يۇرتىغا قايتىش
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا
بۈيۈك يۈرۈشلەردىن قايتقاندا دۇلدۇل ،
كىشنەپ تاپىدۇ كونا ئۇقۇرنى .
ئوتتۇز نەچچە يىل يۈرسەم يېراقتا ،
يۇرتۇم قۇچاقلىدى تۇنۇپ پەقىرنى .
* * *
ياقا – يۇرتلاردا قاڭقىغان قۇشتەك ،
تالغان قاناتلاردا كەلدىما كەلدىم .
نۇرغۇن بىساتلىرىم قالدى يوقالدى ،
ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىنى بىللە ئەكەلدىم .
ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ تالاغا چىقىپ ،
ساقايغان كىشىدەك سەزدىم ئۆزۈمنى .
ئەنە چىم – چىم ئوغلان ، قىسىل تاغلىرى ،
زارىقىپ – زارىقىپ ياقتىم كۆزۈمنى .
ئاتا – ئانام كەتكەن كەلمەس سەپەرگە ،
لېكىن گۈلپۈلدەيدۇ ئۇلارنىڭ ھىدى .
تاكسىدىن چۈشۈپلا دەسسىگەن يېرىم ،
ئاتامنىڭ ئىزى قالغان ئاتامنىڭ يېرى .
* * *
مەھەللەمگە ئۇچتۇم ئوقتەك ئېتلدىم ،
ئانامنىڭ چېچىدەك يوللارنى بويلاپ .
شىلدىرلىشى چەكتى يۈرەكنى ،
تۇمۇرۇمدا سۇلىرىڭ ئويناپ .
گۈل سۇنۇشتى باغلار دەستىلەپ ،
مەستخۇش قىلدى يارنىڭ ھىدىدەك .
قۇشلىرىڭنىڭ سايراشلىرىچۇ ،
لىۋەن قىزنىڭ تاتلىق گېپىدەك .
سىلاپ ماڭدى بېشىمنى قوياش ،
يېراقلاردا مۇڭى غەزەلنىڭ .
يېتىرقاش يوق قاي ئۆيگە كىرسەم ،
تۇققىنىمەن زاتى ئەزەلنىڭ .
ھەر قەدەمدە دىلكەش قېرىنداش ،
يېقىنلىقنى سۆزلەيدۇ كۆزى .
تاۋلىنىپتۇ قۇيۇچقا ئوخشاش ،
ئاپتاپلاردا نۇرانە يۈزى .
ئۇچرىغانغا ھۆرمەت – تەۋەززۇ ،
سالام قىلدىم ئىگىلىپ يادەك .
قىزىرىدۇ ئەھۋال سورىسام ،
تۇغۇلىشتىن گۇناھى باردەك .
غۇرۇرى تاغ ، كۆڭلى ئالەمچە ،
يالغۇز يىمەس پۈتۈن نېنىنى .
چامغۇر بىلەن قالسىمۇ كۈنى ،
ئايىماپتۇ قۇشتىن دېنىنى .
* * *
تاققا ئىگىلسەم ئاتامدەك كۆرۈپ ،
سوراپ دىدى:ئۇ نېمىلەر كۆردۈڭ .
ياقۇپ سېغىنغاندەك ئوغلى يۈسۈپنى ،
سېغىندىم بالام بەك نەلەردە يۈردۈڭ .
دېدىم : چوڭ شەھەردە ئۆتتى كۈنلىرىم ،
سەنسىز يېرىمىم يوق ياشىدىم ئەمما .
شەھەر دېگەن قىزىقكەن ،قىزىق ،
كۆرگەن بىلگەنلىرىڭ خۇددى مۇئەمما .
‹‹سەھرايى قىيامەت››دەپتۇ ئازغانلار ،
ئەسلى قىيامەت شەھەردە بۈگۈن .
تۇنۇشمايدۇ قۇلۇم – قوشنىلار ،
ھەر كۆڭۈلدە بىر قاداق تۈگۈن .
ئاسمىنىدا نۇردىن جۇلا يوق ،
ئۇچار قۇشلار ئازدى پەرۋازدىن .
بىنالارغا پەسىللەر تۇتقۇن ،
گۈل تىلەيدۇ قىشتىن ئايازدىن .
خورازلىرى چىللىماس ئەسلا ،
تۇمانلاردا زۇۋاندىن قالغان .
مىكيانلىرى ئېگىز قونداقتا ،
ئۇۋىسىدا تۇخۇملار يالغان .
بەزمىلەردە ئەبجەش غىزالار ،
ئىشتاھالار يەيدۇ ئىلغىماي .
ئانىلىرى قاتار چايلاردا ،
نىمە چارە بوۋاق يىغلىماي .
بەڭۋاشلىرى يۈرەر قاۋاقتا ،
ئۆزلىرىنى غەيۇران چاغلاپ .
مومايلىرى ياشلىق تالىشار ،
قورۇقلارنى دەزمالدا داغلاپ .
تۇنىمايدۇ ئوسمىنى قىزلار ،
قاش ياسايدۇ پەلكۇش قەلەمدە .
ئوسمىلىرى سۇلاشقان جۇۋان ،
خېرىدارسىز قالار ئەلەمدە .
شۇئان غەمدە قالغان ئوسمىنى ،
خام پېتىلا يىگۇم كېلىدۇ .
بوۋىڭىزنى مومىڭىزغا كۆيدۈرگەن ،
ئوسما ئىدى قىزچاق دىگۈم كېلىدۇ .
بەك زىرىكتىم غىتمەك شەھەردىن ،
ئەسلىدىم نان پۇرىغان ئادەملىرىڭنى .
ۋاڭ – چۇڭلۇق كوچىدا باشلىرىم قېيىپ ،
سېغىندىم توي – تۆكۈن ماتەملىرىڭنى .
سېنىڭدىن قاچمىدىم ئىشەنگىن يۇرتۇم ،
قاي بالا ئانىدىن رەنجىگەن قاچان .
بالىغا ئۆز ئانا مېھرىبان پەقەت ،
غەمگۇزار بولمايدۇ ئۆگەي ھېچقاچان .
سەتلىسە ئانىسى كەپسىز ئوغلىنى ،
سۆيمەمدۇ ھېلىلا ماڭلايلىرىدىن .
قول قىسقا چېغىدا غۇربەت باقسىمۇ ،
قايتۇرۇپ بەرمەمدۇ تاڭلايلىرىدىن .
* * *
بالا چاغلىرىمدا رەنجىتكەن ئىدى ،
سەندە كۆرگەن جاپا ، دىشۋار ، رىيازەت .
بىلسەم تاشلىرىڭدەك تاۋلاپتىكەنسەن ،
شۇڭا تاغلىرىڭدەك تۇردۇم سالامەت .
ئىگىز بىنالارغا قىلمىدىم ھەۋەس ،
سېغىندىم چوڭ بولغان پاكار ئۆيۈمنى .
يېراقتا قالسىمۇ يۇرتۇم بارغۇ دەپ ،
ھەممىدىن ئېگىز قىلدىم غۇنچە بويۇمنى .
باشقىلار ماختانسا ئەمەل – پۇلىدىن ،
ماختاندىم سېنىڭدەك يۇرتۇمنى باردەپ .
ھېچكىمنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسمىدىم ،
سەندە كۆمۈپ قويغان ئالتۇنۇم باردەك .
شەھەر پەردازىدا يۇرسەممۇ گەرچە ،
خىيالىم ھەر ئان مېنى قالدۇردى يۇرتتا .
ئۇۋىسىدىن ئېزىپ داڭگالدا قالسا ،
ھېجران ئازابى بار ھەتتاكى قۇرتتا .
سۆگەتلەر ئۈستىدىن موللاق ئاتاتتۇق ،
ھەر دوقمۇش ، گۈزەردە بار ئىدى كۆللەر .
ئۇپۇقلاردىن ھالقىپ سۈرلۈك ياتاتتى .
ئۇزاق تارىخلارنى ئەسلىتىپ چۆللەر .
ئاتمىشتىن ئاشقاندا گالشىدى خەنجەر ،
ئالماس تاغلىرىڭغا بۆلەي دەپ كەلدىم .
تېخى يۈرىكىمگە قورۇق چۈشمىدى ،
قايتىپ ياشلىقىمغا كۈلەي دەپ كەلدىم .
قانچىلىك ئۆمرۈم بار، ئاخىرقى ئەھدىم ،
ياشاي سەندە كۆيۈپ ، سۈيۈڭدە ئېقىپ .
تىرىكلىكتە توپاڭدا يۈرەي ئۆمىلەپ ،
ئۆلگەندە باغرىڭغا باغرىمنى يېقىپ .
2015-يىل1-ئاينىڭ 15-كۈنى( دىيارى كەلپىن)