلى ئادىمانت بۇ يەردە بار ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئەپلاتونمۇ بۇ يەردە ؛ ئېئانتودۇر ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى ئاپوللودونىمۇ كۆردۈم . مەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى تىلغا ئېلىشىم مۇمكىن ئىدى ، مولتۇس بۇلارنى گۇۋاھلىققا تارتسا بولاتتى ؛ ئەگەر ئۇ ئۇنتۇپ قالغان بولسا ھازىر بولسىمۇ گۇۋاھلىققا تارتسۇن ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ماڭا سۇۋىغان قارىسىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھەر قانداق گۇۋاھلىق سۆزىگە ئېرىشىلەيدىغانلا ئىش بولسا ، مەن ئۇنىڭغا يول قويىمەن . ئەپسۇس ، ئافىنالىق قېرىنداشلار ، ھەقىقەت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە . بارلىق گۇۋاھچىلار مېنى ئاقلاپ گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييار تۇرماقتا ، ھالبۇكى مولتۇس ۋە ئانت بولسا مېنى ئۇلارنىڭ زەھەرلىگۈچىسى ، ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ ۋەيران قىلغۇچىسى دەيدۇ . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، مېنىڭ زەھەرلەپ چېرىتكىنىم پەقەت ياشلارلا بولماستىن ، يەنە تېخى ئاشۇ ياشلارنىڭ جەمەتىدىكى چوڭلارنىمۇ زەھەرلەپتىمەن ، ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىدە بىرەر مەقسەت بولۇشى مۇمكىن .گۇۋاھچىلار نېمىشقا مېنى ئاقلاپ گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولىدۇ ؟ ئەلۋەتتە بۇ ھەقىقەتنىڭ كۈچىدىن بولغان ، ئۇلار مېنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتقانلىقىمنى ، مولتۇسنىڭ بولسا يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 u+ Q# j0 C8 i$ T' P) e! G خوش ، ئافىنالىق قېرىنداشلار ، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئاقلىشىم ئاساسەن مۇشۇنچىلىك بولىدۇ . بىراق يەنە بىر ئىغىز سۆزلەي . ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ، مېنىڭ سوتتىكى ھازىرقى ئەھۋالىمغا ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى بۇنىڭدىن كۆپ يېنىك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆزىنىڭ سوتتا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ مەندىن رەنجىپ قىلىشى مۇمكىن . ئۇلار سوت ئەھلىدىن ئۆزىنىڭ ئىلاھلارغا تاۋاپ قىلىۋىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى يۇم-يۇم يىغلىغان ھالدا پوتلىسىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ تىلەيدۇ ، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى سوتقا سۆرەپ كېلىپ ، ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست-يارەنلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغا-زارە قىلىشىپ ئاجايىپ تەسىرلىك كۆرۈنۈشتىن بىرنى ياسايدۇ ؛ بىراق ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتقان مەن ئۇنداق قىلىقلارنى قىلمىدىم . بەلكىم بۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىلىپ قىلىشى ، مۇشۇ سەۋەبتىن ئاچچىقىغا پايلىماي ماڭا قارشى ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن . مەن تازا جەزملەشتۈرەلمەيمەن ، بىراق ئەگەر ئاراڭلاردا مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ قالسا ، مەن ئېنىق قىلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيمەن : سۆيۈملۈك دوستۇم ، مەن بىر ئادەم ، ھومېرنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا ، باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا مەنمۇ قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن ، ھەرگىزمۇ ياغاچ ياكى تاشتىن پۈتۈلمىگەن ؛ مېنىڭمۇ ئائىلەم بار ، شۇنداق ، ئوغۇللىرىممۇ بار . قېرىنداشلار ، ئۈچ ئوغلۇم بار ، بىرسى چوڭ بولاي دېدى ، قالغان ئىككىسى تېخى كىچىك ؛ بىراق ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ سوتقا سۆرەپ ئەكەلمەيمەن . نېمىشقا ئەكەلمەيمەن ؟ بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدىن ياكى سىلەرنى مەنسىتمىگەنلىكىمدىن ئەمەس . ئۆلۈمدىن قورقۇش-قورقماسلىقىم باشقا بىر مەسىلە ، ئۇ توغرىسىدا ھازىر جىق سۆزلىمەيمەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ I" j$ H3 |' a* O
مېنىڭ سەۋەبىم شۇكى ، ئەگەر مەن شۇنداق قىلسام ، ئۆزۈمنىڭ ، سىلەرنىڭ ، شۇنداقلا پۈتۈن ۋەتىنىمنىڭ يۈزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەنمەن . ئادەم مېنىڭ يېشىمغا كەلگەندە ، شۇنداقلا دانىشمەن دېگەن نامغا ئېرىشكەندە ، مەيلى ئۇ نامغا ئەرزىسۇن ياكى ئەرزىمىسۇن ، ئۆزىنى چۈشۈرمەسلىكى كېرەك . قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ زېمىن سوقراتنىڭ مەلۇم جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپتۇ . ئەگەر ئاراڭلاردىكى دانىشمەن دەپ قارالغان ، پاراسەت ۋە جاسارەتتە شۇنداقلا باشقا ھەر قانداق پەزىلەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ ھېسابلانغان بىرەرىڭلار مۇشۇنداق پەس يول بىلەن ئۆزۈڭلارنى چۈشۈرسەڭلار ، بۇ كىم بەرگەن شەرمەندىچىلىك ! مەن نام-شەرىپى مەشھۇر بەزى كىشىلەرنى كۆرگەنمەن ، ئۇلارغا سوت ئېلان قىلىدىغان چاغدا ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكى ئاجايىب غەلىتە : خۇددى ئەگەر ئۇلار ئۆلسە دەھشەت قورقۇنچلۇق بىر نەرسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغاندەك ، ئەگەر ئۇلارنى بۈگۈن ياشىغىلى قويساڭ ، مەڭگۈ ياشايدىغاندەك قېلىپ كېتىشىدۇ ؛ مېنىڭچە ئۇلار شەھرىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىدۇ ، كىشىلەر باشقا شەھەرلەردىن كېلىپ بۇنى كۆرۈپ قالسا ، ئافىنالىقلار ئەزىزلەپ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئەڭ داڭدار ئافىنالىق بىر خوتۇن كىشىگىمۇ يەتمەيدىكەن ، دېيىشىدۇ . مەن دېسەم ، بۇنداق ئىشلارنى ماڭا ئوخشاش نام-شەرىپى داڭلىق كىشىلەر قىلىپ يۈرسە سەت بولىدۇ ؛ ئەگەر ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلماقچى بولسا ، سىلەر ئۇلارنى توسۇشۇڭلار كېرەك ؛ ئەكسىچە ، جىم تۇرغان ئادەمگە قارىغاندا ، سوتتا كۆرۈنۈش ياساپ ئويۇن ئويناپ شەھرىمىزنى ماز قىلغان ئادەمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىماللىقىڭلارنەڭ بەكرەك چوڭ ئىكەنلىكىنى خەلقئالەمگە كۆرسىتىپ قويۇڭلار .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! {; E! V5 L% W0 b بىراق ، شەرمەندىچىلىكتىن باشقا ، سوتقا يىلىنىپ يالۋۇرۇشنىڭ يەنە بىر چاتېقى باردەك قىلىدۇ ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا ، يىلىنغۇچى سوتنى قائىدە سۆزلەپ قايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشىدۇ . سوتچىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولسا كۆرۈنۈشتە ھەققانىي بولۇۋىلىش ئەمەس ، بەلكى ھۆكۈم چىقىرىش ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەتى ۋە خۇشاللىق-خاپىلىقى بويىچە ئەمەس ، بەلكى قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىمەن دەپ قەسەم قىلغان ؛ مەيلى سوتچى بولسۇن ياكى بىز بولايلى ، يالغان گۇۋاھلىق بەرسەك بولمايدۇ ، ئىلاھتىن قورقايلى . ئۆزۈم نومۇسسىزلىق ، ئىلاھقا بولغان بىھۈرمەتلىك شۇنداقلا خاتا دەپ سانىغان ئىشنى قىلىشقا مېنى زورلىماڭلار ، بولۇپمۇ ھازىر ، مەن مولتۇس تەرىپىدىن ئىلاھقا بىھۈرمەتلىك قىلىش جىنايىتى بويىچە ئەيىبلىنىپ تۇرىۋاتىمەن . چۈنكى ، ئەي ئافىنالىق قېرىنداشلار ، ئەگەر مەن سىلەرگە يىلىنىپ يالۋۇرۇش ئارقىلىق سىلەرنى قەسىمىڭلاردىن ۋاز كەچتۈرىۋەتسەم ، سىلەرگە " ئىلاھ يوق " دېگەننى تەرغىپ قىلغان بولىمەن ، شۇنداقلا ئۆزۈمنى ئاقلايمەن دەپ ئۆزۈمنى ئىلاھقا ئىشەنمەسلىك گۇناھىغا پاتۇرۇپ قويىمەن . بىراق ئىش ئۇنداق ئەمەس ، چۈنكى مەن ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ، يەنە كېلىپ مېنىڭ ھەر قانداق ئەيىبلىگۈچىمنىڭ چۈشەنگىنىدىن نەچچە ھەسسە چوڭقۇر مەنىدە ئىلاھنىڭ بارلقىغا ئىشىنىمەن . ماڭا ھۆكۈم چىقىرىش ئىشىنى ئىلاھ بىلەن سىلەرگە تاپشۇردۇم ، بۇنداق بولغاندا سىلەر بۇ ھۆكۈمنىڭ سىلەرگمۇ ، ماڭىمۇ ئادىل ئىكەنلىكىگە چىنپۈتىسىلەر . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ X, G0 K& n1 | Z
( سوقرات " گۇناھكار " دەپ ھۆكۈم قىلىندى، مولتۇس ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەكلىپى بەردى .) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* H: p& s- L0 e$ W, U
مېنى" گۇناھكار " دەپ چىقارغان بۇ ھۆكۈم نەتىجىسىدىن ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمىگەنلىكىمنىڭ مۇنداق بىر قانچە سەۋەبى بار ، ئەي قېرىنداشلار . بۇنداق بولۇشىنى كۆڭلۈم بۇرۇنلا تۇيغان ، پەقەت ئىككى تەرەپتىكى ئاۋاز سانىنىڭ بۇنچىۋالا يېقىن بولۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن ؛ چۈنكى مەن مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر ماڭا قارشى تۇرىدۇ دەپ ئويلايتتىم ؛ بىراق ، ھازىر قارىساق ، ئەگەر ئوتتۇز كىشى باشقىچىرەك ئاۋاز بېرىپ قالغان بولسا ، مەن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بىرىلەتتىمكەن . ئۇ چاغدا مولتۇستىنمۇ قۇتۇلاتتىم . يەنە باشقا گەپلىرىممۇ بار ئىدى ؛ چۈنكى ئەگەر ئانت ۋە لىكوننىڭ ياردىمى بولمىغاندا ، مولتۇس ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى ، قانۇن بويىچە بولغاندا ، ئۇ پەقەت مىڭ دراخم خەرىمانە پۇلغىلا ئېرىشەلەيتتى ، ئېنىقلا شۇنداق بولاتتى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 G/ Q) E% J3 ~) W2 y
شۇنداق قېلىپ ، مولتۇس ماڭا قەتلى قېلىش جازاسى بېرىش تەكلىپى بەردى . مەن ئۆزۈمگە قانداق جازا بېرىش تەكلىپىنى بېرەي ، قېرىنداشلار ؟ ئېنىقكى مەن تەكلىپتىن بىرنى بېرىشىم كېرەك . مەن قانچىلىك پۇل تۆلىسەم ئاندىن قۇتۇلالايمەن ؟ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا تېنىم تاپماي پەلسەپە تەتقىق قىلغان ، پۇل-مال-دۇنيا توپلاشقا چولىسى تەگمىگەن ، ئائىلىسىگە قارىيالمىغان ، ھەربىي ئەمەلدار بولمىغان ، سىياسەتكە ئارىلاشمىغان مەندەك بىر ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلغۇلۇق ! مەن ھەقىقەتەنمۇ سەمىمىي بىر ئادەم بولغاچقا ، يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولالمىدىم ، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام سىلەرگىمۇ ، ماڭىمۇ ھېچقانداق ياخشىلىق ئېلىپ كىلەلمەيتتىم ؛ بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ تىنچ ھاياتىم ئارقىلىق ھەر بىرىڭلارغا كۆپ ياخشىلىق كەلتۈردۈم ، ھەر بىرىڭلارنىڭ قېشىغا بىرىپ ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئىنچىكە دەڭسەپ كۆرۈشۈڭلار توغرىسىدا سىلەرگە ۋەز ئېيتتىم ، دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى ئويلىنىشتىن ئاۋال ، دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى ئويلىنىشنى سىلەرگە ئەسكەرتتىم ؛ ھەر قانداق ئادەم بىرەر مەسىلىنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئويلىشىشى كېرەك . مېنى قانداق بىر تەرەپ قىلساڭلار بولار ؟ ئەي قېرىنداشلار ، ئەگەر ماڭا جاۋاب قايتۇرىمىز دېسەڭلار ، ئۇنداقتا ماڭا ياخشىلىق قىلىڭلار ، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ياخشىلىق قىلىشىڭلارغا ئەرزىيمەن . سىلەرگە پايدا يەتكۈزۈشنىلا ئويلايدىغان ، سىلەرگە تەلىم بېرىدىغان پۇرسەتنىڭ بولۇشىغا تەقەززا مەندەك بىر نامرات قاق-سەنەم ئادەمگە قانداق جاۋاب قايتۇرساڭلار مۇۋاپىق بولار ؟ مېنىڭچە سىلەر ماڭا كېڭەش ئەزالىق ۋەزىپىسىنى بېرىڭلار ، مەن بۇ ئورۇنغا تولىمۇ لايىق ، ئەي قېرىنداشلار ، بۇ ئورۇنغا مەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولغىندىنمۇ بەكرەك لايىق . چۈنكى مەن بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ، ئۇ بولسا يېتەرلىك مۇكاپاتلاش ۋە ئالقىشلارغا ئېرىشىپ بولغان ؛ ئۇ سىلەرگە خۇشاللىقنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنىلا بىرەلەيدۇ ، مەن بولسام سىلەرگە ھەقىقەتنى بېرىمەن . ئەگەر مېنى ئۆزۈڭگە بېرىلىدىغان ئەڭ ھەققانىي جازادىن بىرنى تاللا دېسەڭلار ، ئۇنداقتا مېنى كېڭەش زالىغا قايتۇرىۋىتىڭلار ، كېڭەش ئەزالىقىمنى داۋاملاشتۇراي ، مانا بۇ مەن تاللىغان ھەققانىي جازا . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' W' t" T6 m' E0 U J- P$ \
بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ سىلەر بەلكىم مېنى نوچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىلەر ، بايا مەن يىلىنىپ يالۋۇرۇش ۋە پوتلىسىنى ئېقىتىش توغرىىسىدا سۆزلىگەندىمۇ شۇنداق ئويلاپ قالغانتىڭلار . بىراق ئىش ئۇنداق ئەمەس . مېنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمگە يامانلىق قىلغان ئەمەسمەن ، بىراق سىلەرنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرەلمىدىم ، چۈنكى بىزنىڭ مۇنازىرىمىز بەك قىسقا بولۇپ قالدى ؛ ئەگەر ئافىنا قانۇنىدىمۇ باشقا شەھەرلەرنىڭ قانۇنىغا ئوخشاش مۇھىم دەۋالارنى بىر كۈندىلا ئۈزىۋەتمەسلىك توغرىسىدا بەلگىلىمىلەر بولغان بولسا ،ئۇنداقتا مەن چوقۇم سىلەرنى ئىشەندۈرەلەيتتىم ؛ بىراق ۋاقىت بەك قىسقا بولدى . بۇنچىلىك ۋاقىتتا مەن يۈزۈمگە قاتمۇ-قات سۇۋالغان قارىنى سۈرتۈپ بولالمايمەن ؛ مەن ھېچكىمگە يامانلىق قىلمىغانىكەنمەن ، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزۈمگىمۇ يامانلىق قىلمىغاندىمەن . مەن ئۆزۈمنى بىرەر جازا قوبۇل قىلىشقا لايىق دەپ قارىمايمەن ، شۇنداقلا ئۆزۈمگە بىرەر جازا بېرىش تەكلىپىنىمۇ بېرەلمەيمەن . نېمىشقا شۇنداق قىلغۇدەكمەن ؟ مولتۇس كۆتۈرۈپ چىققان ئۆلۈم جازاسىدىن قورقۇپمۇ ؟ ئۆزۈم ئۆلۈمنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ، يەنە نېمىشقا يامانلىقى مانا مەن دەپ تۇرغان باشقا جازادىن بىرنى بېرىش تەكلىپى بەرگۈدەكمەن ؟ قاماق جازاسى بېرىڭلار دەيمۇ-يا ؟ يەتمىش ياشقا كېرىپ قالغاندا يەنە نېمە دەپ گۇندىپايلارغا قۇل بولۇپ زىنداندا ياتقۇدەكمەن ؟ ياكى ، ماڭا جەرىمانە قويساڭلار ، جەرىمانىنى تۆلەپ بولغۇچە زىنداندا ياتايمۇ-يا ؟ ئىش يەنىلا ئوخشاش . مەن يەنىلا زىنداندا يېتىشىم كېرەك ، چۈنكى مەندە جەرىمانە تۆلەيدىغانغا پۇل يوق . قوشۇمچە جازا سۈپىتىدە مېنى سۈرگۈن قىلىشىڭلارمى مۇمكىن ؛ ئەگەر مېنى سۈرگۈن قىلىڭلار بولدى دەپ تەكلىپ بەرسەم ، مەن چوقۇم ھاياتقا بەك چاپلىشىپ كېتىپ كۆزۈم قارىغۇ بولغان ئوخشايمەن : ھەتتا مېنىڭ سىلەردەك ئۆز يۇرتداشلىرىم ۋە جانجىگەر قېرىنداشلىرىم جېنىدا مېنىڭ ئىزدىنىشلىرىمگە ۋە سوئال سوراپ ۋەز ئېيتىشىمغا چىداشلىق بىرەلمىگەن ، مېنىڭ ئۇ سۆزلىرىمنى شۇنچىلىك ئازابلىق ، شۇنچىلىك يىرگىنچلىك دەپ قاراپ ئۇنى يوق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن يەردە ، باشقا شەھەردىكىلەر قانچىلىك قىلار ! ياق ، ياق ، قېرىنداشلار ، مېنى سۈرگۈن قىلماڭلار ، مەن بۇ يېشىمدا سۈرگۈنلۈكتە شەھەرمۇ-شەھەر قوغلاندى بولۇپ قېقىلىپ-سوقۇلۇپ ياشىسام ، بۇ ماڭا نېمە كۈن ! چۈنكى ماڭا شۇنىسى ئايانكى ، مەيلى مەن قايسى شەھەرگە بارماي ، ياشلار مېنىڭ قېشىمغا تەلىم ئالغىلى كېلىشىدۇ ؛ ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم ، ئۇلارنى چوڭلىرى كېلىپ ئىتنى ھەيدىگەندەك مېنى ئۆز شەھرىدىن ھەيدىۋىتىدۇ ؛ ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتمىسەم ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ۋە دوستلىرى ئۇلارنى زەھەرلىنىپ قالمىسۇن دەپ يەنە مېنى قوغلايدۇ . بەزىلىرىڭلار شۇنداق دەيسىلەر : " ماقۇل ، سوقرات ، بىراق سەن ئىغىزىڭنى يۇمالمامسەن ؟ ئەگەر جىم بولغان بولساڭ ، سەن يات ئەللەرگە بارساڭ ھېچكىم ساڭا كاشىلا قىلماس ئىدىغۇ ." مېنىڭ بۇنىڭغا بولغان جاۋابىمنى بىرەرسىڭلارنىڭ چۈشىنەلىشىگە كۆزۈم يەتمەيدۇ . چۈنكى ، ئەگەر مەن سىلەرگە ، بۇنداق قىلىش مۇقەددەس بۇيرۇققا قارشى چىققانلىق بولىدۇ ، شۇڭا تېلىمنى يىغالمايمەن دېسەم ، مېنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەيسىلەر ؛ ئەگەر مەن داۋاملىق تۈردە سىلەرگە ، ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ بۈيۈك ياخشىلىق بولسا ھەر كۈنى پەزىلەت توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش دېسەم ، مەن سۆزلەۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنى ۋە باشقىلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دېسەم ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ھاياتنى ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ دېسەم —— ئەگەر مەن مۇشۇلارنى دېسەم ، سىلەر يەنىلا ئىشەنمەيسىلەر . ۋاھالەنكى ، گەرچە سىلەرنى ئۇلارنىڭ بىرەرسىگىمۇ ئىشەندۈرەلمىگەن بولساممۇ ، بىراق ، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت .يەنە كىلىپ ، مېنىڭ ئۆزۈمنى بىرەر جازاغا لايىق دەپ ئويلايدىغان ئادىتىم يوق . ئەگەر پۇلۇم بولغان بولسا ، جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولاتتىم –دە ، ئۆزۈمدە بارىنى سىلەرگە بېرەتتىم ، باشقا ئىشلارمۇ بولمايتتى . لىكىن كۆردۈڭلار ، مەندە پۇل يوق ، جەرىمانىنى ماڭا لايىقلاشتۇرۇپ تۆۋەنلىتىپ بىرىشىڭلارنى سورىماقتىن باشقا ئامال مەندە ئەمدى يوق . مەن قارىسام يۈز دراخملا تۆلىيەلەيدىغان ئوخشايمەن ، شۇڭا ماڭا يۈز دراخم جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بىرەي ؛ ئاۋۇ يەردىكى دوستلىرىم ئەپلاتون ، كىرىتون ، كىرىتوبلۇس ۋە ئاپوللودلار ماڭا ئۈچ مىڭ دراخم دەڭ دەۋاتىدۇ ، پۇلنى ئۇلار چىقىرىدىكەن . ئىش پۈتتى ، جەرىمانە ئۈچ مىڭ دراخم بولسۇن ؛ پۇلغا ئۇلار ھۆددە قىلىدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z% n' u" `2 _# z* y0 a0 `2 i ( زاسېداتېللار سوقراتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى .)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& f9 @9 z1 b0 p% {( k9 O+ J) A قېرىنداشلار ، ئۇزاق ئۆتمەي شەھرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولاش قەستىدە يۈرگەن كىشىلەر سىلەرگە " دانىشمەن سوقراتنى قەتلى قىلغان " دېگەن بۇ ئەسكى نامنى بېرىدۇ ؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ، مەن دانا بولمىساممۇ دانا دەپ سىلەرنى گۇناھكار قىلماقچى بولىدۇ . ئاچچىقىڭلارغا ئازراق ھاي بېرىپ ساقلىيالىغان بولساڭلار ، بىر مەزگىلدىن كېيىن تەبىئەت سىلەرنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەتتى ؛ چۈنكى مەن ياشتا چوڭ ئادەممەن ، كۆردۈڭلار ، بىر پۇتۇم ئاللىقاچان گۆرگە ساڭگىلىغان . مەن ھازىر مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغانلارغىلا قارىتىپ سۆزلەۋاتىمەن. ئۇلارغا دەيدىغان يەنە بىر گېپىم بار : ئۆزۈڭلارچە مېنى گەپتە سىلەرگە تەڭ كىلەلمەي ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى دەپ قالغانسىلەر ، كۆڭلۈڭلاردا ئەگەر سوقرات قىلىشقا تېگىشلىكنىڭ ھەممىنى قىلىپ ، دېيىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىنى دېگەن بولسا ، چوقۇم گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلەتتى دەپ ئويلاۋاتىسىلەر .ئۇنداق ئىش يوق ؛ مېنى گۇناھقا بۇيرۇغىنى مېنىڭ گەپتە سىلەرگە تەڭ كىلەلمىگەنلكىم ئەمەس ، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس . مېنىڭ پەقەتلا سىلەر مەندىن كۈتكەن نومۇسسىزلارچە ئۇسۇل بويىچە سۆزلىمىگەن يېرىم بار شۇ ، مەن سوتتا يىغلاپ –ھاڭراپ كۆز يېشى قىلمىدىم ، ئاھۇ-زارە ئېيتىپ داد-پەرياد كۆتۈرمىدىم ، سىلەر تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ قالغان ياغلىما –ياۋىداق گەپلەرنى مەن قىلمىدىم . بۇنداق قىلمىشلار ماڭا ياراشمايدۇ . ئەكسىچە ، مەن بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە يەنە باشقىلار قىلىپ يۈرگەننى ياكى باشقا ناچار قىلىقلارنى قىلماسلىقىم كېرەك دەپ ئويلىدىم : مەن ئۆزۈمنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاقلىغىنىمغا تۆۋە قىلمايمەن ، ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە سۆزلەپ ئۆلسەم ئۆلىمەنكى ، ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇسۇلۇڭلار بويىچە سۆزلەپ بۇ دۇنيادا ياشىمايمەن . ھەر قانداق ئادەم مەيلى جەڭگاھتا ياكى سوتتا بولسۇن ، ھە دېسىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا بولماسلىقى كېرەك . چۈنكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، جەڭگاھتىكى بىر جەڭچى قورالىنى تاشلاپ دۈشمىنى ئالدىدا تىزلانسىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلالايدۇ ؛ باشقا ئەھۋاللاردا ، ئەگەر بىر ئادەم ھەر نېمىنى دېيىشتىن ياكى قىلىشتىن يانمىسىلا ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بولىدۇ . ئەي دوستلىرىم ، بۇ يەردىكى مۈشكۈلات بولسا ئۆلۈمدىن قانداق ساقلىنىش ئەمەس ، بەلكى ناھەقچىلىكتىن قانداق ساقلىنىش ؛ چۈنكى ناھەقچىلىك ئۆلۈمدىن تىز يۈگرەيدۇ . مەن قېرىپ قالدىم ، ھەرىكىتىم ئاستا ، شۇڭا ئاستا يۈگرەيدىغان ئۆلۈم ماڭا يېتىپ كەلدى ؛ مېنىڭ ئەيىبلىگۈچىلىرىم بولسا سەزگۈر ، ھەرىكىتى تىز ، شۇڭا تىز يۈگرەيدىغان ناھەقچىلىك ئۇلارنى تاپتى . مانا ئەمدى ، سىلەر ماڭا بەرگەن ئۆلۈم جازاسىنى تارتقىلى ماڭىمەن ، ئۇلارمۇ ھەقىقەت ئۇلارغا بەرگەن ئەسكىلىك ۋە ناھەقچىلىك جازاسىنى تارتقىلى ماڭىدۇ . مەن ئۆز جاجامنى يەي ، ئۇلارمۇ ئۆز جاجىسىنى يېسۇن . بەلكىم بۇ ئىشلار تەقدىردۇ ، مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بولدى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# N. M- D; v0 W1 `) K
ئەمدى ، ئەي ، مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغانلار ، سىلەرگە كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرمىسەم بولمىدى ، چۈنكى مەن ئۆلگىلىۋاتىمەن ، ئادەم ئۆلۈش ئالدىدا كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ . قاتىللىرىمغا شۇنداق بېشارەت بىرەيكى ، مېنى ئۆلتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، سىلەر ماڭا سالغان زۇلۇمدىن نەچچە ھەسسە دەھشەتلىك بولغان زۇلۇم سىلەرنى كۈتمەكتە . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( n8 G( S1 b" ]( l% a6 Q. F) x$ N
سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ تۇرىۋاتىسىلەر ، چۈنكى بىرسىنىڭ سىلەرنى ئەيىبلىشىگە چىداپ تۇرالمايسىلەر ، ئۆزۈڭلار توغرىسىدا ئويلىنىشتىن بىزارسىلەر . بىراق مېنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەنلا ئىش تۈگەپ قالمايدۇ : ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ . چۈنكى ۋاقتى كەلگەندە ھازىرقىدىنمۇ كۆپ كىشىلەر كېلىپ سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ ؛ ئۇ ئەيىبلىگۈچىلەرنى مەن ھازىرغا كەلگۈچىلىك ئىزچىل تۈردە بېسىپ كەلگەنمەن ؛ ئۇلار تېخىمۇ ياش ، شۇڭا سىلەرگە كۈن بەرمەيدۇ . چۈنكى ، ئەگەر سىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق شىكايەتچىلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن قۇتۇلىمىز دەپ قالغان بولساڭلار ، خام خىيال قىپسىلەر ؛ ئۇنداق ئۇسۇل بىلەن قۇتۇلۇش ھەم مۇمكىن ئەمەس ھەم شەرمەندىچىلىك ؛ ئەيىبلەشتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئالىيجاناپ ۋە ئاددىي ئۇسۇلى بولسا ئەيىبلىگۈچىنى كۆزدىن يوق قىلىش ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈڭلارنى ياخشىلاش . مانا بۇ مەن كېتىشتىن ئاۋال سىلەرگە دەپ قويىدىغان بېشارەت ، بۇنى مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان جاللاتلارغا قارىتىپ دېدىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ S: \" v' g. _ مېنى گۇناھسىز دەپ ئاۋاز بەرگەن دوستلار ، مەن يۈز بەرگەن بۇ ئىش توغرىسىدا سىلەر بىلەنمۇ ئىككى ئىغىز سۆزلەشمەكچى ، گۇندىپايلار ئالدىراش-تىنەش يۈرۈيدۇ ، مېنى ئۆلتۈرىدىغان يەرگە ئاپارغۇچىلىك بىر ئاز پاراڭلىشىۋالايلى . شۇڭا كەتمەي تۇرۇڭلار ، ۋاقىتنىڭ بارىدا بىر-بىرىمىز بىلەن ئوبدان مۇڭدىشىۋالايلى . سىلەر مېنىڭ دوستلىرىم ، شۇڭا مەن ماڭا يۈز بەرگەن بۇ ئىشنىڭ مەنىسىنى سىلەرگە ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى خالايمەن .ئەي دوستلىرىم ، سىلەرنى ھەقىقىي سوتچى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ C5 A) z# A* C. yدېسە تازا مۇۋاپىق بولىدۇ . سلەرگە ئاجايىپ بىر ئىشنى دەپ بېرەي . بۈگۈنگە قەدەر ، ئىچىمدىكى ھېلىقى ئەۋلىيا ئىزچىل تۈردە ئەڭ كىچىك ئىشلارغىچە مېنىڭ قىلچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنىمۇ توسۇپ تۇراتتى ؛ مانا ھازىر كۆرگىنىڭلاردەك ، ئادەتتە كىشىلەر ئەڭ ئاداققى رەزىللىك ۋە يامانلىق دەپ قارايدىغان بىر ئىش بېشىمغا كەلگىلىۋاتىدۇ . بىراق ئىچىمدىكى ئەۋلىيا ماڭا ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمىدى ، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۆيدىن چىققان ۋاقتىمدا بولسۇ ياكى بۇ سوتقا چىققۇچە بولسۇن ، ياكى مەن ئۆزۈمنى ئاقلاۋاتقاندا بولسۇن نېمىلا دېمەي مېنى توسمىدى ؛ ئىلگىرى مەن سۆز ئارىلىقلىرىدا دائىم توختاپ قالاتتىم ؛ بىراق ، بۈگۈن مەن سوتتا مەيلى نېمە دەي ، نېمە قىلماي ، ئىچىمدىكى ئەۋلىيا مېنى زىنھار توسمىدى . بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ؟ سىلەرگە ھازىر دەپ بېرىمەن . مەن بۇنى ماڭا يۈز بەرگەن ئىشنىڭ بولسا بىر ياخش ئىش ئىكەنلىكىنىڭ ، ئۆلۈمنى بىر شۇملىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىمەن . بۇ مەن سۆزلەۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەق گەپ ئىكەنلىكىگە بولغان بىر ئىسپات ، چۈنكى ئەگەر مەن ياخشىلىققا قاراپ ماڭماي رەزىلىككە قاراپ مېڭىۋاتقان بولسام ، ئىچىمدىكى ئىلاھ چوقۇم مېنى توساتتى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L1 C" ~) @/ ?
مەسىلىگە باشقىچە نۇقتىدىن قارىساقلا ، ئۆلۈمنىڭ بىر ياخشى ئىش بولۇپ چىقىشىدا چوڭ ئۈمىد بار ، چۈنكى ئۆلۈم تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ بىرى : ئۆلۈم ياكى بولمىسا بىر خىل ھېچنېمە يوق ، ئادەم مۇتلەق ھۇشسىز بىر ھالەت ؛ ياكى بولمىسا ، كىشىلەر ئېيتقاندەك ، ئۆلۈم بولسا روھنىڭ بۇ دۇنيادىن يەنە بىر دۇنياغا كۆچۈشى . ئەگەر مەن ئۆلگەندە پۈتۈنلەي ھۇشسىز بولۇپ ھېچنېمىنى بىلمىسەم ، بۇ گويا ئۇزاققا سوزۇلغان چۈشسىز بىر ئۇيقۇ بولسا ، ئۇنداقتا ئۆلۈمنىڭ پايدىسىغا گەپ توغرا كەلمىگۈدەك . چۈنكى ، ئەگەر بىرسىدىن چۈشسىز ئۇخلاپ خاتىرجەم تاڭ ئاتقۇزغان كۈنۈڭدىن قانچىلىك باركەن دەپ سورىساق ، ھېچكىم ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنداق كۈندىن بىر قانچىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ . ئەگەر ئۆلۈم مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا ، مەن ئۆلۈمنى پايدىلىقكەن دەيمەن ؛ چۈنكى ، ئۇ چاغدا ئەبەدىيلىك پەقەتلا بىر ئاخشاملىق ئۇيقۇنىڭ ۋاقتىغا باراۋەر .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ?! Q% F7 C& z0 o8 lئەگەر ئۆلۈم ئۇنداق بولماي ، روھنىڭ بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا كۆچۈشى بولسا ، ھەم ئۇ دۇنيادا ئىلگىرى ئۆلگەنلەرنى ئۇچراتقىلى بولسا ، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ياخشى ئىش يەنە بولسۇن ، دوستلىرىم ؟ ئەگەر تاۋاب قىلغۇچى يەر ئاستىدىكى دۇنياغا يېتىپ بارسا ، ئۇ بۇ دۇنيادىكى سوتچىلاردىن قۇتۇلۇپ ، ئۇ دۇنيادىكى ھەقىقىي ئادىل سوتچىلارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ . مىنوس ، رېدامانت ، ئىئاك ، ترىپتولىم ۋە ئىلاھلارنىڭ باشقا بالىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ھەققانىيەتنى ياقىلاپ ياشاپ ئۆتكەنىدى ، شۇڭا ئۇلارنى تاۋاب قېلىشقا ئەرزىيدۇ . بىراۋ ئورفېيۇس ، مۇسايېۋس ، خېسىئودا ۋە ھومېرلار بىلەن مۇنازىلىشىش يولىدا يەنە نېمىسىنى ئايىسۇن ؟ ھېچنېمىسىنى ئايىمايدۇ . ئەگەر بۇ راسىت بولسا ، مەن قايتا-قايتا ئۆلۈشكە رازى . مەنمۇ پالامېد ، تېلموننىڭ ئوغلى ئاجاكس ۋە باشقا قەھرىمانلار بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدىغان يەرگە بېرىشقا تولىمۇ تەقەززار . ئۇلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ناھەق سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ؛ مېنىڭ تارتقان ھەرەجلىرىمنى ئۇلارنىڭكى بىلەن سىلىشتۇرساق چوقۇم قىزىق بولىدۇ . ھەممىدىن مۇھىمى ، مەن ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ھەق-ناھەق ۋە راست-يالغان توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرالايمەن ؛ مەن كىمنىڭ نادان ، كىمنىڭ دانىشمەن ئىكەنلىكىنى ، كىمنىڭ دنىشمەن سىياقىغا كىرىۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىمەن . ئەينى چاغدىكى ترويا ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانلىرىنى ، ياكى ئودېسىس ، سېسىيفۇسلارنى ، ياكى باشقا كىشىلەرنى تەكشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولۇشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بارمۇ بۇ جاھاندا ، سۆيۈملىك دوستلار ! ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلاردىن سوئال سوراش نېمىدىگەن ئالەمچە خۇشاللىق –ھە ! چۈنكى ئۇ ئالەمدە ھېچكىم مېنىڭ بۇ قىلمىشىم ئۈچۈن مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇمايدۇ ؛ جەزمەن ئۇنداق قىلمايدۇ . چۈنكى ئەگەر كىشىلەرنىڭ دېگىنى راست بولسا ، كىشىلەر ئۇ دۇنيادا خۇشال بولغاندىن سىرت ، يەنە تېخى ئۆلمەس بولىدۇ . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ^; F& p q% ~6 I- D# U
شۇڭلاشقا ، سوتچى دوستلار ، ئۆلۈمنى ئالقىشلاڭلار ، شۇنى بىلىپ قىلىڭلاركى ، مەيلى بۇ ھاياتتا بولسۇن ياكى ئۆلگەندە بولسۇن ، بىر ياخشى ئادەمگە ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ . ئىلاھلار ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مېنىڭ ئۆلۈمۈممۇ تاسادىپىيلا كەلگەن ئەمەس . بىراق مەن قارىسام ، ئۆلۈپ قۇتۇلغىنىم ياخشىراقتەك قىلىدۇ ، شۇڭا ئىچىمدىكى ئىلاھ ماڭا ھېچقانداق بېشارەت بەرمىدى . دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ، مېنى قارىلىغانلارغا ۋە مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغانلارغا غەزەپلەنمەيمەن ؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلمىدى ؛ ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسسى ماڭا بىرەر ياخشىلىق قىلىشنى ئويلىمىغان –- مۇشۇ سەۋەبتىن ، ئۇلاردىن ئازراق خاپا بولدۇم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 y3 ]$ y. y3 ]( h- f1 r! O2 ]بىراق ، مېنىڭ يەنىلا ئۇلاردىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىشىم بار . دوستلىرىم ، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي : ئوغۇللىرىم چوڭ بولغاندا ئەگەر ئۇلار ئۆز پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا مال-دۇنيا ، پۇل-پۈچەك ياكى باشقا نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئاتسا ، كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلمىسە ، ياكى ئۆزى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان تۇرۇپ يەنە يوغانچىلىق قىلسا ، سىلەر ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى تازا ئوبدان بېرىڭلار ، مەن سىلەرگە چاپلىشىۋالغاندەك سىلەرمۇ ئۇلارغا چاپلىشىۋىلىڭلار . ئەگەر سىلەر دېگىنىمنى قىلساڭلار ، مەن ۋە ئوغۇللىرىم سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئادىللىقا ئېرىشەلىگەن بولاتتۇق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" {6 Z& L0 Y: G( U4 bئايرىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى ، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭىمىز —— مەن ئۆلۈمگە قاراپ ماڭىمەن ، سىلەر ياشىغىلى ماڭىسىلەر . قايسىسى ياخشى ، بۇنى تەڭرىلا بىلىدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% y* K% w9 D% l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, G# F& T- u% I; }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 E0 n/ _: z: w& Y* s' F, L تۈگىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, C3 k1 i0 n: t* o; w1 Y! ^بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 I( I: o% M4 P" `
مەنبە : مەمتىمىن تەرجىمىسى؛بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ O. Q2 x9 z( K" b; C% o* w! u
ئىزاھات :
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ^- n# T+ e' t& ~2 Cمەزكۇر ماقالە Benjamin Jowett نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى . تەرجىمە جەريانىدا ئابدۇقادىر جالالىددىن ۋە ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمە قىلغان ، شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى ، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2013-يىلى 7-ئايدا نەشىر قىلغان << ئەپلاتون پاراڭلىرى-سوقراتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى >> دېگەن كىتابتىكى << رەددىيە قىسمى >> دىن قىسمەن پايدىلاندىم . گەرچە مەزكۇر ماقالە ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىقىپ بولغان بولسىمۇ ، بىراق تەرجىمىدىن تازا ” رازى بولمىدىم “ ، چۈنكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن ئىنگىلىزچە نۇسخىسى ئارىسىدىكى پەرق خىلىلا چوڭ ئىدى . شۇڭا ئۆزۈم قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم . قىزىقىدىغان دوستلار بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابتىكى << رەددىيە قىسمى >> بىلەن مېنىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخامنى سىلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- s2 }8 ~0 S% a5 ~* |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z% s) `" f }) [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- E. w ~5 `- L
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dart119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 10:29 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* z) v: s" @( v0 w, S$ h# Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" a) g6 r! `- Y, D( r- f
|
|
|
|
|
|
|