ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1217.75 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1280.08 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 93.01 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1296 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى QE دائىرىسىدە ئېنىقسىزلىق ھالىتى ساقلانغانلىقى ھەمدە IMF پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرى تۆۋەنلىشى ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ 1296.80 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى سائەت 11:30 ئەتراپىدا ئېلان قىلىدىغان ياپونىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارى . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە مەركىزى بانكا 17:30 ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەنگلىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنى مۆلچەردىكىگە ماس كەلسە ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئاشسا پوند ستېرلىڭ چوڭ دائىرىدە تەۋرىنىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئۆي بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى .
مەشغۇلات باسقۇچى :
ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1285 دوللاردىن 1300 دوللار ئارلىقىنى ئاساس قىلىپ تەۋرىنىدۇ . ئاسىيا بازىرىدا 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1297-1300 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ ئەمما چۈشۈش بوشلۇقى چەكلىك بۇلۇپ قىسقا ۋاقىتلىق ئاساسى يۆلىنىش يەنىلا ئۆرلەش .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1300 1305
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1285 1280
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1280-1310
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1273
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى1300
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش